ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
شائىر سۆز قىلماقتا
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوبۇلقاسىم قادىر خەۋىرى : يېقىندا ، ئۆمۈر مۇساپىسى 78 داۋاندىن ئاشقان ، قولىدىكى قەلىمىنى 60 يىلدىن بۇيان توختاتماي تەۋرىتىپ كەلگەن پېشقەدەم شائىر توختى قاسىم خۇشالنىڭ 60 يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى . مايتاغ نېفىت-خىمىيە سانائىتى شىركىتى زاۋۇت رايونىنىڭ رەھبەرلىرى ، قاراماي ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ، قاراماي كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مايتاغ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرى ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەۋەسكارلىرى ، شائىرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ، ئۇرۇغ-تۇغقان ۋە دوست بۇرادەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
يىغىندا توختى قاسىم خۇشالغا تون كىيگۈزۈلۈپ ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ، قاراماي يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئالاقىدار مەتبۇئات ، نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ تەبرىك خەتلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى . قاراماي ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن كەلگەن مېھمانلار شائىرنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى . يىغىندا يەنە توختى قاسىم خۇشال ئەسەرلىرى ھەققىدىكى مۇھاكىمە ماقالىلار ئوقۇلۇپ ، توختى قاسىم ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي قىممىتى ، قەلىمىدىكى ئىزچىللىق ، تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى .
شائىر توختى قاسىم 1935-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى شىخو شەھىرىدە تۇغۇلغان ، ئۇ باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى يۇرتىدا تاماملاپ ، 1950-يىلى 7-ئايدا ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن ، 1952-يىلى9-ئايدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىخو باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ھەم مايتاغ 1-باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان ، 1956-يىلدىن باشلاپ «شىنجاڭ نېفىتچىلىرى » گېزىتىدە تەھرىرلىك ، مۇخبىرلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن ، قاراماي كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى ( ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ نېفىت تېخنىكومى ) دا مەمۇرىي خادىم بولۇپ ئىشلەپ ، 1993-يىلى پېنسىيەگە چىققان . پېنسىيەگە چىققىلى 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولسىمۇ ، شائىر ئىزچىل تۈردە قەلىمىنى توختاتماي مايتاغنى ، ئىشچىلار تۇرمۇشىنى مەدھىيەلەپ شېئىر يېزىپ كەلگەن . www.iz.la
شائىر 1953-يىلى تارباغاتاي گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ۋەتەن-ئوغۇل قىزلىرى»دېگەن تۇنجى ئەسىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىنى باشلىغان . شۇنىڭدىن باشلاپ شائىرنىڭ 700 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ، ناخشا تېكىستىلىرى «شىنجاڭ گېزىتى»، «تارىم»، «ئىلى دەرياسى»، «مايبۇلاق »، « مايتاغ ئەدەبىياتى »، « ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى »، « شىنجاڭ نېفىت گېزىتى » قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى ، بىر قىسىم شېئىرلىرى «مايتاغ ناخشىسى » ، «ئىز دىيار لىرىكىسى » قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن . 2005-يىلى شائىرنىڭ « جۇڭغارىيە مەرۋايىتى » ناملىق شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان .ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، قاراماي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شائىر توختى قاسىمنىڭ 78 يىللىق ھايات يولى ، 60 يىللىق ئىجادىيەت مۇساپىسى نېفىتلىك بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولغاچقا ، نېفىت يۇرتىنى كۈيلەشنى ، نېفىت-خىمىيە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى سۆيۈشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى ھەم ئۆزىمۇ ئەمەلىيەتتە شۇنداق قىلدى . شۇڭا شائىرنى مايتاغ نېفىت-خىمىيە رايونىدىكى كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر «ئىشچىلار شائىرى»، « بىزنىڭ شائىرىمىز » دەپ تەرىپلەپ كەلمەكتە
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مايتاغ نېفىت-خىمىيە سانائىتى شىركىتى پارتكومىنىڭ ھەيئىتى ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى مەمەت ئېلى شائىر توختى قاسىمغا تون كىيگۈزمەكتە
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
