ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سىنا تورى پەن-تېخنىكا خەۋىرى بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە خەۋەر قىلىنىشىچە، سونى شېركىتى جۈمە كۈنى ئۆزلىرىنىڭ شېركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئەڭ يېڭى تىپتىكى Vaio Fit 11A كوميوتېرلىرىنىڭ باتارىيەسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە قىزىيدىغانلىقىنى ھەمدە ئوت ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئابونتلاردىن ئىشلىتىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سونى شېركىتى، ئوت ئېلىپ كېتىش خەتىرى بار دەپ قارىغان Vaio Fit 11A خاتىرە كومپيوتېرىدىن جەمئىي 26 مىڭ دانە بار بولۇپ، بۇ كومپيوتېرلارنىڭ باتارىيەسىنى سوڭشيا شېركىتى ئىشلىگەن. ھازىرغىچە، سونى شېركىتى باتارىيەنىڭ قىزىشىدىن كېلىپ چىققان ئوت ئېلىپ كېتىش ھادىسىسىدىن جەمئىي ئۈچ قېتىم يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. copyright by www.iz.la
بىرىنچى قېتىملىق ئوت ئېلىش ھادىسىىسى ياپونىيەدە 3-ئاينىڭ 9-كۈنى يۈز بەرگەن. 3-ئاينىڭ 30-كۈنى جوڭگۇ شياڭگاڭدا يەنە بىر قېتىم يۈز بەرگەن، 4-ئاينىڭ 8-كۈنى جوڭگۇ چوڭ قۇرۇقلۇقىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھادىسە يۈز بەرگەن. بۇ ئايدىن باشلاپ سونى شېركىتى بۇ مەھسۇلاتنى سېتىشنى توختاتتى.
ئىز تورى بەك ياخشى
Vaio Fit 11A بولسا سونى شېركىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى Vaio خاتىرە كومپيوتېرى. سونى بۇ يىل 2-ئايدا Vaio كەسپىنى ياپونىيە مەبلەغ سېلىش فوندىغا )Japan Industrial Partners(JIP سېتىپ بەرمەكچى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانىدى. سونى شېركىتى بۈگۈنكى بىر باياناتىدا، نۆۋەتتە مەھسۇلاتنىڭ تەرتىپ نومۇرىغا ئاساسەن تەسىرگە ئۇچرايدىغان مەھسۇلاتلار بېكىتىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شېركەتمۇ پىلاننى تۈزىتىش ياكى ئالماشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. ئىككى ھەپتە ئىچىدە، سونى شېركەت تور بېكىتىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سونى شېركىتى، بۇ يىل 2-ئايدا Vaio Fit 11Aنى سېتىشقا باشلىغاندىن بۇيان جەمئىي 25905 دانە سېتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.بۇنىڭ ئىچىدە 7000 دانىسى ئاسىيا، تىنچ ئوكياندىكى ياپونىيە ۋە جوڭگۇدىن باشقا بازارلاردا سېتىلغان، ياۋروپادا 7000 دانە، لاتىن ئامېرىكىسىدا 5600 دانە، ئامېرىكىدا 500 دانە سېتىلغان.
www.iz.la
Vaio Fit 11Aغا ئىشلىتىلگەن باتارىيەگە نىسبەتەن، سوڭشيانىڭ باياناتچىسى، شېركىتىنىڭ ھەقىقەتەن كېلىشىم بويىچە سونى ئۈچۈن باتارىيە ئىشلەپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ باياناتچى باشقا كومپيوتېر شېركەتلىرىگىمۇ ئوخشاش خىلدىكى باتارىيە ئىشلەپ بەرگەن، بەرمىگەنلىكىنى ئېنىق ئېيتمىدى.
copyright by www.iz.la
2010-يىلى، يەنە شۇ باتارىيە قىزىشى سەۋەبلىك ئوت ئېلىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، سونى شېركىتى 535 مىڭ دانە سېتىلىپ بولغان خاتىرە كومپيوتېرنى يىغىۋالغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
