app دېتالى

تەۋىسسيەلىك
ئاۋات
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

پروبىركىدا يېتىشتۈرۈلگەن بوۋاق

ۋاقتى:2013-05-16 18:50مەنبە: يوللىغۇچى:رىسالەت چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
 
چاڭجياڭ كۈندىلىك گېزىتى مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرى:
قايتا توي قىلىپ ئۈچ يىل بولغان بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئايال ئىزچىل ھامىلىدار بولالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئېرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن چەتئەللەردە مودا بولۇۋاتقان پروبىركىدا ھامىلە يېتىشتۈرۈش تەجرىبىسىنى سىناپ باقماقچى بولغان...5-ئاينىڭ 15-كۈنى. 51ياشقا كىرگەن شيې خانىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىر ئوغۇل تۇغدى.
شيې خانىم بىلەن يولدىشى ئىككىسىلا قايتا توي قىلغانلار بولۇپ، ئىككىسىلا بۇرۇنقى ئېرى بىلەن بۇرۇنقى ئايالىدىن ئاجرىشىپ كېتىپ قايتىدىن تېپىشىپ توي قىلغان ئىكەن، ئىككىسىنىڭ بالىلىرىنى بۇرۇنقى ئېرى ۋە بۇرۇنقى ئايالىغا بۇيرۇپ بەرگەن بولغاچقا ئىككىسى قايتا بالىلىق بولۇش ئىستىكىدە ئۈچ يىل ساقلىغان، بىراق ئىزچىل ھامىلىدار بولالمىغان. شيې خانىم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ ئېتىلىپ قالغانلىقىنى، شۇڭا تەبىئىي ھامىلىدار بولۇش پۇرسىتىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم بولغانلىقىنى بىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بالىلىق بولۇش ئارزۇسىدا ئېرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك پروبىركىدا ھامىلە يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلىنى سىناپ باقماقچى بولغان.
نەچچە قېتىملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، شيې خانىم ئاخىرى ھامىلىدار بولغان، قورسىقىدىكى ھامىلىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، شيې خانىمدا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان بېسىم، قەنت سېيىش كېسىلى قاتارلىق كېسەللەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا ھامىلىدار بولغىنىغا سەككىز ئاي بولغان شيې خانىم ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جوڭنەن دوختۇرخانىسىغا كېلىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۈچ كىلوگراملىق ئوغۇل بوۋاقنى تۇغقان.
يەنە بىر قېتىم ئانا بولالىغانلىقىدىن بەكمۇ خۇش بولغان شيې خانىم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:«گەرچە قايتىدىن ھامىلىدار بولالىغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن شۇنچىلىك خۇش بولغان بولساممۇ بىراق يەنىلا ئاز بولمىغان ئەندىشەم بار ئىدى، چۈنكى باشقىلار يېشىمنىڭ بەك چوڭىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئەسلىدە موما بولۇشقا تېگىشلىك ياشتا قايتىدىن بالا تۇغۇشنىڭ بەكمۇ تەس ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كۆڭلۈمگە شۇنچىلىك كۆپ ئەندىشىلەرنى سېلىپ قويغان ئىدى...مانا ھازىر ئوغلۇم يېنىمدا تاتلىق ئۇخلاۋاتىدۇ، ھېچقانداق ئەندىشەم قالمىدى، بالامنى ساق-سالامەت چوڭ بولۇشىنىلا ئۈمىد قىلىمەن...»
بۇ دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى دوختۇرنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، شيې خانىم ئادەت توختاشتىن بۇرۇن ھامىلىدار بولغان بولۇپ، 51ياشقا كىرىپمۇ ھامىلىدار بولالىشى تېببىي ساھەدە بەكمۇ ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشقا چوڭىيىپ قالغاندا، قايتىدىن ھامىلىدار بولۇپ، قورساق كۆتۈرۈپ، يەنە ئاچچىق تولغاق يەپ بالا تۇغۇشمۇ ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس ئىكەن، شيې خانىم بەكمۇ چىدامچان ۋە غەيرەتلىك بولۇپ، دوختۇرخانىدىكى بارلىق دوختۇرلار بەكمۇ ھەيران قالغان ھەم ئۇنىڭ ئىرادىسىگە قايىل بولغان.
مۇتەخەسسىسلەر:
ياشتا چوڭىيىپ قالغاندا ھامىلىدار بولۇش بەكمۇ خەتەرلىك
ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قېلىشى تولىمۇ خۇشاللىق ئىش بولسىمۇ بىراق تېببىي ساھەدە ئانچە بەك قوللانمايدىغان، خەتەرلىك ئىش ئىكەن. لى دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى تۇغۇت يېشى 25ياشتىن 30ياشقىچە بولغان ۋاقىت بولۇپ، ئاياللارنىڭ ساغلام ھەم ئەقىللىق بوۋاق تۇغۇشىدىكى ئالتۇن ۋاقىت ئىكەن. يېشى چويىڭ قالغاندا قايتىدىن ھامىلىدار بولۇش خەتەرلىك ھامىلىدار بولۇش توپىغا تەۋە بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت سېيىش كېسىلى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەر ئاياللار ھامىلىدار مەزگىلىدە قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ئەھۋاللار بولۇپ ، تۇغۇلغان بوۋاقنىڭمۇ تۇغما يۈرەك كېسىلى، غەلىتە تۇغۇلۇپ قېلىش، ساغلام بولماسلىق ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن.
ياشانغاندا ھامىلىدار بولۇپ قالغان ئاياللار ئاساسەن ئۆزى تۇغالمايدىغان بولۇپ، چوقۇم ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشى كېرەك ئىكەن. چۈنكى ياشتا چوڭىيىپ قالغان ئاياللارنىڭ داس سۆڭىكى بەك قاتتىق بولۇپ، تۇغۇش قىيىن بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىكەن، شۇڭا ياشانغاندا ھامىلىدار بولۇپ قالغان ئاياللار ئۆزىنىڭ بەدەن سالامەتلىكىگە ئاساسەن چوقۇم ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئانا-بالىنىڭ ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ئىكەن.
يېمەكلىككە چوقۇم قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك
5-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇخبىر شيې خانىمنىڭ يولدىشىغا تېلېفون قىلىپ زىيارەت قىلدى. ۋاڭ ئەپەندىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۆزى بەكمۇ خۇش بولۇپ، ئايالى ۋە ئوغلىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئىكەن، ئايالىنىڭ سۈتىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ئوغلىنىڭمۇ ئانچە بەك جېدىلى يوق ئىكەن. شيې خانىمنىڭ سۈتىنىڭ كۆپ بولۇشى ئۇنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلىنىشقا بەك دىققەت قىلغانلىقىنىڭ پايدىسى بولۇپ، مايلىق تاماقلاردىن ئىزچىل ئۆزىنى تارتىپ كەلگەن. چۈنكى شيې خانىمنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى ۋە قەنت سېيىش كېسىلى بولغاچقا، خالىغانچە ئوزۇقلانسا ئۆزىگە ۋە قورسىقىدىكى ھامىلىگە بەلگىلىك تەسىرى بولىدىكەن، شۇڭا شيې خانىم بۇ سەككىز ئاي جەريانىدا ئىزچىل يېمەكلىككە ۋە ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلغان.
شيې خانىم ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن دوختۇرلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن بىر كۈندە ئالتە ۋاخ تاماق يەيدىغان يېمەكلىك رېتسېپىنى تۈزىۋالغان. بۇنىڭدا يېڭى بېلىق گۆشى، توخۇ گۆشىنى شورپا قىلىپ ئىچكەن، ئاندىن يېشىل سەيلەرنى كۆپرەك يېگەن، مېۋە-چېۋىلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلغان. شيې خانىم ھەركۈنى سەھەر سائەت بەشتە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزى ئۈچۈن تۇنجى ۋاخ تاماقنى تەييارلىغان، ئاندىن كەچ سائەت 11 لار بىلەن ئەڭ ئاخىرقى ۋاخ تاماقنى يېگەن. كۈندىلىك تاماقتىن كېيىن مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بەرگەن. شۇنداق قىلىپ 51 ياشقا كىرگەندە پاقلاندەك بىر ئوغۇلنى تۇغۇپ، ئېرى ۋە ئۆزىگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن. 
ياخشىكەن
(12)
46.2%
ئالقىشلايمەن
(14)
53.8%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس