ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئومومەن ئۆيلەرنى بىزەشتە .ئاق رەڭ كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.ئاق رەڭ قوياش نۇرىنى قوبۇل قىلالمايلا قالماستىن بەلكى قوياش نۇرىنى قايتۇرۇپ ئۆيلەرنى كىشىلەرگە پاكىزە ئازادەۋە يوپ - يورۇق كورسىتىدۇ،شۇڭا كىچىك ياكى قاراڭغۇراق بولغان ئۆيلەرگە ئاق رەڭ ئىشلىتىش بەكمۇ مۇۋاپىق .ئەكسىچە ئۆي ھەم كەڭ ھەم ئازادە،ئۇنىڭ ئۈستىگە يورۇقلۇق بىرىشى تولۇق بولغان ئۆيلەرگە ئاق رەڭ بىرىش مۇۋاپىق ئەمەس ،بۇنداق بولمىسا،ئۆينىڭ يورۇقلۇقى كۆزگە دەخلى يەتكۈزۈپلا قالماستىن كىشىگە قۇپقۇرۇق كۆڭۈلسىز تۇيىلىدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
قىزغۇچ سىرىق رەڭنىڭ قايتۇرغان نۇرى ئۇنىڭ قوبۇل قىلغىنىدىن كۆپ بولىدۇ،ئۆي ئىچىدىكى تاملارنى مۇشۇنداق رەڭ بىلەن پەردازلىغاندا كىشىگە كۆركەم ،كۆڭۈللۈك،خۇش بۇي ۋە ئىللىق سىزىم بىرىدۇ.بۇنداق رەڭ قىش پەسلىدە ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كىلىۋىرىدۇ. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
قىزىل رەڭنىڭ تەسىرى نىسپەتەن كۈچلۈك بولۇپ،ئۆيلەرنى پەردازلاشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ،بىراق بەزى يىڭى ئۆيلەر كۆركەم .ئىللىق ھەم يىڭى توي بولغاندەك كەيپىياتنى يارىتىش ئۈچۈن تاملارنى ناھايىتى سۇس ھال رەڭ تۈستە بىزەيدۇ،رەڭگارەڭ لامپۇچكىلارنى ئىشلىتىپ ئۆينىڭ خۇشاللىق كەيپىىياتىنى تىخىمۇ قويۇقلاشتۇرىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىر مۇنچە كىشىلەر تامنى كۆكۈش ياكى سۇس يىشىل قىلىپ پەردازلاشقا خۇشتار.كۆكۈش رەڭ كىشىگە ساپ-تازا.ئازادە سىزىلىدۇ؛سۇس يىشىل رەڭ ئاسايىش-تىنىچ ھىسيات بىغىشلايدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۆي ئىچىنى پەردازلىغاندا بىر خىل رەڭلا كۇپايە قىلمايدۇ،تامنىڭ ئۈستى تەرىپىنى سۇسراق ،ئاستى تەرىپىنى قىنىقراق پەردازلاش پىرىنسىپى ئىگىلەش كىرەك،يەنى تورۇس بىلەن تامنى سۇسراق تامنىڭ يەر بىلەن تۇتاشقان قىسمىنى قىنىقراق رەڭ بىلەن پەردازلاش لازىم .بۇ بىز ياشاۋاتقان تەبىئەت موھىتى بىلەن ئوخشاشراق بولىدۇ.مەسلەن ،ئاسمان كۆكۈش،دالىلار ياپيىشىل،يەر قىنىق بىغىر رەڭ ياكى قىنىق قوڭۇررەڭ كىلىدۇ.
مەنبە............................تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى www.iz.la
