ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئىككى يىلغا يېقىن ئۇنىۋېرسال ھىدروبىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئارقىلىق، شىنجاڭ قىزىلما بايلىقلار ئىدارىسىنىڭ 2-قېتىملىق سۇ رايونى قۇرۇلۇشى گېئولوگىيەلىك چوڭ ئەترىتى قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدا يېڭىدىن چوڭ تىپتىكى يەر ئاستى سۇ مەنبەسى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش نىشانلىق رايونىدىن ئىككىنى بايقىدى. دەسلەپكى قەدەمدە ئېلىشقا بولىدىغان كۈنلۈك يەرئاستى سۈيى مىقدارىنىڭ 420 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىككى نىشان رايونى ئۇلۇغ ئاتا دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپى بىلەن كۈسەن دەرياسىنىڭ شىمال تەرىپىدە بولۇپ، بۇ ئىككى نىشان رايونىنىڭ يەرئاستى سۇ زاپىسى مول، دۆلەتنىڭ ئىچىدىغان سۇ ئۆلچىمى ۋە تەلىپىگە ماس كېلىپلا قالماستىن، يەنە سىترونتسىي تىپىدىكى مېنىرال سۇدىن ئىبارەت. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
قەشقەر شەھەرلىك زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى لېي چۈەن:« قەشقەر شەھىرى سۇ كەمچىل رايون، سۇ بىلەن تەمىنلەشتە ئاساسلىقى يەرئاستى سۈيىگە تايىنىدۇ، سۇ مىقدارى ناھايىتى ئاز بولۇپ، ھازىر سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىنتايىن جىددىي بولىۋاتىدۇ. قەشقەر شەھىرى قۇملۇق بىلەن چۆللۈك تۇتاشقان تىپىك بوستانلىق، سۇ مۇھىتى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئالاھىدە، شۇنداقلا ئاجىز. قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىن تېپىلغان سۇ مەنبەسىنىڭ ئېچىشقا بولىدىغان كۈنلۈك سۇ مىقدارى 1200 كۇب مېتىر بولۇپ، ناھايىتى ئاز» دېدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شىنجاڭ گېئولوگىيە-قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسىنىڭ ئىككىنجى سۇ رايونى قۇرۇلۇشى گېئولوگىيە چوڭ ئەترىتىنىڭ ئالىي ئىنژىنىرى ۋېيخۇا تونۇشتۇرۇپ :« بۇ قېتىم تېپىلغان ئىككى ئورۇندىكى يەرئاستى سۇ بايلىقىنىڭ قەشقەر ۋە قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ يېقىنقى ۋە ئۇزاق مەزگىلگىچە بىر مىليون نوپۇس ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ سۇ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدىن ئۈمىد بار. داۋاملىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېقىنقى مەزگىللىك نىشانغا يېتىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا بىر مىليون 110 مىڭ نوپۇسنىڭ كۈنلۈكى 120 مىڭ كۇب مېتىر سۇ ئىستىمال قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؛ يىراق مەزگىللىك نىشان، يەنى 2030-يىلى نوپۇس بىر مىليون 560 مىڭغا يەتكەندە، يەنىلا كۈنلۈكى 320 مىڭ كۇب مېتىر سۇ ئىستىمال قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا-ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىدىكى سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ» دېدى.
ئىز تورى بەك ياخشى
نەي ۋېيخۇا:« نۆۋەتتە مۆلچەرلەنگەن سۇ ئېلىش مىقدارى سۇ مەنبەسى رايونىنى قوغداپ، ئايلانما سىجىل ئېچىش شەرتى ئاستىدا بېكىتىلگەن. شۇڭا بۇ ئىككى ئورۇندىكى سۇ مەنبەسى قەشقەر شەھىرىنىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى سۇ ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ» دېدى. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
ئىز تورى بەك ياخشى
