ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
تۇرمۇشتا كىشلەر دائىم باكتېرىيە ، ۋىرۇسلارنىڭ تارقىلىشى بىلەن كېسەل بولىدۇ . كومپىيۇتېرمۇ يۇقۇمىلىنىش ئارقىلىق كېسەل بولۇپ قالىدۇ . كومپىيۇتېر ۋىرۇسى بىلەن ئادەم تېنىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالدىغان ۋىرۇس ئوخشاشمايدۇ، ئۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئالاھىدە پروگراممىدۇر . بۇ خىل پروگرامما ئىجىرا بولغاندا ، كومپىيۇتېرنىڭ يۇمشاق ماتېرىياللىرى ئىقىتىدارىنى يوقىتىپ ، كومپىيۇتېر سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ ياكى كومپىيۇتېردا ساقىلىنىۋاتقان سانلىق مەلۇماتلارنى بۇزغۇنچلىققا ئۇچرىتىدۇ ، ھەتتا پۈتكۈل سېتىمىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، غايەت زور ئىقىتىسادىي زىيان پەيدا قىلىدۇ . كومپىيۇتېر ۋىرۇسى كومپىيۇتېرنىڭ خىزمىتىگە كاشىلا پەيدا قىلىپىلا قالماي ، بەلكى يەنە بىر ھۆججەتتىن باشقا بىر ھۆججەتكە تارقىلىدۇ ياكى ھۆججەت بىلەن بىللە بىر كومپىيۇتېردىن باشقا بىر كومپىيۇتېرىغا يۇقىدۇ ، ھەتتا ئىنىتېرنېت تورى ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتىتا نۇرغۇن كومپىيۇتېرغا تارقىلىپ ، ئۇلارنى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندۇرىدۇ . بۇنداق ۋىرۇس پروگرامملار كومپىيۇتېرغا تارقالغاندىن كېىيىن ، دائىم بىر مەزگىل يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرۇپ ، مەلۇم بىر ۋاقتىقا كەلگەندىلا ئاندىن ئۆز رولىنى كۆرىستىدۇ . چۈنكى ، بۇنداق ئالاھىدە پروگراممىلار ئادەم تېنىدىكى ۋىرۇسلارغا ئوخشاشلا يۇقالايدۇ ۋە يوشۇرۇنالايدۇ ، شۇڭا ، كىشلەر ئۇلارنى ئوبرازلىق قىلىپ ۋىرۇس دەپ ئاتىغان . كومپىيۇتېر ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ئىنىتايىن تېز . نۆۋەتتە ، پۈتۈن دۇنيادا ، ئاز دېگەندىمۇ نەچچە ئون مىڭ خىل كومپىيۇتېر ۋىرۇسى بايقالدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرخىل يېڭى كومپىيۇتېر ۋىرۇسلىرى ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇۋاتىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە....يۈز مېڭلىغان نېمە ئۈچۈن
