ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بەزى كومپىيۇتېرلار ئادەمىنىڭ گىېپىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ . بۇنداق كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنڭىغا قاراپ گەپ قىلىغاندا ، قىلىغان گەپلىرىمىز دەرھال ئېكراندا كۆرۈنىدۇ ،ئۇنڭىىغا بۇيرۇق بەرسەك ئۇ شۇ زامان ئىجرا قىلىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، ئادەتتىكى كومپىيۇتېرلارغا تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش يۇمشاق ماتېرىيالى ۋە تاۋۇش ئانالىز قىلىغۇچ ، ساقىلىغۇچ ، كونترول قىلىش توك يولى قاتارلىق قاتتىق ماتېرىيال ئۈسكۈنلىرى سەپلەنسلا ، كومپىيۇتېر سۈنئىي قۇلاقا ئىگە بولۇپ ، ئادەمىنىڭ گىېپىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ . ئۇنداقتا ، كومپىيۇتېر ئاۋازنى قانداق ئاڭلايدۇ؟ ئادەم كومپىيۇتېرغا قاراپ سۆزلىگەندە ، كومپىيۇتېردىكى مىكروفون تاۋۇش ئۇچۇرىغا ئىگە بولىدۇ ۋە ئۇنى تاۋۇش ئانالىز قىلىغۇچقا يوللاپ بېرىدۇ . تاۋۇش ئانالىز قىلغۇچ تاۋۇش ئۇچۇرى ئامىلىنى ئايرىپ چىقىپ ، ئۇنى ساقىلغۇچتىكى ئۆلچەملىك تىلىدىن ئىزدەيدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرىدۇ . ناۋادا ، ئوخشاش ئۇچۇرىنى تاپالسا ، كومپىيۇتېر تاۋۇشىنىڭ مەنسىنى چۈشىنەلەيدۇ ھەمدە دەرھال مۇناسىپ بۇيرۇقىنى ئىجىرا قىلىدۇ . ئادەتتە تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش سېتىمىسىنىڭ ھەممىسىدە ئۆگىنىش ئىقىتىدارى بولىدۇ . مەسىلەن ، سىز كومپىيۇتېرغا قاراپ بىر ئابزاس سۆزنى تەكرار ئوقۇسىڭىز ، كومپىيۇتېر سىزنىڭ ئاۋازىڭىز ۋە رىتىمىڭىزنى بىلىۋېلىپ ، ئۆزىنىڭ چۈشىنىش ئىقىتىدارىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە.......يۈز مېڭلىغان نېمە ئۈچۈن
