ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
پەرداز بۇيۇملىرىنى مۇۋاپىق ئىشلەتكەندە ، ھۆسنىگە ھۆسىن قوشىدۇ ، لېكىن زىيادە كۆپ ئىشلەتكەندە ، ئادەم ھۆسنىگە زىيانلىق بولۇپلا قالماي ، بەلكى بەزى كېسەللىكلەرنىمۇ پەيدا قىلىدۇ . ئىز تورى www.iz.la
ئادەملەرنىڭ تېرىسى تېرە ماي بېزى ۋە تەر بېزىنىڭ ياردىمە بىلەن داۋاملىق كۆپ مىقداردا تېرە مېيى ۋە تەر سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ تۇرىدۇ ، بۇ نەرسىلەر بىلەن تېرە سىيلىقلىشىپلا قالماي ، بەلكى ئېلاستىكىلىقى ۋە باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاشىدۇ . پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەندە ، تېرە ماي بېزى ۋە تەر بېزى تۆشۈكچىلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراپ ، مايسىمان ماددىلار ۋە ئاچچىق تەر سۇيۇقلۇقى ئەركىن ئاجرىتىلىپ چىقالمايدۇ ، ئەھۋال مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ، بۇ خىل ماددىلار تېرە ئىچىدە يىغىلىپ ، تېرىنى غىدىقلاپ ، سەپكۈن ، ئاق رەڭلىك دانخورەك ۋە باشقا نەرسىلەرنى پەيدا قىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئادەم تېرىسى كىسلاتالىق بولۇپ ، ئادەتتە باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇلايدۇ . ئەگەر پەرداز بۇيۇملىرى زىيادە كۆپ ئىشلىتىلسە ، تېرىنىڭ كىسلاتالىق ۋە ئىشقارلىق ھالىتى نورمالسىزلىنىپ ، باكتېرىيىگە قارشى كۈچى ئاجىزلايدۇ ، نەتىجىدە ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
پەرداز بۇيۇملىرى تەركىبىدە ئاقسىل ، ھەر خىل خۇش پۇراقلىق ماددىلار كۆپ بولۇپ ، ئۇزاق مۇددەت كۆپ ئىشلەتسە ، تېرىنى غىدىقلاپ تېرىدە سەزگۈرلۈك ئېشىپ كېتىش رېئاكسىيىسىنى پەيدا قىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ھازىر بازارلاردا كەڭ سېتىلىۋاتقان تېرە ئاسرىغۇچى بىر قىسىم يۈز مايلىرىنىڭ سۈپىتى ناچار ، بۇنداق ماي كۆپ ئىشلىتىلسە ، ئاسانلا تېرە كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ ، ھەتتا تېرە راكىنىمۇ پەيدا قىلىش مۇمكىن . شۇڭا ، پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەندە سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىش ھەمدە نورمال ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك .
ئىز تورى www.iz.la
مەنبە ؛ قىز-ئاياللارغا 200 مەسلىھەت تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
