ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيىتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنىڭ بىرى «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ»، «توزان قەسىدىسى»، «ساقايماس ئاغرىقكەن ۋەتەن ئاغرىقى»، «تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش» قاتارلىق شېئىرلارنىڭ ئاپتورى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىق ئوغلى، ئاتاقلىق شائىر، داڭلىق ئەدەبىي تەرجىمان، تەلەپچان مۇھەررىر ئوسمانجان ساۋۇت 2013-يىلى 18-ئۆكتەبر (جۈمە كۈنى) ئۈرۈمچىدە 68 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. www.iz.la
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ تەرجىمھالى:
ئاتاقلىق شائىر ئوسمانجان ساۋۇت 1945-يىلى ماناس ناھيىسدە تۇغۇلغان. 1966-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋىرستېتىنىڭ تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.1981-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە بېيجىڭدىكى لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدا ئوقۇغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىرلىك خىزمەتلىرىدە بولغان.
مەرھۇم شائىر ئوسمانجان ساۋۇت 1961-يىلى تۇنجى شېئىرىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپلىگەن شېئىرلارنى ۋە تەرجىمە شېئىرلىرىنى يورۇقلۇققا چىقارغاندىن سىرت «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ»، «تاڭ لىرىكىلىرى»،تەڭرىتاغ شاماللىرى»، «تۈن تىۋىشلىرى»، «تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش»، «گۈللەر سۆزلەيدۇ» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
ئۇنىڭ «ياڭرا ئەجەم»، «ۋەتىنىم سۈت بەرگەن ھالال ۋە ئاپئاق»، «يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا»، «توزان قەسىدىسى» قاتارلىق شېئىرلرى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئۇ تالانتلىق شائىرلا بولۇپ قالماي يەنە ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان ئىدى. 1979- يىلى قۇرمانغالى ئوسمانوۋنىڭ قازاق تىلىدىكى «ئۇنىڭ ئوڭى ۋە چۈشى» ناملىق داستانىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بىلەن ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك شائىر- يازغۇچىلارنىڭ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئىگىدارى پابلو نىرودا قاتارلىقلارنىڭ «يۈرەك»، «سۆيگۈ»، «ئادەم» دېگەندەك شېئىرلىرىنى، «مەڭگۈلۈك قانۇنىيەت»، «كۈلگۈلۈكمۇ، يىغلىغۇلۇقمۇ؟» دېگەن رومانلىرىنى، «ئاھ، ياراتقان ئىگەم»، «ساھىبجامال ئالۋاستى»، «رەنا قىز كۆلى»، «قىزىل شالداما» دېگەن پوۋېستلىرى، داستانلىرى، ھېكايىلىرى، ئىلمىي ماقالىلىرىنى ھەمدە «يۇغۇرلار كەلمەكتە غەربىي جەنۇبتىن» دېگەن داستانىنى ۋە «رەقىبلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار» دېگەن تارىخىي كىتابلارنى، «ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» نى تەرجىمە قىلغان ئىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتى ئۆزىنىڭ 2012-يىللىق خىزمەت پىلانىغا ئاساسەن، 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى قارلەيلىسى مېھمانسارىيىدا ئوسمانجان ساۋۇت ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئاچتى ھەم تون كەيگۈزدى. تۆۋەندىكىسى مۇھاكىمە يىغىنىدىكى كۆرۈنۈشلەر: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
copyright by www.iz.la
