app دېتالى

لەۋ گىرىمىنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ۋاقتى:2014-05-31 13:31مەنبە: يوللىغۇچى:راھىلە چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

لەۋ گىرىمى قىز - چوكانلار دائىم ئىشلىتىدىغان پەرداز بۇيۇمى بولۇپو ، ئۇنى مۇۋاپىق ئىشلەتمىگەندە ، لەۋ نۇرسىزلىنىش ، قۇرغاقلىشىپ يېرىلىش ، قىچىشىش ، يېنىك دەرىجىدە ئاغرىش ياكى قىزىرىپ ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ ، سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ . تەكشۈرۈش ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا ، لەۋ گىرىمى ئىشلىتىش سەۋەبىدىن تەخمىنەن %10 ئاياللاردا يۇقىرىدىكىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كېلىپ چىققان .

ئىز تورى www.iz.la

بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ؟ ئىز تورى بەك ياخشى

ئەسلىدە لەۋ گىرىمىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىدە لانولىن ، موم ۋە بوياق ماتېرىيالى بار . لانولىننىڭ خىمىيىلىك تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپلا قالماستىن ، يەنە ئاسان رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ ، بۇنىڭدىن باشقا ، لانولىننىڭ سۈمۈرۈشچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك بولۇپ ، ھاۋادىكى چاڭ-توزان ، ۋىرۇس ۋە مىكروب قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنى لەۋ شىللىق پەردىسىگە سۈمۈرۈۋالىدۇ . سۇ ئىچكەندە ، تاماق يېگەندە بۇ ماددىلار بەدەن ئىچىگە بىۋاستە كىرىپ ، كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭلاشقا ئاياللار لەۋ گىرىمىنى بەك قېنىق سۈركىمەسلىكى ، تاماقتىن ئىلگىرى گىرىمىنى پاكىز سۈرتۈۋېتىشى ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشى لازىم . ئەگەر لەۋ گىرىمى سۈركىگەندە ، يېنىك دەرىجىدە ئاغرىش ياكى قىچىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ، ۋاقتىدا پاكىز يۇيۇپ چىقىرىۋېتىش ھەمدە ۋاقتىنچە ئىشلىتىشنى توختىتىش لازىم .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەنبە ؛ قىز-ئاياللارغا 200 مەسلىھەت ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس