ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئاپتۇبوستىن قىستىلىپ تۇرۇپ مىڭ تەسلىكتە چۈشىۋالدىم، ئۆرە تۇرىۋېرىپ تېلىپ كەتكەن پۇتلىرىم سەل-پەل ئۆزىنى ئوڭشىغاندەك بولدى. بىراق، مېڭەم ۋاڭشىپ ئاغرىپ تۇراتتى. ئاپتۇبوس ئىچىدىكى ئادەمنىڭ جېقلىقىدىن ئەركىن نەپەس ئېلىشمۇ قىيىن ئىدى. ھەر ھالدا ئاپتۇبوستىن چۈشۈپ ساپ ھاۋادىن قېنىپ نەپەس ئالغىنىمغا شۈكرى قىلىپ، پىلانىم بويىچە دورىخانىنى نىشانلاپ ماڭدىم.كېچىچە يوتقان ئېچىلىپ كېتىپ شامالداپ قالغانمۇ تاڭ، ئەتىگەندىن بىرى زۇكامداپ پوتلامنى تارتىپ يۈرەتتىم. پۇت-قوللىرىم ماغدۇرسىز، كەچلىك تاماق ئەتكۈدەكمۇ ھالىم يوق، ئىدارىنىڭ يېنىدىنلا تەييار تاماق ئېلىۋېلىپ، ئاندىن دورا ئېلىش ئۈچۈن كېتىۋاتىمەن. يولدىشىم بولغان ئادەم ‹‹ھالىڭ نىچۈك؟›› دېمىسە، مۇشۇمۇ كۈن بولدىمۇ ئەمدى؟دورىخانىدىمۇ ئادەم جېق. خۇددى پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەر تالا-تۈزگىلا چىقىۋالغاندەك، ھەممىلا يەر مىغ-مىغ ئادەم. مۇشۇ ئىزىلىپ قالغان ھالىم بىلەن يەنە بىر ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ساقلاشقا توغرا كەلدى. دورىنىغۇ خالىغانچە تاللىيالايمىز، كېرەكلىك دورىنى ياكى قانداق كىسەل بولۇپ قالغىنىمىزنى دېسەكلا سىستىرالار لازىملىق دورىنى ئۆزى ئېلىپ بېرىدۇ، يامىنى پۇل تۆلەيدىغان يەر. دورا ئېلىپ پۇل تۆلەيدىغانلار ئاز ئەمەس ئىدى. قارىغاندا ماڭا ئوخشاش ئۇۋاغا نىسىپ بولغانلار ئاز ئەمەس ئوخشايدۇ، نەس بېسىپ بۈگۈنكىدەك ئادەم جېق كۈنگە ئۇدۇل كېلىپ قالغىنىچۇ تېخى!
پۇل ئالىدىغان سىستىرانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئەمدى دورىنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇشۇمغا تېلفۇنۇم سايراپ كەتتى. ئىكراندا يولدۇشۇمنىڭ نۇمۇرى چىرايلىق جىلمىيىپ تۇراتتى. تېلفۇننىڭ ئۇلاش كۇنۇپكىسىنى چېكىپلا قۇلۇقۇمغا تۇتتۇم:
-ۋەي!
-نېمە مۇشۇ كەمگىچە كېلىپ بولالمايسەن؟ قاي ۋاخ بولدى ھازىر؟ قۇرساقلار ئېچىپ تارتىشىپ كەتتى.
-مېڭىۋاتىمەن مانا! مەن دورىخانىدا، دورىنى ئېلىپلا ئۆيگە كىرىمەن. www.iz.la
ئادەم جېق يەردە تېلفۇندا ئارتۇق گەپ قىلىشنى لايىق كۆرمەي شۇلارنى دەپلا تېلفۇننى قويدۇم. بىراق ئىچ-ئىچىمدىن بىر ئاچچىق تېپىشكە باشلىدى. مونۇ ئېرىم بولغان نوچى مىجەزىم يوق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنە ھالىمنى بىر سوراپ قويۇشنىڭ ئورنىغا قورساق دەۋاسى قىلىۋاتاتتى. زادى ‹‹ئەر كىشى دېگەنگە ساق بولسا ياقىدۇ، كىسەل بولسا نېرى قاچىدۇ›› دېگەن گەپ راست ئوخشايدۇ. كۆڭلۈمدە ‹‹خەپ›› دەپ تۇرۇپ لىۋىمنى چىشلىدىم.
-يىگىرمە ئۈچ يۈەن بوپتۇ.
سىستىرا قىز دورىلارنى سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ ئالدىمغا قويدى. مەن قولۇمدىكى تېلفۇننى پوكەي ئۈستىگە قويۇپ، پورتىمالىمنى ئىزدەشكە باشلىدىم. توۋا، نېمانچە جېق نەرسىلەر دەيمەندە سومكىدىكى؟ باشقىلارنىڭ بولغان بولسا بىر پەدە زاڭلىق قىلار بولغىيدىم ھەقىچان! بىراق ئۆزۈمنىڭ سومكىسى، يەنە كېلىپ ھەممىسى كېرەكلىك نەرسىلىرىم. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
دورا پۇلىنى تۆلەپ تېلفۇن، پورتمال، دورىلارنى پۇرلاپلا ئېلىپ سومكىغا تىقتىم. ئۆيگە بېرىپ ئاۋۇ قۇرساقتىن باشقىسىنى ئاساسەن بىلمەيدىغان كاناي مۇئەككىلىنىڭ تويماس يەرلىرىنى بىر قاتار نىقتىمىسام بولمايتتى. ئىشقىلىپ بۈگۈن قۇرساق كۆپۈكىنىڭ ئۈستىگە قۇرساق كۆپۈكى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىنانىڭ ئالدىغا كېلىشىمگە ماۋۇ نەس باسقۇر ۋىتىۋالاق يەنە سايراپ كەتتى. قارىسام ناتونۇشلا بىر نۇمۇر، يەنە كېلىپ مۇقىم تېلېفۇننىڭ نۇمۇرىكەن. ئىسەنكىرەپقىنا تېلفۇننى ئۇلىدىم:
-نېمانداق كېلىپ بولالمايسىز؟ مىسىلدىماي تىزراق بولۇڭ. چىشىم بەكلا ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ،- تېلېفۇندىن ناتونۇشلا بىر ئايالنىڭ زىل ئاۋازى ئاڭلاندى.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
-نېمە؟ كىمۇ سىز؟ چىشىڭىز ئاغرىسا مەن قانداق قىلىپ بېرىدىكەنمەن؟،- دېدىم جىلىلىكتە ئاران تۇرغاندا ئاچچىقىمنى بېسىۋالالماي.
-سىز كىم؟ ئېرىمنىڭ تېلېفۇنى سىزدە نېمىش قىلىدۇ؟ مۇختەر قېنى؟ [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
-مۇختىرىڭىزنى مەن نېمە بىلىمەن؟ تېلفۇننى خاتا ئۇرىۋاپسىز خان، تەكشۈرۈپ قايتا ئۇرۇڭ.
شۇنداق دەپلا تېلفۇننى قويۇۋەتتىم. تۇرۇپلا كۈلگۈم كەلدى، ماشىنا ۋە دورىخانىدىكى قىستاڭچىلىق، مىجەزىمنىڭ يوقلىقىدا يولدىشىمنىڭ توڭ تېگىشلىرى بىر بولۇپ سەپرايىمنى ئۆرلىتىپ قويدىمۇ- تاڭ، تېلېفۇننى خاتا ئۇرۇپ سالغان گۇناھىغا ھېلىقى ئايالنى ئوبدانلا سىلكىپ سالغانلىقىمنى ئەمدى ھېس قىلدىم. ھايال ئۆتمەي تېلفۇن يەنە سايرىدى:
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
-يەنە نېمە...
-ھەي، سەن زادى كىمۇ؟ ئېرىمنىڭ تېلېفۇنى نېمىش قىلىدۇ سەن بىر نېمىدە؟
-ئېرىڭىزنىڭ قايسى تېلېفۇنى كىمدە، نېمە ئىش قىلىپتۇ سۆيۈملۈك خان؟ نېمانداق گەپنى چاغلىماي قىلىدىغان چوكان سىز؟ بۇ مېنىڭ تېلېفۇنۇم! ئۈچ يىلدىن بىرى مەن ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن. كۆزدىن چاتاق چىقمىغان بولسا بالىخانىمىزنى يوغان ئېچىپ، نومۇرنىڭ توغرىسىنى باسىلى!- ئاچچىقىم ئۇدۇل مېڭەمگە تەپتى. قارشى تەرەپ تەن بەرمەيدىغاندەك قىلاتتى.
-مەن گۇمانلانغان زادى، مانا قولۇمغا چۈشۈشتۈڭ بۇزۇق پەسەندىلەر. ھەي پاسكىنا، گېپىڭنى ئوچۇق قىل، سەن زادى قايسى ھايۋان نەسلىدىن؟
نىرۋام بىراقلا ئۆرلىدى:
-نېمە يۈز-خاتىرە قىلغاننى بىلمەيدۇ ماۋۇ بىشەم خوتۇن! ھەي كاللىسىنىڭ سۈيى ئارتىپ كەتكەن رەسۋا، كېمىڭنى تىللاۋاتىسەن ھە؟ ئېرىڭ بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا ھېساپنى ئۆزىدىن ئالمامسەن؟ بىر ئەر كىشىنى ئوڭشاپ ئەر قىلىپ، ئۆزۈڭگە قارىتىپ ئولتۇرالمىغان بولساڭ بۇ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى، نېمە مېنى تىللايتتىڭ؟ خاتا ئۇرۇپسىز دەپ تۇرسىمۇ يەنە ۋىتىلدايدۇغۇ بۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-نېمىنى خاتا ئۇرىدۇ ھە؟ بۇنىڭدىن توغرىسى بولىدىغان بولسا مەن مۇختەرنىڭ ئايالى بولماي قالارمەن. ئاغزىڭنى بۇزغانغا تويۇپ قالىسەن تېخى ھۇ نۇمۇسسىز بۇزۇقلار...
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
-نېمە ئالا قانجۇقتەك قاۋاۋېرىسەن ھەي پاسكىنا؟! يامان بولساڭ ئېرىڭنى تېپىپ سورا، بېشىڭنى ئون تاشقا ئۇرساڭمۇ بۇ تېلېفۇن مېنىڭ! ۋۇي ئېرىگە تېتىمىغان لەش كاۋا... ئىز تورى www.iz.la
دەيدىغانلىرىمنى دەۋېلىپ تېلېفۇننى قويۇۋەتتىم. ئىچىم ئاچچىق بولدى. ‹‹كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال›› دېگەندەك، ئېرىمنىڭ توڭ گەپلىرى قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەي تۇرۇپ يەنە بىر نەسچىلىك يۈز بېرىۋاتاتتى. تېلېفۇن بىلەن بولۇپ كېتىپ، تۆتىنچى قەۋەتتىكى ئۆيىمىزنىڭ ئالدىغا چىقىپ بولغىنىمنى تۇيماي قاپتىمەن. ئۇدۇل خوشنىمىز ئىشىكىنى قىيا ئاچقىنىچە ماڭا ھەيرانلىق نەزەرى بىلەن قاراپ تۇراتتى. ئۇ بايا تېلېفۇن ئۇرغۇچىغا دېگەن گەپلىرىمنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك، پىستە كۆزلىرىنى قىسىپ، چىرايىدىن ھەيرانلىق ئالامەتلىرىنى ياغدۇرۇپ ئۈنسىز قاراپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا سالام قىلغاندىن كېيىن، بىر كاللەك ئاچقۇچلار ئىچىدىن ئۆيۈمنىڭ ئاچقۇچىنى قايرىپ تۇتۇپ، ئىشىكنى شاراقشىتىپ ئېچىپ تىزلىك بىلەن ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. ئۇ ماڭا سالام قىلدىمۇ-يوق، ماڭا گەپ قىلدىمۇ-قىلمىدىمۇ، ھېچنېمىنى بىلمىدىم. ھازىرقىدەك چاغدا ئۇنىڭ سۇئال سورىشىغا پۇرسەت بەرسەم بولمايتتى. بولمىسا بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى سۆزلەي دېسەم تېخى، سۆزلىمەي دېسەم تېخى، تەسلىك بولاتتى.
ئىشىكتىن كىرىشىمگە بىزنىڭ زۇۋانى بالا ئەپەندىم كىرىسلودا ماي تارتىپ ئولتۇرۇپ تاماكا چەككىلى تۇرۇپتۇ.
-نېمە خۇيلىنىپ قالدىڭىز؟ مىجەزىم يوق دېگەن بولغاندىكىن كۆيۈنۈپ بولمىسىمۇ يارىشىغىنى قىلىپ ئەھۋال سوراپ قويىدىغان يېرى بار ئەسلى، ھەجەپ...
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-يارىشىغىنى باشقىلار قىلىپ بوپتۇغۇ ئەنە! مىجەز بولمىغان بىلەن باشقا ئەرلەر باركەن. ھەي، سەن كىمنىڭ دوپپىسىغا جىگدە سېلىۋاتىسەن ھە؟ ئەخلاقلىق ئايال، بالامنىڭ كۆيۈمچان ئاپىسى، ئاچچىقى يامان بولغان بىلەن ماڭا ئەقىدە قىلىدۇ، ۋاپادار خوتۇن دەپ يۈرسەم ئەمدى قىلمىغان مۇشۇ ئىشىڭ قالغانمىدى؟ گېپىڭنى ئوچۇق قىل، كىملەر بىلەن نەلەردە سۆرىشىپ يۈردۈڭ؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
يولدۇشۇمنىڭ بۇ زەھەردەك گەپلەرنى ماڭا دەۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلدىم، شۇ ھامان كەينىمگە، ئۆي ئىچىگە ئەلەڭلەپ قاراپ چىقتىم، مەندىن باشقا ھېچكىم يوق، ئۇنداقتا... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇ ئالدىنقى سەپكە ئاتلانغان ئەسكەردەك جەسۇرلۇق بىلەن ئالدىمغا كەلدى:
-گەپ قىلە، مۇشۇ كەمگىچە كۆڭلۈڭنى ئاغرىتماي، ‹‹ۋاي خوتۇن›› دەپ ئەتىۋارىڭنى قىلىپ كەلدىم. زادى نېمەڭ كەم سېنىڭ؟ قايسى ئىت پۇشتى بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ يۈردۈڭ؟
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-تۈزۈك گەپ قىلىڭ،- دېدىم ئاچچقىتىن بوغۇلۇپ،- كىم كىم بىلەن ئىش- پەش تارتىشىپتۇ؟ مەن ئىشتىن چۈشۈپ دورىخانىغا باردىم، ئابتۇبوس كېلىپ بولالماي بىر دەم ھايال قالدىم شۇ. شۇنىڭغىمۇ شۇنچە چېچىلىپ تىللاپ كەتكەن بارمۇ؟ مىجەزىم يوق بولغاندىكىن دورا ئالغىلى باردىم، نېمىسى يامان كېتىپتۇ؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-ئوبدان قىپسەن، دورىخانىدا تېلېفۇنۇڭنى ئېلىپ، قويۇپ بېرىدىغان ئەر تېلېفونىستلار باركەندە؟ تولا مېنى كولدۇرلىتىمەن دېمە! بۇنىڭدىن بۇرۇن نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ تېخى، بۇنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ...
-قانداق دېگەن تايىنى يوق گەپ بۇ؟-دېدىم ئاۋازىمنى تېخىمۇ يۇقۇرى قويۇۋېتىپ،- ئېرىم بولغان ئادەم ماشىنىسى بار تۇرۇپ ماڭا ئەسقاتمىسا، مىجەزىم يوق تۇرسىمۇ كوچا ئابتوبۇسىدا خەقلەر بىلەن قىستىلىشىپ يۈرسەم، ئىچ ئاغرىتىش يوق، تېخى ساراڭدەك جىدەل قىلىدىغان گەپمىكەن؟ نېمىڭىزگە نېمە يەتمەي مۇنداق ھاقارەت قىلىسىز مېنى؟ خەق بىلەن ئىش-پەش تارتىشتى دەيدىغانغا نېمە ئىسپاتىڭىز بار؟- يىغىدىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇپ تۇراتتىم. يۈرىكىم ئاغرىپ كەتتى. پۈتۈن ۋۇجۇدۇم غەزەپ بولۇپ يانماقتا ئىدى. يولدۇشۇم قولىنى شىلتىپ دېۋەيلىگىنىچە ئالدىمغا كەلدى:
-يەنە قانداق ئىسپات كېرەكتى؟ تېلېفۇنۇڭنى خەق ئالدى، بىلىۋاتامسەن؟ سېنى سورىسام ئۇيالماي ‹‹بىلمەيمەن، تېلېفۇننى كىمگە ئۇرغانتىڭىز›› دەيدۇ تېخى. ئالىدىغاننى ئېلىپ بولۇپ، يىغىشتۇرالماي بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالىدىكەن. ھەي، سەن زادى نومۇس قىلىشنى بىلەمسەن-ياقمۇ؟ -يولدۇشۇم كۆزلىرىمگە قادىلىپ تۇرۇپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى بۇرنۇمغا تىقىۋەتكۈدەك ھالەتتە چىنىدى ھەم ئېغىزلىرىدىن تۈكۈرۈك چاچرىتىپ تۇرۇپ قايناشقا باشلىدى،- راست گېپىڭنى قىل، كىملەر بىلەن؟... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىشىك تىرىقشىپ ئېچىلىپ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلۇم كىرىپ كەلدى. ئۇ ئايىغىنى سېلىپ ئۇدۇل ئالدىمغا كەلدى ۋە نېمىنىدۇر دېمەكچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللەپ، يەنە توختاپ قالدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-ئاۋۋال بالىنىڭ تامىقىنى بېرىۋەت، سەن بىلەن ھېلى ھېساپلىشىمەن،- يولدىشىم شۇنداق دېگىنىچە تاماكىسى بىلەن كۈلداننى كۆتۈرۈپ ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى. مەن گەپ قىلماي چاي ئۈستىلىدىكى تاماق قاچىلانغان سۇلياۋ خالتىنى ئېلىپ ئاشخانا ئۆيگە چىقتىم ۋە سۇلياۋ تاماق قاچىلىرىغا ئۇسۇلغان پولونى تاۋاققا تۆكتۈم. چاي دەملىگىچە، تاۋاقتىكى ئاشنى مىھمانخانىغا ئېلىپ چىقىپ چاي ئۈستىلىگە قويغىچە، پىيالىغا چاي قۇيۇپ ئوغلۇمغا سۇنغىچە ۋۇجۇدۇم ئوت بولۇپ ياندى، يۈرىكىم ئەلەمدە كۆيدى. ئىچ-ئىچىمدىن يىغا قىستاۋاتتى، بىراق يىغلىيالمىدىم. ھازىر يىغلىساممۇ بولمايتتى. قارىغا كەتكەنلىكىم ئېنىق تۇرۇپ، نېمىشقا يىغلاپ ئۆزۈمنى ئاجىز كۆرسەتكىدەكمەن؟ ئوغلۇمنىڭ ماڭا تىكىلگەن كۆزلىرى خاپىچىلىقىمنىڭ تېگىگە يېتىپ بولالماي ئاۋارە ئىدى. ئۇ پات-پات ماڭا قارايتتى، ئەمما ئارتۇق گەپ قىلمايتتى. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
ئۈن-تىنسىز ھالدا ئوغلۇمنىڭ تاماق يېيىشىگە قاراپ ئولتۇردۇم، ئۇ تامىقىنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ئۈستەلنى يىغىشتۇرىۋەتتتىم، ئاندىن ئۇنى ياتاق ئۆيىگە كىرىپ ئارام ئېلىشقا بۇيرۇپ، ئۆز ھوجرىمىز تەرەپكە ماڭدىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-ئاپا، تېلېفۇنىڭىزنى بىردەم ئوينايچۇ؟
ئوغلۇم ئادەتتە تېلېفۇن ئويۇنلىرىنى ئويناشقا ئامراق ئىدى. دەرسلىرىنى تەكرار قىلىپ بولغان ۋاقىتلىرىدا مېىنىڭ ياكى دادىسىنىڭ تېلېفۇنىدا بىردەم-يېرىمدەم ئويۇن ئوينايتتى. مەن گەپ قىلماي سومكامدىن تېلېفۇننى چىقىرىپ ئوغلۇمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ ھوجرا ئۆيگە كىردىم. ئەمما كىرىشىمگىلا كۈچلۈك تاماكا پۇرىقى دەستىدىن نەپەس ئالالماي قالدىم.
-گېپىڭىزنى ئەمدى دەڭە، ھېساپنىڭ چالىسى قۇرسىقىڭىزدا قالمىسۇن،- دېدىم يولدىشىمنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ،- ساقال ئەستاغپۇرۇللاغا يەتكەندە نەدىن تاپتىڭىز كۈنلەيدىغان ئىشنى؟ تېخى ئوچۇقتىن-ئوچۇق ھاقارەتلەپ. ئۆي تۇتقىڭىز بولمىسا ئوچۇق گەپنى قىلىڭ، مەن سىزگە... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-ساقالنىڭ ئەستاغپۇرۇللاغا يەتكىنىدىن خەۋىرىمىز باركەن ھە؟- يولدۇشۇم دېۋەيلەپ ئورنىدىن تۇردى،- ھالىمنى سورىمىدىڭ دەيسەن، سوراي دەپ تېلېفۇن قىلسام خەق ئېلىۋاتسا، ھالىڭنى نەدىن سورايدۇ؟ ئۇنداق ئىش يوق دېسەڭ چۈشەندۈر، نېمىشقا سېنىڭ تېلېفۇنۇڭنى باشقىلار ئالىدۇ؟
-ئۇنداق ئىش يوق، تېلېفۇن ئىزچىل يېنىمدا. باشقىلار ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇقۇشماي خاتا ئۇرۇپ...
-بىر قېتىمغۇ خاتا ئۇرىۋالارمەن، ئۈچ-تۆت قېتىممۇ خاتا ئۇرامدىمەن ھە؟ يەنە كېلىپ ئون ئىككى يىل ئۆي تۇتقان ئايالىمنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرىنى!
ئۇ گۈرەن تۇمۇرىنى كۆپتۈرۈپ قايناپ تۇرۇپ شۇلارنى دېدى، دېگەندىمۇ چىشلىرى ئارىسىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ، دانىمۇ-دانە قىلىپ دېدى.
-سىزگە قەسەم قىلپ بىرەي، تېلېفۇن مەندە ئىدى، يېنىمدا ئىدى، باشقىلار ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس...
-ئەمسە مەن ساڭا تۆھمەت قىلىۋېتىپتىمەندە! سەن شۇنداق دېمەكچىمۇ؟ - ئۇ سىنچى كۆزلىرىنى كۆزۈمگە تىكىپ ماڭا يېقىن سۈرۈلدى. ئۇنىڭ بۇ ئەلپازىدىن ھازىرلا مېنى ئۇرىۋېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ، سۈر بېسىپ كەتتى. لېكىن خورلۇق، ئۇۋالچىلىق تۇيغۇسى ئىچىمنى كۆيدۈرمەكتە ئىدى،- ھېلىقى سولتەكنىڭ گېپىنىڭ يوغانلىقىچۇ تېخى، بىر يەرنىڭ ھاكىمىدەك ۋارقىرايدا ئۇ گۇي!؟ ساڭا ئىشەنچ قىلمىسا نەدىن كېلىدۇ بۇ چوڭچىلىق ئۇنىڭغا؟ تېخى سېنىڭ تېلېفۇنۇڭنى ئېلىپ تۇرۇپ ماڭا ۋارقىراۋاتىدۇ، سەن پاسكىنا بۈگۈن گەپنى ئوچۇق قىل... ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرى قۇلۇقۇمغا كىرمىدى، ئۇ شۇنداق دېگىنىچە كېلىپلا كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن پىشانەمگە نوقۇدى. بۇ ئىش ماڭا شۇ قەدەر ئېغىر كەلدىكى، ئىچ-ئىچىمدىن تۆكۈلۈپ يىغلاپ كەتتىم. ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمەيتتى. ئۇنىڭ يەنە نېمىلەرنى دېگەنلىكىنىمۇ بىلمىدىم. بىر كەمدە ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكى چېكىلدى. يولدۇشۇم رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن ئىشىك ئېچىلىپ، ئوغلۇم تېلېفۇنۇمنى تۇتقىنىچە كىرىپ كەلدى. مەن ئاڭغىچە مەڭزىمنى بويلاپ ئاققان ياشلىرىمنى سۈرتۈپ ئاران ئۈلگۈردۈم. بەلكىم ئۈلگۈرمىگەندىمەن، ئىشقىلىپ، ئوغلۇم يىغلىغانلىقىمنى بىلىپ قالدى. ئۇ ئىشىكتىن كىرىپ ماڭا بىر نەرسە دېمەكچىدەك ئېغىزىنى ئۆمەللىدى، ئەمما كۆزلىرىمدىكى ياش يۇقىنى كۆرۈپلا سۆزلىيەلمەي تۇرۇپ قالدى. ئاندىن كەينىگە بۇرۇلۇپ ئاستا سىرتقا ماڭدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-ئەراپات، كەل بالام،- دېدى يولدۇشۇم ئۇنىڭغا قولىنى ئۇزۇتۇپ،- بىرەر ئىش بارمىدى؟
ئەراپات ماڭا قاراپ-قاراپ قويۇپ دادىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردى:
ئىز تورى www.iz.la
-ئاپامنىڭ تېلېفۇنى... مەن ئوينايدىغان ئويۇنلار يوق تۇرىدىكەن، ئاندىن ھېلىقى چاغدا تاغقا ئوينىغىلى چىققاندا چۈشكەن رەسىملەرنى كۆرەي دېسەم ئۇمۇ يوق تۇرىدۇ. باشقا بىرمۇنچە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى بار ئىكەن. شۇنى بىلەلمەي... بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئوغلۇمنىڭ گەپلىرىنى ئاڭقىرالماي كۆزلىرىم نەچچە چىمچىقلاپ كەتتى. ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن بولسۇنمۇ؟ بىراق، ئۇ شۇنداق دەۋاتاتتى.
-قانداقسىگە ئەمدى؟ ياخشىراق قاراپ باق!
www.iz.la
ئېغىزىم گەپكە كېلەر ئەمەس ئىدى. يولدىشىم ئوغلۇمغا شۇنداق دېگەچ ئۇنىڭ قولىدىكى تېلېفۇننى ئالدى ۋە بىر نېمىلەرنى قىلىپ ھەپىلەشكىلى تۇردى. ئۇنىڭ چىرايى بارا-بارا ئۆزگىرىپ ھەيرانلىق تۈسىنى ئالدى، ئاندىن ماڭا قاراپ چىرايىنى غەلىتە پۈرۈشتۈردى:
ئىز تورى بەك ياخشى
-سەن زادى كىمنىڭ تېلېفۇنىنى كۆتۈرۈپ كەلدىڭ؟
-يەنە... نېمە بولدى ئەمدى؟ ئۆزەمنىڭكىغۇ شۇ...
-سېنىڭمىكەن؟ ئوبدان بىر قارىغىنە!
يولدىشىم تېلېفۇنۇمنى يېنىمغا پوككىدە تاشلىدى. مەن تېلېفۇننى قولۇمغا ئېلىپ قاراشقا باشلىدىم. ئاق رەڭلىك، يىپ-يېڭى 4-ئەۋلاد ئالما تېلېفۇن. ئىكراندا ھەر خىل مەشغۇلات سىستىمىلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەن تېلېفۇننىڭ ئىچكى سىستىما مەشغۇلاتىغا ئۆتتۈم. توساتتىن ئۆزۈممۇ بىلمىگەن، كۆرمىگەن بىر مۇنچە نەرسىلەر كۆز ئالدىمدا پەيدا بولۇپ، تېلېفۇنۇمنىڭ ئىكرانىدا ئايلىنىشقا باشلىدى. يات كىشىلەرنىڭ رەسىملىرى، مەن كۆرۈپمۇ باقمىغان تېلېفۇن نۇمۇرلار، باشقا بىر ئىسىمدىكى ئۈندىدار، ماڭا ناتونۇش بولغان ئاللىقانداق ئويۇنلار... ھەممىسى مەن ئىلگىرى كۆرۈپمۇ باقمىغان نەرسىلەر ئىدى. ئەمما مېنىڭ ساقلىغان نەرسىلىرىم، ھازىرغىچە ئىشلىتىپ، كۆرۈپ كېلىۋاتقانلىرىمنىڭ بىرسىمۇ يوق. ھەتتا تېخى بايىلا دورىخانىدا تۇرۇپ يولدۇشۇمدىن كەلگەن تېلېفۇننىڭ نۇمۇرىمۇ يوق تۇراتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-بۇ... بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟...- ھەيرانلىقتىن خۇدۇمنى يوقاتتىم- قانداق بولۇپ...
-بۇنى مەن سورىسام بولا؟ قانداق گەپ بۇ زادى؟
نېمە ئىشلىقىنى ئىللا – بىللا بىلمەيتتىم. تېلېفۇنۇم قانداق بولۇپ تۇيۇقسىزلا مۇنداق ئۆزگىرىپ قالىدۇ؟ ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ كاللام قوچۇلۇپ كەتتى. شۇ تاپتىكى تەڭقىسلىقىمنى بىر ئۆزۈم بىلەتتىم. قانچە ئاختۇرۇپمۇ تېلېفۇن ئىچىدىن ئۆزۈمنىڭ نەرسىلىرىنى تاپالمىدىم، يەنە ئىزدىسەم يەنە شۇ ھەررەڭ – سەررەڭ بىر نەرسىلەر.
ئىز تورى بەك ياخشى
تۇيۇقسىز كاللامغا بىر ئىش كەلدى. قولۇمدىكى تېلېفۇن بىلەن ئۆزۈمنىڭ نۇمۇرىغا تېلېفۇن ئۇردۇم. تېلېفۇندىن مۇزىكىلىق قوڭغۇراققا تېخى يىڭىلا چۈشۈرگەن ‹‹مەن بىلەن ئۆتسەڭ›› ناملىق ناخشىنىڭ بىرىنچى مىسراسى چىقىپ ئىككىنچى مىسراسىغا ئۇلاشقىچە تېلېفۇن ئېلىندى:
-ۋەي!
-كىمۇ سىز؟ مېنىڭ تېلېفۇنۇم سىزدە نېمە ئىش قىلىدۇ؟
قارشى تەرەپ بىر ئەر كىشى بولۇپ، ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان سوراققا ئۆتتۈم.
-مەنمۇ سىزدىن شۇنى سوراي دەپ تۇرغان، ئۆزىڭىز كىم؟ مېنىڭ تېلېفۇنۇم سىزدە نېمە ئىش قىلىدۇ؟ مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
-مەن نەدىن بىلىمەن بۇنى،- ئاچچىقىمدا ئاۋازىم يوغان چىقىپ كەتتى،- مېنىڭ تېلېفۇنۇممۇ سىزدىكەنغۇ ئەنە. قانداق بولۇپ...
كۆز ئالدىم پاللىدە يورۇدى. تېلېفۇننىڭ ئالمىشىپ قالغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئەمما، نەدە، قاچان شۇنداق بولغاندۇ؟ دورىخانىدا يولدۇشۇم بىلەن سۆزلەشكىنىم ئېسىمدە، ئۇنىڭدىن كېيىن كوچىنىڭ ئو قاسنىقىدىن بۇ قاسنىقىغا مېڭىپ ئۆتتۈم. ماشىنىغا چىققۇدەك ياكى بىرەر ماگزىنغا كىرگۈدەك بولمۇدۇم. بىرەرسى بىلەنمۇ كۆرۈشمىدىم. بۇ تېلېفۇن سومكامدا تۇرۇپ ئۆزىچىلا مۇشۇنداق بولۇپ قالغانمىدۇ؟ قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئاۋازنى خېلى كۈچەپ ئېسىمگە سىغدۇرۇپ باقساممۇ بىرەر تونۇشۇمنىڭ ياكى خىزمەتدېشىمنىڭ زۇۋانىغا ئوخشىتالمىدىم. ئىز تورى بەك ياخشى
-بايا ئايالىم ئۇرغان تېلېفۇننى سىز ئالغانمۇ؟
يولدۇشۇم بىلەن بالام پۈتۈن ۋۇجۇدىنى كۆزگە ئايلاندۇرۇپ، ماڭا چىكىتتەك قادىلىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇلار زادى نېمە ئەھۋاللىقىنى بىلىشكە ئالدىرىسا كېرەك، جىددىيلەشكەنلىكى مانا مەن دەپ بىلىنىپلا تۇراتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-ئايالىڭىزمۇ، ئەمەسمۇ، ئۇنى مەن بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ بىرسى تېلېفۇن قىلدى...
-تېلېفۇن قىلدى دەپلا ئاغزىڭىزنى بۇزدىڭىزما؟
-ۋۇيت، تىشلىقتۇ غوجام؟ مەن ئاغزىمنى بۇزغان بولسام ئۇ باشقا بىر يېرىنى بۇزۇپتۇمۇ؟ ئۇمۇ دەردى چىققۇچە تىللىۋالدىغۇ؟! .. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
گەپ شۇ يەرگە يەتكەندە يولدۇشۇم ‹‹كاپ›› قىلىپلا تېلېفۇننى تارتىۋېلىپ سۆزلىشىشگە باشلىدى. يولدۇشۇم سىلىق-سىپايىلىق بىلەن ئىلمىي گەپ قىلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. سەلدىن كېيىن تېلېفۇننى قويۇۋەتتى. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
-دورىخانىدا تېلېفۇننى ئۈستەل ياكى پوكەيدەك بىر يەرگە قويغانمىتىڭ؟- دېدى ئۇ كۆزلىرىدە كۈلكە قاينىغان ھالدا.
-ھە...،- دېدىم ئەسلەشكە تىرىشىپ،- دورا پۇلىنى تۆلىگىچە پوكەيدە قويغان، نەچچە سىكۇنتلا تۇردى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
-دىققەت قىلساڭ بولمامدۇ؟،- دېدى يولدۇشۇم كۈلۈپ كېتىپ،- سەن تېلېفۇنۇڭنى قويغان پوكەيدە ئۇمۇ تېلېفۇنىنى قويغان ئىكەن. سەن ئالدىراپ مېڭىپ، ئۆزۈڭنىڭ تېلېفۇنىنى قويۇپ ئۇنىڭكىنى ئېلىۋالغان ئوخشايسەن. شۇنداقمۇ بىخەستەلىك قىلغان بارمۇ؟ ھەجەپ سەت بىر ئىشلار بولدى دېسە. يۈرە، چاپىنىڭنى كىيگىن. ماۋۇ تېلېفۇننى ئاپىرىپ بەرگەچ سېنىڭ تېلېفۇنۇڭنى ئەكىلىۋالايلى. بايىقى ئەر – خوتۇنلار مۇشۇ تۈپەيلى ئۇرۇشۇپ قاپتۇ، ياراشتۇرۇپ قويمىساق بولماس.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ يا كۈلۈشۈمنى، يا يىغلىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم. بايىقى دورىخانىدا تېلېفۇننى ئالغان-قويغىنىمنى ئەسلەپ كۆز ئالدىمدىن نەچچە ئۆتكۈزدۈم. توغرا، شۇ چاغدا... copyright by www.iz.la
تۇيۇقسىز مېنىمۇ كۈلكە قىستىدى. بايا يولدىشىغا تېلېفۇن ئۇرغان ئايال بىلەن تىللىشىپ كەتكىنىم يادىمغا يېتىپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدىم.
-ۋاي توۋا، قانداق بولار؟ ھېلىقى ئايالنى بەك سەت گەپ قىلىپ تىللىغان ئىدىم، يۈزىگە قانداق قارارمەن ئەمدى؟ سىز بېرىپ كېلىڭە بولدى.
-تىللاڭ دېسە،- يولدۇشۇم ھەييارلىق بىلەن كۆزىنى ئويناتتى،- ئوبدان تىللاپسەن، ئۇرۇشتۇرۇپ خاپىچىلققىمۇ سېلىپ بولدۇڭ، ئەمدى بىللە بېرىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ياراشتۇرۇپ قويمىساق بولماس؟
-بىزمۇ ئۇرۇشۇپ قالدۇققۇ؟ بىزنى كىم ياراشتۇرۇپ قويىدۇ؟-دېدىم مەن يولدۇشۇمنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە مىختەك قادىلىپ،- بايا ھەر نېمىلەرنى دەپ تىللاپ كەتكەنتىلە، ئەمدى ئولتۇرۇپ باشقىدىن دېيىشەمتۇق يا؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-بىزنى ئۇلار ياراشتۇرۇپ قويسۇن،- دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ مۇھەببەتلىك تىكىلىپ تۇرۇپ.
كەچكى شەپەق نۇرىغا چۈمكەلگەن شەھەر يولىدا ماشىنىلار قاتارىغا سىغدىلىپ، تېلېفۇننىڭ ئېگىسى ئېيتىپ بەرگەن مەنزىلگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئاپتۇرى؛ئاشەمگۈل ئىسمايىل ( تەبەسسۇم ) بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
