ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بۈيۈك ئالىمە، ئۇيغۇر مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان نەفىسىي تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىش نۇتقى
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئەزىز قېرىنداشلار:
ناخشا، كۈي-مۇزىكا ئىنسانىيەتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك يېشىل روھىي غىزاسىدۇركى، ئۇ ئىنساننىڭ روھىنى جانلاندۇرىدۇ، ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۆز ئانىسىنىڭ ئوغۇز سۈتى ئارقىلىق تۇنجى ماددىي غىزانى قوبۇل قىلسا، ئانىنىڭ ئاشۇ راھەتلىك ئۇيقۇ ئاتا قىلغۇچى يارقىن ئاھاڭ بىلەن ئوقۇغان ئەللەي ناخشىسىدىن تۇنجى ۋە ئەبەدىيلىك زۆرۈر بولغان مەنىۋى-روھىي ئوزۇق ئالىدۇ. شەكسىزكى، ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىيمۇ ناخشا ئوقۇشنى ئانىسىنىڭ ئەللەي ناخشىسىدىن ئۆگەنگەن؛ مۇزىكا-كۈي ئىجاد قىلىشتا بولسا، دادىسى مەھمۇد ئۇنىڭغا «ئاماننىسا» دەپ ئات قويۇشتىن بۇرۇن قۇلىقىغا چىللاپ تۇرۇپ ئوقۇغان يېقىملىق تەكبىرى ئەزاندىن ئەندىزە ئالغاندۇر. بامداد نامىزىغا، بەلكى ھەر قېتىملىق ناماز ئۈچۈن جامە مۇنارىلىرىدىن ياڭرايدىغان لەرزان-يېقىملىق ئەزان ئاھاڭىدىن ئىلھام ئېلىپ، «بەياد» (يادلاش، ئاللاھنى ياد ئېتىش)، «چەببەيات» (يەنى شەب بەياد: ئاللاھنى كېچىدە ياد ئېتىش) دېگەن مۇقاملارنى ئىجاد قىلغان؛ مەككە-مەدىنە ھەرەملىرىگە ھەج قىلىش قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ھەجچىلىرى، ئىراقنىڭ چۆلىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ غەزەل توۋلاپ، ناخشا ئوقۇپ، ئۆزلىرى يېڭىدىن ئىجاد قىلغان بۇ ناخشا-كۈيلىرىگە «چۆلى ئىراق مۇقامى» دەپ ئات قويغاندۇر. (قاراڭ: «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن»، قوليازما، 24-بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1982-يىل نەشرى)؛ ئەمگەكچان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مەخسۇس ئەمگەك قوشاقلىرىنى توقۇپ، ئۇنى گۈزەل مۇقام ئاھاڭلىرى بىلەن جاراڭلىق ئوقۇپ، ئەمگەك مۇشەققەتلىرىنى يەڭگەن بولسا، تۇغۇت، توي-تۆكۈندەك شادىيانە ئىشلار ئۈچۈن، مەخسۇس شاتلىقنى ئىپادىلەيدىغان يارقىن-يېقىملىق ئاھاڭلار بىلەن ياڭرايدىغان توي ناخشىلىرىنى ئىجاد قىلىپ ئوقۇپ، تۇرمۇشلىرىنى جانلاندۇرۇپ، رەڭدار بېزەپ كەلگەن. ھەتتا ئۆلۈم-مۇسىبەت ئۈچۈنمۇ ھەسرەتلىنىش، قايغۇرۇش، ھازىدارلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدىغان مۇڭلۇق ناخشا-كۈيلەرنى ئىجاد قىلىپ ئوقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي تەزىيە كۆڭۈللىرىنى ئىپادىلەپ كەلگەندۇر. ئەمدى، پەخىر-ئىپتىخارىمىز بولغان ئاماننىساخان نەفىسىي مانا مۇشۇنداق ئەقىدىلىك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھالال ئېغىز ئىجادىيەتلىرىنى خۇددى بۇغداي ئۈنچىلىرىنى تەرگەندەك بىردىن، بىردىن تېرىپ، جەۋھەر-گۆھەر توپلىغاندەك بىرمۇبىر توپلاپ، ئاخىرىدا بۈيۈك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى كۈي- تېكىستلىرى گەۋدىسىنى ھاسىل قىلغاندۇر.
روشەنكى، بۈيۈك بوۋىمىز ئەلىشىر غىياسۇددىن نەۋائىيدىن بىزگە مىليونلارچە خەتلىك يازما نادىر ئەسەر يادكار قالغان بولسا، بۈيۈك مومىمىز ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىيدىن ئون ئىككى ۋاقىت يىگىرمە تۆرت سائەتلىك ھەر بىر سوتكا ھاياتنىڭ مۇئەييەن پەيتلىرىدە، زوق-شوق بىلەن تەرەننۇم قىلىنغان ۋە ئەبەدۇلئەبەد تەرەننۇم قىلىنىدىغان ئۈچيۈز ئاتمىش ئاھاڭلىق گۈزەل كۈيلەر بىلەن ئۇنىڭغا جۆرە قىلىنغان نەچچە مىڭ بېيىتلىك ئاغزاكى ناخشا ئۆلۈمسىز ئەدەبىيات خەزىنىسى مىراس قالغاندۇر. ھالبۇكى، مۇشۇنداق تۆھپىكار، مۇشۇنداق مۆتىۋەر ۋە مۇشۇنداق بۈيۈك مومىمىزنى، شۇ قەدەر مۆھتەرەم ۋە شۇ قەدەر ئۇلۇغ ئالىمەمىزنى ھېچ بولمىسا، ئون يىلدا بىر نۆۋەت بولسىمۇ، خاس پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەشكە ھەقلىق ۋە مەجبۇرىيەتلىك ئەمەسمۇ بىز-ئەجەبا!
بىز بۈيۈك ئالىمە، بۈيۈك مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىينى خاتىرىلىگەن ۋاقتىمىزدا، ئاشۇ مۇقام رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن 16-ئەسىردىن تارتىپ، بىزمىڭ مۇشۇ زامانىمىزغىچە بولغان ئارىلىقتا، مۇقام خەزىنىمىزنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىگە كاپالەت قىلغان، ئۇنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە ھەقلىق رەۋىشتە يىلتىز تارتىشىغا ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشقان تۆھپىكارلىرىمىزنىمۇ تەشەككۇر تۇيغۇمىز بىلەن زىكىر قىلىپ تۇرىمىزكى:
ئۆز زامانىسىدا، خانىش ئاماننىساخان نەفىسىينىڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى كۈيلىرى ۋە تېكىستلىرىنى رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن يېتەرلىك ئىمكانلارنى يارىتىپ بەرگەن، ئۇنى قوللىغان ۋە قوغدىغان زات مەرىپەتپەرۋەر شائىر، تەرەققىيپەرۋەر پادشاھىمىز سۇلتان ئابدۇررەشىد خاندۇر! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى نەچچە مىڭ مىسرالىق مۇكەممەل تېكىستلىرى بىلەن، (خەت تونۇمىسىمۇ، نوتا بىلمىسىمۇ) ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئۇلاپ يادقا ئوقۇپ، يادقا ئورۇنلاپ، دەۋرىمىزگە يەتكۈزگەن گىگانت ئىنسان بۈيۈك ئۇيغۇر سەنئەتكارى، مۇقامشۇناس ئۇستاز تۇردى ئاخۇن كاشغەرىي ئاكىدۇر.
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى يوقىلىپ كېتىش گىردابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، نەچچە ئەۋلادتىن بۇيان مۇقامچىلىق بىلەن پېقىرانە ياشاپ كەلگەن مۇقام ئورۇنلىغۇچىلارنى ئىزدەپ تاپتۇرۇپ، مۇقام كۈيلىرى ۋە تېكىستلىرىنى زامانىۋى ئۈن-ئاھاڭ خاتىرىلىگۈچ ماشىنىلار ۋاسىتىسى بىلەن لېنتا-سىمغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈنالغۇلاشتۇرۇلۇشىغا ۋە نوتىلاشتۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغان زات تالانتلىق يازغۇچى، شائىر ۋە ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى سەيپىددىن ئەزىزىيدۇر. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ تۇنجى قېتىم بەش سىزىقلىق نوتىغا ئېلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان ۋە بىۋاسىتە ئەمگەك سىڭدۈرگەن زات خەلق سەنئەتكارى ۋە ئۇستاز مۇزىكاشۇناس ۋەن توڭشۇ ئەپەندىدۇر.ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى بىلەن مۇقام ئاھاڭلىرىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك رەتلىنىپ، بەش سىزىقلىق نوتىسىنى، تېكىستلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئوقۇلغۇسىنى، يېشىمىنى، خەنزۇچە تەرجىمىسىنى ۋە سۆزلۈك لۇغىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون ئۈچ توملۇق مۇكەممەل گىگانت ئەسەر بولۇشىنى ۋە ئۇنىڭ تۇنجى VCD ۋە DVD پىلاستىنكىلىرىنىڭ ئىشلىنىپ تارقىتىلىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن زات تالانتلىق يازغۇچى، شائىر ۋە داڭقلىق جامائەت ئەربابى تۆمۈر داۋامەت ئاكىدۇر.
مىلادىيە 2005-يىل 5-ئايدا، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى» (فورماتى 32 كەسلەم، 851 بەتلىك؛ كىتاب نومۇرى ISBN7-105-06934-1/J.547) ناملىق ژىرىك ئەسەر ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرىنىڭ ئېغىزاكى تەلەپپۇزلۇق شەكلى بىلەن ئاشۇ 16- ئەسىردىكى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسلىي شەكلىنى تۇنجى بولۇپ بىر كىتاب ئىچىدە كۆرسەتكەن، ئوقۇلغۇنى ئەسلىي يېزىق ئاساسىدا تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرگەن نادىر

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مىلادىيە 2005-يىل 5-ئايدا، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى» (فورماتى 32 كەسلەم، 851 بەتلىك؛ كىتاب نومۇرى ISBN7-105-06934-1/J.547) ناملىق ژىرىك ئەسەر ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرىنىڭ ئېغىزاكى تەلەپپۇزلۇق شەكلى بىلەن ئاشۇ 16- ئەسىردىكى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسلىي شەكلىنى تۇنجى بولۇپ بىر كىتاب ئىچىدە كۆرسەتكەن، ئوقۇلغۇنى ئەسلىي يېزىق ئاساسىدا تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرگەن نادىر
مەنبە. خەلق تورى