app دېتالى

كومپىيۇتېر ۋىرۇسىدىن ساقىلىنىشىنىڭ ئامالى بارمۇ ؟

ۋاقتى:2014-05-22 13:34مەنبە: يوللىغۇچى:مىرزاتجان چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ئادەم تېنىدىكى كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولغاندەك ، كومپىيۇتېر ۋىرۇسىدىنىمۇ ساقلانغىلى بولىدۇ . كومپىيۇتېرنى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قالمسۇن دېسەك ، ۋىرۇس بىلەن كومپىيۇتېر ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەتنى ئامال بار ئۈزۈۋېتىشىمىز  لازىم . كومپىيۇتېرنى ئىشلەتكەندە ، باشقا كومپىيۇتېردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى كومپىيۇتېرىمىزنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا خالغانچە كۆچۈرمەسلىكىمىز ، ناتونۇش يۇمشاق دىسكىنى ئىجىرا  قىلىدۇرماسلىقىمىز ، ئوغرىلىقىچە نەشىر قىلىنىغان كومپىيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنىمۇ ئىشلەتمەسلىكىمىز لازىم . ناۋادا كومپىيۇتېردا ۋىرۇس پەيدا بولۇپ قالسا ، قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئۇ چاغدا ۋىرۇس يوقاتقۇچى يۇمشاق ماتېرىيالدىن پايدىلىنىش لازىم . ۋىرۇس يوقاتقۇچى يۇمشاق ماتېرىيال بىر خىل مەخسسۇس كومپىيۇتېر ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش ۋە يوقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق ماتېرىيالدۇر . كومپىيۇتېر مۇتەخەسىلىرى ۋىرۇس بار پروگراممىلارنى ئانالىز قىلىش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، ۋىرۇس تەكشۈرۈش پروگراممسىى بىلەن ۋىرۇس يوقىتىش پروگراممسىنى تۈزۈپ چىققان . بۈ خىل پروگرامما ئىجىرا قىلىنىغاندا ، كومپىيۇتېرىدىكى ھۆججەت ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ ، ۋىرۇسىنى  بايقىغان ھامان دەرھال مەلۇم قىلالايدۇ ، ئاندىن كېىيىن ۋىرۇس يوقىتىش پروگراممسىى ئارقىلىق ۋىرۇسىنى يوقتالايدۇ . بەزى ۋىرۇس يوقىتىش پروگراممىلىرى كومپىيۇتېر خىزمەت قىلىۋاتقاندا ھەرۋاقىت نازارەت قىلىپ ، ۋىرۇسىنىڭ كىرمەكچى بولغانلىقىنى بايقىسلا ئۇنى توسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ . يېڭى ۋىرۇسلار توختىماي پەيدا بولۇۋاتقاچقا ، ۋىرۇس يوقىتىش يۇمشاق ماتېرىياللىرىمۇ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى كېرەك . شۇنداق بولغاندىلا ، ئۇلارنىڭ ۋىرۇس يوقىتىش ئىقىتىدارى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەنبە....يۈز مېڭلىغان نېمە ئۈچۈن

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ياخشىكەن
(3)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس