ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، ئەنگلىيىكلەر بىر يىل ئىچىدە يۇيۇنۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈنلا 99 مىليون فوند سترلىڭ سەرپ قىلغان . بۇ زادى نېمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى يۇيۇنۇش - ھۆسننى تۈزەپ ، بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ . ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلدا يۇيۇنۇشنىڭ ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . مەسىلەن ؛
ئىز تورى بەك ياخشى
سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش ئادەمنى تېتىكلەشتۈرىدۇ . يۇيۇنۇش ۋاقتى ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە سەھەردە ياكى كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە بولسا ، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .
تۇزلۇق سۇدا يۇيۇنۇش بەدەندە قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەدە جىنسىي يول ياللۇغىنى داۋالشقىمۇ پايدىسى بار .
خۇش پۇراق ئىچىدە يۇيۇنۇش نېرۋىنى تېتىكلەشتۈرۈش ، جىددىيلىكنى تۈگىتىش رولىنى ئوينايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، يۇيۇنىدىغان سۇغا بىر قىسىم خۇش پۇراق نەرسىلەرنى قوشۇۋەتسە ، زور دەرىجىدىكى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . يەنى يۇيۇنىدىغان سۇغا بىر قوشۇق قىچا ئۇۋىقىنى قوشۇۋەتسە ، تۈرلۈك بوغۇم ئاغرىقلىرىنى تۈگىتىدۇ .
ئىز تورى بەك ياخشى
سودا قوشۇلغان سۇدا يۇيۇنسا ، كۆيۈكتىن بولغان جاراھەت ۋە ھاشارەت چېقىۋېلىشتىن قالغان ئاسارەتنى داۋالىغىلى بولىدۇ .
ئارىشاڭ سۈيىدە يۇيۇنۇش ئىنتايىن قىممەتلىك يۇيۇنۇش بولۇپ ، ئارىشاڭ سۈيىدە كۆپ يۇيۇنسا ، روھ ئىنتايىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ .
شامپان ھارىقى قوشۇلغان سۇدا يۇيۇنسا ، تېرىنى چىڭىتىش رولىنى ئويىنايدۇ . يۇيۇنغاندا سۇ بەك قىزىق بولماسلىققا ، بەدەندىكى ماينى تولۇق چىقىرىۋەتمەسلىككە دىققەت قىلىش كېرەك . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىلمان سۇدا يۇيۇنسا ، مۇسكۇللارنى بوشىتىپ ، ئاغرىقنى توختىتىش رولىنى ئويىنايدۇ .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە ؛ قىز-ئاياللارغا 200 مەسلىھەت
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
