ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
جياڭنەنگە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئۇيغۇر ئايال يازغۇچى - پاتىگۈلپاتىگۈل ھەدە ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز.پاتىگۈل، ئايال، ئۇيغۇر، شىنجاڭ ساۋەن ناھىيەسى كونا ساۋەن بازىرى دالياڭپو كەنتىدە تۇغۇلغان. تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنجاڭنى ئېچىش-گۈللەندۈرۈش ئەدەبىيات» مۇكاپاتىنىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھازىر جياڭنەندە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى «دۇنيانىڭ چېتى»، «شىنخۇا تەرمىلىرى»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «نەسىرلەردىن تاللانما»، «نەسىرلەر ‹چەت ئەل نۇسخىسى›»، «قىزىل پۇرچاق»، «شاڭخەي ئەدەبىياتى»، «خۇاڭخې ئەدەبىياتى»، «غەربىي يۇرت»، «غەربىي جەنۇب ھەربىي ئىشلار ئەدەبىياتى،»، «جېجياڭلىق يازغۇچىلار»، «ئەنخۇي ئەدەبىياتى»، «گۇاڭشى ئەدەبىياتى»، «ئەدەبىيات ۋە كىشىلىك تۇرمۇش» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. نەشىر قىلىنغان ئەدەبىي ئاخبارات توپلىمىدىن « ياۋجياڭ خاتىرىلىرى » (نىڭبو نەشرىياتى نەشىر قىلغان)، نەسىرلەر توپلىمىدىن «قوزىچاق بىلەن ئورتاقلاشقان مەخپىيەتلىك» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان) قاتارلىقلار بار. ئۇ ھازىر جېجياڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇنىڭ «تەقلىدچىنىڭ تۇرمۇشى» ناملىق نەسىرى 2012-يىللىق «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ يىللىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.«بىز ئاقلانمىغان گۈرۈچ ئۈستىدە بىر قىش ئۇخلىدۇق» ناملىق نەسىرى 2012-يىللىق تاللانغان نادىر ئەسەرلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. نەسىرلەر توپلىمى «مەخپىي ئەسلىمىلەر» 150 مىڭ خەتلىك ئورىگىنال پۈتۈپ، نۆۋەتتە تەھرىرلىنىۋاتىدۇ. 2013-يىلى يىل ئاخىرىغىچە نەشىردىن چىقىدۇ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
«تەقلىدچىىنىڭ تۇرمۇشى» تۇنجى«شىنجاڭنى ئېچىش-گۈللەندۈرۈش ئەدەبىيات» مۇكاپاتىنىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.2009-يىلى ئاخبارات ئەدەبىياتى توپلىمى «ياۋجياڭ خاتىرىلىرى» نەشىردىن چىققان. (نىڭبو نەشرىياتى)
2010-يىلى نەشىر قىلىنغان نەسىرلەر توپلىمى «قوزىچاق بىلەن ئورتاقلاشقان مەخپىيەتلىكلەر»، (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، 170 مىڭ خەتلىك) www.iz.la
2012-يىلى نەشىر قىلىنغان نەسىرلەر توپلىمى «شالغۇتلاشقان كەنت»، (شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، جەمئىي 150 مىڭ خەت)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەرىپىدىن خەنزۇ تىلى ۋە ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى كىتابلارنى ئۆز ئارا تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى كىتاب تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
سىزنىڭ «تەقلىدچىنىڭ تۇرمۇشى» ناملىق نەسىرىڭىز 2012-يىللىق «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» يىللىق ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك « شىنجاڭنى ئېچىش-گۈللەندۈرۈش ئەدەبىيات» مۇكاپاتىنىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشىپتۇ، سىزنىڭچە بۇ نەسىرنىڭ ئارتۇقچىلىقى نەدە؟
«تەقلىدچىنىڭ تۇرمۇشى» ناملىق ئەسىرىمنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئىككى خىل ئوخشىمىغان تۇرمۇشنىڭ ئۇچرىشىشى جەريانىدا، روشەن پەرقلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى سەۋەبلىك، توقۇنۇش ۋە زىددىيەتتىن خالىي بولمايدىغانلىقىنى چۇڭقۇر ھېس قىلغانلىقىمدا. بۇ مېنىڭ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشىم ئۈچۈن ياخشى بىر كىرىش ئېغىزى بولدى. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ۋە مىللىي مەدەنىيەتتىن ئىبارەت بۇ يۈكسەك نۇقتىدا تۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدىن ئىبارەت ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىۋاتقانلىقىمنى، مېنىڭ مېنىڭ ئەڭ توغرا ئىجادىيەت يۆنىلىشىمنىڭ، بۇ ئالاھىدە مەدەنىيەت سالاھىيىتىمدىن چىقىش قىلىپ، ئىنسانشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز ئارا سىغىشىدىغان يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، مىللىي مەدەنىيەتتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئەدبىي تېمىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆردۈم. نەسىرلەر توپلىمى«تەقلىدچىنىڭ تۇرمۇشى» دىكى خاتىرىلەردە مىللەتلەرنىڭ بىرىكىشىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق ئەھمىيىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسى جەريانىدىكى مەدەنىيەت پېسخىكىسىدىكى توقۇنۇشلىرى گەۋدىلىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلىگەن.
ئادەتتە، يېڭى ئەسەرلىرىڭىزنى سىز ئاۋال بىلوگىڭىزدا ئېلان قىلامسىز؟ سىزچە تور ئەدەبىياتى بىلەن نەشر ئەدەبىياتىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
www.iz.la
مەن ئەسەرلىرىمنى ئاساسەن بىلوگدا ئېلان قىلىمەن، مېنىڭچە تور ئىنتايىن ياخشى سەھنە، ئەسەرنى ۋاقتىدا ئېلان قىلغىلى شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەرگەن پىكىر - تەكلىپلىرىنى ۋاقتىدا كۆرگىلى بولىدۇ، تور ئەدەبىياتى بۇ جەھەتتە بىر قەدەر ئەركىن ۋە ئۈنۈمى تېز. مەيلى قانداقلا شەكىلدە يازاي، ھەممىنى كۆپچىلىكنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن يازىمەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سىز قايسى يازغۇچىلارنى ياخشى كۆرىسىز؟
ئورخان پامۇك، خېتامىل، نايپائۇل، ئاموس ئوز قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ياخشى كۆرىمەن. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئىجادىيەت جەھەتتە يەنە قانداق پىلانلىرىڭىز بار؟
نەسىرلەر توپلىمى « مەخپىي ئەسلىمىلەر»نى 150 مىڭ خەت يېزىپ بولدۇم، نۆۋەتتە تەكشۈرۈپ بېكىتىلىۋاتىدۇ، 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە نەشىردىن چىقىدۇ. «تەقلىدچىنىڭ تۇرمۇشى» ناملىق چاتما ئەدەبىي خاتىرىلەر توپلىمىدىن 30 مىڭ خەت يېزىلىپ بولۇم، ھەر يىلى 50 مىڭ خەتلىك سۈرئەت بويىچە ھېسابلىغاندا 2015-يىلى تاماملىنىدۇ. بۇ مېنىڭ «تەقلىدچىنىڭ تۇرمۇشى» ناملىق ئەسىرىم «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ يىللىق مۇكاپاتى ۋە «تاللانغان نەسىرلەر ژورنىلى»، «خۇاۋېن ئەڭ نادىر نەسىرلەر مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەندىن كېيىنكى يېڭى پىلانىم، ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيەت داۋامىدا توپلىغان ئەدەبىيات، مىللەت قاتارلىقلار ئاساسىي تېما قىلىنغان ئىدىيەۋىيلىككە ئىگە خاتىرىلىرىمنى رەتلەپ، ھەر يىلى بىر قانچە نادىر ئەسەر يېزىپ، چوڭ ھەجىملىك ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلىرىمنى توپلاپ، ياخشىسىنىڭ ئىچىدىن ياخشىسىنى تاللاپ، سانغا ئەمەس سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاخىردا مەخسۇس بىر نادىر ئەسەرلەر توپلىمى چىقىرىش. ئىز تورى بەك ياخشى
خەلق تورى
