ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
كېچە، سائەت بىر يېرىم.
تۇغۇت دوختۇرخانىسىنىڭ ئىچى جىمجىت، پەقەت ئاندا – ساندا ياتاقلاردىن ناگان – ناگاندا بوۋاقلارنىڭ يىغىسى ئاڭلاپ قالىدۇ. نۆۋەتچى سىستىرا تېلفۇن بىلەن ھەپىلىشىپ، قىستاپ كېلىۋاتقان ئۇيقۇسىغا بوزەك بولماسلىق ئۈچۈن ئۈندىدار سالون يوللانمىلىرىنى كۆرمەكتە. يەنە ئىككى نۆۋەتچى سىستىرا ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئوكۇل بوتولكىلىرىنى كۆتۈرۈپ ياتاقلار ئارا قاترىماقتا...
ئىز تورى www.iz.la
تىز سۈرئەتتە كېلىپ دوختۇرخانا ئالدىدا جىددىي تۇرمۇزلانغان ماشىنىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، ئىچىدىن بىر ئەر كىشى چۈشتى ئاندىن ئوقتەك ئېتىلىپ بېرىپ نۆۋەتچىخانىنىڭ دېرىزىسىگە بېشىنى تىقتى:
-دوختۇر، جىددىي تۇغۇت بار، ياردەم قىلىڭ، غالتەكلىك كارىۋات كېرەك!...
ئەر قانداق تىز كەلگەن بولسا ماشىنىنىڭ يېنىغا يەنە شۇنداق تىز قايتىپ كەلدى ۋە ماشىنىنىڭ كەينى ئىشىكىنى ئاچتى. شۇ ھامان بىر ئايالنىڭ ئېچىنىشلىق نالىسى ئەتراپقا تارالدى. ئايال تولغاق يەۋاتاتتى: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-ۋايجان... مەن بولالمىدىم... ئا...
ئەر ئايالنى يۆلەشتۈرۈپ تەستە ماشىنىدىن چۈشۈردى. ئارقىدىن ئەللىك ياشلار چامىسىدىكى ئورۇقراق كەلگەن، ياغلىقىنى ئالدىدىن چىگىۋالغام ئۇزۇن كۆينەكلىرى ھوشۇقىغىچە يۆگىشىپ تۇرغان بىر ئايالمۇ چۈشتى. ئۇنىڭغىچە غالتەكلىك كارىۋاتنى سۆرەپ يېتىپ كەلگەن بىر سىستىرا ئايالنىڭ ئالدىغا كارىۋاتنى توغرىلاپ، ئۇنىڭ چىقىشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەردى. ئەر بىلەن ياشانغان ئايال تولغاق يەۋاتقان ياش ئايالنى مىڭ مۇشەققەتتە كارىۋاتقا چىقىرىپ، دوختۇرخانا ئىشىكىگە قاراپ ئىتتىرىپ ماڭدى. ئىز تورى www.iz.la
ئايالنى ئەكىرىپ كېتىپ توپ – توغرا ئىككى سائەت بولغاندا تۇغۇتخانىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، بېشىغا ئاق پوسما كىيىپ، يۈزىگە ماسكا تارتىۋالغان بىر دوختۇر چىقتى. ئۇنىڭ قولىدا يېڭى تۇغۇلغان، ئاپئاق بالا كۆرپىسىگە يۆگەلگەن بوۋاق بالا بار ئىدى. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
-گۈزەلنۇرخاننىڭ تۇققانللىرى...
-مانا بىز...
ئىشىك ئالدىدا تاقەتسىزلىنىپ كۈتۈپ تۇرۇشقان ئەر بىلەن ئورۇق ئايال تەڭلا دوختۇرنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈشتى. ئىز تورى بەك ياخشى
-بالا قىزكەن، مۇبارەك بولسۇن!
دوختۇر شۇنداق دەپ بالىنى ئەرگە ئۇزاتتى. ئەر كىشى ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا ‹‹بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم›› دېگىنىچە بالىنى قولىغا ئالدى. ئىز تورى بەك ياخشى
-دوختۇر، قىزىمنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟
ئورۇق ئايال ئىلتىجالىق كۆزلىرىنى دوختۇرغا تىكتى. ئۇنىڭ ئولتۇرۇشقان كۆزلىرىدە ئىككى تامچە ياش لىغىرلاپ قالغان ئىدى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
-خاتىرجەم بولۇڭ، ئەھۋالى ياخشى، يەنە ئىككى سائەتتىن كېيىن تۇغۇت ئۆيىدىن چىقىدۇ. سىلەر ئاۋۋال بالنىست رەسمىيىتىنى بىجىرگەچ تۇرۇڭلار. بالىنى ئېغىزلاندۇرماي تۇرۇڭلار، تاڭ ئاتقاندا تەكشۈرىمىز. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
-ماقۇل دوختۇر، رەھمەت سىزگە!...
ئايال شۇنداق دېدى، ئۇنىڭ كىرپىكلىرىگە يەنە ئېسىلىپ تۇرىۋېرىشكە مادارى قالمىغان مۇنچاقتەك ياشلار مەڭزىنى بويلاپ دومىلاپ چۈشتى...
دوختۇر تۇغۇت ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئەر بالىنى پۇراپ، يۈزلىرىگە، لەۋلىرىگە، قوللىرىغا قاراپ تويمايتتى. دادا بولۇش خۇشاللىقى ئۇنىڭ بېشىنى ئاسمانغا يەتكۈزگەن ئىدى. ئارىدىن يىگىرمە مىنۇتلار ئۆتكەندە تۇغۇت ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، بايىقى دوختۇر ماسكىسىنى ئېلىۋەتكەن ھالدا چىقىپ كەلدى. ئەر بىلەن ئورۇق ئايال ھېلىمۇ ئىشىك تۈۋىدە نېمىگىدۇر تاقەتسىزلىنىپ تۇراتتى.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
-يەنە تۇرۇپسىلەرغۇ؟ بۇ يەردە تۇرىۋەرمەي بالنىست رەسمىيىتى ئۆتىگەچ تۇرۇڭلار. كارىدور سوغۇق، بالا توڭلاپ قالىدۇ. ئايالىڭىزنى ئېلىپ چىققاندا سىستىرالار سىزگە خەۋەر قىلىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دوختۇر شۇنداق دەپ قويۇپ، لىفىتقا چىقىشقا تەمشەلدى.
-دوختۇر، بالىنىڭ يەنە بىرىچۇ؟
-نېمە؟ قايسى يەنە بىرى؟
-بالا قوشكىزەك ئىدىغۇ، يەنە بىرسىنى ئېلىپ چىقىپ بەرمىدى... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دوختۇرنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى.
-مۇشۇ بىرلا ئىكەن، نەدە قوشكىزەك بولىدۇ. قوش بولسا بىز بىلمەي قالمايمىز.
ئۇ شۇنداق دەپ قويۇپ پەرۋاسىزلا لىفىتقا چىقىپ كۇنۇپكىغا قولىنى ئۇزاتتى. ئىز تورى بەك ياخشى
-توختاڭ دوختۇر،- ئەر كىشى چاققانلىق بىلەن لىفىتنىڭ توختاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئىشىكنى ئىتىلىپ قېلىشتىن توسىۋالدى، - قاراڭ دوختۇر، ئۆتكەندە تەكشۈرتكەندە دوختۇرلار بالىنى قوشكىزەككەن دېگەن ئىدى. بىرلا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. خاپا بولماي ئايالىمنى يەنە بىر تەكشۈرۈپ باققان بولسىڭىز جېنىم دوختۇر... ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئەر جىددىيلىشىپ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى تەشۋىش ئالامەتلىرىنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس ئىدى.
-شۇنداق دوختۇر، بالىنى ئىككى دېگەن ئىدى...
-نەدە تەكشۈرتكەن؟
دوختۇر ئايال لىفىتتىن چىقىپ، ئەرگە روبىرۇ تۇردى، ئۇ ئاق خالىتىنىڭ تۈگمىسى بىلەن ھەپىلەشكەن بولۇپ، جىددىيلىكىنى بىلىندۈرمەسلىككە تىرىشىۋاتاتتى.
ئىز تورى بەك ياخشى
-يېزىلىق شىپاخانىدا تەكشۈرتكەن، بالىنى قوشكىزەك ھەم ئىنتايىن ساغلاپ دېگەنتى.
-يېزىلىق شىپاخانىلارنىڭ ئۈسكۈنىلىرى تولۇق ئەمەس، تېخنىكىسىمۇ تۆۋەن، ھەم تىببىي خادىملىرىمۇ مەسئۇلىيەتسىز. يا تەكشۈرۈپ ياخشى بىلەلمەپتۇ، يا بولمىسا كۆڭلۈڭلارنى خۇش قىلىپ قويۇش ئۈچۈن شۇنداق دەپتۇ. بالا بىر ئىكەن. ئايالىڭىزنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى ئىچكى تازىلاش پەرۋىشىنى قىلىپ بولدۇق. قوشكىزەك بولسا بۇ كەمگىچە بىلمەي قالمايمىز.
-ياق دوختۇر، چوقۇم خاتالىشىپ قالدىڭلار، ماقۇل دەپ يەنە بىر...
-قانداق ئادەم سىز؟ بۇ يەردە سىز دوختۇرمۇ، مەنمۇ؟ شۇنچە يىل تۇغۇت بىلەن ھەپىلەشكەن دوختۇر تۇرۇپ قورساقتىكى بالىنىڭ بىر يا ئىككىلىكىنى بىلمەي قالارمەنمۇ؟! بەك ئۇنىمىسىڭىز، ئايالىڭىزنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۆزىڭىز تەكشۈرۈپ بېقىڭ! شۇنچە دەپ تۇرسىمۇ يەنە ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلىدۇغۇ... copyright by www.iz.la
-ياق دوختۇر، چوقۇم دىققەت قىلماي قاپسىلەر...
-سەھرالىق تۇرۇپ نېمىنى بىلەتتىڭىز!؟ بىر دېگەندىكىن بىر، تۇغدۇرۇپ قويغان گۇناھقا ئۆلۈكىنى ئارتامدۇ بۇ خەق...
-قانداق پوزىتسىيە بۇ؟ كىمنى ئەخمەق چاغلاۋاتىسىز؟ ئايالىم ئېغىر – ئاياق بولغاندىن باشلاپ ھەر ئايدا بىر قېتىم قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرىۋاتىمىز. بىر – ئىككى قېتىمغۇ بىلەلمەي قالسۇن، شۇنچە ئايدىن بىرى خاتالا دىئاگنۇز قويۇپ كەلمىگەندۇ!؟ يېزىلىق شىپاخانىغۇ بىلەلمەس ماقۇل، ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدىمۇ خاتا دىئاگنۇز قويارمۇ سىزنىڭچە؟ سىزدە كەسپى مەسئۇلىيەت دەيدىغان ئاڭ بارمۇ، يوق؟،- قولىدىكى بەخىرامان ئۇخلاۋاتقان بوۋاقنى ئورۇق ئايالغا تۇتقۇزغان ئەر دوختۇرنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ كەلدى،- يەنە بىر تەكشۈرۈپ بېقىڭ دېگەندىكىن شۇنداق قىلسىڭىز بولمامدۇ؟ تەكشۈرۈش ھەققىڭىزگە قانچە پۇل ئالسىڭىز مەن سىزگە ھەسسىلەپ تۆلەي، ئانا – بالىنىڭ ئەھۋالىغا سەل قارىماڭ دوختۇر!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-شۇنداق دوختۇر، قىزىمنىڭ بويىدا بارلىقىنى بىلگەندىن باشلاپ ھەر ئايدا تەكشۈرتۈپ تۇرىۋاتقان، خاتا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس...
-سەھرالىق دەپ ياراتمىسىڭىز كارى چاغلىق، لېكىن سەھرالىقنىڭمۇ جېنى جان. بالام ئانىسىنىڭ قۇرسىقىدا تۇنجۇقۇپ قالمىسۇن، ئايالىم تۇغالماي قىينىلىپ قالمىسۇن. يەنە بىر تەكشۈرۈپ بېقىڭ دوختۇر...
-نېمە بالاغا قالدىم ماۋۇ خەقكە، توۋا!
دوختۇر چالۋاقىغان پېتى تۇغۇت ئۆيتىگە كىرىپ كەتتى ۋە ئون مىنۇتلاردىن كېيىن غالتەكلىك كارىۋاتتا كۆزلىرىنى يېرىم يۇمۇپ، بوش تىنىپ ياتقان ئايالنى ئىتتىرىپ چىقتى.
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
-مانا ئايالىڭىز، ئۆزىدىن سوراپ بېقىڭ نەچچىنى تۇغدۇڭ دەپ. ئىچىدە يەنە بولسا ئۆزىڭىز تۇغدۇرىۋېلىڭ. بەش – ئالتىنى تۇغدۇرىۋالسىڭىزمۇ ئىختىيارىڭىز... ئىز تورى www.iz.la
كارىۋاتتا ياتقان ئايال ھۇشسىز بولۇپ، سۇئالغا جاۋاپ بەرگۈدەك ھالى يوق ئىدى.
-ھەي خوتۇن، توختا!...،-ئەر غالتەكلىك كارىۋاتنى ئالدىغا ئىتتىرىپ قويۇپ، تاراقشىپ دەسسەپ لىفىتقا ماڭغان دوختۇرنىڭ ئالدىنى تورىۋالدى،- مەسئۇلۇڭنى چاقىر، ساڭا دەيدىغان گېپىم يوق، باشلىقىڭ بىلەن كۆرۈشىمەن. بىمارغا نەدە مۇنداق مۇئامىلە قىلغان بار؟ قوشكىزەك بالامنىڭ ئانىسىنىڭ قۇرسىقىدىكى ھالىتىنى رەڭلىك ب تىپلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا ئېنىق كۆرگەن تۇرسام، يەنە كېلىپ ھەر قېتىم تەكشۈرگەندە يېنىدا قاراپ تۇرۇپ تەپسىلىي كۆرىدىغان تۇرسام، تۇغۇلىدىغان چېغىدا جىن ئېلىپ قاچامدىكەن؟ ئايالىم ھەر ئىككىسىنى يەڭگىپ بولغاندەك تۇرىدۇ، بالامنى چىقىرىپ بەر. بولمىسا ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلىمەن!
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
دوختۇرنىڭ چىرايى تاتاردى، شۇنداقتىمۇ پېتىدىن چۈشمىدى:
-قانداق ساراڭ بۇ!؟ مەن سېنىڭ بالاڭنى نېمە قىلاتتىم؟ مەينەت سەھرالىق، جاپا تارتىپ تۇغدۇرۇپ قويغانغا خوش بولماي يوق بالىسىنىڭ دەۋايىنى قىلىدا بۇ... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-جاپا تارتقان بولساڭ پۇل تاپقانسەن پاسكىنا؟ بۇ يەرگە دۇئا قىلىپ كەلمىدىم، شاراقشىتىپ پۇل ساناپ كەلدىم! توپا- تەلەت تۇرغىنىمغا قاراپ دوپپىسىغا جىگدە سالسام بىلەلمەيدۇ دەپ قالدىڭما؟ توختا ھە، ھېلى كۆرىمىز. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئەر شۇنداق دېگىنىچە قويۇن يانچۇقىدىن پارقىراپ تۇرىدىغان 4-ئەۋلات ئالما ماركىلىق تېلېفۇنىنى چىقاردى ۋە نۇمۇرلارنى بېسىشقا باشلىدى. شۇ ئارىدا لىفىت ئىشىكى ئېچىلىپ، ئىچىدىن پوزور كىيىنگەن، قارىماققا كادىردەك تۇيغۇ بېرىدىغان سالاپەتلىك بىر كىشى ۋە مەدەنىي كىيىنگەن، پاكىزە چىراي ئىككى يىگىت چىقىپ كەلدى. ئۇلار ئۇدۇل كېلىپ تېلېفۇن ئۇرىۋاتقان ئەر بىلەن يىغلامسىراپ بالا كۆتۈرۈپ تۇرغان ئورۇق ئايالدىن ئەھۋال سورىدى:
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئەھۋالى قانداق؟
-خۇداغا شۈكرى قۇدام، بىرنى ساق – سالامەت يەڭگىدى. يەنە بىرىنى يوق دەيدۇ. بالا قوشكىزەك ئەمەسمىش، ئانىسى تېخى ھۇشىغا كەلمىدى...
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شۇ گەپلەرنى ئارانلا دېيەلىگەن ئايالنىڭ كۆزلىدىن سەلدەك ياش كەتتى. ئۇ تىترەپ، بوغۇلۇپ، گېپىنىڭ ئاخىرىنى قىلالمىدى.
-قانداق گەپ بۇ...
-ۋەي، 110 مۇ؟ جىددىي ئەھۋال بار، شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى گۈلھايات تۇغۇت دوختۇرخانىسىغا كەلسەڭلار بوپتىكەن. دوختۇرخانا ئايالىمنى تۇغدۇرۇپ بالامنى چىقىرىپ بەرمىدى. تىزراق بولساڭلار، بولمىسا قان تۆكۈلۈپ قالىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
كادىر سۈپەت كىشىنىڭ سالامىغا جاۋاپ قايتۇرغىدەك ھەپسىلىسى يوق تېلېفۇن قوبۇل قىلغۇچىغا شۇلارنى دېگەن ئەر، گېپىنى تۈگىتىپ تېلېفۇننى قويدى ئاندىن يەنە نۇمۇرلارنى بېسىشقا باشلىدى:
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-ۋەي، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىمۇ؟ شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى گۈلھايات...
بولۇنىۋاتقان گەپ – سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان دوختۇر ئايالنىڭ ئۆڭسۆلى ئۆچتى. پۇت – قولىدا جان دىدارى قالمىغان ئايال بىر نەرسە دېيىشكە تەمشىلىپ، ئېغىزىنى ئۆمەللىدىيۇ، گەپ قىلالماي قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى. بىمارنىڭ يولدىشى كادىر سۈپەت كىشىنى دادا دەپ چاقىردى، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئىككى يىگىت ئۇنى ئاكا دەپ چاقىردى. دوختۇر ئايال ئۆزىچە بىمار ئىگىلىرىنى سەھرالىق دەپ خاتا تونۇپ قالغانلىقىنى، بۇ سەھرالىقلارنىڭ كەينىدە تەربىيە كۆرگەن، مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى، نىشاننى خاتا تاللاپ قويغانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىر دەمنىڭ ئىچىدە تۇغۇت ئۆيىنىڭ ئالدىغا مىژژىدە ئادەم يىغىلدى. بىمارنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى، دوختۇرخانىنىڭ دوختۇر – سىستىرالىرى، تۇغۇت ئۆيى ئالدىدا يۈز بەرگەن بۇ جىدەلدىن خەۋەر تاپقان باشقا قەۋەتتىكى بىمارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇشۇ يەرگە يىىغلغان ئىدى. ئىشتىن خەۋەر تاپقان دوختۇرخانا باشلىقىمۇ ھايال ئۆتمەي يېتىپ كەلدى ۋە بىمار ئىگىلىرى بىلەن دوختۇر ئايالنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ ئەكىرىپ كەتتى. بىمار ئايال بولسا ئانىسنىڭ ھەمراھلىقىدا يەنىلا تۇغۇت ئۆيىگە ئەكىرىپ كېتىلدى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
يىراقتىن ساقچى ماشىنىسىنىڭ چىرقىرىغان سىگنال ئاۋازى ئاڭلىنىپ، بارا – بارا يېقىنلاشقا باشلىدى. بايىدىن بىرى پېتىدىن چۈشمەسلىككە تىرىشىپ، جان – جەھلى بىلەن نوچىلىق قىلىۋاتقان دوختۇر ئايال توساتتىنلا ئەسلىدىكى ھاكاۋۇر، قورقماس كەيپىياتىنى ئۆزگەرتىپ، كۆزلىرىن تارام – تارام ياش تۆككىنىچە بىمار ئىگىلىرىگە يالۋۇرۇشقا باشلىدى:
-مەن ناماقۇل بولاي، ئۈستۈمدىن ئەزر قىلمىساڭلار، بالىنى مەن تىقىۋالغان... بالا راستىنلا قوشكىزەك ئىكەنتۇق، كىچىكىنى سىلەرگە ئەپ چىقىپ بېرىپ چوڭىنى مەن تىقىۋالغان، ئۆتۈنۈپ قالاي مېنى ئەرز قىلمىساڭلار، بالىلىرىم كىچىك، ئۈچ يىلدىن بىرى ئايرىلىپ تۇرۇپ، يولدىشىم بىلەن يارىشىپ قالغىلى تېخى ئىككى ئاي بولغان ئىدى. ئائىلەمنى ساقلاپ قالمىسام بولمايدۇ. نېمە دېسەڭلار شۇنى قىلاي، مەن بالىنى چوقۇم قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بېرىمەن، سىلەردىن ئۆتۈنەي مېنى ساقچىغا تاپشۇرۇپ بەرمەڭلار. ئات – ئېشەك ئورنىدا خىزمىتىڭلارنى قىلاي، مېنى...
جەريان: دوختۇر پاتىگۈل، ئۇيغۇر، بۇ يىل 32 ياشتا، شىنجاڭ تىببىي ئونۋېرستېتىدا تۇغۇت ئىلمى ۋە ئاياللار كىسەللىكى بويىچە بىلىم ئېلىپ، ئۆز يۇرتىدىكى شەخسى ئاچقان تۇغۇت دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەن. خىزمەت تارىخى قىسقا بولسىمۇ، پائالىيەتچان، كەسىپكە پىششىق، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ غوللۇق تىببىي خادىمى ھېساپلىنىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سىڭلىسى باھارگۈلنىڭ قەمبەر ئىسىملىك بىر دوستى بولۇپ، توي قىلغىنىغا ئون يىل بولغان بولسىمۇ پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن. ئۇ پاتىگۈلنى ئىزدەپ كېلىپ، باشقىلاردىن دوختۇرخانىلاردا تاشلىۋېتىلگەن ئىگىسىز بوۋاقلارنى كۆپ ئۇچرايدۇ دەپ ئاڭلىغانلىقىنى، شۇنداق بوۋاقلار ئۇچراپ قالسا ئۆزىگە خەۋەر قىلىپ قويۇشىنى، ئۆزى پەرزەنتلىك بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ئىگە – چاقىسىز بوۋاقلارنى بېقىۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئارىدىن يېرىم ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ بۇنداق ئىگە – چاقىسىز بوۋاقلار ئۇچرىمىغان، ياكى بالىىسنى باشقىلارغا بېرىۋېتىشنى خالايدىغانلار تېپىلمىغان. قەمبەر يەنە پاتىگۈلنى ئىزدەپ كېلىپ، ئالدىغا ئون مىڭ يۈەن پۇل ۋە بىر دانە ئالتۇن ئۈزۈكنى قويۇپ، ئۆزىگە قانداقلا بولسا بىرەر بالا تېپىپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن. پاتىگۈل پۇل بىلەن ئۈزۈكنى تىزلا قوبۇل قىلغان ھەمدە شۇ كۈندىن باشلاپ بوۋاقنىڭ كويىغا چۈشكەن. ئەپسۇسكى، ئىگە – چاقىسىز بوۋاق يەنىلا تېپىلمىغان. قەمبەر بولسا ئارا كۈندە ئالتە قېتىم تېلېفۇن قىلىپ، پاتىگۈلنى ئالدىراتقان. پاتىگۈل بالا تاپالماي تىت – تىت بولۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە تولغىقى تۇتۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن ئايالنىڭ قوشكىزەك بالىغا ھامىلىدار ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بىلگەن. يېرىم كېچىدە ئايالىنى ئېلىپ كەلگەن بىمارنىڭ يولدىشى ئۇنىڭ كۆزىگە ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان، قۇرسىقى تويسىلا شۈكرى قىلىدىغان گومۇش چىراي سەھرالىقتەك كۆرۈنۈپ، ئۇنى ئالدىسا ئالداپ كېتەلەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ھەمدە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قەمبەرگە تېلېفۇن قىلىپ، دەرھال ماشىنا بىلەن كېلىپ بالىنى ئېلىپ كېتشنى ئېيتقان. قەمبەر يېتىپ كەلگىچە بىمار گۈزەلنۇرنى ئۆز قولى بىلەن تۇغدۇرۇپ، قوشكىزەك قىزلارنىڭ چوڭىنى خالاتقا يۆگەپ، دوختۇرخانىنىڭ ئارقا ئىشكىدە ماشىنىلىق ساقلاپ تۇرغان قەمبەرگە بېرىۋەتكەن. قەمبەر بالىنى ئېلىپ يولىغا راۋان بولغان. بىمارنىڭ يولدىشى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، يېزا ئېگىلىك ماشىنىلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ياش بولۇپ، كۈندە دېگۈدەك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ، توپا – چاڭلار ئارىسىدا يۈرگەچكە، ساقاللىرى ئۆسۈپ، كىيىملىرى مەينەت بولۇپ، ھەقىقىي سەھرالىق قۇرساق باقتى يىگىتلەرگە ئوخشاپ قالغان. بىراق ئۇ ھامىلە تەكشۈرتۈشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋاللارغا قارىتا زۆرۈر قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەر ۋە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلاردىن خەۋەردار ئىدى. ئايالى گۈزەلنۇر بولسا ئىشچان، يۇۋاش دېھقان قىزى. يولدىشى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە كومبايىن سېتىپ بەرگەن ۋە ئۇنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ بېرىش جەريانىدا بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قېلىپ توي قىلغان. كېينكى ئىشلار سىلەر بىلگەندەك.. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاپتۇرى؛ئايشەمگۈل ئىسمايىل ( تەبەسسۇم ) ئىز تورى www.iz.la
