ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
يېقىندا مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلاپ قايىل بولماي تۇرالمىدىم. مەلۇم بىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى، چەتكە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان <<ئېنگىلىس تىلى>>yasi ئىمتىھانىغا قانتنىشىپ، يوقىرى نەتىجە بىلەن مۇشەقەتلىك ئىمتىھان ئۆتكىلىدىن ئۆتۈدىكەن. ئەمدىكى مەسىلە ئىختىساتقا بېرىپ تاقىلىدىكەن، ئۇ بىر ئاددىي دېھقاننىڭ ئوغلى بولۇپ، دادىسى كىچىك چېغىدا تۈگەپ كېتىدىكەن، ئانىسى تۇل خوتۇنلار قاتارىدا سانىلاپ نۇرغۇن جەۋرۇ- جاپالار، كۆتۈرگۈسىز ئاھانەتلەر ئىچىدە قىلچىمۇ ۋاي سالماي ئۆز تىرىشچانلىقىغا، جاپا- مۇشەقەتلىك ئەجرىگە تايىنىپ پەرزەنتلىرىنى راۋۇرۇس قاتارغا قوشىدىكەن، نوقتىلىق ئالى مەكتەپتە ئوقىتىدىكەن، مىڭ بىر تەستە پۇل غەملەپ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگۈزدۈم دېگىنىدە، ئوغلىنىڭ چەتكە چىقىپ ئوقۇش ئىستېگىنىڭ تۈرتكىسىدە، يەنە بىر ئىقتىسادىي ئۆتكەلگە توغرا كېلىدىكەن، ئوغلى ئاپىسىغا: ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكى، بىراق ئىقتىساد جەھەتتە ئانىسىنى قايتا بېسىمغا ئۇچراتماسلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىرەر خىزمەتنىڭ پېشىنى تۇتقىچە، ئۆيىنىڭ ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىغا قارىشىدىغانلىقىنى، ئانىسىنىڭ بولسا ئازاراق بولسىمۇ دەم ئېلىۋېلىشىنى ئېيتىپتۇ، ئانىسى تولىمۇ ئاددىي ۋە بىر تۇل دېھقان ئايال تۇرۇقلۇق، تولىمۇ مەسئولىيەتچانلىق بىلەن، قىزىققان تەلەپپۇزدا ئوغلىدىن<< قېنىم بالام سەن زادى قانداق ئىمتىھاندىن ئۆتتۈڭ؟ يەنە نېمە ئوقۇيسەن، نەدە ئوقۇيسەن...ئۇنىڭغا زادى قانچىلىك پۇل كېتىدۇ>>دەپ ئەستايىدىللىق بىلەن سورايدىكەن....ئوغلى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
جېنىم ئانا!! دېگىنىچە ئانىسىنى قۇچاغلاپ تۇرۇپ<<سەن مەن ئۈچۈن ئاز جاپا تارتمىدىڭ، ئۆينىڭ دېھقانچىلىقنى ئۆزۈڭ قىلدىڭ....مېنىڭ نەرىمنىمۇ ئوغۇل بالا دېگۈلى بولسۇن، سەن يەنە ئۆزىمىزنىڭ دېھقانچىلىقىنى قىلىشتىن سىرت، باشقىلارغىمۇ ئىشلەمچى بولۇپ ئىشلىدىڭ، كىچىك ۋاقتلىرىمدا، نەدە ئىشلىسەڭ سېنىڭ ئېتىكىڭنى تۇتقىنىمچە كەينىڭدىن ماڭىدىغىنىم ھېلىھەم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، چۈنكى سېنىڭ قولۇڭ بىكار ئەمەس ئىدى، بىر قولۇڭدا سىڭلىمنى كۆتىرەتتىڭ، يەنە بىر قولۇڭدا ، سېۋەت دېگەندەك بىرنىمىلەر بار ئىدى. بىلىشىمچە سېۋەتكە سېلىنغىنى چۈشتە ئېتىز بېشىدا يەيدىغان تامىقىمىز، يەنى قېتىپ كەتكەن قۇرۇق نان، بەزىدە ئىچىگە كىچىكىنە كۈدە سالغان، قيما ئىچىدە چىۋىندەكمۇ گۆشى يوق، ئىز قىلىپ، ئانچە- مۇنچە ماينىڭ يوقىندىسىدا ئۆرۈپ- چۆرۈپ پىشۇرغان پۆرە، تومۇز كۈنلەردە كىچىك بىر چايداندا ئاران رەڭگى ئازاراقلا سارغايغان قىزىق چاي ئالاتتىڭ، شۇنچە ئىسسىقتا سوغاق سۇ ئالماي قىزىق چاي ئېلىۋالغىنىڭغا ھەيران قېلىپ سورىغىنىمدا، تومۇز كۈنلەردە قىزىق چاي ئىچكەندە ئۇسسۇزلىقنىڭ ئاسان قانىنىدىغانلىقىنى ئېيتاتتىڭ، ئويلاپ باقسام سەندىن بەكمۇ كۆپ سۇئال سورايدىكەنمەن، چۈنكى مېنىڭ ھەر قانداق سۇئاللىرىم سېنىڭ ئالدىڭدا جاۋاپسىز قالمايتتى. چۈش بولغىچە سىڭلىم ئىككىمىزنىڭ قۇرسىقى بەكمۇ ئېچىپ كېتەتتى، بىراق سېنىڭ ئىشىڭ تۈگىگىچە تەخىر قىلاتتۇق، بەزىدە ئۇكام بەك يىغلاپ كېتەتتى ۋە بەزىدە ئىشلەتكۈچىلەر تېخى، <<باللىرىڭىزنى نېمىگە ئەكىلىسىز؟ دەپ ساڭا تاپا- تەنە قىلاتتى. كچىك بولساممۇ يۈزلىرىم قىزارغاندەك ھېس قىلاتتىم، شۇڭا سەن ئىشلىگەندە مەن سىڭلىمغا مىدىرلىماي قاراپ تۇراتتىم، يىغلىسا بىرنىمىلەرنى بېرىپ ئالدايتتىم. بەزىدە يىغلاپ ئېتىگىمدە ئۇخلاپ قالاتتى. مەھەللە ئىچىگە كىرگەندە يېڭى چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىۋالغان شۇ خەقلەرنىڭ بالىلىرىغا قاراپ ھەۋىسىممۇ كېلەتتى، ئەمدى ئويلىسام چەكچىيىپ قاراپ قالغان چېغىم بار، ئۇ بالىلار ماڭا << نېمەڭگە بىزگە بۇنچىۋالا سەت كۆزۈڭدە ھومۇيۇپ قارايسەن>> دەپ مېنى نەچچە قېتىم قاتتىق ئۇرىۋالغان ۋە تېجىمەلنىڭ بالىسى، يىتىم ئوغلاق دەپ تىللىۋالغانمۇ ئىدى. مەن يىغلاپ تۇرۇپ ساڭا ئېيتسام: www.iz.la
<<بالام بىز ئۇلار بىلەن ھەرگىزمۇ تەڭ بولالمايمىز، بىلەمسىلەر سىلەر تۇلخوتۇننىڭ بالىسى، ئۇلار مېنى ئىشلەتمىسە، بىز نەدىن پۇل تاپىمىز، جېنىمىزنى قانداق باقىمىز، ئېتىزدىن قانچىلىك نەرسە چىقىدۇ دەيسەن، چىدىغىن بالام.....چىدىغىن.....سەن چوڭ بولغاندا تۇرمۇشىمىز ھەممە ئادەمدىن ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، سەن دېگەن بىر تال ئوغۇل، ئاتاڭنىڭ ۋارىسى، يەرنىڭ ئىگىسى،>> دېگەن ئىدىڭ. شۇ سۆزلىرىڭ بىلەن ئۈمىدلىك ياشاپ كەلگەن ئىدىم. <<يەرنىڭ ئىگىسى>> ئىكەنمەن بىر مەزگىل بولسىمۇ تېىرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىناي، ياكى تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا قىلىپ، مۇشۇ يېزامدا باش كۆتۈرۈپ چىقىپ ئاتامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاي دېدىم. بىراق ئانام:
- ئوغلۇم ئاتاڭ جان ئۈزىدىغان ۋاقىتتا سەن تېخى كىچىك ئىدىڭ، ئۇ سېنىڭ قولۇڭنى تۇتۇپ، مېنىڭ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ، سەكرات ئىچىدە تولىمۇ زەئىپ ئاۋازدا ئېڭراپ تۇرۇپ : << ئانىسى بالىلار ساڭا قالدى، ئوغلۇمنىڭ پىشانىسدىن نۇر يېغىپ تۇرىدۇ، ئۇ بەك چېچەن، شۇڭا ئۇنى ئاخىرغىچە ئوقۇتقىن>> دېگىنىچە جان ئۈزگەن ئىدى، ساڭا تارتىشىپ ھەتتا ئۇ دۇنياغا بىر كۆزى ئوچۇق ھالەتتە كەتكەن ئىدى. شۇ گۈسسى سۆزلەر قولاق تۈۋىمدە ھەر ۋاقىت جاراڭلاپ مېنى كېچە- كۈندۈز توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، ئەمگەك قىلىشقا ئۈندەپ كەلدى. جېنىم بالام مەن سىېنى ۋە سىڭلىڭنى ئەل قاتارى باقالمىدىم، باشقىلار ئالدىدا بويۇن قىسىپ تۇرۇشۇڭلارغا قاراپ تۇردۇم، بىراق يۈركۈم ئۈن- تىنسىز يىغلايتتى. ھۆ....ھۆ....ھۆ....دەپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قاتتىق ئېسەدەپ يىغلاپ تۇرۇپ، مەن...مەن...ن.... سىلەرگە قەرىزدار. غۇلىچى تۈگەپ غېرىچى قالدى. بولدى بالام مەن سېنى چوقۇم ئوقىتىمەن دېگىنىچە توساتتىن كۈچلىنىپ روھلۇنۇپ، ئازاپلىق كۆزلىرى نۇرلۇنۇپ پۈتۈن ۋۇجۇدى سەھەردە چىققان قۇياشتەك جۇلالىنىپ كەتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
جېنىم ئانا....كەچۈرگۈن!!! يۈركىڭنى يەنە زېدە قىلغۇم يوق، بىراق ھەقىقىي ئەھۋالنى ساڭا دېيىشىم كېرەك، ئوقۇتىمەن دېسەڭلا ئوقىتقىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭغا يەنە بىر مۇنچە ئىقتىساد كېتىدۇ. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
ئانىسى ئۆزىنى تۇتالمىغان ھالدا:
-ئوغلۇم!!! ئاناڭنى بەكلا يالاڭ تۆش كۆرىۋاتامسەن- نېمە؟ ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدە جان بار- جۇمۇ؟! مەندە ھالال ئەمگىكىم بىلەن يىققان پۇلۇم بار دېگىنىچە ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتى، خىيال مۇڭدۇشۇم بىلەن بىردەمدىلا بىرمۇنچە مۇڭدۇشۇپ، بۇ پۇلنىڭ تېگىگە يېتەلمەي تۇرغىنىمدا، مايسىراپ، كونىراپ كەتكەن ئەبكا ئىشىكىمىز غىچ.....قىلىپ خىيالىمنى بۇزىۋەتتى. ئانام خۇشال، مەغرۇر كەيپىياتتا قەدەملىرىنى تولىمۇ تېز ئالغان ھالدا، بىر يەرلەرگە پۇتلىشىپ دېگەندەك بىر خالتا پۇلنى ئېلىپ چىقىپ داستىخانغا تۆكتى. << سانا بالام!!! سانا!!! تېز سانايلى!!! بۇ پۇل سېنىڭ ئوقىشىڭغا يېتەمدىكىن؟ شۇ زامات كۆزلىرىمدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ياش دۇمۇلاپ چۈشۈپ، كۆز چاناقلىرىم ئېچىشىپ، كۆزۈم قاراڭغۇلۇشۇپ كەتتى. چاپسان بولە..... بالام دېگىنىچە ئانام پۇلنى ئىشتىياق بىلەن ساناشقا باشلىدى. ئۇ پۈتۈنلەي پارچە پۇل ئىدى. ئەڭ چوڭى 10 سوملۇق، قالغانلىرى بەس سومدىن تارتىپ بىر تىيىنگىچە، ئۇزۇن تۇرۇپ، قەغەز پۇللار ئىچىدىكى بەزىلىرىنىڭ رەڭگىمۇ ئۆزگۈرۈپ ئۆڭۈپ كەتكەن. بەزىلىرى پۇرلىشىپ كەتكەن ئىدى، شۇڭا بۇ بىر خالتا پۇلنى ساناشمۇ ئاسانغا توختىمىدى. شۇ دەقىقىدە كىچىك ئاپام ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇمۇ ئاپامغا شۇنداقلا ماڭا مەدەت بېرىپ. ئۆزىنىڭ بارلىق ئالتۇن جابدۇقلىرىنى سېتىپ پۇل قىلىپ ماڭا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆيىمىزدىن ئالدىراپ چىقىپ كەتتى، ھايال ئۆتمەي، ئالتۇنلىرىنى ساتقان 3000مىڭ سومدىن ئارتۇق پۇلنى ئەكىرىپتۇ. ئاپامنىڭ بىر خالتا پۇلىمۇ 4000 سومدىن ئاشتى. ئاپامنىڭ دىيىشىچە بۇ بىر خالتا پۇلنى يىغىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇرۇق- تۇققان، خۇلۇم- قوشنا دېگەنلەرنىڭ تۇتقان يوللۇقلىرى بىلەن. مەن ئېھتىياجلىق بولغان پۇل غەملەندى. بىراق ئانامنىڭ بىزنى باقىمەن دەپ، بىرەر قېتىم يېڭى كىيىم كىيمەي، بىرەر تال زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىماي، خەختىن ئاشقان كونا كىيىملەرنى كىيىپ، يىققان پۇللىرى بىلەن مېنى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئويلىسام، يۈركۈم ۋولقان بولۇپ كۈيىۋاتاتتى. بىراق ئاتامنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ، ئۆزۈمنىڭ چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئېلىش ئىستېگىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش قارارىغا كەلدىم. شۇنىڭ بىلەن تەۋەرۈك ۋەسىيەتلەر، ئالى ئىستەكلەر، بۈيۈك غايىلەر بىلەن يېزامدىن ئايرىلىپ فىرانسىيەگە قاراپ يولغا چىقتىم.
ئۇ ئوقۇغۇچى ھازىر فىرانسىيەنىڭ داڭلىق بىر ئونېۋېرىسېتېتدا ئاسفىرانتلىقنى پۈتتۈرۈپ، دوكتۇرلۇقتا ئوقىۋېتىپتۇ، ھەم ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، ۋەتىنىمىزدىن چىققان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر، ئەڭ تىرىشچان ھەر جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا سانىلىپ، ئۆز كەسىپىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئالاھىدە نەتىجىلىرى بىلەن، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سۈيۈنۈپ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئېتراپ قىلىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازەۋەر بولىۋېتىپتۇ. ئارلىقتا كېلىپ ئانىسىنىڭ ئۆيلىرىنى يېڭىلاپ بېرىپتۇ، كىچىك ئاپىسىغىمۇ قىلغىنىدىن ئارتۇق رەھمەت ئېيتىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ قىلغىنىنى مەڭگۈ تۆلىيەلمەيدىغانلىقنى بىلدۈرۈپتۇ ۋە شۇ جاپاكەش ئۇلۇق ئانىنىڭ يالاڭ ئاياق مېڭىپ يېرىلىپ كەتكەن تاپانلىرىنى تەرەققىي تاپقان فىرانسىيە زىمىنىغىمۇ ئاياق باستۇرۇپ، گۈزەل جايلارنى سەيلە- ساياھەت قىلدۇرۇپ، ئانىسىنىڭ قىينچىلىق، جاپا- مۇشەقەت دەستىدىن ھالسىرىغان جانلىرىغا قايتىدىن ھاياتى كۈچ قوشۇپ، جاراھەت بولغان قەلبىگە مەلھەم بولىۋېتىپتۇ. مانا بۇ بىر خالتا پۇلنىڭ خاسىيىتى!!! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاپتۇرى؛ جىنەستە
