ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ۋوگزال ۋە چوڭ سودا سارايلاردا، كومپىيۇتېردا بەدىئىي سۈرەت تارتىدىغان ئورۇنلارنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ . ئۇ يەردە بىر نەچچە مىنۇتتىلا كومپىيۇتېردا تارتىلىغان چىرايلىق بىر پارچە سۈرەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ . كومپىيۇتېردا تارتىلىغان سۈرەت بىلەن ئادەتتىكى فوتو ئاپپاراتتا تارتلىغان سۈرەت ئوخشاشمايدۇ ، ئەمەلىيەتتە كومپىيۇتېردا تارتىلىغان سۈرەت پەردازلانغان سۈرەتتۇر . بۇنداق سۈرەت تارتىيالايدىغان كومپىيۇتېرغا سۈرەت تارتىش يۇمشاق ماتېرىيالى ئورنتىلىغان ھەمدە فوتو ئوبيېكتىپ ۋە رەڭلىك پرىنتېر سەپلەنگەن بولىدۇ . بۇ خىل كومپىيۇتېردا سۈرەت تارتقاندا ، ئالدى بىلەن فوتو ئوبيېكىتپ ئادەمىنى سۈرەتكە ئالىدۇ . بۇ سۈرەت بىر خىل تەقلىدىي فوتوئېلېكتر سىگىنالى بولۇپ ، ئۇ رەقەملىك سىگىنالغا ئايلاندۇرۇلۇپ ، كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۈلىدۇ . ئۇنڭىدىن باشقا رەقەمىلىك فوتوئاپپاراتتا تارتىلىغان سۈرەتىنى رەقەم سىگىنال سۈپتىدە بىۋاستە كومپىيۇتېرغا كىرگۈزىسىمۇ بولىدۇ .ئاندىن كېىيىن ، سۈرەت كومپىيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ، بۇنڭىدىكى مەقسەت سۈرەتنىڭ سۈپتىنى ياخشلاپ ، ئۇنى تېخىمۇ سۈزۈك ، چىرايلىق قىلىشتۇرمۇمىي كۆرۈنۈشى تەڭشىلىدۇ ، بىر قىسم جايلىرى قوشۇلىدۇ ياكى چىقىرىۋېتىلىدۇ . مەسىلەن، بىر پارچە باش سۈرىتىنىڭ ئەتراپىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش رەڭلىرىنى قېنقىلىتىپ ، باشىنىڭ كۆرۈنۈشىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىغلى ، تېرە رەڭگىنى تەڭشەپ ، تېرىنى تېخىمۇ ئاق ، پارقىراق قىلىغىلى ، پېشانە ۋە كۆز ئەتراپىدىكى قورۇقلارنى يوقاتقىلى ، يۈز _كۆزىدىكى ئىششىقىلارنى يوقىتىپ ، ئادەمىنى تېخىمۇ ياش ، روھلۇق كۆرسەتكىلى بولىدۇ . ئۇنڭىدىن باشقا كومپىيۇتېردا بار بولغان كىيىم _كېچەك ، چاچ پاسوندىن پايدىلىنىپ ، سۈرەتنى قايتىدىن ياسغىلى بولىدۇ . بىرتەرەپ قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېىيىن ، پرىنىتېردا بېسىپ چىقارسا، ياخشى بىر پارچە سۈرەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
مەنبە....يۈز مېڭلىغان نېمە ئۈچۈن
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
