ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
كىچىكىمدە تولىمۇ تارتىنچاق ئىدىم، ئەمما دوستلىرىم بولسا بىر-بىرىدىن قوپال، شوخ ئىدى. شۇڭا ئۇلار بىلەن ئويناشتىن كۆرە، ئۇلارنىڭ ئويىنىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم. www.iz.la
ھەر قېتىم ئۇلار بىلەن مەيداندا ئويناۋاتقاندا، بۇ يەردىن بىر بوۋاي ئۆتۈپ قالاتتى. ئۇنىڭ پاينەك بېشى بىر جۈپ قولىقىنى تېخىمۇ يوغان كۆرسىتىۋېتەتتى، قولىدا كۈنلۈك كۆتۈرۋالاتتى. دوستلىرىم ئۇنى كۆرگىنىدە ‹‹ھەي، گاچا، ھازىر قانچە بولدى؟›› دەپ سورايتتى. ئۇلار بۇ بوۋاينى سۆزلەش تۈگۈل باشقىلارنىڭ گېپىنىمۇ ئاڭلىيالمايدۇ، دەپ تونۇشتۇردى. www.iz.la
بىر كۈنى قاش قارايغان چاغدا، ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ھېلىقى گاس-گاچا بوۋاينىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. دوستلىرىم ئۆيلىرىگە كىرىپ كەتكەن، ئۆزۈم يالغۇز بولغاچقا بوۋاي باشقا ۋاقىتلاردىكىدەك ‹‹ئىززەت-ھۆرمەت››كە ئۇچرىمىدى.
copyright by www.iz.la
ئەمما ئۇنىڭ يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىسام بولماس دېگەننى ئويلاپ دوستلىرىمنى دوراپ بىرىنچى قېتىم ‹‹ھەي، گاچا، ھازىر قانچە بولدى؟›› دەپ سوراپ قالدىم. ئۆزۈم تارتىنچاق بولغاچقىمىكىن سۆزۈمدە ئازراقمۇ قوپاللىق يوق، ئەكسىچە سىلىق-سىپايە چىقتى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
بوۋاي ماڭا بىر قارىۋېتىپ، ئاندىن قولىدىكى سائەتكە قارىغىنىچە ‹‹ھازىر بەش بولدى›› دەپ جاۋاب بەردى.
مەن ئۆيگە يۈگۈرگەن پېتى كىرىپ كەتتىم. شۇ كۈندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ھەر قانداق ئادەمگە ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولدۇم. ئىز تورى www.iz.la
ئىز تورى www.iz.la
خالىدە ئوسمان تەرجىمىس
