app دېتالى

تەۋىسسيەلىك
ئاۋات

«قۇتادغۇ بىلىك»نى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان ئالىم

ۋاقتى:2014-04-29 13:05مەنبە: يوللىغۇچى:ئانىقىز چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  www.iz.la

مۇھەممەد قاسىم ئەمىن ھاجىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە 1930 –يىلى ھاللىق دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. شۇ زامانلاردا يېڭى پەننىي مەكتەپلەر ئېچىلغان بولۇپ، مۇھەممەد قاسىم ھاجىم پەننىي مەكتەپنىڭ ئاران 3- يىللىقىغىچە ئوقۇيالىغان. كېيىنچە مەدرىسىگە بېرىپ ئەرەبچە ۋە پارىسچە تىللاردا دەرس ئوقۇغان ئىكەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە: ئۇ مامۇت سىجاڭنى 6 ياش ۋاقتىدا قەشقەردە كۆرگەن ئىكەن. 1949- يىلى مۇھەممەد قاسىم ھاجىم ئاتىسى بىلەن ھەرەمگە ھىجرەت قىلىش مەقسىتىدە يولغا چىقىپ، قەشقەردىن يېڭىسارغا، يېڭىساردىن كونا گىلگىت يولى بىلەن پاكىستاننىڭ گىلگىت شەھىرىگە 28 كۈندە يېتىپ كېلىدۇ. گىلگىتتىن راۋۇلپىندىغا ئايروپىلان يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، شۇ يىلقى ھەجگە ئۈلگۈرەلمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن پاكىستاندا ئىككى يىلغا يېقىن تۇرۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. 1950 – يىلىنىڭ باشلىرىدا ئۇ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىگە يېتىپ كېلىدۇ. شۇ ۋاقىتتىكى مەككىنىڭ ئاتاقلىق ئۆلۈماسى ئەلەۋىي مالىكى دىگەن كىشىنىڭ قولىدا ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام دىنى دەرسلىكلىرىنى ئوقۇشقا باشلايدۇ. ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بەزى ئىلمىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە سودىگەرلىك يولى بىلەن تۇرمۇشىنى تەمىن ئېتىدۇ.

ئىز تورى بەك ياخشى

مۇھەممەد قاسىم ئەمىن ھاجىمنىڭ ئەمگەكلىرى

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

1- 1982- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئو ئىستانسىسىنىڭ جىددە شەھىرىدە ئېچىلغان ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدە تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بېرىش شەرىپىگە نائىل بولىدۇ. مەزكۇر رادىئودا تولۇق 10 يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، 1992- يىلى دەم ئېلىشقا چىقىپ، كىتاب يېزىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

2- « تۈركىستان ئەرلىرى»ناملىق ئەرەبچە بىر كىتاب يېزىپ چىققان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن ئالىم، ئىنقىلابچى، يازغۇچى ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت جەمى 2300 كىشىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇ كىتاب ھازىر نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

3- « پادىشاھلار ۋە خوجىلار زامانىدىكى تۈركىستان»ناملىق ئەسىرىنى يېزىش بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىرىنچى مانجۇر ئىستىيلاسىدىن باشلاپ ھازىرقى قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتىگىچە بولغان تارىخىي جەرياننى تونۇشتۇرغان. بۇ كىتاب 2001- يىلى ئىستانبۇلدا ئەرەب تىلىدا نەشىردىن چىققان. ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ تېپىلىدۇ.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

4- «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ پۈتۈن بېيتلىرىنى ئەرەب تىلىغا شېئىر شەكلىدە تولۇق تەرجىمە قىلغان. بۇ ئەسەرمۇ نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. مۇھەممەد قاسىم ئەمىن ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە: ئۇ «قۇتادغۇ بىلىك»نى 9 ئايدا تەرجىمە قىلىپ بولغان ئىكەن.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

5- 1993- يىلى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دۆلەت مەسئۇللىرىنىڭ تەكلىبى بويىچە سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر جامائىتى بۇ مەملىكەتلەردە زىيارەتتە بولغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ مۇھەممەد قاسىم ئەمىن ھاجىم بار ئىدى. مۇھەممەد قاسىم ئەمىن ھاجىم بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرىغا تەۋەلىكلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشلىرىنى ۋە ئۇلار بىلەن قان قېرىنداش ئىكەنلىكلىرىنى ئونۇتماسلىقىنى ئىلتىماس قىلغان ئىكەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

6- مۇھەممەد قاسىم ئەمىن ھاجىم 1993- يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى «ئۇممۇل قۇرا» ئۇنىۋېرسىتېتىدا « شەرقى تۈركىستاننىڭ ھازىرى ۋە ئۆتمۈشى»دېگەن تېمىدا ئەرەبچە لېكسىيە سۆزلەش ئارقىلىق ئەرەب زىيالىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغان.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مۇھەممەد قاسىم ئەمىن ھاجىم 10 بالىنىڭ ئاتىسى بولۇپ، ئۆزى ھازىر مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنىڭ مەسفەلە مەھەللىسىدىكى كىچىككىنە كۇتۇبخانىسىدا ھاياتىنىڭ قالغان قىسمىنى كىتاب كۆرۈش بىلەن ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

ياخشىكەن
(4)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس