app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

ئىئانە ( ھىكايە )

ۋاقتى:2014-05-09 11:34مەنبە: يوللىغۇچى:دىلىم چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  www.iz.la

 توغۇلۇپ مۇشۇ ياشقا كىرگۈچە بىرەر جايغا ياكى شەخىسكە پۇل ياكى باشقا ماددى بۇيۇم ئىئانە قىلىپ باققىنىم ئىسىمدە يوق، بەزىدە خەۋەرلەردە ياكى باشقىلارنىڭ ئاغىزىدىن پالانى جايدا مۇنداق ئاپەت بولۇپتۇ، پۇكۇنىنىڭ بالىسى مۇنداق ئېغىر كىسەل بولۇپ قاپتۇ... دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرساممۇ خۇددى بۇنداق ئىشلارنىڭ مەن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقتەكلا خىرامان يۈرىمەن، ئىشقىلىپ مەن بەزى- بەزىدە يول ياقىسىدا بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ تۇرغان قەلەندەرلەرگە بىرەر كوي سەدىقە بەرگەندىن باشقا ھېچقانداق ئورۇن ياكى شەخىسكە خەيرى ساخاۋەت قىلىپ باققان ئادەم ئەمەس.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 بىر كۈنى ئىشخانىدا بىكارچىلىقتا كومپىيوتىردا كىنو كۆرۈپ ئولتۇرسام ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان بەختىيار تۇيۇقسىز:  _
  -ئاھ خۇدا قېرىنداشلىرىمىزغا ئاسانلىق بەرگەيسەن، تۇرغۇن ئاڭلىدىڭمۇ؟ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يۇرتىدا يەر تەۋرەپتۇ... ھەي ھاڭۋاقتى ئاڭلىدىڭمۇ،- دەپ ۋارقىردى، كىنونىڭ قىززىق يەرلىرىگە كەلگەچكە ئۇنىڭ گېپىگە ھە دەپ قويۇپلا ئولتۇرىۋەردىم تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
  بىر چاغدا مۈرەمگە سېلىنغان شاپىلاقتىن چۆچۈپ قارىدىم:
  -ئادىشوي !‹‹ تۈگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق ›› دېگەندەك ،قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يۇرتىدا يەر تەۋرەپ بېشىغا كۈن چۈشسە سەن خىيالى كىنو كۆرۈپ ئولتۇرسىنا،- بەختىيار ماڭا قاراپ ئەپسۇسلانغاندەك بېشىنى چايقىدى. www.iz.la
  -قىززىقكەنسەن، يەر تەۋرىسە مەن نىمە قىلىپ بىرەلەيمەن؟
  -سەنغۇ ئۈتۈپ كەتكەن ئاقماس نىمە! قېرىنداشلىرىڭنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئەجەپ كىنو كۆرۈپ ئولتۇرىسىنا، سىنىڭ نەرىڭ مۇسۇلمان؟ ھەي سەندەك نىمىلەر بولغاچقىلا ھالىمىز شۇ...

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


  ئۇ شۇنداق دەپ قاتتىق ھەسرەت چەككەن قىياپەتتە ئىشخانىدا ئۇياقتىن- بۇياققا ماڭغىلى تۇردى، شۇنداق قىلىپ بىر نەچچە كۈن ئۈتۈپ كەتتى، مەن  ھېلىقى يەر تەۋرەش توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كىنورۇمنى كۆرۈپ ئولتۇرىۋەردىم، بەزى- بەزىدە بەختىيارنىڭ غاراڭ- غۇرۇڭ بۇغۇق سەت ئاۋازى ئىشخانىدا ياڭراپ كەيپىمنى ئۇچىراتتى؛
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

  -ھەي بىچارە قېرىنداشلىرىم، ئۆيلىرىڭلار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ نەدە تۇرغانسىلەر، يەيدىغان، ئىچىدىغان نەرسىلىرىڭلار تۈگەپ كەتكەنمىدۇ...
  - ھېلىقى پولۇچى ئاداش بۇ خەۋەرنى ئاڭلىمىغانمىدۇ؟ ئىككى ئۈچ كۈن بولدى ھېچ كۆرۈنمەيدىيا؟  ?
ئىز تورى بەك ياخشى

  -بۇ  كاۋاپچى ئاداشنىڭ ئاخىرى يۈزى قىزىرىپ ئاپەت رايۇنىغا بېرىپتۇدە؟ ھەي... تۆۋە، پۇل ئىنانە قىلغاننى كۆز- كۆز قىلىپ رەسىمگە چۈشكىنىنى ماۋۇ ئاداشنىڭ... 7  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تۇيۇقسىز ئىدارىمىزنىڭ خەۋەرچىسى ئىشخانىغا كىردى:
  -ئىشتىن چۈشكەندە يىغىن زالىغا يىغىلىڭلار ، ئاپەت رايۇنىغا ئىئانە توپلاش ئېلىپ بارىمىز.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


   بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىككىمىز بىر- بىرىمىزگە قارىشىپ قالدۇق.
 بىردەمدىن كېيىن بەختىيار تېلىفۇندا بىر تۇنىشى بىلەن سۆزلەشكىلى تۇردى: 

ئىز تورى www.iz.la


  -ھە ئاداش، قانداق ئەھۋالىڭ؟ سىلەرنىڭ ئىدارىدىمۇ ئىئانە يىغىشنى ئۇقتۇردىمۇ؟ ھە، سىلەردىن يىغىپ بولدى دېگىنە؟ قانچىلىك تاپشۇردۇڭلار؟ 50 سوم... ھە، قېرىنداشلىرىمىزغا قانچىلىك قىلساق ئەرزىيدۇ ئاداش. ئەمىسە ئالاقىلىشىپ تۇرايلى...
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

كىنو بىلەن قېلىپ ئىشتىن چۈشكەنلىكنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن، ھېلىقى ئىئانە قىلىش ئىشى ئىسىمگە كىلىپ يېنىمدىكى 100 سوم پۇلنى ئىدارە ئالدىدىكى دۇكانغا چىقىپ ئىككى قىلىۋالدىمدە يىغىن زالىغا قاراپ ماڭدىم، ئىشىك ئالدىغا كىلىپلا بەختىيارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىزىمدا توختاپ قالدىم، يىغىن زالىدا ئۇ كىمگىدۇر ۋارقىرۋاتاتتى:
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 -قانداق دېگەن قاملاشمىغان گەپ بۇ، ئاغىينەمنىڭ ئىدارىسىدا 50سوم ئىنانە يىغسا سىلەر 100 سوم يىغامسىلەر، ئىئانە دېگەن خالىس بولمامدۇ؟ ئىشقىلىپ مەن ئارتۇق ئىنائە قىلمايمەن، 50 سوملا ئىئانە قىلالايمەن... copyright by www.iz.la
 ئۇنىڭ ئاۋازى پۈتۈن زالدا ياڭراپ چىقىۋاتاتتى، مەن ئاستا يەنە بىر يانچۇقۇمدىكى 50 سومنى قۇلۇمدىكىگە قوشۇپ زالغا كىرمەكچى بولدۇم... 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئاپتۇر؛ ئەختەر ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(7)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس