ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئائىلە ئىشلىرى ئائىلىدىكى ھەر بىر ئادەمىنىڭ قىلىشىغا تېگىشىلىك مەجبۇرىيەت ، شۇڭا ئاتا _ئانا بولغۇچى ئائىلە ۋە بالىلارنىڭ ھەممە ئىشىنى ئۆزى كۆتۈرە ئېلىۋالماسلىقى لازىم . ئۆي ئىشى بالىلارنىڭ ئەمگەك قىلىشىنى ئۆگىنىشىنىڭ بىرىنىچى قەدىمى . ئائىلە ئىشلىرىنى ئەمگەك قىلىشىنى ئۆگىنىشىنىڭ بىرىنىچى قەدىمى . ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش ئادىتىنى يېتىلىدۈرگەن بالىلار ئادەتتە ئەقىلىنى ئىشقا سېلىشىتا ئاكتىپ بولۇپلا قالماستىن مەكتەپتىكى باشقا پائالىيەتلەردىمۇ جانىلىق ، تەشەببۇسكار بولىدۇ . ئۇلارنىڭ ئىنكاسىى تېز ۋە توغرا بولىدۇ ، بەزى ئىشلاردا مەسىئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئالالايدىغان خاراكتېرىنى يېتىلىدۈرەلەيدۇ . ئەكسچە ھېچقانداق ئىشقا سالماي مەيلىگە قويۇۋەتكەن بالىلار ئادەتتە ئاتا _ئاناسى ئارىلاپ بىرەر ئىشقا بۇيرۇسا ئامال قىلىپ ئۇنڭىدىن باش تارتىدۇ ياكى بىرەر باھانە تاپىدۇ . ئەگەر ئىش مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ، بۇ خىل بالىلار مەسىئۇلىيەتسىز ، ئىدىيىسى قاتمال ، بىكار تەلەپ ئادەم بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە كەلگۈسىدە ئاشۇ ئائىلە ۋە جەمىئىيەتكە ئېغىر يۈك بولۇپ قالىدۇ . ئائىلە ئەمىگىكىنى كۆپ قىلىش يەنە بالىلارنىڭ ئەخلاقىي ، ئەقىلىي ، جىسماني ۋە پىسخىك تەرەققىياتنىڭ ساغلام يېتىلىشىىنى ئىلىگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ . ئاش بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم دېگەن تەمسل بار . خۇددى شۇنڭىغا ئوخشاش كىچىك بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە قانچىلىك ئادەم بولۇشى ئۇلارنىڭ كىچكدىن باشلاپ قانچىلىك تەربىيىلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . ئەمگەكىنىڭ شەرەپىلىك ۋە ئۇلۇغلۇقىنى بىلىدۈرىدۇ .
مەنبە..كۈندىلىك تۇرمۇش ساۋاتلىرى ئىز تورى بەك ياخشى
