ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
لەگلەك ئۇچۇرۇش كىشلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولغان بىر خىل مەدەنىي پائالىيەت . ئۇ بالىلارنىڭ بولۇپمۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ پايدىلىق . چۈنكى شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئۆسمۈرلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كۈن بويى كۆرىدىغىنى زىچ سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئۆي جابدۇقلىرى ، دەرسخاندىكى ئورۇندۇق _ئۈستەللەر ، سىرتقا چىققاندا كۆردىغىنى بولسا يولىدىكى تىقىما _تىقىما ماشىنىلار ، كوچىدىكى دەل _دەرخلەر ۋە ئېگىز ئىمارەتلەردىن ئىبارەت بولۇپ ، چەكسىز بولۇش پۇرىستى ناھايتى ئاز بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار كىتاب _ژۇرنال ، ماگىزىنلاردىكى تۈرلۈك بۇيۇملار ، كوچىلاردىكى ئادەملەر توپى قاتارلىق نەرسىلەرنى دائىم كۆرۈۋەرگەچكە ، ئۇلارنىڭ كۆرۈش نېرىۋىلىرى بىلەن كۆز مۇسكۇللىرى توختىماستىن ھەرىكەت قىلىشىقا مەجبۇر بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا كۆز چارچاپ ، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىشىتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىىدۇ . ئۇلار كەڭ دالىدا لەگلەك ئۈچۇرغاندا كۆز كەڭ بوشلۇقتا يىراقىنى كۆرۈش ھالىتىدە بولۇپ ، كۆرۈش سىزىقى يىراق _يىراقلارغا سوزۇلغان بولىدۇ_دە ، كۆز مۇسىكۇللىرى بوشاپ كۆزنىڭ تەڭشەش ئىقىتىدارى دەم ئېلىش ھالىتىدە تۇرىدۇ . بۇنداق بولغاندا كۆز چارچىمايلا قالماستىن بەلكى ئۇنىڭ ھەرقايسىى ئورگانلىرىنىڭ ئىقىتىدارى كۈچىيىدۇ ، كۆرۈش قۇۋۋىتى بارغانسېرى ئاشىدۇ . شۇڭا بالىلارنى نورمال بولغان لەگلەك ئۇچۇرۇش پائالىيتىدىن چەكلىمەسلىك كېرەك.
مەنبە...كۈندىلىك تۇرمۇش ساۋاتلىرى مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
