ئۆي بىزىگەندە رەڭنى ماسلاشتۇرۇشتا دىققەت قىلىدىڭىزمۇ ؟

ۋاقتى:2009-10-03 09:12مەنبە: تەھىرىر: چېكىلىشى:قىتىم
1.ئۆي بوشلۇقىدىكى ماسلاشتۇرۇلغان رەڭلەر ئۈچ خىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . ئاق ۋە قارىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ . 2.ئالتۇنرەڭ ، كۈمۈشرەڭلەرنى ھەرقانداق رەڭ بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا بولىدۇ . ئەمما ئالتۇنرەڭ سېرىق بىلەن ، كۈمۈشرەڭ ئاقۇش كۈلرەڭ بىلەن ماسلاشتۇرسا ئۈ
   1.ئۆي بوشلۇقىدىكى ماسلاشتۇرۇلغان رەڭلەر ئۈچ خىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . ئاق ۋە قارىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ . 2.ئالتۇنرەڭ ، كۈمۈشرەڭلەرنى ھەرقانداق رەڭ بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا بولىدۇ . ئەمما ئالتۇنرەڭ سېرىق بىلەن ، كۈمۈشرەڭ ئاقۇش كۈلرەڭ بىلەن ماسلاشتۇرسا ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ . 3.لاھىيلىگۈچى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، ئۆي جاھازىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ماسلاشتۇرۇلىشى : تامنى سۇس رەڭدە ، يەرنى ئوتتۇرىدىكى رەڭلەردە ، ئۆي جاھازلىرىنى قېنىق رەڭدە ماسلاشتۇرۇشتۇر . 4.ئاشخانىنى بېزىگەندە ئىسسىق رەڭلەرنى ئىشلەتمەڭ . 5.قېنىق كۆك رەڭلىك پول ياتقۇزۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭ . 6.ھەرگىز ئوخشىمىغان سۈپەتتىكى بىر تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى بىر يەرگە قويماڭ . بولمىسا سىز ئوڭايلا ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن . 7.سىز ئەگەر ھازىرقى زامانغا ماس كېلىدىغان ئۆي مۇھىتىنى بەرپا قىلماقچى بولسىڭىز ، ئامال بار گۈللۈك نەرسىلەرنى ئاز ئىشلىتىپ ، ساپ سۇس رەڭلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىڭ . 8.ئۆگزە تەگلىكىنىڭ رەڭگى چوقۇم تامنىڭ رەڭگىدىن سۇسراق بولۇشى ، ھىچبولمىغاندا بىر خىل بولۇشى كېرەك . ئۆگزە تەگلىكىنىڭ رەڭگى پەقەت ئاق ياكى تامنىڭ رەڭگىدىن سۇسراق رەڭلەر بولۇشى كېرەك . 9.قارا بىلەن ئاق رەڭنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشىلىتىڭ . ئاق رەڭ بىلەن قارا رەڭ ماسلاشتۇرۇپ بېزەلگەن ئۆي كىشىگە زامانىۋىيلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ ، مودا قوغلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ تاللىشى بولالايدۇ .ئەمما ئەگەر ئۆي ئىچىدىكى ئاق قارا رەڭنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى بەك زىچ بولۇپ كەتسە ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى كىشىدە كۆزلىرى تورلىشىدىغان ، جىددىيلىشىدىغان ، بىئارام بولىدىغان كەيپىيات شەكىللىنىپ قالىدۇ . ئەڭ ياخشىسى ئاق رەڭنى ئاساس ،باشقا رەڭلەرنى تۇلۇقلىما قىلىپ بېزىگەندە ، كىشىگە ئوچۇق يورۇق ، ئازادىلىك تۇيغۇسى بېرىلىدۇ .
ياخشىكەن
(7)
77.8%
ئالقىشلايمەن
(2)
22.2%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • يېڭى بېزىگەن ئۆيدىكى زەھەرلىك ھاۋانى تازىلاش ئۇسۇلى

    ئۆينى يېڭىدىن بىزەپ بولغاندىن كىيىن تېزدىن كۆچۈپ كىرمەڭ ، ئاۋۋال ئۆيدىكى زەھەرلىك گازلارنى ئۈزۈل كېسىل تازىلىۋىتىش كېرەك ، بولۇپمۇ كىچىك بالىلىرى بار ئائىلىلەر بۇ ئىشقا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك . 1. دېرىزىلەرنى ئېچىپ شامال ئۆتۈشتۈرۈڭ . يېڭىلا بېزىلىپ پۈ...

  • سالامەتلىككە پايدىلىق ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئۆلچىمى

    ئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنىدا تۆۋەندىكىدەك تۆت مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەنسە ،سالامەتلىككە پايدىلىق ئولتۇراق رايۇنى ئۆلچىمىگە يەتكەن بولىدۇ . 1.ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولسا ، سالامەتلىككە پايدىلىق ، ھاۋا ھالىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ئولتۇراق رايۇنىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۆلچەملەر...

  • كومپيۇتېر ئۆيىنى لايىھىلەشتە...

    كومپيۇتېر مەشغۇلات ئۆيىنى لايىھىلەش ۋە بېزەشتە تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ 1.كومپيۇتېر ياخشى ھاۋا ئالمىشىش مۇھىتىغا مۇھتاج. بۇ ، كومپيۇتېرنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشىغا پايدىلىق. شامال ئۆتۈشۈپ تۇرسۇن. بىراق چاڭ- توزان بولمىسۇن. 2.كومپيۇتېر قويۇلغان ئۆينىڭ...

  • گىلەمدىكى كۆيۈك ئىزىنى يوقىتىش

    گىلەمنىڭ ئۈستى ئازراق كۆيۈپ قېلىش تۈپەيلىدىن قارا ئىز قالغان بولسا، ئۇ ئانچە ئېغىر بولمىغان ئەھۋالدا، كۆيگەن جاينى يىرىك قىللىق چوتكا بىلەن چوتكىلىۋەتسىلا بولىدۇ. ئەگەر ئېغىرراق بولسا، گىلەمنىڭ ئۆي جاھازلىرىنىڭ پۇتىنىڭ ئاستىدا بېسىلىپ تۇرغان جايلىرىدىكى ي...

  • دېرىزە ئەينىكىدىكى ھاك يۇقۇندىلىرىنى چىقىرىش

    كونا ئۆيلەرنى رېمونت قىلغاندە ۋە ھېيت-بايراملاردا ئۆي ئاقارتقاندا ھەمىشە چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس مۇنداق بىر ئاۋارىچىلىق بىرگە كېلىدۇ: ھاك سۈيى ئىشىك-دېرىزە ئەينەكلىرىگە ھەرقانچە ئېھتىيات قىلغان بىلەنمۇ يۇقۇپ قالىدۇ. بۇنى ئادەتتىكى سۈزۈك سۇ بىلەن يۇيۇپ...