ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بۈيۈك ئالىمە، ئۇيغۇر مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان نەفىسىي تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىش نۇتقى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2005-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ كومىتېتىنىڭ خاس قارار ماقۇللاپ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى «ئىنسانىيەت ئاغزاكى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى» دەپ ئېلان قىلغانلىقى مۇقام تېكىستلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت سورۇنىدا پايدىلىنىش، ئېچىش، تەتقىق قىلىش ۋە قوغدىلىش بويىچە، ھەقلىق ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقىنىڭ مۇھىم دەلىلىدۇر.
ھېچ شەك يوقكى، شۇ قەدەر بۈيۈك مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ ساھىبى بولغان ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ بۇ خاس مىللىي مەدەنىيەت ئابىدىسى بىلەن پەخىرلىنىشكە ھەقلىقتۇر. خىرىس، ئىمكان ۋە ئىمتىھان ئىچىدە قايناپ تاشقان ۋە ئاداققىي بەسلىشىش ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان بۈگۈنكى مەدەنىي رىقابەت دۇنياسىدا، خەلقىمىز، خۇسۇسەن ياش ئەۋلادلىرىمىز بۈيۈك ئون ئىككى مۇقام ئۆز گەۋدىسىگە مۇجەسسەم قىلغان مەنىۋى بايلىقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ۋە ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق تەرەققىياتى ئۈچۈن سەرپ قىلىشنى ئوبدان بىلىشلىرى كېرەك. بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇقامى تېكىستلىرىنى تەتقىق قىلىشىمىزنىڭ، بىزنىڭ بۈيۈك ئالىمە، مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان نەفىسىينى چەكسىز غۇرۇر ۋە تويۇنغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇمىز بىلەن خاتىرىلىشىمىزنىڭ رېئال ۋە نەق ئەھمىيىتىمۇ دەل مۇشۇ يەردە! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
2014-يىل 9- ماي، بېيجىڭ.
(ئىزاھ؛ بۇ نۇتۇق « تارىخى رەشىدىي» (1551-يىل)، «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن» (1850-يىل)، «تارىخى ئەمنىييە» (1903-يىل)، «تارىخى ھەمىدىي» (1908-يىل) «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرىدىن-- ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى» (2005-يىل) ۋە «ئويغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» (2009-يىل) دېگەن ئەسەرلەردىكى بىلىكلەر ئاساسىدا تەييارلاندى)
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

مەنبە. خەلق تورى