تام بەك ئاق بولۇپ كەتسە ، كۆزگە ئاسان ئاق چۈشىدۇ

ۋاقتى:2010-08-03 17:24مەنبە: تەھىرىر:ئەخمەتجان ئۇبۇل چېكىلىشى:قىتىم
تام بەك ئاق بولۇپ كەتسە ، كۆزگە ئاسان ئاق چۈشىدۇ كۆپىنچە كىشىلەر ئۆينى ئاق رەڭدە ئاقارتىشنى ياكى ئوچۇق رەڭلىك فارفۇر خىش بىلەن بېزەشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن ئۆينىڭ تاملىرى بەك ئاق بولۇپ كەتسە، ئادەمنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىنى غىدىقلاپ، كۆزنى چارچىتىۋېتىدۇ. بولۇ
  
تام بەك ئاق بولۇپ كەتسە ، كۆزگە ئاسان ئاق چۈشىدۇ

كۆپىنچە كىشىلەر ئۆينى ئاق رەڭدە ئاقارتىشنى ياكى ئوچۇق رەڭلىك فارفۇر خىش بىلەن بېزەشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن ئۆينىڭ تاملىرى بەك ئاق بولۇپ كەتسە، ئادەمنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىنى غىدىقلاپ، كۆزنى چارچىتىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئەسلىدىنلا تۆۋەن بولغاچقا، بۇنداق مۇھىتتا ئۇلارنىڭ كۆزىگە ئاسانلا ئاق چۈشىدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    بۇھەقتە مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: كۆزگە ئاق چۈشكەندە كۆز گۆھىرى ئۆزگىرىپ ۋە ‹‹ئاجىزلىشىپ›› كۆز تۇتۇلىدۇ ھەم كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ، كۆرۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئۆينىڭ تېمى، يەرگە يېيىتىلغان فار فۇر خىش ۋە چىراغ نۇرى بەك ئاق بولۇپ كەتكەندە، قايتقان نۇر كۆزنى غىدىقلاپ، ياشانغانلارنىڭ كۆزىگە ئاق چۈشۈش نىسبىتىنى %45 ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، روھسىز بولۇشتەك ئالامەتلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئۆي بېزىگەندە ئامال بار تۇتۇق رەڭلىك فارفۇر خىشنى ئىشلىتىش، تامنىڭ رەڭگىنىمۇ بەك ئاق قىلىۋەتمەي، سۇس كۆك رەڭنى ئاساس قىلىپ ئاقارتىش كېرەك. ئاق رەڭدە ئاقارتىلغان ئۆيلەرگە گۈل – گىياھلارنى كۆپرەك تىزىش كېرەك.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

    ياشانغانلار كۆزىگە ئاق چۈشۈش ياشانغانلارنى كۆرۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقان ئامىلدۇر. شۇڭا، كۆزگە ئاق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۆز تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، دائىم كۆز گىمناستىكىسى ئويناپ بېرىش، ئۇنىڭدىن باشقا ئوزۇقلۇق ئارقىلىق تەڭشەشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بىر قىسىم كۆكتاتلار، بولۇپمۇ رەڭگى قېنىق يېشىل كۆكتاتلار، مەسىلەن: پالەك، يېشىل گۈل، كەرەم قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ كسانتوفىل ۋە زېئاكسانتىنلار بولۇپ، كۆزنى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرىدىن ساقلاپ، كۆزگە ئاق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ئىز تورى www.iz.la

ياخشىكەن
(8)
88.9%
ئالقىشلايمەن
(1)
11.1%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • يېڭى بېزىگەن ئۆيدىكى زەھەرلىك ھاۋانى تازىلاش ئۇسۇلى

    ئۆينى يېڭىدىن بىزەپ بولغاندىن كىيىن تېزدىن كۆچۈپ كىرمەڭ ، ئاۋۋال ئۆيدىكى زەھەرلىك گازلارنى ئۈزۈل كېسىل تازىلىۋىتىش كېرەك ، بولۇپمۇ كىچىك بالىلىرى بار ئائىلىلەر بۇ ئىشقا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك . 1. دېرىزىلەرنى ئېچىپ شامال ئۆتۈشتۈرۈڭ . يېڭىلا بېزىلىپ پۈ...

  • سالامەتلىككە پايدىلىق ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئۆلچىمى

    ئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنىدا تۆۋەندىكىدەك تۆت مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەنسە ،سالامەتلىككە پايدىلىق ئولتۇراق رايۇنى ئۆلچىمىگە يەتكەن بولىدۇ . 1.ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولسا ، سالامەتلىككە پايدىلىق ، ھاۋا ھالىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ئولتۇراق رايۇنىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۆلچەملەر...

  • كومپيۇتېر ئۆيىنى لايىھىلەشتە...

    كومپيۇتېر مەشغۇلات ئۆيىنى لايىھىلەش ۋە بېزەشتە تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ 1.كومپيۇتېر ياخشى ھاۋا ئالمىشىش مۇھىتىغا مۇھتاج. بۇ ، كومپيۇتېرنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشىغا پايدىلىق. شامال ئۆتۈشۈپ تۇرسۇن. بىراق چاڭ- توزان بولمىسۇن. 2.كومپيۇتېر قويۇلغان ئۆينىڭ...

  • گىلەمدىكى كۆيۈك ئىزىنى يوقىتىش

    گىلەمنىڭ ئۈستى ئازراق كۆيۈپ قېلىش تۈپەيلىدىن قارا ئىز قالغان بولسا، ئۇ ئانچە ئېغىر بولمىغان ئەھۋالدا، كۆيگەن جاينى يىرىك قىللىق چوتكا بىلەن چوتكىلىۋەتسىلا بولىدۇ. ئەگەر ئېغىرراق بولسا، گىلەمنىڭ ئۆي جاھازلىرىنىڭ پۇتىنىڭ ئاستىدا بېسىلىپ تۇرغان جايلىرىدىكى ي...

  • دېرىزە ئەينىكىدىكى ھاك يۇقۇندىلىرىنى چىقىرىش

    كونا ئۆيلەرنى رېمونت قىلغاندە ۋە ھېيت-بايراملاردا ئۆي ئاقارتقاندا ھەمىشە چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس مۇنداق بىر ئاۋارىچىلىق بىرگە كېلىدۇ: ھاك سۈيى ئىشىك-دېرىزە ئەينەكلىرىگە ھەرقانچە ئېھتىيات قىلغان بىلەنمۇ يۇقۇپ قالىدۇ. بۇنى ئادەتتىكى سۈزۈك سۇ بىلەن يۇيۇپ...