app دېتالى

تەۋىسسيەلىك
ئاۋات

قىش پەسلىدە ئۆي بېزىگەندە دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتىلار

ۋاقتى:2012-12-18 12:54مەنبە: يوللىغۇچى:palwan0998 چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

تۇرمۇش سەۋىيىمىزنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆي بېزەش بىر خىل ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇنداقتا قىش پەسلىدە ئۆي بېزىگەندە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

www.iz.la



  قىش پەسلىدە ئۆي بېزىگەندە ئۆي بېزەش ماتېرىياللىرىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۆي بېزەشتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ياغاچ ماتېرىياللىرى، گىپس تاختا قاتارلىقلار ئاسانلا نەم تارتىپ كۆكىرىپ قالىدۇ ھەمدە يېرىلىپ، شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى

قىشتا ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا، ياغاچ ماتېرىياللىرى تەركىبىدىكى سۇنىڭ نىسبىتى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالىدۇ، شۇڭا قىشتا ئۆي بېزىگەندە ياغاچ ماتېرىياللىرىنىڭ يېرىلىپ كېتىش ياكى شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىش ئەھۋاللىرىدىن ئاساسىي جەھەتتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۆي بېزەشكە كېتىدىغان ئاساسلىق ماتېرىياللارنى بولۇپمۇ ياغاچ ماتېرىيالىرىنى ئالدىنئالا تەييارلىۋېلىش، ئەڭ ياخشىسى پار بار ئۆيدە 3 كۈندىن 5 كۈنگىچە ساقلاپ ياغاچتىكى سۇ نىسبىتىنى ئازلىتىپ، كېيىن يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت ئۆي بېزەش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن چوقۇم ھاۋا ئۆتىشىدىغان، قۇرغاق، دېرىزە ۋە سۇ مەنبەسىدىن يىراق جايدا ساقلاش كېرەك. 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


  قىش پەسلىدە ئۆي بېزىگەندە ماتېرياللارنىڭ توڭلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. سېمونتتىن لاي ئەتكەندە قۇمنى ياخشى تاسقاش كېرەك، ئارىسىدا مۇز پارچىسى بولۇپ قالسا بولمايدۇ. قۇرۇلۇش ئېلىپ بارغۇچىلار ئەمەلىي قۇرۇلۇش ئېھتىياجىغا قاراپ ئاز مىقداردا توڭلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان پرېپارات ئارىلاشتۇرۇشى، لاي ئەتكەندە سۇنىڭ تېمپراتۇراسى 80 سىلتسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئىشلىتىدىغان چاغدا تەڭشەپ ئىشلىتىشى، ھەمدە قۇرۇلۇشنىڭ ئاسرىلىش ۋاقتىنى 48 سائەتتىن 72 سائەتكىچە ئۇزارتىشى كېرەك. سىمونت لاينى ئەڭ ياخشىسى ئۆي ئىچىدە ئېتىپ، توڭلاپ قېلىشتىن ساقلاش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، تامغا زاماسكىنى بەك قېلىن ئۇرىۋەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئۆينىڭ ھاۋاسى قۇرغاق بولغاچقا، سۇ ئاسانلا پارغا ئايلىنىپ كېتىپ، كاۋاك بولۇپ قېلىش، يېرىلىپ كېتىش، تام يۈزى تەكشى بولماسلىقتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. 
ئىز تورى بەك ياخشى


  قىش پەسلىدە ئۆي بېزىگەندە مۇھىت تېمپراتۇراسىغا دىققەت قىلىش كېرەك. سىرچى تۇرلۇك لاك سىرلارنى ئىشلەتكەندە، مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشىدىكى تېمپراتۇرا ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى، لاك سىر بەرگەندە ئەتىراپتىكى مۇھىتنىڭ تېمپراتۇراسى 5 سىلتسىيە گرادۇستىن تۆۋەن بولماسلىقى، بولۇپمۇ دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئارىلاشما لاك سىر بېرىشتىكى مۇھىت تېمپراتۇراسى 0 سىلتسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولۇشى، پارقىراق لاك بېرىشتىكى مۇھىت تېمپراتۇراسى بولسا 8 سىلتسىيە گرادۇستىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. قىش پەسلىدە ئۆي بېزىگەندە يەنە ئىشىك، دېرىزىلەرنى ھىم ئېتىۋېتىپ، ئۆي ئىچى تېمپۇراتۇراسىنىڭ ئاز بولغاندىمۇ 5 سىلتسىيە گرادۇستىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ سىرچىلىق قىلغاندا ئۆينى ئىسسىق ساقلاشقا بەكرەك دىققەت قىلىپ، سىر پۈتۈنلەي قۇرىغاندا ئاندىن ئىشىك- دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك. قىش پەسلىدە سىر تېز قۇرۇيدىغان بولغاچقا، ھاۋادىكى مىكرو تۇپا- چاڭلارنىڭ يېپىشىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، شۇڭا سىرنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


  فارفۇر خىشنى چوقۇم سۇغا چىلىۋېتىپ ئىشلىتىش كېرەك. قىش پەسلىدە سىرت بىلەن ئۆي ئىچى تېمپراتۇرسىنىڭ پەرقى چوڭ بولغاچقا، مەيلى تام خىشى بولسۇن ياكى يەر خىشى بولسۇن، ئۆي ئىچى تېمپراتۇراسىغا ماسلاشقاندىن كېيىن ئاندىن يېيىتىش، چاپلاش كېرەك.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مۇشۇنداق قىلغاندا، كېيىن كاۋاك بولۇپ قېلىش، چۈشۈپ كېتىشتەك ئەھۋاللاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، فارفۇر خىشنى يېيىتىپ، چاپلاپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا ئەنكاپلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. قىش پەسلىدە يەر خىشى ياكى فارفۇر خىش يېيىتىشتىن بۇرۇن ئوخشاشلا سۇغا چىلاش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا، تامغا چاپلىغان، يەرگە ياتقۇزۇلغان خىشنىڭ كاۋاك بولۇپ قېلىش، چۈشۈپ كېتىش ئەۋاللىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 

copyright by www.iz.la


  قىش پەسلىدە ئۆي بېزىگەندە ھاۋانىڭ مۇۋاپىق ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قىش پەسلىدە، ئۆي ئىچىنىڭ نەملىكى، تېمپراتۇراسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ئارقىلىق ئۆي بېزەشتە ئىشلىتىلىدىغان تاختا ماتېرىياللار مەسىلەن، ئۆزەك تاختا، تۈرلۈك پەنەركە شۇنداقلا گەج بويۇملىرى قاتارلىق ماتېرىياللارنىڭ قۇرۇلۇشتىن كېيىنكى مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما يەنە ۋاقتىدا تازىلاشقا، دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشقىمۇ دىققەت قىلىپ، ئۆي بېزەش ماتېرىياللىرىدىكى زەھەرلىك گازلارنىڭ چىقىپ كېتىشىگىمۇ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس