app دېتالى

تەۋىسسيەلىك
ئاۋات
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>IT ئۇچۇرلىرى>

ئالما iPhone 5c نىڭ ئىكرانىنى ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى يولغا قويماقچى

ۋاقتى:2014-01-23 09:56مەنبە: يوللىغۇچى:قەدىرلە چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

ئىز تورى www.iz.la

ئالما شىركىتى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى دۆلەت ۋە رايۇنلاردا سېتىلغان (ئالما مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئارقىلىق سېتىلغان) iPhone 5c يانفونىغا قارىتا ئىكرانىنى رېمونت قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇنى ئىلگىرىكى يانفوننىڭ ئۆزىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ بىرىش مۇلازىمىتىنىڭ ئورنىغا دەسستىدىكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
باشقا يانفون كارخانىلىرىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئالما يانفونلىرىنىڭ ئىلگىرىكى سېتىشتىن كىيىنكى رېمونت كاپالىتى ئاساسلىقى پۈتۈن يانفوننى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى كۆرسىتەتتى، بولۇپمۇ ئېلىمىز جۇڭگودا سېتىلغان ئالما يانفونلىرى ئەگەر ئالماشتۇرۇلسا، كاپالەت ۋاقتى ئالماشتۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ قايتىدىن ھېسابلىناتتى، بۇنداق بولغاندا، خىرىدارلار سېتىۋالغان ئايفون كاپالەت مۇددىتى ئىچىدە بۇزۇلۇپ قالسا، ئۇ ھالدا ئالما شىركىتى ئۇنىڭغا يېڭىسىنى ئالماشتۇرۇپ بىرەتتى، بۇ يېڭى يانفوننىڭ كاپالەت ۋاقتىمۇ بۇرۇنقىدەك بولاتتى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ھالبۇكى بۇنداق ياخشى ئىش ئەمدى يوق بولدى. ئالما شىركىتىنىڭ پىلانى بويىچە، ئۇلار 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، بارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردىكى ئالما مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئارقىلىق سېتىلغان iPhone 5c نىڭ ئىكران قىسمىنى رېمونت قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇپ بىرىش مۇلازىمىتىنى ئوموميۈزلۈك يولغا قويىدىكەن. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، iPhone 5c يانفونىنى سېتىۋالغان ئابونتلار ئەگەر يانفوننىڭ ئىكرانى بۇزۇلسا، ئۇ ھالدا شىركەت ئۇلارغا پەقەت ئىكران قىسمىنىلا يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ بىرىدۇ، بۇرۇنقىغا ئوخشاش پۈتۈن يانفوننى يېڭىسىغا ئالماشتۇرمايدۇ. ئەگەر يانفوننىڭ كاپالەت ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئۇ ھالدا ئىكرانىنى ئالماشتۇرۇشقا 149 دوللار ھەق ئالىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئۆتكەن بىر قانچە ئاي ئىچىدە، ئالما شىركىتى ئامېرىكا رايۇنىدىكى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى ئارقىلىق سېتىلغان iPhone 5c يانفونىغا قارىتا ئىكران قىسمىنى ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى رەسمىي يولغا قويغان. نۆۋەتتە ئالما شىركىتى بۇ بەلگىلىمىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىغا كېڭەيتىش نېيىتىگە كەلگەن بولسا كىرەك.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ئۇنداقتا، بۇ بەلگىلىمە نېمە ئۈچۈن يالغۇز iPhone 5c يانفونىغىلا قارىتىلىدۇ؟ ئالاقىدار خادىملارنىڭ مۆلچەرلىشىگە قارىغاندا، iPhone 5s گە قارىغاندا،iPhone 5c نىڭ ئىكران قىسمىنى ئالماشتۇرۇش بىر قەدەر ئوڭاي ئىكەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يەنە بىر تۈرلۈك خەۋەردە، ئىكران قىسمىنى رېمونت قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىدىن باشقا، ئالما شىركىتىنىڭ كىيىنكى قەدەمدە يەنە ئاۋاز تەڭشەش كۇنۇپكىسى، قوزغىتىش كۇنۇپكىسى، تەۋرەنگۈچ، ئارقا يۈزىدىكى كامېرا ۋە ئاۋاز ياڭراتقۇسى قاتارلىق قىسىملارغا قارىتا ئايرىم-ئايرىم ھالدا رېمونت قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدىغانلىقى تىلغا ئىلىنغان ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(1)
100%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس