app دېتالى

تەۋىسسيەلىك
ئاۋات

ئۆي بېزەشتىكى بۇ ئۇسلۇبلارنى بىلەمسىز؟

ۋاقتى:2012-12-18 13:30مەنبە: يوللىغۇچى:ئابدۇرشىت چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيىنى قانداق ئۇسلۇبتا بېزىسە كۆركەم بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كاللىسىدا ئېنىقئۇقۇم بولمىغانلىقتىن، بۇ ئىشقا سەل قاراپ ئۆي بېزەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ پىلانى بويىچىلائۆيىنى بېزەپ بېرىشكە شەرتسىز قوشۇلىدۇ ھەم توختام تۈزىشىدۇ. ئاقىۋەتتە ئۆي بېزىلىپبولغاندىن كېيىن، ئۆيىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بېزەلمىگەنلىكدىن ئاغرىنىدۇ ھەتتا ئۆزىنىڭقانۇنىي ھوقۇق _مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن بېزىگۈچى ئورۇنلار ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگەئەرز سۇنىدۇ. بۇنداق بىر تالاي روھىي ۋە جىسمانىي زىيان نۇرغۇن كېلىشمەسلىكلەرنىئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە سىزنى  ئاز بولمىغان ئىقتىسادىي تالاپەتلەرگىمۇ دۇچار قىلىدۇ. شۇڭا ئۆيىڭىزنى بېزەشتىن بۇرۇن سىزدە چوقۇم ئېنىق بىر ئۇسلۇب ياكى شۇ ئۇسلۇبقا قارىتا تەپسىلىي پىلان بولىشى كېرەك.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

تۆۋەندىكىبۇ بىر نەچچە تۈرلۈك ئۆي بېزەش ئۇسلۇبلىرى بەلكىم سىزنىڭ دادىللىق بىلەن ئۆي بېزىشىڭىزگەياردىمى بولۇپ قالار.

ئىز تورى بەك ياخشى

ياۋروپا _ ئەرەپ بېزەكچىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن ئۆي بېزەكچىلىك ئۇسلۇبى

ئىز تورى www.iz.la

ئوتتۇرا دېڭىز ئۆي بېزەكچىلىكى دېڭىز بويىدىكى رايونلارنىڭ ئۆي بېزەش ئۇسلۇبىنى ئاساس قىلغان بېزەش ئۇسلۇبى بولۇپ، ئۆينىڭ بېزىلىشى شۇ رايوننىڭ ھاۋا كېلىماتى، جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە مۇھىتىغا زىچ گىرەلەشكەن بولىدۇ. ئۆيدىكى بارلىق تام گىرۋەكلىرى قىرسىزچىقىرىلىپ، ئاق ھەم يىرىك ھالەتتە بېزىلىدۇ. تامغا زىننەت قەغىزى چاپلانمايدۇ. دېرىزە، تەكچە ۋە ئىشىكلەرنىڭ شەكلى  يايسىمان ھالەتتەبولىدۇ. بۇنداق ئۇسلۇبتىكى ئۆيلەرگە ئاساسەن ساپ ياغاچ ماتېرىياللىرى، مەر _مەر تاشلار، قەدىمىي پۇراققا ئىگە سەنئەتلىك فار _فۇر خىشلار كۆپ ئىشلىتىلىنىدىغان بولۇپ، تورۇس، دېرىزە جاھازىلىرى، پەلەمپەي ساپ ياغاچ ماتېرىياللىرىدىن ئۆزگىچە بېزىلىپ، تەبىئەتنىڭئىللىق قوينىنى ئەسلەتسە، كارىدور تاملىرىدىكى زىننەت بويۇملىرى، ئويۇقتىكى مارجاندەك تىزىلغان مەر _مەر تاشلار دېڭىز ئاستىدىكى گۈزەل مەنزىرىنى ئەسلىتىدۇ. بۇنداق ئۆيلەر قارىماققا ئىنتايىن ئاددىي بېزەلگەندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، كىشىگە ئىنتايىنئازادە مۇھىت ھەم بەدىئىي زوق ئاتا قىلىپ، رومانتىك تۇيغۇغا باشلاپ بارىدۇ ئىز تورى بەك ياخشى

ياۋروپاچە ئۆي بېزەكچىلىك ئۇسلۇبى

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

ياۋروپاچەئۆي بېزەكچىلىك ئۇسلۇبىدىكى ئۆيلەرگە ياۋروپانىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت سەنئەتلىرى مۇجەسسەملەشكەن بولۇپ، بۇنداق ئۆيلەرنى بېزەشكە ئادەتتە ئىككى ياكى ئۈچ قەۋەتلىك قەۋەتلىك ئۆيلەر بەكمۇماس كېلىدۇ. بېزەك ماتېرىياللىرىغا ئاساسلىق ياغاچ ئويما نەقىشلىرى، گەج، گۈللۈك تام قەغەزلىرى كۆپ ئىشلىتىلىنىغان بولۇپ، ئۆينىڭ ئومۇمىي مۇھىت رەڭگى ئاق ياكى مېغىز رەڭدە بولۇپ، قېنىق رەڭدە پەردە تارتىلىدۇ ھەم ئۆي جاھازلىرى قارامتۇل قىزىل رەڭدە سىرلىنىدۇ. ياۋروپاچە ئۆيلەرنىڭ ئادەتتىكى ئۆيلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان يېرى شۇكى، ئۆينىڭتورۇسلىرى ئىگىز بولىدۇ، تورۇس ئەتراپىغا نەپىس ئىشلەنگەن تورۇس گۈللىرى ئورنىتىلىنىپ، خىرىستال چىراقلار ئېسىلىدۇ. يەرگە قېنىق بېغىرەڭ پول ياتقۇزۇلۇپ، ئۈستىگە قەدىمىيلىكتۈسى ئالغان زىلچە گىلەملەر قويۇلىدۇ. بۇنداق ئۇسلۇبتا ياسالغان ئۆيلەر كىشىگە بىردە خۇددى ياۋروپانىڭ قەدىمىي ئورمانلىقلىرىدىكى ياغاچتىن ياسالغان ئۈچ بۇلۇڭلۇق، سىرلىق داچىلارنى ئەسلەتسە، بىردە ياۋروپانىڭ قويۇق ئەنئەنىۋى سەنئىتى گەۋدىلەنگەن شاھ ئوردىلىرىنىئەسلىتىدۇ.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

مىللىيچەئۆي بېزەكچىلىك ئۇسلۇبى ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

مىللىيچەئۆي بېزەكچىلىك ئۇسلۇبىدىكى ئۆيلەرنىڭ بېزىلىشى باشقا دۆلەت ياكى مىللەتلەر كىشىلىرىنىڭئۆي بېزەش ئۇسلۇبىغا ئوخشىمايدىغان بىردىن _ بىر يېرى شۇكى، خاسلىق بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بۇنداق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆيلەرنىڭ بېزىلىشى شۇمىللەتنىڭ ئۆرپ _ئادىتى، مەدەنىيەت _سەنئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بولۇپمۇئۆينىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسى، مېھمانخانا، تورۇس ھەم ئىچكى تاشقى ھۇجرا ئۆيلەرنىڭبېزىلىشىدا قويۇق مىللىي تۈس گەۋدىلىنىدىغان بولۇپ، شۇ مىللەتكە تەۋە بولغان قول _ھۈنەر بويۇملىرى ئۆينىڭ ئاساسلىق ئورۇنلىرىغا زىننەت ئورنىدا ئېسىلىدۇ. ئۆينىڭ مۇھىتى، بەدئىيلىكىشۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئاممىباپ ئۆي بېزەكچىلىك ئۇسلۇبى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئاممىباپ ئۆي بېزەكچىلىك ئۇسلۇبىدىكى ئۆيلەرنىڭ بېزىلىش پەقەت ئۆي بېزىگۈچىنىڭ تەسسەۋۇرىغاشۇنداقلا ئېھتىياجىغا ئاساسەن بېزىلىدىغان بولۇپ، ئۆي قۇرۇلمىسىنى ئالاھىدە قىلىپ ئۆزگەرتىشياكى قىممەت باھالىق جابدۇقلارنى سېتىۋېلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. كۆپىنچى ھاللاردا ئۆينىڭبېزىلىشى بېزەتكۈچىنىڭ قىزىقىشى ياكى ھېس _ تۇيغۇسى بويىچە بېزىلىدۇ. بۇنداق ئۆيلەرگەئادەتتە ھور مۇنچىسى، ياۋروپاچە ئوچاق، قومۇشتىن توقۇلغان ساپا، زامانىۋىي يۇرۇشلۇك ئاشخانا ئىشكاپلىرى سەپلىنىدىغان بولۇپ، ھەر بىر ئېغىز ئۆيدىكى جاھازىلار، زىننەت بويۇملىرى بىر _بىرى بىلەن ئىنتايىن ماسلاشقان بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسلۇبتا بېزەلگەن ئۆيلەردە ئولتۇرۇش ھازىر ئاسىيالىقلاردا بىر قەدەر كۆپ ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇنداق ئۆيلەردە ئولتۇرۇش كىشىگەئازادىلىك ھەم راھەت تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  مەنبە ____ باغداش مۇنبىرى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(1)
25%
ئالقىشلايمەن
(3)
75%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس