ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قىز كەلتۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرگىڭىز بارمۇ؟ فرانسىيە جەنۇبىي برىگتانى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشچە، ئەگەر ئەرلەر گىتار كۆتۈرۈۋېلىپ، ناتونۇش ئاياللاردىن تېلېفون نومۇرىنى سورىسا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى %31 كە يېتىدىكەن، بۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى قۇرۇق قول بىلەن بارغان ئەرلەرگە قارىغاندا بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئەمما تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە، گىتار چالىدىغان ئاياللار ئەرلەرنى ئانچە جەلپ قىلالمايدىكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تەيۋەن «بىرلەشمە كەچلىك گېزىتى» دە ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ ئۇچۇرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بېرىلگەن خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيە جەنۇبىي برىگتانى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەرىكەت ئىلمى پروفېسسورى بىر نەپەر 20 ياشلىق يىگىتنى تەكلىپ قىلىپ، برىگتانىدىكى مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە رىشتە باغلاش تەجرىبىسى ئېلىپ بارغان، 18 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغان ئاياللار تەجرىبە ئوبيېكتى بولغان. بۇ يىگىت ئايرىم- ئايرىم 300 نەپەر ياش قىزغا «سىز چىرايلىقكەنسىز» دېگەن، ئاندىن قارشى تەرەپ بىلەن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇچرىشىش ئۈچۈن تېلېفون نومۇرىنى سورىغان. يىگىت بەزىدە قۇرۇق قول بىلەن، بەزىدە گىتار تۇتۇپ، بەزىدە تەنھەرىكەت سومكىسى كۆتۈرۈپ سوئال سورىغان، ھەر بىر «ئوبرازى» نى 100 قېتىم ئىشلەتكەن.
يىگىت گىتار تۇتۇپ تۇرغاندا، ئاياللارنىڭ %31 تى ئۇنىڭغا تېلېفون نومۇرىنى بېرىشكە قوشۇلغان؛ يىگىت قۇرۇق قول تۇرغاندا، ئاياللارنىڭ %14 تى ئۇنىڭغا تېلېفون نومۇرىنى بېرىشكە قوشۇلغان؛ يىگىت تەنھەرىكەت سومكىسى كۆتۈرۈپ تۇرغاندا بولسا، ئاياللارنىڭ ئاران %9 تى ئۇنىڭغا تېلېفون نومۇرىنى بېرىشكە قوشۇلغان.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، گىتار تۇتۇپ تۇرغان يىگىت قىزلارنى ئاسانراق كەلتۈرەلىشىدىكى سەۋەب، ساز چالالايدىغان كىشىلەر باشقىلارغا ئەقىللىق، يېڭى ماھارەتنى ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن، ئۆزگىچە قىزىقىشى بار، دېگەن تەسىرلەرنى بېرىدىكەن. يەنە بىر ئېھتىماللىق بولسا، تاراتقۇلارنىڭ مۇزىكانتلارنى گەۋدىلەندۈرۈش شەكلى كىشىلەرگە گىتار چالالايدىغان كىشىلەر جەلپكارلىققا ئىگە دېگەن تەسىرنى بەرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە تىلئاۋېۋ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېن گۇرىئون ئۇنىۋېرسىتېتى بۇلتۇر بىرلىكتە 100 نەپەر ئايالغا قارىتا تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلاردىن «رەسىمىڭىزنى ياقتۇرىمەن» دېگەن تېمىدا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا دوستلىشىشتىكى تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 50 ئايالغا گىتار تۇتۇۋالغان بىر ئەرنىڭ سۈرىتىنى تەمىنلىگەن، قالغان 50 ئايالغا بولسا قولىدا گىتار تۇتمىغان، ئەمما يەنىلا شۇ ئەرنىڭ رەسىمىنى تەمىنلىگەن. نەتىجىدە، گىتار تۇتۇۋالغان ئەرنىڭ رەسىمىنى كۆرگەن ئاياللارنىڭ %28 تى ئۇنى دوستلار قاتارىغا قوشۇشنى خالىغان، قۇرۇق قول ئەرنى كۆرگەن ئاياللارنىڭ ئاران %10 تى ئۇنى دوست قىلىشقا قوشۇلغان. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
