ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئوغلۇم، ھەقىقى ئەركەك غورۇرلۇق، ۋىجدانلىق، ۋاپالىق، كۆيۇملۈك، مىھرى- شەپقەتلىك، تىرىشچان بولىدۇ، ئەركەكنىڭ ئەركەكلىگىنى قانچە قىز-ئاياللارنى دەپسەندە قىلالىغىنى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەدەپ ئەخلاقى، كىشىلىك ئىززەت -ھورمىتى، جەمىيەتكە قۇشقان تۆھپىسى، ئائىلىسىگە خوتۇن باللىرىغا بولغان مىھرى- مۇھاببىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىغى، ياراتقان كىشىلىك قىممىتى بىلەن ئۆلچىلىنىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئوغلۇم، يارنى تۇتساڭ، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەي ياخشىسىنى تاللاپ بىرنى تۇت، چۇنكى بۇ سىنىڭ ئەركەكلىك بۇسۇغاڭنىڭ دەرۋازىسى. بۇ دەرۋازىدىن كىرىشتە شاختىن- شاخقا قۇنىدىغان مايمۇنلاردىن بولما، لايىق تاللاشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەپ-ئەخلاق ئۆلچىمىدىن ھالقىپ يىرىم- يالىڭاچ كىيىم كىيىدىغان شەيتانلاردىن، بىرنى دىسە ئوننى دەيدىغان ھازازۇللاردىن، ھاراق تاماكىنىڭ ئۇلپىتى بولغان زابۇيلاردىن، جىننى ئۇسۇلغا سالىدىغان ئالدامچىلاردىن، پۇلغىلا دۈم چۇشكەن قەدىرسىزلەردىن، رازى بولماس تويماسلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن، ئەگەر كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ بۇ كوچىغا كىرگەن بولساڭ، ئازاپلانساڭمۇ ۋاختىدا يانغىن. كىيىنكى پۇشمان ئالدىدا ھازىرقى ئازاپ ھىچقانچە ئەمەس. چۇنكى سەن ياخشى كۇرگەن ئەشۇ قىز كەلگۈسىدىكى ئائىلىمىزنىڭ ئەزاسى، سىنىڭ بىر ئۆمۈرلۇك سادىق ھەمرىيىڭ. بىزنى قەدىرلەيدىغان ياكى بىزنى سورۇيدىغان ئىنسان ئەمەسمۇ؟ كونىلارمۇ ئەرنى ئەر قىلىدىغانمۇ ئايال، يەر قىلىدىغىنىمۇ ئايال دىگەن ئەمەسمۇ؟
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئوغلۇم، ئايالىڭغا ئىشەچ، سەمىمى ساداقەت، مىھرى ۋاپا، چوڭلارغا بولغان ھۆرمەت كىچىكلەرگە بولغان ئىززەتنى ئۇگەتكىن، ئۇنىڭ ئالدىدا سەۋرىچان، كەڭ قۇساق، ئەپۇچان بولغىن،ئۆزىنى قەدىرلەشنى، ئائىلىنى قەدىرلەشنى، نىكاھنى قەدىرلەشنى، جەمەتنى قەدىرلەشنى، ئائىلىسىنىڭ جەمىيەتتىكى قەدىر-قىممىتىنى ئۇلۇغلاشنى ئۇگەتكىن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئوغلۇم سەن بىرسىگە كۆڭۈل بەرگەن ئىكەنسەن سەن ئۇنىڭغا ئاسىلىق قىلما، ئۇنى قەدىرلە، ئۇنى ئاسرا، ئۇنى قۇغدا، ئازراق ئاغرىق ئاداۋەتنى دەپ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمە، ساڭا ماس كىلىدىغان كۆڭلۇڭدىكى لايىقنى تاپقانلا بولساڭ قەلىب بىغىمنىڭ باغۋەنى كەلدى دەپ ھاياتىڭنى خاتىرجەم ھالدا ئۇنىڭغا تاپشۇر، لىكىن بىخۇت بولما، ھەر ۋاقىتلىق كۈزۈتۈشنى توختاتما، چۇنكى ھازىرقى جەمىيەت جىننى ئۇسسۇلغا سالالايدۇ ئەمەسمۇ؟ لىكىن ئورۇنسىز گۇمان قىلما، يۈرىگىنى سىقىپ ئۇرۇنسىز كۈنلەمچىلىكمۇ قىلما، ئورۇنسىز ھاقارەتلىمە، كىشىلىك ئەركىنلىگىنى بوغما ،ئەگەر ساڭا ئاسىلىق قىلغىنىنى بايقىغان بولساڭ رىشتىڭنى ئۈز، تارتىشما. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئوغلۇم چىن ۋاپادارىڭنى ئۇرۇپ، تىللاپ، خورلىماستىن ئەزىزلە، قەدىرلە. چۈنكى بۇ كىشى سىنىڭ بىزدىن كىيىن قىرىپ پۇتۇڭدا جىنىڭ قالمىغاندا سىنىڭ ھالىڭدىن خەۋەر ئالىدىغان ۋاپادار ياخشى رەپىقەڭ، ئۇنى ئازاپلاپ ھاياتىڭنىڭ يىرىمىدا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قىلش سەن ئۇچۇن ئەڭ زور بەختسىزلىك.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇغلۇم ھەقىقى بىر ئەركەك باسقان ئىزىنى ئويلىشىپ باسىدۇ، باسقان ئىزىدىن ئۆكۈنمەيدۇ، تۇرمۇشتىكى ئاددى ئىشلاردا ئۆز-ئارا يول قۇيۇپ، بىر-بىرىڭلارنى قەدىرلەپ، شۇكرى -قانائەتچان، ئىناق -ئىتتىپاق بولۇپ باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ياشىغىن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئوغلۇم ، ھەقىقەتەن پۇل بولمىسا ياشىماق تەس، لىكىن غورۇر پۇلدىمۇ مۇھىم، ئايالىڭنى پۇل تاپقىن دەپ كوچىغا چىقىرىپ قويما، خىزمىتىنى ، كىشىلىك قەدىر- قىممىتىنى ھورمىتىنى قۇغدا. لىكىن سەن تىرىشچان، بىلىملىك ئالدىن كۆرەرلىك بولۇپ، خىزمىتىڭنى ياخشى ئىشلەپ، ئازراق ئۇڭۇشسىزلىقلار بىلەنلا ئۇمىتسىزلىنىپ بەل قۇيىۋەتمەستىن، تىرىشىپ ئۆزەڭنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنۇڭنى، ئىقتىسادى ئاساسىڭنى تىكلە. چۇنكى جەمىيەتتە پۇلى بارنىڭ گىپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گىپى توڭ، يەنە كونىلار گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن دىگەن ئەمەسمۇ؟
ئوغلۇم پۇل تاپىمەن دەپلا كەسىپ بىلەن بولۇپ كىتىپ، ئائىلەڭگە كۆڭۇل بولۇشنى ئۇنتۇپ قالما، پۇلنى تاپقىلى بولىدۇ، لىكىن قۇلدىن كەتكەن بەختنى سىتىۋالغىلى بولمايدۇ. ھىيىت -بايراملارنى، كۇنلىرىڭنى، ھاياتىڭنى قەدىرلەپ، خۇددى يىڭى توي قىلغان قىز يىگىتلەردەك مەنىلىك ئەھمىيەتلىك خۇشال خۇرام ئۆتكۇزۇپ، ئايالىڭنى قۇپال بۇيرۇق ۋە بىسىم بىلەن تۇتۇپ تۇرماستىن سەمىمى ساداقىتىڭ مىھرى مۇھاببىتىڭ بىلەن تۇتۇپ تۇرالىساڭ ، ئۇنى ھەيدىۋەتساڭمۇ كەتمەيدۇ، مەڭگۇ ساڭا ئاسىلىق قىلمايدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئوغلۇم، ھاۋايى ھەۋەسكە بىرىلىپ، پەرزەنتىڭ ئالدىدىكى ئوبرازىڭنى توكىۋالما، پەرزەنتىڭ سەندىن پەخىرلەنسۇن، ئىپتىخارلانسۇن. سەن مەن دىگەندەكلا ياشىيالىساڭ مەنمۇ سەندىن پەخىرلىنىمەن ، ئوزومنىڭ سەندەك ئىسىل بالىنى تۇغۇپ، قاتارغا قۇشالىغىنىمدىن ئىپتىخارلىنىمەن. مىنى كۈلدۈرۈش ۋە ياكى يىغلىتىش سىنىڭ قۇلۇڭدىلا قالدى. ئوغلۇم مىنىڭ تىلىگىم شۇكى: مەن پەخىرلەنەىدەك ئەركەك بول.
