ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم 1976-يىل 12-ئاينىڭ 16- كۈنى غۇلجا شەھىرى قارىۋاي مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. 1983- يىلدىن 1996- يىلغىچە غۇلجا شەھەرلىك32-باشلانغۇچ مەكتەپ، 14-ئوتتۇرا مەكتەپ،5 -ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1999- يىلىئوقۇش پۈتتۈرگەندىن بۇيان << ئىلى دەرياسى >> ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەپ كەلمەكتە. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئۇ 1992- يىلى << ئىلى گېزىتى >> دە ئېلان قىلىنغان << ئۆزۈم ئويغىناي >> ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىي ھاياتىنى باشلىغان، ھازىرغىچە شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر - داستان، 50 پارچىگە يېقىن تارىخ ۋەئەدەبىياتقا ئائىت ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. 20پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە خەنزۇ ئوبزورچىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن. قازاقىستاندا چىقىدىغان ئۇيغۇرچە «مەرىپەت »، «ئىنتىزار» ژۇرناللىرىدا بىرتۈركۇم شېئىرلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلۇپ، شېئىرلىرى ۋە ئىجادىى ھاياتىغا يۇقىرى باھا بېرىلگەن. ئاسىمجاننىڭ «ئوبۇلقاسىمىنىڭ يەرلىرى»، «كىتابلىرىمنى كۆيدۈرۈۋەتتىم»، «سۇ تالىشىش»، ‹‹يالغۇزلۇقۇم ئېسە قىلغاندا» قاتارلىق شېئىرلىرى مۇكاپاتلانغان ۋە ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان.
2012-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «كەشتە يوپۇرماق»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئاي بولمىسا يۇلتۇز بار» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. 2013-يىلى «كەشتە يوپۇرماق» ئىلى ئوبلاستى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىدا «ئىلى ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم ھازىر جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى . شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ توختاملىق يازغۇچىسى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
