app دېتالى

تەۋىسسيەلىك
ئاۋات
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>IT ئۇچۇرلىرى>

Galaxy S5 نىڭ تۇنجى كۈنلۈك سېتىلىش مىقدارى S4 تىن ئېشىپ كەتتى

ۋاقتى:2014-04-14 15:52مەنبە: يوللىغۇچى:قەدىرلە چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

سىنا پەن-تېخنىكىسىنىڭ 14-ئاپرېل خەۋىرى: سامسۇڭنىڭ يېڭى تىپتىكى Galaxy S5 يانفونى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى 125 دۆلەتتە بىرلا ۋاقىتتا سېتىلغان بولۇپ، ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن يەر شارىدا سېتىلغان تۇنجى كۈنىدە، Galaxy S5 نىڭ سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى بىر ئەۋلاد S4 تىن %30 ئاشقان.

ئىز تورى www.iz.la


بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپا بازارلىرىدىكى Galaxy S5 نىڭ تۇنجى كۈنلۈك سېتىلىش مىقدارى S4 نىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. چۈنكى پارىژ، لوندون قاتارلىق شەھەرلەردە سامسۇڭنىڭ كۆپلىگەن قوللىغۇچىلىرى سامسۇڭ مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدا ئۆچرەت تۇرۇپ Galaxy S5 نى سېتىۋالغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىلگىرى تەھلىلچىلەر Galaxy S5 نىڭ سېتىلىش مىقدارنىڭ S4 نىڭ سېتىلىش مىقدارىغا يەتمەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
ئالدىنقى يىلى سامسۇڭ Galaxy S4 ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بازارغا چىققان بىر ئاي ئىچىدە 10 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. بىراق بۇ قېتىم ئازراق ئوڭۇشسىزلىقلار يۈز بەرگەن. بولۇپمۇ جەنۇبىي كورىيەدە. چۈنكى جەنۇبىي كورىيەدىكى 3 كۆچمە تىجارەت شىركىتىنىڭ 3-ئايدىن 5-ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە يېڭى تىپتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سېتىش چەكلەنگەنلىكتىن، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ جازاسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، سامسۇڭ شىركىتى Galaxy S5 نى جەنۇبىي كورىيەدە مۇددەتتىن بۇرۇن سېتىشقا مەجبۇر بولغان. ئىز تورى www.iz.la

 

ئىز تورى www.iz.la

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس