ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
جوڭئەن قىزىق لىنىيىسى مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرى:
«ئۇنىڭ قورسىقى مەڭگۈ تويمايدۇ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تامىقىنى يەيدۇ، شۇڭا يەنە ئوغلۇمدىن ئاجراشماي نېمە قىلىدۇ؟ ئايال كىشىنىڭ تاماقنى كۆپ يېيىشى ئېرىنىڭ نەس باسقىنى شۇ» 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، سوڭياڭ ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى زالىدا بىر قىزىقارلىق ئاجرىشىش دېلوسىغا سوت ئېچىلدى. بۇ ئاجرىشىش دېلوسى بۇرۇنقى دېلولارغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، پەقەت بۇ ئايالنىڭ تاماقنى بەك كۆپ يېيىشى قېيناتىسىنى بىزار قىلىۋەتكەن ئىكەن، شۇڭا قېيناتىسى ئوغلىنى مەجبۇرلاپ بۇنداق ئاچكۆز ئايالدىن بالدۇرلا ئاجراشمىسا گاداي بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
2006-يىلى، خۇبېي ئۆلكىسىدە تۇرىدىغان شياۋشىن باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن كېلىشكەن يىگىت شياۋفېي بىلەن تونۇشقان ھەم ناھايىتى تېزلا توي قىلغان. ئىككىسىنىڭ تونۇشقان ۋاقتى بەك قىسقا بولغاچقا تويدىن كېيىن بىر-بىرىنىڭ مىجەزىگە كۆنەلمەي، ھەدىسىلا كىچىك ئىشلار سەۋەبى بىلەن ئۇرۇشقان.
2013-يىلى 4-ئايغا كەلگەندە، شياۋشىن ئاجرىشىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىپ سوتقا ئەرز سۇنغان. 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ ئاجرىشىش دېلوسىغا سوت ئاچىدىغان ۋاقىتتا، شياۋفېي ئاجرىشىشقا قوشۇلمىغان، بىراق دادىسى كېلىنىنىڭ تاماقنى بەك كۆپ يەيدىغانلىقىنى، ئىشنى ئاز قىلىدىغانلىقىنى، بۇنداق ئايالنىڭ ئېرىنى گاداي قىلىۋېتىدىغانلىقىنى، شۇڭا چوقۇم ئاجرىشىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالغان. شۇنىڭ بىلەن دادىسىنىڭ كۆڭلىنى قىلغان ئەر ئاخىرى ئاجرىشىشقا ماقۇل بولغان
