ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
نۆۋەتتە كىشىلەر ئۆي بېزەشتە ئىشلىتىۋاتقان سۈنئىي تاختاي، يېپىشتۇرغۇچ، تام قەغىزى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە مېتانول، بېنزول، ئاممىياك ۋە رادىيوئاكتىپ ماددىلار بولۇپ، بۇلار ئاساسەن ئۆي ئىچى مۇھىتىنى بۇلغايدىغان ئاساسلىق بۇلغىغۇچى ماددا ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ مېتانول ئاساسلىق راك ھاسىل قىلغۇچى ماددا، ئۇ كىشىلەرنىڭ كۆزى ۋە نەپەسلىنىش يولى شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئاخىرىدا ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىدىكى نورمالسىزلىقنى پەيدا قىلىپ، جىگەر، ئۆپكە ۋە مەركىزىي نېرۋا سىسىتېمىسىنىڭ فۇنكسىيەسىگە زىيان يەتكۈزۈپ، بوۋاقلارنىڭ بىنۇرمال تۇغۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ھازىرقى ئۆي جاھازلىرىغا كۆپ ئۆزەكلىك تاختاي، پىرېسلانغان تاختاي، كۆپ قەۋەتلىك يېپىشتۇرغۇچ قاتارلىقلار ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىنىدۇ، بۇ تاختايلارغا كۆپ مىقداردا يېپىشتۇرغۇچى خۇرۇج ئىشلىتىلگەن. بۇنداق يېپىشتۇرغۇچى خۇرۇجلارنىڭ تەركىبىدىكى ئاساسلىق بۇلغىغۇچى ماددا مېتانولدىن ئىبارەت. مېتانولنىڭ قويۇپ بېرىلىش ۋاقتى ئادەتتە ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولۇپ، ئۆينى بېزەپ بىر – ئىككى يىل ئىچىدە مېتانول پۈتۈنلەي پارلىنىپ چىقىپ كېتەلمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىچىدە زىيانلىق گازلارنىڭ مىقدارى نورمال چەكتىن ئېشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
بېنزول ئاساسلىقى يىلىم، سىر، بوياق ۋە يېپىشتۇرغۇچلاردىن كېلىدىغان بولۇپ، كۈچلۈك راك ھاسىل قىلغۇچى ماددىدىن ئىبارەت. ئەگەر كىشىلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى بېنزولدىن نەپەسلەنسە، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدا سېزىم يوقىتىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، يېنىك دەرىجىدىكى باش قېيىش، باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ھوشىدىن كېتىش ياكى نەپەسلىنىش سىستېمىسى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ھاياتىدىن ئايرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاممىياك گازىنىڭ ئۆي ئىچىدە نورمال چەكتىن ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قىش پەسلىدە قۇرۇلۇش قىلغاندا، بېتوندا ئورىيا تەركىبلىك توڭلاشتىن ساقلايدىغان دورىلار بولغاچقا، بۇ دورىلار ئاممىياك گازى قويۇپ بېرىدۇ. ئاممىياك بىر خىل كۈچلۈك غىدىقلاشچانلىققا ئىگە گاز بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تېرە ۋە كۆز قىسىملىرىدا كۈچلۈك غىدىقلىنىش ھاسىل قىلىپ، كىشىلەردە نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش، باش ئاغرىش، قېيىش، قۇسۇش، كۆزى ياشاڭغۇراشتەك كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بېزەش ماتېرىياللىرى قويۇپ بېرىدىغان ئاساسلىق رادىيوئاكتىپلىق ماددا رادوندىن ئىبارەت. رادوننىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى گىرانىت تاش، فارفۇر خىش ۋە گىپىس. رادوننى كۆرگىلى بولمايدۇ، پۇرىمايدۇ. ئوي ئىچىدە رادوننىڭ قويۇقلۇقى بەلگىلىك دەرىجىگە يەتسىمۇ كىشىلەر ئۇنى ھېس قىلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رادون كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا خەۋپ ئەكىلىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان، شۇنداقلا ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىككىنچى چوڭ ئامىل ھېسابلىنىدۇ. www.iz.la
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، مەملىكىتىمىزدە ھەر يىلى 50 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق رادوندىن زەھەرلىنىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىدىكەن.
