ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كود بىلەن شىفىرنىڭ ھەر ئىككىلىسىى ۋاكالەتلىك قىلىدىغان نومۇر ياكى بەلگە بولسمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ رولى ئوخشاشمايدۇ . كود بەلگىلىك قانۇنىيەت بىلەن تۈزۈلگەن بولىدۇ . دائىم ئىشلىتىلىدىغان پوچتا نومۇرى بىر خىل كودتۇر ، ئۇ ئالتە خانلىق رەقەم ئارقىلىق بەلگىلىك بىر رايوننى ئىپادىلەيدۇ ، مەسىلەن ، 200052 شاڭخەي شەھىرى چاڭىنىڭ رايوننى بىلىدۈرىدۇ ، تېلېگرامما سالغاندا ئىشلىتىلىدىغان مورس تېلېگرامما نومۇرىمۇ بىر خىل كود بولۇپ ، ئۇ چېكىت ۋە سىزىقىلارنى ھەرخىل بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ھەرپىنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە ئوخشاشىمىغان تاق سۆزلەرنى ھاسل قىلىدۇ ، مەسىلەن _A ھەرپىنى ، 0 ھەرپىنى ...S ھەرپىنى SOS قۇتقۇزۇشىنى تەلەپ قىلىش سىگىنالىنى بىلىدۈرىدۇ . تاياق كود مەخسۇس كومپىيۇتېر ئوقۇيدىغان كود بولۇپ، ئۇ بىر گۇرۇپپا ئاق _قارا ، كەڭ _تار تاياقسىمان بەلگىىلەردىن پايدىلىنىپ تاۋارغا مۇناسىۋەتىلىك ئۇچۇرلارنى مەسىلەن تاۋار ئىسىمى ، تاۋارنى ئىشلەپ چىقارغان دۆلەت ياكى رايون ، ئىشلەپ چىقارغۇچى زاۋۇت قاتارلىقىلارنى ئىپادىلەيدۇ . شىفىر بىر خىل مەخپىي كودۇر . ئۇرۇش ياكى مۇھىم سورۇنلاردا بەزى ئۇچۇرلار دۆلەت مەخپىيىەتلىكىگە چېتىلىدۇ ، باشىقىلارنىڭ بېلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ ، شۇڭلاشقا چوقۇم شىفىر ئارقىلىق يېزىلىپ ئاندىن ئەۋەتىلىدۇ ياكى ئالماشتۇرۇلىدۇ . شىفىرنىڭ تۈزلۈش ئۇسۇلىنى بىلىدىغانلارلا شىفىرلىق ئۇچۇرنىڭ مەنسىنى چۈشىنەلەيدۇ، ئەمما باشىقا كىشىلەر كۆرۈپ چۈشىنەلمەيدۇ . بۇنڭىدىن كۆرۈۋېلىشىقا بولىدۇكى ، كود ئاشكارا بولىدۇ ، كودلاشتۇرۇش ئالاقە ئىشلىرىنى تېخىمۇ راۋان ، قۇلايلىق ئۈنۈملۈك قىلىش ئۈچۈندۇر ، كۆپىنىچە كىشىلەر ئۇنڭىدىن پايدىلىنىدۇ . شىفىر مەخىپىي بولىدۇ ، ئۇ ئالدىن بەلگىىلەنگەن ، ئالاھىدە تۈزۈلگەن مەخىپىي كود ۋە باشقا نومۇرلارنى كۆرىستىدۇ . شىفىر تۈزۈشتىكى مەقسەت ئۇچۇرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش بولۇپ ، ئالاقىلەشكۈچى ئىككى تەرەپلا پايدىلىنالايدۇ .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مەنبە.يۈز مېڭلىغان نېمە ئۈچۈن
ئىز تورى www.iz.la
