ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
توقاچلارغا تىگىشەتتى،ئۇنىڭ ئىزچىل مۇنداق قىلىشى بىلەن ئائىلىمىزدە بارا-بارا جىدەل قۇرىماس بولۇپ كەتتى.شۇنداقتىمۇ ئاجرىشش دىگەن بۇ ئۇقۇمنى بىلمەيتىم.كېيىن گۇلنارغا قۇرساق كۆتۈرۈپ بۇشىنىدىغان چاغدا دادام كىلىپ مېنى ئېلىپ كەتتى.قىرقىم تۇشۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلسەم ئۆيدە دادام ئېلىپ بەرگەن كىيىم ساندۇقى بىلەن قازان -قۇمۇشتىن باشقا ھىچنىمە ئاددىسى ئەسكى پالاسمۇ قالماي، داق يەردە بېشىغا كېسەل قويۇپ چاپىنىنى يېپىنىپ يېتىپتۇ ،كېيىن بىلسەم داداڭلار باشقا بىر ئايالغا بۇزۇپ ھەممە بىساتنى سېتىپ خەجلەپ بوپتىكەن،ئىككى بالىلىق بولغاندا بۇ ئىش ماڭا بەك ھار كەلدى.ئاچچىغىمدا مەمەت بىلەن گۈلزارنى يىتىلەپ،گۈلنارنى كۆتۈرۈپ دادامنىڭ قىشىغا يامانلاپ كەتتىم، بۇ مېنىڭ چوڭ بولۇپ ئۆز-ئالدىمغا قىلغان تۇنجى مۇستەققىل ئىششىم ئىدى.بارسام دادامنىڭمۇ ئۆگەي ئاپامدىن 5-6 بالىسى بولۇپ بوپتۇ، بۇلارنىڭ تۇلىسى قوشكىزەك ئىكەن.ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ئۆگەي ئاپامنىڭ ماڭا قىرچە-يېنىچە تىگىشلىرىگە چىداپ بولالماي تورسام داداڭلار مېنى ئالغىلى كەپتۇ،ئاخىر ‹ئۈڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈڭ، ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ ياخشى ›دەپ دادامنىڭ بەرگەن بىرەر قور ئۆي- سەرەمجانلىرى بىلەن يەنە قايتىپ كەلدىم، ھەممىنى كۆرمەسكە ،ئاڭلىماسقا سېلىپ كۆزۈمنى كور، قولۇقۇمنى گاس قىلىپ يۇپۇرۇپ يۈردۈم.ئاپام بېلەن ئۆگەي دادامنىڭمۇ مەن بىلەن كارى بولمىدى.گۈلنار يېشىغا تىگەي دىگەندە يەنە ھامىلدار بولۇپ قالغىنىمنى سەزدىم،ئاللا داداڭلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەردىمۇ ئۇمۇ تۇرۇپلا ئوڭشۇلۇپ قالدى.بالىلار كۆپەيگەنچە ئائىلىدە قىيىنچىلىقمۇ شۇنچە كۆپىيىدىكەن،مەن بىر تەرەپتىن ئىتىزدا ئىشلەپ بىر تەرەپتىن باش-پاچاق ئۆپكە-ھىسىپ قۇياتتىم داداڭلار ساتاتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە داداڭلارنى يەنە شەيتان ئازدۇردىمۇ شۇنداق سەت ئىشتىن بىرنى قىلىپ قويۇپ يېزىدا تۇرغىدەك يۈزىمىزمۇ قالمىدى. شۇ سەۋەپتىن داداڭلارلا ئەمەس مىنىمۇ، ھەتتا ئاپاملارنىمۇ داتاڭ سوراققا تارتىپ،كۈندۈزى ئەمگەك ئاخشىمى گۇڭشىدە سۇراق قىلىندۇق،ئاخىردا داداڭلار قاتتىق تەن جازاسىغا ئۇچراپ گۈليار يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچمايلا بۇ دۇنيا بېلەن خوشلاشتى.ئاپاملارمۇ شۇ ئىش سەۋەپلىك نەگىدۇر كۆچۈپ كەتتى.مانا ئامدى مەن باداڭدەك قورسۇغۇمنى كۆتۈرۈپ ئىگە -چاقىسىز، باش-پاناسىز قالدىم، بۇ چاغدا مەن پەقەت دادامنىڭ يىنىدىنلا نىجاتلىق تىلەشنى ئويلاپ ئۇنىڭ يىنىغا قاراپ سەپەرگە چىقتىم،جاھاننىڭ ئىشلىرى ھەقىقەتەن ئاجايىپ،دادامنىڭ يېنىدا نەچچە كۈن تۇرۇپلا ئۆگەي دادامنىڭ ئۆلۈم ۋە ئۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ خەۋرى كەلدى.يەنە ئاپامنىڭ يېنىغا قايتتىم.بۇ چاغدا ئىنىلىرىممۇ كارغا كەلگىدەك بولۇپ قالغان ئىدى.ئۆگەي دادامنىڭ قىرىق نەزىرىدىن كىيىن ئۆز دادامنىڭ يىنىغا قايتماقچى بولدۇم، چۈنكى ھەممە نەرسە نۇرمۇلۇق بولغاچ ،مۇنداق پەيىتتە مەن نەچچە بالام بېلەن ئۇلارغا ئېغىرىمنى سالسام ئەلۋەتتە بولمايتى. نېمىلا قىلسا دادامنىڭ قول -ئىلكىدە بار.ئۇيەردە تۇرمۇشتىن ئانچە قىيلىنىپمۇ قالمايتتىم. ئۆگەي دادامدىن ئاپامغا پەقەت ئىككىلا بالا قالغان ئىدى.دادام رەھمىتى ھايات ۋاقتىدا تاپقىنىنى يەپلا مال-دۇنيا يىغماي ئۆتكەن ئادەم،ھېلىمۇ ئىسىمدە ئۇ دائىم بىزگە‹ئارپا تاپساڭ ئاتقا بەرسامان يىسۇن كالىلار،تاپقىنىڭنى ئۆزەڭ يە ئىشلەپ يىسۇن بالىلار›دەيتى.بۇ گەپنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى ناھايىتى ئۇزۇندىن كىيىن چۈشۈنۈپ يەتتىم،دادامنىڭ يىنىدا كۆزۈم يۇرىدى.ئۆگەي ئاپام ماڭا يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىككى خىل مۇئامىلە قىلىپ يۈردى.قىرقىم توشقاندىن كىيىن مۇنداق يىتىۋەرسەم بولمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يىتىپ مەنمۇ شاۋدۈيگە بېرىپ ئىشلىدىم، بۇ يەرنىڭ شارائىتى چەتلىگىنى‹شەھەردىن يىراق› دىمىگەندە بىزنىڭ يېزىغا قارىغاندا مىڭ ھەسسە ياخشى ئىدى.ئاخىر قۇتلۇق قۇربان ھېيىت يېتىپ كەلدى.گۇڭشىدىن ئادەم بېشىغا توغۇرلاپ ھىيتلىق گۆش تارقاتتى، بىز بەش جان بولغاچ بىزگىمۇ ئەل قاتارى يوغان چىپتا تاغاردا بىر تاغار گۆش بېرىلدى.ئۆگەي ئاپام ئىككىمىز مىڭ جاپادا گۆشلارنى ئېلىپ كەلدۇق، مەن بەك ھېرىپ ھەم تەرلەپ كىتىپ ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقتىكى مۇزدەك ئېقىۋاتقان سۇدا يۈزۈمنى يۇيۇپ بولغىچە،ئۆگەي ئاپام گۆشلەرنى يۇغۇشتۇرۇپ بوپتۇ،
ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇنىڭدىن سورىسام‹ھازىر ھاۋا ئىسسىق ھېيتقا يەنە ئۈچ كۈن بار ،بىزنىڭ قازناق سالقىن شۇڭا گۆشنى بۇزۇلۇپ قالمىسۇن دەپ ئەكىرىپ قويۇپ تۇردۇم،سىزنىڭ ئۆيىڭىز بىر ئېغىزلىق جايلاشتۇرۇپ بولالمايسىز، قاچان لازىم بولسا ئەپ چىقىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ›دىدى.مەنمۇ ئارتوق ئويلاپ كەتمىدىم ئەكسىنچە خۇش بولدۇم،گۆش بېرىلىپ ئىككىنجى كۈنى ئەزەلدىن قۇلۇپ سېلىنمايدىغان قازناققا قۇلۇپ سېلىندى.مەن بۇنىڭدىن سەل ئەجەپلەنگەن بولساممۇ يەنىلا چاندۇرمۇدۇم، چۇنكى مەنمۇ ئانا بولدۇم دادامنى ئوتتۇردا تەڭقىسلىقتا قۇيۇشنى خالىمايتىم،ئەتتىگىنى بىرگە ناشتا قىلاتتۇق چۈشلۈك تامىقىمىزغا ئىككى ئارپا نېنىنى قۇيۇپ قۇياتتى، بۇنى ئەلۋەتتە دادام بىلمەيتى، كەچتە ئۆزەم ئۆيدە تاماق قىلاتتىم،تېشىمدا كۈلسەممۇ ئىچىمدە قان يىغلايتىم، ئەمما بۇ يىغىنىڭ ماڭا تېخى يىغا ئەمەسلىگىنى. كۆرگەنلىرىمنىڭ ھىچنىمە ئەمەسلىگىنى قىلچە ھىس قىلمىغان ئىدىم،ئەتە ھېيت دىگەن كۈنى ئەتتىگەندىن -كەچكىچە ساڭزا پوشكال سالدۇق،ھېرىپ -چارچىغانلىقتىن بەللىرىم ئاغرىپ ئۈزۈلۈپ كەتتى.قۇرساقنى ئانچە-مۇنچە گۇللاپلا ئۆيگە ئاران چىقتىم،مەن كىرىپ بىردەمدىن كېيىن دادا بىر ئانا باشقا كىچىك سىڭلىم ئىشىكنى چەكتى.ئېچىپ قارىسام ئۇنىڭ قولىدا دەستىرخانغا يۆگەگلىك بىرنىمە تۇرۇپتۇ،ئۇ مىنى كۆرۈپلا كۆزلىرىنى مەندىن قاچۇرۇپ:
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاپام بۇ نەرسىلەرنى، سىلەرنى ئەتە ھېيتلىق قىلسۇن دەيدۇ-: دەپ دەستىرخاننى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئىتتىكلا چىقىپ كەتتى.دەستىرخاننى ئېچىپ قارىسام ئىچىدىن گۈشى شىلىۋېلىنغان قوينىڭ بۇينى بىلەن، ئۈچ ساڭزا ئىككى قۇيماق چىقتى، بۇلارنى كۆرۈپ كۆزلىرىمدىن ياش يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈپ كەتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
باھار ئانىنىڭ دانىمۇ-دانە قىلىپ سۆزلەۋاتقان ئۆز كەچۈرمىشى، ھەتتا خويى سەت تاش يۈرەك ئاسراندى گۈلجامالنىڭمۇ يۈرەك باغرىنى ئىزىپ پارا-پارا قىلىۋەتكەن ئىدى.مەمەتمۇ يىغىدىن قىزارغان كۆزلىرىنى ئانىسىدىن ئۈزمەي خۇددى ئۇنىڭ ئۆتمۈشىگە جور بولغاندەك،ئىغىر تىنىپ قوياتتى.گۈلنار،گۈليارلار بولسا مىشىلداشتىن ھىقىغداپ يىغلاشقا چۈشكەن ئىدى.ئانا قورۇقلار قاپلىغان يۈزلىرىدىكى ياشنى ئاپتاپتا كۈيۈپ يىرىكلەشكەن، ئالقانلىرى بېلەن سۈرتۈپ بىردەم تورىۋالغاندىن كېيىن گىپىنى داۋام قىلدى.
راستىنى ئېيتقاندا بۇ چەت يېزىدا بىزنىڭ يىلتىزىمىز بار ئىدى .تىگىدىن سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك بۇ يەردە بىرمۇ يات ئادەم يوق دىيەرلىك ھەممىمىز تۇققان چىقاتتۇق،كىچىنچە نىمىلەرنى ئويلۇدۇمكىن تاڭ تۈزۈك كىرپىك قاقماي چىقتىم،ئەتىسى قۇتلۇق قۇربان ھىيىت بولدى ھەممىسى ئۆيمۇ-ئۆي ھىېيتلاشتى.مەن ئۆيگە بىرەرسى بۇلۇپمۇ دادامنىڭ كىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ،بالىلارنى ئېلىپ بىر يىراقراق تۇققىنىمىزنىڭكىگە ھېيتنى باھانە قىلىپ كەتتىم،چۈنكى دادام بىزگە قانچىلىك گۆش تارقىتىلغىنىنى بىلەتتى.ئەگەر ئۇ كىرىپ ھىلىقى بىرلا پارچە پاڭقاي ئۇستىقاننى كۆرسە سەۋەبىنى مەندىن چۇقۇم سۇرايتىدە ئۆگەي ئاپام بىلەن قىزىرىشىپ قالاتتى ئوچاغدا ھەممىمىز ئوسال ئەھۋالدا قالاتتۇق،مەنمۇ بالىلىرىمنى ئېلىپ يامىنى كەلسە بۇيەردىن كىتىمەن ئەمما دادامچۇ؟بىر مەن ئۈچۈن نەچچە بالىنى ۋەيران قىلىپ ئاجرىشاتتى.مەنمۇ يامان ئاتلىق بولۇپ قالاتتىمدە ئۇلارنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ سەت كۆرىنەتتىم،يەنە بىرى ئۆزەمنىڭ يېتىم قالغان بالىلىرىم يەتمىگەندەك باشقىلارنىمۇ يىتىملىك كوچىسىغا تاشلاپ ئۇلارنىڭ ئاھۇ-زارىغا قالغىم قىساسىنى تارتقىم يوق ئىدى.شۇنداق قىلىپ 3 كۈن ھىيتنى ئۆتكۈزۈپ كەلدىم.سەھرا تەرەپتە ئوغۇر يوق شۇڭىمۇ كۆپ ساندىكىلەر ئىشىككە قۇلۇپ سالماي زەنجىرنى ئىلىپ قۇيۇپلا كىتىۋىرىمىز،ئۆيگە كەلسەم ئۇن ،ياغ گۈرۈچ ھەممىنى سۇپۇرۇپلا ئەپ چىقىپ كىتىپتۇ،بۇ ئېنىقلا ئۆگەي ئانامنىڭ بىزنى قوغلىغىنى ئىدى ھەممىنى سىزىپ تۇراتتىم،قېرىشقاندەك گۈلنار قۇرساق غەلۋىسى قىلغىلى تۇردى.نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي بىر بۇلۇڭ -پۇشقاقلارنى ئاختۇرسام ئازراق بۇغداي چىقتى،ھەرنىمە بولسا بالىلارنىڭ قۇرسىقىنى شۇنىڭ بىلەن بولسىمۇ گوللاپ تۇراي دەپ ئۇنى يۇيۇپ قازانغا سېلىپ كۈجە قايناتتىم،ئويلىغانسىرى ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ مېنى يىغا تۇتاتتى.بۇ چاغدا داداملار خېلى يىراق بىر يەرگە پەتىلەپ كىتىپتىكەن،گۈليارنى قۇچۇغۇمدا ئۇخلىتىۋاتسام ئىشىك قېقىلدى،بىرىپ ئاچسام خېلى يىقىن بىر مۇئەللىم تۇققىنىمىز بولىدىغان شۇ ئايال پەتىلەپ كەپتۇ،ئۆيدە مىھمانغا قويغىدەك ھىچ نەرسە يوق خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بولدۇم،شۇنداقتىمۇ چاندۇرمۇدۇم،ئەمما گۈلناربىلەن مەمەت تۇققىنىمىزنىڭ بەرگەن ھىيتلىقىنى ئېلىپلا ھەممىنى ئاشكارلىۋەتتى.تۇققىنىمىز بالىلارنى ئەركىلىتىپ گەپ سوراۋاتاتتى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بالىلىرىم ئىتتىك چوڭ بولساڭلار، سىلەرنى ئۆزەم ئوقۇتسام،ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيەلىسەم
ئاپاش سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە گۆش بارمۇ؟
بار، سىلەرنىڭكىدە يوقما؟
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىزنىڭمۇ جىق گۈشىمىز باتتى چوڭ ئاپام بەمىدى،
نىمىشقا؟
ئۇ سېسپ كىتىدۇ دەپ، بىزگە ئاۋۇ سۆڭەكنى ئەچىقىپ بەدى،بىز ئىت بولمىساق سۆڭەك يەيدىغان ھە ئاپا؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بالىلىرىم بولدى.ئاچاڭلارنى ئارام ئالغىلى قويۇڭلار،
ياق، يەنە تىخى ئۆيىمىزدىكى ئۇن، ياغلارنىمۇ ئەپ چىقىپ كىتىپتۇ، ئۆيدە نان يوق بىزنىڭ قۇسىقىمىز ئېچىپ كەتكەنتى. ئاپام قازانغا بۇغداي سىلىپ بىزگە پۇشۇرۇپ بىرىۋاتىدۇ،
تۇققىنىمىز بالىلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئاۋال ماڭا كىيىن قازاندا قايناۋاتقان كۈجىگە قاراپ
ئاچا بۇ قانداق گەپ؟ بالىلارنىڭ دىگىنى راستمۇ؟
مەنمۇ يېرىلالماي ئاران تۇرغاندا تۇققىنىمىزنىڭ سۇرىغان سۇئالى بىلەن تەڭلا، كۆزۈمدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلۇپ خۇددى كىچىك بالىدەك ئۈنسېلىپ ‹پاڭ›ڭىدە يېرىلىپ يىغلاپ كەتتىم،بالىلارمۇ مەن بىلەن قۇشۇلۇپ يىغلىدى.
شۇ كۈنى ئۇ تۇققىنىمىز مىنى ئۆزى بىلەن كىتىشكە شۇنچە زورلىسىمۇ مەن قەتئى بارغىلى ئۇنمۇدۇم،سەۋەبى دادامنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويماي، ئۇ كەلسىلا خوشلۇشۇپ بالىلىرىمنى ئېلىپ بۇ يەردىن يىراق يۇرتلارغا سەرگەردان بۇلۇپ چىقىپ كىتىش ئىدى.كەچتە راستىنلا دادام قايتىپ كەلدى.ئۇنىڭغا ئېسىلىپ تازا بىر يىغلىۋالغۇم كەلدى ئەمما ئۇنداق قىلمىدىم،دادام بىچارە مىنى ‹ياش تۇرۇپ تۇل قالدى. بالىلىرى كىچىك كىيىنچە دەردىگە دەرمان بۇلۇپ بېشىغا كۈن چۈشسە ئەز قاتار› دەپ ھېيىت باھانىسىدا شۇنچە ئۇزۇن يولنى بېسىپ شەھەرگە كىرىپ ئۆگەي ئاپام بىلەن ئىككىمىزگە ئوخشاش قىلىپ ئالتۇن زىرە قويما بىلەيزۇك سوختۇرۇپ چىققان ئىكەن،ئىككىلىمىزگە ئۆز قولى بىلەن سىلىپ قويدى.ئەمما ئىچى يامان زەھەر خەندە ئۆگەي ئاپامنىڭ شۇ ھامانلا قاپىقى تۈرۈلۈپ دادامغا سەل ئۆڭدى بۇنى ھىس قىلىپ تۇراتتىم،ئىچىمدە بولسا‹بىچارە دادا نىمىش قىلاتتىڭ بېشىڭغا بالا تېرىپ سەن خاتىرجەم ياشىساڭ مەن شۇنىڭغا خوش ئىدىمغۇ ›دەيتىم.ئەمما دادام ئاپامنىڭ چىرايىغا ئانچە دىققەت قىلمىدىمۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەك تۇراتتى،ئۆگەي ئاپام نىمىنى ئويلاپ قالدى ئىتتىكلا چىرايىنى ئۆزگەرتىپ ماڭا يالغان كۈلۈپ ناھايىتى سىلىق تەلاپپۇزدا
-باھار قىزىم،ئەگەر ماڭا ئىشەنسىڭىز بۇ نەرسىلەرنى مەن ساقلاپ بېرەي، ماڭىدىغاندا مەندىن ئېلىۋىلىڭ بىكار دادىڭىزنىڭ بۇ تەۋەرۈكىنى يۈتتۈرۈپ قۇيۇپ ئىچىڭىز ئاچچىق بولمىسۇن، www.iz.la
ئۇنىڭ مەخسىدىنى چۈشۈنۈپ تۇرغاچقا مەنمۇ ئارتۇق تالاشماي .ئۇ نەرسىلەرنى رايىشلىق بېلەن بەردىم.خىيالىمدا تاڭ ئاتسىلا بۇيەردىن كىتىمەن دەيتىم.ئەمما قىرىشقاندەك بۇ يەردىكى رىسقىم تۈگىمىدىمۇ ،ھىلىقى ئوقۇتقۇچى خانىم تۇققىنىمىز كەچ بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي يولدىشىنى ئات ھارۋۇسى بىلەن بىزنىڭ يېنىمىزغا ماڭدۇرۇپتۇ،مىنىڭ قولۇم بەك ئىشلىق، ئۆزەممۇ چاققان ھەم پۇختا ئىدىم، شۇنچە قارشىلىق قىلساممۇ يولدىشى ‹ئايال يوتقان -كۆرپەىنى ئاپتاپقا سالىمەن دەپ سۆكۈپ قۇيۇپتىكەن سىلىنى تىكىشىپ بەرسۇن دەيدۇ› دەپ تۇرىۋالدى.مەنمۇ ئامالسىز ھەممەڭلارنى سۆرەپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردىم،دىگىنىدەك راستلا يۇتقان تىكىشىپ بەردىم،ئەر-ئايال ھەر ئىككىلىسى مۇئەللىم بولغاچ ۋاقتى قىس ئىدى.ئۆينى ماڭا تاشلاپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى.كۈندە يوتقان تىككەچ كۆرگەن كۈنۈم دەر-ئەلەملىرىمنى قۇشاق قېتىپ، ناخشا ئېيتقاچ مىڭ يەردىن تۆكۈلۈپ يىغلايتىم،ئاللاغا نالە قىلىپ بۇ يېزىدىن ئادەم ئاياق باسمايدىغان يىراق يەرلەرگە كىتىشنى تىلەيتىم.شۇنداق قىلىپ ئۇ يەردە 15 كۈن تۇرۇپ قالدىم ئىشمۇ تۈگىدى،بارغانچە قىش كىرىپ كىتىۋاتاتتى،
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تىزراق تۇتۇش قىلىپ بۇ يېزىدىن بېشىمنى ئېلىپ چىقىپ كەتمىسەم بۇلارنىڭ كۆزىگە تىخىمۇ سەت كۆرۈنۈپ قالاتتىم،شۇڭىمۇ كىلىپلا سەپەر تەييارلىقىغا چۈشتۈم،بۇنى كۆرگەن ئۆگەي ئاپام چاندۇرمىغاندەك قىلغان بىلەن سەل جىددىلىشىۋاتاتتى.يېنىپ كىلەشىمدە تۇققىنىمىز ئازراق گۆش،گۈرۈچ،ياغ بەرگەن ئىدى.ئۆيگە كەلمىگىلى ئۇزۇن بولغاچقا بىر ياغ بۇرىتاي دەپ ئويلاپ تاماققا تۇتۇش قىلدىم،سەۋزىنى توغراپ گۆشلەرنى پارچىلاپ قازانغا ياغ قۇيىۋاتسام ئۆگەي ئاپام كىرىپ قاراپ بېقىپ گەپ قىلماي چىقىپ كەتتى،سەۋزىنى قورۇدۇم قازانغا گۈرۈچنى سىلىپ بۇلۇپ ئاشنى دۈملەپ تۇرۇشۇمغا .ھىلىقى تۇققىنىمىز مەندىن تازا خاتىرجەم بۇلالماي كەپتۇ،
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئاش پىشقىچە بىردەم مۇڭداشتۇق،تاماقمۇ پىشتى قازاننىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ئاشنى ئارلاشتۇرۇپ ئەمدى لىگەنگە ئۇساي دەپ تۇرسام تۇڭلۇكتىن قازانغا بىر نىمە چۈشۈپ كەتتى.بىرلا ئېغىز ئۆي بۇلغاچقا مىھمانلارمۇ ھەممىنى كۆرۈپ ئولتۇردى.نىمىكىن دەپ قارىسام كالىنىڭ شاخىنداپ كەتكەن سۇيۇق شاتراق پۇقى ئىكەن،ئاشمۇ ھارام بولدى ماڭىمۇبەكلا ئەلەم بولدى.ئۆگەي ئاپامنىڭ ماڭا كەينى-كەينىدىن قىلغانلىرىنى ئويلاپ شۇ جايىمدىلا قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.مەن بۇلارغا نىمە يامانلىق قىلغان بولغۇيتۇم دىگەنلەرنى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزدۈم،ئىچىم بەكلا ئاچچىق بولدى،شۇ ئاچچىقىمدا نىمە كۆرسەم كۆرەي دەپ دادامنىڭ يېنىغا چىقسام بىچارە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ،كېسەل ئادەمنى تاشلاپ قۇيۇپ كىتىشكە يەنە كۆزۈم قىيمىدى.دادام ساقايغىچە چىشىمنى چىشلەپ تۇرۇشنى ئويلۇدۇم،ئارىدىن بىرە ئاي ئۆتۈپ كەتتى.دادامنىڭ كىسىلى بىر ئاز ياخشىلانغاندىن كىيىن بىر كۈنى ھەممىمىزگە دەيدىغان گىپى بارلىغىنى ئېيتىپ تاماققا چاقىردى.تۇققانلارنىڭ ھەممىسى كەلدى.قولمۇ -قول تۇتۇش قىلىپ لەغمەن ئەتتۇق،داستىخان سېلىنىپ تاماق تارتىلدى.ھىلىقى ئوقۇتقۇچى تۇققىنىمزمۇ مىنىڭ يىنىمدىلا ئولتۇرغان ئىدى.چىنىنى قولۇمغا ئالغىنىم بىلەن ئۆزىچە كۆڭلۈمگە شەك چۈشۈپ تاماقنى پەقەت يىگىم كەلمىدى.دادامنىڭ زۇرى بىلەن ھەممىسىنىڭ چىنىسى يېرىملاشقاندا تاماقنى ئارلاشتۇرۇپ بىر چۇكا ئاشنى ئاغزىمغا سېلىپ چاينىشىمغا چىشىمغا بىرنىمە ئۇرۇلۇپ ‹غىرىس› قىلىپ ئاۋاز چىقىشى بىلەن تەڭ ئاغزىم شۇنداق سېسىق بۇلۇپ كەتتى.ئاللاغا شۈكرى ھىلىمۇ تاماقنى يۈتمەپتىمەن،ئىتتىك ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرىتقا چىقىپ تاماقنى ئالقىنىمغا تۈكۈرۈپ ئۇنىڭ نىمىلىگىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇم،كەينىمدىن ھىلىقى ئوقۇتقۇچى تۇققىنىمىزمۇ تەڭ چىقتى.قاراپ ئۇنىڭ نىمىلىكىنى ئۆزەممۇ بىلەلمىدىم،ئەمما تۇققىنىمىز تەپسىلى قاراپ ئۇنى ‹توخۇنىڭ قۇرۇپ قالغان پۇقى ئىكەن،ئەگەر ئۇقۇشماي يەپ سالسا ئادەمنى ساراڭ قىلىپ قۇيىدۇ› دىدى.بۇگەپنى ئاڭلاپ مىنى بىرى چۆگىلىتىپ قۇيۇپ بەرگەندەك بۇلۇپ قالدىم،يا يىغلىشىمنى ياكۈلۈشۈمنى ياكى بىرەرسىگە بىر ئىغىز گەپ قىلىشنى بىلمەي گومۇش ئادەمدەك ھاڭۋىقىت تۇرۇپ قاپتىمەن،ھىلىقى تۇققىنىمىز مىنىڭ قولتۇقۇمنى يۆلەپ ئۆيگە ئەپ كىردى. دادام مەندىن نىمە بۇلغىنىنى سورىدى.مەن ئارىغا سوغوقچىلىق سالماي دەپ چىشىم ئاغرىۋاتىدۇ دەپ قويدۇم، www.iz.la
دادام دۇئا قىلىپ بولغاندىن كىيىن خېلى ئۇزۇن سۆزلىدى ئۇنىڭ نىمىلەرنى دىگىنى مىنىڭ قۇلۇقۇمغا زادىلا كىرمىدى، كۆزۈم ئۆگەي ئاپامدا ئىدى. ئۇ گويا بىر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغان كىچىك بالىدەك مېنىڭدىن كۆزىنى قاچۇرۇپ ئارامسىزلىنىپ جايىدا ئولتۇرالمايتى.شۇ كۈنى دادام ‹سەپەرگە چىقىمەن دەۋاتىسىز قىزىم، بۈگۈن مۇشۇ ئۆيدە قۇنۇپ قىلىڭ، ئەمدى كەتسىڭىز قاچان كۆرىشىمىز بۇنىسى ئاللانىڭ ئۆزىگە باغلىق ،پاراڭلىشىپ ياتىلى› دەپ بىزنى قوندۇرۇپ قالدى،مۇنداق ۋاقىتتا كىمنىڭمۇ كۆزىگە ئۇيقۇ كېلىدۇ دەيسىلەر؟ كىچىنچە بولغان ئىشلارنى ئويلاپ تاڭ سەھەردە كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىنىپ قاپتۇ، بىر چاغدا ئۆگەي ئاپام بىر چىقىراپلا ھەممىمىزنى ئويغىتىۋەتتى،بىز چۆچۈپ قارىساق ئۇ بىردەم قاقاقلاپ كۈلۈپ، بىردەم يىغلاپ، بىردەم كىملەرنىدۇ تىللاپ، بىردەم يۇمشاق گەپ قىلىپ، ئۆزىگە -ئۆزى سۆزلەپ ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىپىپ چىكەتتى. ھەممىمىز ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلىدۇق، شۇنداق قىلىپ مالىمانچىلىق ئىچىدە يەنە بىر كۈننى كۈتىۋالدۇق،ئۇ ھىچ ئەسلىگە كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئاخىرى دادام بىر پالچىنى باشلاپ كىلىپ ئۇنىڭغا چىراق باقتۇردۇق،پالچىنىڭ دىيىشىچە ئۆگەي ئاپام ئاللا كىملەرگە قەس قىلغانمىش،قەس قىلىنغۇچى تەقۋادار ئاقكۆڭۈل بولغاچ قەس ئۇنىڭغا ئۆتمەي ئۆزىگە يېنىپ كىتىپتۇ، يەنە بۇ قەسنىڭ ئاخىرىغا قانداقتۇر بىر مال -دۇنيا ۋەسۋەسىسى يۇشۇرۇنغان ئىكەن،دىمەك ئىشلار ئەمدى ئاشكارە بولىۋاتاتتى. دادام بىچارە قەس قىلىنغۇچىنىڭ ئۆز قىزى ئىكەنلىگىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن بولسىمۇ‹كىشىگە قىلسا ئۆزىگە يانىدۇ›دىگەن سۆزنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەي ئۆگەي ئاپامغا كايىپ يۈرەتتى، ئەمما ئۇنىڭ ئەس-يادى جايىدا بولمىغاچ ئالا-تاغىل سۆزلەپ ئولتۇراتتى.ئۆگەي ئاپام ئېلىشىپ قېلىپ بالىلار ھەم دادام قۇرساقتىن قىينالغىلى تۇردى. مۇنداق ۋاقىتتا مىنىڭ كىتىشىم تېخىمۇ مۇمكىن بۇلمىدى.ئۆگەي ئاپام ساقايغىچە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم.نىمىشقىدۇر ئۆگەي ئاپام مىنى كۆرسىلا چاچلىرىنى يۇلۇپ چىقىراپ كىتەتتى.شۇنداق قىلىپ چىراق باقتۇرۇپ، پىرە ئوينۇتۇپ، داخانغا ئوقۇتۇپ يۈرۈپ ئۇ ئاخىر نورمال ھالەتكە كەلدى. ئۇنىڭغىچىمۇ قىش كىتىپ ئەتىياز كىردى.ئويلىسام ئاپامنىمۇ كۆرمىگىلى خىلى بوپتۇ،بالىلارنى ئېلىپ ئاپامنى كۆرگىلى باردىم.دەل شۇۋاقىتتا ئۇلار چوڭ ئىنىمنىڭ تۇيىغا تەييارلىق قىلىۋىتىپتىكەن،بىرىپ توينى چىرايلىق ئۇزۇتۇپ بۇلۇپ دادامنىڭ قىشىغا بىرىش-بارماسلىق ئۈستىدە ئويلاندىم،كىيىن ئاپامنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا ھەمرا بولغاچ بىرمەزگىل تۇرۇشنى توغرا تىپپ،بىرەر ئىش تېپپ بولغىچە كىشىلەرنىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇدۇم،تامىقىنى ئەتتىم،بالىسىنى باقتىم،كىيىن بىر ئايالنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن گۈلزارنى كىيىم تىكىشنى ئۈگىنىدىغانغا بىر ماشىنچى ئايالغا ھۆنەرگە بەردىم، ئەپسۇس گۈلزار ئۇيەردە 6 ئاي تۇرغان بولسىمۇ، ئايال گۈلزارغا ھۆنەر ئۈگەتمەي مەخسۇس ئۆي ئىششىغا سېلىپ بالا باقتۇرۇپتۇ، بارغانسىرى كۈنلىرىمىز تەسلىششكە باشلىدى.مول-ھوسۇللۇق كۆز ئاخىر يىتىپ كەلدى.مەن باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ گۈلنارنى ئاپامنىڭ يېنىغا قۇيۇپ،كىچىك ئىنىم بىلەن مەمەتنى ئېلىپ،قۇچاقتىكى گۈليارنى كۆتۈرۈپ قۇناق پاساڭ قىلىشقا چىقتۇق، بۇ يەردىمۇ ئىششىمىز ئانچە ئاقماي قۇرساققا ئاران ئىشلىيەلىدۇق.دەل شۇ كۈنلەردە دادام تەرەپتىن خەۋەر كىلىپ قالدى. بارسام ئاغزىغا سۇ تېمىتىۋىتىپتۇ.ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ساقىيىپ كىتەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ ماڭا ئادەم ئەۋەتىپتىكەن. رەھمەتلىك ماڭا تارتىشىپ قالغان چىغى مەن بىرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قۇلىنى تۇتسام ئۇ ماڭا: [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
جېنىم بالام، دۇنيانىڭ راھىتىنى كۆرمىگەن قىزىم،ئاتا-ئانىسى ھايات تۇرۇپ مۇساپىر بولغان بالام،مىنىڭدىن نەسىھەت ئىلاج قىلىپ چوڭ شەھەرگە چىقىپ كىتىڭ ھىچكىمگە مۇھتاج بولمايسىز،مىنى نامىزىڭىزدا ياد ئىتىپ تۇرۇڭ كۈنلىرىڭلار ياخشىلانغاندا تۇپراق بېشىمنى يوقلاپ قويارسىز، ئىلاج بولسا ئانا باشقا بولسىمۇ تۇققانلىرىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ،ياخشى ئۆتۈڭلار مىنىڭ روھىم قۇرۇنۇپ قالمىسۇن،
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاپتۇرى؛قارا ھىجران ئىز تورى www.iz.la
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
