بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
— مەن قايتىپ كەلدىم، — دېدى ئىشىكتىن كىرىپ كەلگەن شەكىلە ئۈنلۈك ئاۋازدا. ئۇنىڭ چېھرىدىن تىل بىلەن ئىپادىلەش تەس بولغان بىر خىل شادلىق تەپچىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يولىغا خېلىدىن بېرى تەلمۈرۈپ تۇرغان ئانا يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە قىزىنى باغرىغا باستى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بەش يىللىق ھىجران ئازابى ئاياغلىشىپ، ئۆي ئىچى يېڭىۋاشتىن يورۇپ كەتكەندەك بولدى. ئانا پايپاسلايتتى. خۇشاللىقىنى ئىچىگە پاتتۇرالمىغان ھالدا دىمىقىدا ناخشا ئېيتىپ قورۇمىلارنى قورۇيتتى. قىزىنىڭ ياردەملىشىمەن دېگىنىگە ئۇنىماي ئۇنى ئارام ئېلىشقا ئۈندەيتتى: ئىز تورى www.iz.la
— جېنىم بالام، كونىلار «يول ئازابى، گۆر ئازابى» دەپ بىكارغا ئېيتمىغان. سىز دېگەن ئۇزۇن يول بېسىپ چارچاپ كەتتىڭىز.
— نېمىلەرنى دەيدىغانسىز ئاپا، مەن يا مېھمان بولمىسا.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— نېمىشقا مېھمان بولمىغۇدەكسىز؟ مەن دېسەمچۇ، سىز دېگەن بۇ ئۆيگە ئەڭ ئەزىز مېھمان. يەنە كېلىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن بىلىملىك مېھمان. ئەڭ بولمىغاندا بۈگۈن شۇنداق.
ئۆي ئىچى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى. ئۇلار كۈلۈشەتتى. شەكىلەنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى قىلىقلىرىنى ئەسكە ئېلىپ، ۋاقىتنىڭ شۇنچە تېز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە ھەيران قېلىشاتتى. دېمىسىمۇ بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتى ھەش-پەش دېگۈچە تۈگەپ، بىر ئائىلىلىك ئادەملەر زارىقىپ كۈتكەن كۈنلەر ئاخىرى يىتىپ كەلدى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
— زورەم، تەلەيلىك جۇمۇ سىز. ئۈچ بالىنىڭ ئۈچىلىسىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، ھەممىمىزنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتىڭىز، — دەيتتى قوشنىلار چىن دىلىدىن زورەمگە قايىللىقىنى بىلدۈرۈپ. بۇنداق چاغدا زورەمنىڭ تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرى ئۇنتۇلۇپ، بېشى كۆككە يەتكەندەك بولاتتى. دېمىسىمۇ ئۇ ئۈچ بالىسىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتتى. ئوقۇتقاندىمۇ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتتى. ئەلۋەتتە بۇنى ئاتا-ئانا ئەمگىكىدىن باشقا يەنە بالىلارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايتتى. ئۇلارنىڭ تەلىيىگە بالىلىرى تىرىشچان چىقىپ قالدى. ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن سەھەر تۇراتتى، كەچلىك تامىقىنى يەپ بولۇپلا دەرس تەكرارلاشقا تۇتۇش قىلاتتى. باشقا بالىلار ئويۇن بىلەن بولۇۋاتقاندا، ئۇلار دەرس تەييارلاش بىلەن بەند بولاتتى...
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
— قېنى دەپ بېقىڭچۇ، — دېدى بەكرى كەچتە قىزىغا مېھرى بىلەن تىكىلىپ، — ئوقۇش نەتىجىلىرىڭىز قانداقراق؟
— چاتاق يوق. ھەممە پەندىن لاياقەتلىك. 85 تىن تۆۋەن نومۇر يوق، — دېدى شەكىلە بىر مۇنچە كىنىشكىلارنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ. ئۇنىڭ ئەپتىدىن مەغرۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى.
ھەر خىل ناملاردىكى كىنىشكىلار قولدىن-قولغا ئۆتتى. بۇ كىنىشكىلارنىڭ ئىچىدە ئادەمنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەكرەك تارتىدىغىنى مەكتەپ پۈتتۈرۈش دىپلومى بىلەن باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋان كىنىشكىسى ئىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
— يارايسىز، — دېدى بەكرى قىزىغا پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن قاراپ، — مۇشۇ نەتىجىلىرىڭىز بىلەن ھەر قانداق ئىمتىھاندىن بىمالال ئۆتۈپ، ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئىش ئورنىغا چىقىشىڭىزدا گەپ يوق. سىز بىزنىڭ يۈزىمىزنى يورۇق قىلىپلا قالماي يەنە زىممىمىزدىكى يۈكتىنمۇ ئازاد قىلدىڭىز. شۇڭا مەن بۇ غەلىبىمىزنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئەتە ھەممىڭلارنى دەريا بويىغا ئاپىرىپ مېھمان قىلىمەن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
بەكرى دېگىنىنى قىلدى. ھەددىدىن زىيادە خۇشاللىققا چۆمگەن بىر ئائىلە كىشلىرى دەريا بويىنى بېشىغا كېيىپ، قانغۇدەك تاماشا قىلىشتى. بىراق بۇ تاماشانىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى تاماشا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كۈنلەر ئۆتۈۋاتاتتى. ئاساسىي قاتلامغا پىدائىي بولغان شەكىلە ھەر كۈنى ئەتىگەندىلا ئۆيىدىن چىقىپ، كەچ كېلەتتى. بىر كۈنلۈك خىزمىتىدىن دوكلات بېرىپ، يېڭىلىقلار ھەم قىيىنچىلىقلار توغرىسىدا سۆزلەپ كېتەتتى. بولۇپمۇ ئۇ سېلىنىۋاتقان كاپالەتلىك تۇرالغۇ، مەكتەپ، شىپاخا توغرىسىدا سۆزلىگىنىدە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي قالاتتى. ھەش-پەش دېگۈچە كۈز ئايلىرىمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى. دۆلەت مەمۇرلۇقىغا ئىمتىھان ئېلىشقا تىزىملاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان شەكىلە بىر كېچە كىرپىك قاقماي چىقتى. ئۇنىڭ ئوي-خىياللىرى قاناتلىنىپ كۆكتە، سامادا پەرۋاز قىلدى. ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئويلىغانلىرى بار ئىدى. ئەتىسى تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولۇپ، ئۆيگە قايتىپ كەلدى. ئانا قىزىنىڭ روھلۇق قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، قىن-قىنىغا پاتماي قالدى. چۈنكى بۇنداق چاغدا مۇشۇنداق روھىي- كەيپىيات ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ئىستىقبالىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتەتتى. ئۇ قىزىنىڭ خۇشال كەيپىياتتا ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتكەنلىكىگە قاراپ تۇردى. قىزى ئامال بار ئالدىدىكى ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە تىرىشىۋاتاتتى. ئىمتىھان ئېلىنىدىغان كۈنى ئانا قىزىنىڭ توسقىنىغا قارىماي، ئۇنى ئىمتىھان مەيدانىغا ئېلىپ باردى. شەكىلە خۇش دېگىنىچە مەكتەپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ئانىنىڭ يۈرىكىنى بىردىنلا بىر خىل ئەنسىزچىلىك قاپلىۋالدى. ئۇ بىر چاغلاردا قىزى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقاندىمۇ مۇشۇنداق قىلغان ئىدى. قىزى تاكى ئىمتىھان مەيدانىدىن چىققۇچە دەرۋازا ئالدىدا تىك تۇرغانىدى. ئۇ مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق قىزىغا مەدەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىۋاتاتتى. ئۆزىگە تەسەللىي تېپىۋاتاتتى. ئىمتىھان تۈگىدى. شەكىلە تولىمۇ خۇشال ئىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن تۇرقىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ چىقىپ تۇراتتى. بۇ ھال ئانىنى بەكلا خۇش قىلىۋەتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈن ئائىلە جىددىيلەشكەن ھالدا ئىمتىھان نەتىجىسىنى كۈتۈشكە باشلىدى. شەكىلە گەرچە ئىمتىھاننى ياخشى بەرگەن بولسىمۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئەندىشىسىمۇ كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى. سىرتتىكى ئەپقاچتى گەپلەر ھەربىر ئائىلىگە ئۈسسۈپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتكەنىدى.
ئىز تورى بەك ياخشى
نومۇر ئاخىرى چىقتى. بالىلار ئۆزلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ قانائەت تېپىشتى. شەكىلە يازمىچە ئىمتىھاندىن بىرىنچى بولۇپ ئۆتۈپ، ئالدىنقى ئۈچنىڭ قاتارىغا كىرگەنىدى. شەكىلەنىڭ ئالدىدا يەنە بىر ئۆتكەل يەنى يۈز تۇرانە ئىمتىھان بار ئىدى. ئاتا-ئانىسىمۇ شەكىلەگە دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن سەھراغا كەتتى. ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى بىر كۈنى توساتتىن سوراپ قالدى: copyright by www.iz.la
— شەكىلە بىر يېرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟ چىرايىڭىز نېمانداق تاتىرىپ كەتتى؟ تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
شەكىلە ياق دەپ جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، يېقىندىن بېرى ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىدا يېقىمسىز بىر ھالەتنى سېزەتتى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— شەكىلە، قارىسام كەيپىياتىڭىز تازا دېگەندەك ياخشى ئەمەس تۇرىدۇ. ئېرەنسىزلىك قىلماي ئاتا-ئانىڭىزنى چاقىرتايلى. ئۇلار سىزنى دوختۇرغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ باقسۇن. مەن ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن، — دېدى يەنە بىر كۈنى ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭغا. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— ھازىر ۋاقتى ئەمەس. ھەر قانچە قىيىنچىلىق بولسىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيمەن. ئۇلارغا خەۋەر قىلمايلى. ئۇلارغا خەۋەر قىلساق بەلكىم يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشالماي قېلىشىم مۇمكىن. چۈنكى دادام بىلەن ئاپام بەك ئەنسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە دوختۇرلارمۇ... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇ دېمەكچى بولغان سۆزىنىڭ ئاخىرىنى يۈتۈۋەتتى. ئۇ غەيرەت قىلغانسېرى بىر قارا كۆلەڭگە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتاتتى. بىر كۈنى ئۇ مەشىق قىلىۋېتىپ مەڭدەپ كەتتى. كەينىدىنلا تامنى تۇتقىنىچە پولغا سېرىلىپ ئولتۇرۇپ قالدى. نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان ئوقۇتقۇچى قولىغا تېلېفوننى ئالدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— ئۇنداق قىلماڭ جېنىم ھەدە، ماڭا قىلغان ياردىمىڭىز بولۇپ قالسۇن. مەن يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشمىسام بولمايدۇ. كونىلار بىر كۈنگە توشقان تېرىسىمۇ چىدايدۇ، دەپتىكەنغۇ. مەن ئاشۇ توشقان تېرىسىچىلىك بولالماسمەنمۇ؟
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
— ئۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن ھەممە ئىشتا غەيرەت قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ يەردە ھەممىدىن مۇھىم سالامەتلىك. ئەگەر پەۋقۇلئاددە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، مەن ئاتا-ئانىڭىزغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىمەن سىڭلىم؟
ئىز تورى www.iz.la
— مەن تۇرغان يەردە سىزگە ھېچ ئىش بولمايدۇ. سىز خاتىرجەم بولۇڭ، بىز مەشىقنى داۋاملاشتۇرايلى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئوقۇتقۇچىنىڭ بىردىنلا دىمىقى ئېچىشىپ، كۆز چاناقلىرىدا ياش پەيدا بولدى. شەكىلەنىڭ كۈندىن-كۈنگە جۈدەپ كېتىۋاتقان چىرايى ئۇنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىر نەچچە قېتىم دەرمانسىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى. باشقا ئادەم بولغان بولسا، ئاللىقاچان بۇ سەپتىن چېكىنىپ چىققان بولاتتى. بىراق بۇ قەيسەر قىز ھەر قېتىم ھالقىلىق پەيت يېتىپ كەلگەندە ئوقۇتقۇچىغا يېلىنىپ ئۇنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
كۈتكەن كۈنلەر ئاخىرى يېتىپ كەلدى. شەكىلە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا مېڭىش ئالدىدا تۇراتتى. قىزىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرگەن دادا بىلەن ئانا چۆچۈپ كەتتى.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
— ئەنسىرىگۈدەك ئىش يوق دادا، ئاپا. مەشق تولىمۇ جاپالىق بولدى. شۇڭا بىر ئاز جۈدەپ قالدىم. يۈز تۇرانە ئىمتىھاننى بېرىپ بولساملا ياىشى بولۇپ كېتىمەن، — دېدى شەكىلە دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ. بىراق دادا بۇنىڭغا كۆنمىدى. ئۇ بىر نەرسىنى سېزىپ قالغاندەك قىلاتتى: مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
— بولمايدۇ، بۇ دېگەن چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس. ھازىرقى ھالىتىڭىزدە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا ئەمەس، دوختۇرخانىغا بېرىشىڭىز كېرەك. جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان. www.iz.la
— دادا!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شەكىلە شۇنداق دەپ يېلىنىش نەزىرى بىلەن ئاپىسىغا قارىدى. ئانا ئىككى ئوتتۇرىلىقتا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇراتتى. شەكىلە قاشلىرىنى يىمىرىپ يەنە بىر قېتىم «ئاپا!» دېدى. ئانا قىمىرلاپ قويدى. قىزىنىڭ سارغايغان چىرايىغا ئەلەم ئىچىدە قاراپ قويغاندىن كېيىن يولدىشىغا يۈزلەندى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
— بۈگۈن قىزىمىز ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم بىر كۈن. شۇڭا مېنىڭچە بولغاندا مۇشۇ يېرىم كۈننى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا بېرەيلى. ئۇ يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشسۇن.
ئاتا سۆزىنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەي قالدى. ئۇنىڭ يۈرىكىمۇ قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك ئەنسىز سېلىپ كېتىۋاتاتتى. گەپ قىلىشقا تەمشەلگەن دادا قىزىنىڭ ئۆزىگە يىلىنىش نەزىرى بىلەن قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ توختاپ قالدى. بۇ خىل يېلىنىش بۇندىن بۇرۇنقى ھەر قانداق يېلىنىشلارغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىر خىل سېھرىي كۈچ تەپچىپ تۇراتتى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
— ماشىنا چاقىرىڭلار، — دېدى بەكرى بىردىنلا يىنىدا تۇرغان ئوغلى ۋە قىزىغا ۋارقىراپ، — بۈگۈنكى يۈز تۇرانە ئىمتىھان مەيدانىغا مەنمۇ بارىمەن. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
زورەم ھەيران قالدى. ئەزەلدىن ئىمتىھان مەيدانىغا بېرىشنى ئارتۇقچە ئىش دەپ بىلىدىغان بۇ ئادەم مانا بۈگۈن توساتتىن ئىمتىھان مەيدانىغا بارىدىغان بولۇپ قالدى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ماشىنا كەلدى. زورەم ئىككى بالىسىنىڭ ئۆيىدە قالدۇرۇپ ماشىنىغا چىقتى. ئۇ كېتىۋېتىپ پات-پات قىزىغا قاراپ قوياتتى. ئەھۋالىنى سوراپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى سورايتتى. بەكرى بولسا ماشىنىدىن چۈشكەندىمۇ، قىزى يۈز تۇرانە ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن دەرۋازىدىن كىرىپ كەتكەندىمۇ بىر ئېغىز گەپ قىلمىدى. ئۇ ھامان قوشۇمىلىرىنى تۈرگىنىچە يىراقلارغا قارايتتى. لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپ بىر نەرسىلەرنى دەيتتى. يۈرەكنى ئېزىپ، ئادەمنى تەقەززا قىلىدىغان ۋاقىت سۆرەلمىلىك بىلەن ئۆتۈۋاتاتتى. بەكرى بىر نەچچە قېتىم دەرۋازا ساقلاۋاتقانلارنىڭ يىنىغا بېرىپ كەلدى. بالىدىن ئەنسىرەپ تاقىتى-تاق بولۇۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلىدىن ئانا ئۇنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىگە سەپ سېلىپ. دېمىسىمۇ ئۇ قاتتىق خاتىرجەمسىزلىنىپ كېتىۋاتاتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— بالىلار چىقتى، — دېدى كىمدۇر بىرى ئەنسىز توۋلاپ. بېشىنى كۆتۈرگەن بەكرى مەيدان بويلاپ كېلىۋاتقان بالىلارنى كۆردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە شەكىلە بىر نەچچە قىز بىلەن پاراڭ سالغاچ كۈلۈپ كېلىۋاتاتتى. بۇنىڭ بىلەن بەكرىنىڭ قەلبىنى بېسىپ تۇرغان تاش غايىب بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى بالىغا بولغان چەكسىز مۇھەببەت ئىگىلىدى. ئۇ شۇنداق ئىدى. ئۈنچىقمىغىنى بىلەن بالىلىرىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرەتتى، تېشىغا چىقارمىغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ غېمىنى يەيتتى. شۇنداق بولغاچقىمۇ بالىلار ئۆزلىرىنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى دادىسنىڭ تېپىۋالغانلىقىنى كۆرگەندە ھەيران بولۇشقىنىدىن ئۇنى ئەۋلىيامىكىن دەپ قالاتتى. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى. ئامراق قىزى شەكىلەنىڭ چىرايىغا قاراپ كۆڭلى يەتمىگەن ئىشلار يېتىپ كەلدى. قاياقتىدۇر پەيدا بولغان ۋەھىمە ئىرادىسىنى يالماپ، ئۇنى ئامال-چارە تېپىشقا قىستىدى. ئۇ كۆڭلىدە پەيدا بولغان يامان ئويلارنى ھەيدەشكە ئامالسىز قېلىۋاتاتتى. مانا ئەمدى قىزىنىڭ ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا خۇشال-خۇرام كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كىچىككىنە ئارامغا چۈشتى. copyright by www.iz.la
— خۇشخەۋەر دادا، ئاپا، — دېدى شەكىلە بىر خىل شوخلۇق ئىلكىدە ھەر ئىككىلىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ، — مەن يۈز تۇرانە ئىمتىھاندىن ئۆتتۈم.
ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇنىڭ ئاۋازى بەكرى بىلەن زورەمگە گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەندەك ئاڭلىنىپ كەتتى. بىر قېتىملىق غەم-قايغۇ ئۆتۈپ كېتىپ ئۇنىڭ ئورنىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش تەس بولغان شادلىق ئىگىلىدى. بۇنداق شادلىقنى ئۇلاردىن باشقا ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھېس قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. copyright by www.iz.la
— رەھمەت قىزىم، بىزنىڭ يۈزىمىزنى يورۇق قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.
— ئەرزىمەيدۇ دادا. رەھمەتنى سىلەرگە دېسەم بولىدۇ. چۈنكى سىلەر مېنى بېقىپ مۇشۇ ھالەتكە يەتكۈزگۈچە ئاز بولمىغان جاپالارنى تارتتىڭلار. مەن سىلەرنىڭ ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارنى چوقۇم ئاقلايمەن. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئۇلار كۈلۈشتى. كۆڭۈللىرىگە ئۇلۇغ ئارزۇ-ئىستەكلەرنى پۈكۈپ ئالدىرىماستىن مېڭىپ كېتىشتى.
— روھىي ھالىتىڭىز ئىمتىھانغا كىرىشتىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا قانداقراق؟ — دەپ سورىدى ئانا ئۆيگە يېقىنلاپ كەلگەندە قىزىدىن.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
— قاراپمۇ بىلەلمىدىڭىزمۇ ئاپا، روھىي ھالىتىم شۇنداق ياىشى تۇرمامدۇ؟ — دېدى شەكىلە ئاپىسىنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— شەيتان قىز، — دېدى ئانا شەكىلەنىڭ دۈمبىسىگە بوشقىنا ئۇرۇپ قويۇپ. دېمىسىمۇ شەكىلەنىڭ چىرايى ھازىر پۈتۈنلەي ئەكسىگە كېلىپ بولغانىدى. شۇنداقتىمۇ بەكرى دوختۇرخانىغا بېرىشتا چىڭ تۇردى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
— تەكشۈرگەننىڭ نېمە زىيىنى بار؟ كېسەل بولسا داۋالايدۇ. كېسەل بولمىسا قايتىپ چىقىمىز. ھازىر بىزنى جىددىيلەشتۈرگەن ئىمتىھاننىڭ ھەممىسى تۈگىدى. قولىمىزمۇ بوشىدى. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شەكىلەنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈپ باقايلى. چارچىغان بولسا كېسەلخانىدا بىر مەزگىل يېتىپ ئارام ئالسۇن. بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ كېيىن خىزمەت ئىشلىشىگە پايدىسى بولىدۇ.
بەكرى غالىب كەلدى. شەكىلە ئامالسىزلىقتىن ماقۇل بولدى. دادىسى بىلەن ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ دوختۇرخانىغا باردى. ھەممىلا ئادەم دوختۇرخانىغا كىرىۋالغاندەك كېسەل كۆرسىتىش زالىدا ئادەم مىغىلدايتتى. دادا نومۇر ئېلىپ قىزنى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە ئېلىپ كىردى. كۆز ئەينەك تاقىغان چوڭراق دوختۇر ئەھۋالىنى بىر قۇر سورىغاندىن كېيىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقتى. ئاندىن بەكرىگە بۇرۇلۇپ: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— بەزى ئالامەتلەرنى ئېنىق بىلىش ئۈچۈن قان تەكشۈرتۈشكە، كىچىك تەرەت تەكشۈرۈشكە، B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا چۈشۈشكە توغرا كېلىدۇ. مەن قەغەز قىلىپ بېرەي، سىلەر تەكشۈرۈپ نەتىجىسىنى ماڭا ئەكېلىپ بېرىڭلار، — دېدى. زورەم يولدىشىغا «لەپپىدە» قاراپ قويدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
— بۇ بىر قائىدە، — دېدى بەكرى دوختۇرنىڭ يېنىدىن چىقىۋېتىپ، — ھازىر دوختۇرخانىلارنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ئىلغارلىشىپ كەتتى. بۇرۇنقىدەك ئادەم تەكشۈرۈپ رېتسېپ يازىدىغان زامانلار كەلمەسكە كەتتى. ئۈسكۈنىدە تەكشۈرۈش ھەم بىخەتەر ھەم ئىشەنچىلىك.
ئۇ ئاغزىدا شۇنداق دېگىنى بىلەن كۆڭلىدە ئەنسىرەپ تۇراتتى. خۇدادىن قىزىنىڭ ئامانلىقىنى تىلىگىنىچە B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى رايونىغا كېلىپ ئۆچىرەتتە ئولتۇردى. بىر قانچە تونۇشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ «ئۆزۈمنى تەكشۈرتۈپ باقاي دېدىم» دەپ يالغان سۆزلىدى. قان تەكشۈرۈش بىلەن كىچىك تەرەت تەكشۈرۈشكە كەتكەن ئانا-بالا ئۇنىڭ بۇ يەردە ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا يالغان سۆزلىگىنىنى بىلمەيتتى. www.iz.la
نەتىجە چىقتى. دوختۇر ئالدىغا قويۇلغان نەتىجىلەرنى قايتا-قايتا كۆرگەندىن كېيىن شەكىلە بىلەن زورەمنى چىقىرىۋېتىپ، بەكرىنى ئېلىپ قالدى.
— تارىخىڭلاردا يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلار ياكى ئۆلگەنلەر بارمۇ؟
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بەكرىنىڭ تاپىنىدىن كىرگەن بىر ئاچچىق مېڭىسىگە كېلىپ توختىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆزىنى زورغا بېسىۋېلىپ جاۋاب بەردى.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
— يوق. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
— ئۇنداقتا قىزىڭلارنىڭ بىر نەرسىدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ بولۇپمۇ كىچىك چېغىدا. copyright by www.iz.la
بەكرى ئەسەبىيلىشىۋاتاتتى. ئۇ چېكە تومۇرلىرىنىڭ تىرسىلداۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. تولىمۇ قورقۇنچلۇق بىر مەخلۇق ئۇنىڭغا قاراپ ئۆمىلەپ كېلىۋاتاتتى.
— ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ ئۈچ ياش ۋاقتىدا بىر توپ ئىتلارنىڭ ئارىسىدا قالغان. قوشنىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بالا قاتتىق چىرقىراپ ھوشىدىن كەتكەن. دوختۇر بۇلارنى سوراپ نېمە قىلىسىز؟ قىزىمدا ئۇنداق كېسەل يوقتۇ؟
دوختۇر ئالدىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي قاراپ چىقتى. ئاندىن بۇرۇلۇپ:
— سىز دادا بولغۇچى ئادەم چوقۇم غەيرەتلىك بولۇشىڭىز لازىم. چۈنكى، سىز قىزىڭىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلىشكە تولۇق ھوقۇقلۇق. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا قىزىڭىز ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپتۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— بۇ مۇمكىن ئەمەس. سىز خاتالىشىۋاتىسىز دوختۇر، — ئېسىنى يوقاتقان بەكرى دوختۇرنىڭ ياقىسىدىن ئالدى، — ئۇ دېگەن ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن قىز بالا. مەن سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، سىز ماڭا چاقچاق قىلىپ قويدۇم دەڭ بولامدۇ؟ تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
بەكرى دوختۇرنىڭ ياقىسىنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، زوڭزايغىنىچە ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى.
— مەنمۇ بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزگە خەيرخاھلىق قىلىمەن. ئەمما رېئاللىق ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدۇ. سىز ئانچە جىددىيلىشىپ كەتمەڭ. بىز قىزىڭىزنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەپسىلىيرەك تەكشۈرۈپ كۆرەيلى. شۇڭا قىزىڭىز كېسەلخانىدا ياتسۇن. ھە راست. ئەتىلا شاڭخەيدىن بىر نەچچە دوختۇرلار كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يىن دوختۇر مەخسۇس مۇشۇ كەسپنىڭ مۇتەخەسسىسى. ئۇلار كەلسە ئىشلار بەلكىم باشقىچە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بەكرى دوختۇرنىڭ يىنىدىن روھى چۈشكەن ھالدا قايتىپ چىقتى. ئۇنىڭ شۇ تاپتا كاللىسى قۇپقۇرۇق ئىدى. ئۇ يىراقتىنلا قىزى بىلەن ئايالىنى كۆرۈپ ئۆزىنى بىر قۇر تۈزەشتۈردى.
— دوختۇر نېمە دېدى. ئۇ ھەجەپ سىزنى ئېلىپ قېلىپ بىزنى چىقىرەتتىغۇ؟ بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
— ھېچ گەپ يوق. دوختۇر قىزىڭلاردا قاتتىق چارچاش بار، كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالانمىسا بولمايدۇ، دېدى.
ئىز تورى www.iz.la
— بىزدىن بىر نەرسىنى يوشۇرۇۋاتامسىز دادا! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— قاراڭ سىزنى، نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭىز. مەن دېدىمغۇ ئۇنداق ئىش يوق. باشقا پىكىر بولمىسا مەن بېرىپ كېسەلخانىنىڭ رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ كېلەي. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بەكرى شۇنداق دېگىنىچە ئۇلارنىڭ يىنىدىن ئايرىلدى. تونۇش- بىلىشلەر ئۇنىڭ بىر كۈندىلا ئورۇقلاپ باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈشتى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— بۇنداق ئەھۋال ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ، — دېدى شاڭخەيدىن كەلگەن يىن دوختۇر كۆز ئەينىكىنى تۈزەشتۈرۈپ قويۇپ، — ھازىرقى بىردىنبىر ئامال يۈرەك ئالماشۇرۇش. پەقەت يۈرەك ئالماشتۇرغاندىلا، ئاندىن بىمارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— خۇشخەۋەر، — دېدى ياتاققا كىرىپ كەلگەن سېستىرا قىز ھاياجىنى باسالمىغان ھالدا، — ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولغان بىر بىمار شەكىلەگە ئۆزىنىڭ يۈرىكىنى ئىئانە قىلىدىغان بوپتۇ. دوختۇرلار ھېلىراقتا ئۇنىڭ كېسەللىك تارىخىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
بۇ خەۋەر ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان ئاتا-ئانىغا خۇددە پەرشتە كېلىپ باش-كۆزىنى سىلىغاندەك جان كىرگۈزۈۋەتتى. ئۇلار بىر-بىرىنى مەھكەم قۇچاقلىغىنىچە سىرتقا قاراپ يۈگۈرۈشتى. سېستىرا يالغان سۆزلىمىگەنىدى. يۈرەك ئىئانە قىلغۇچىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاش ئۈچۈن دوختۇرلار ئۇ ئىككىسىگە ھېچنىمە دېمىدى. كۆپ ئۆتمەي شەكىلە بىمار ھارۋىسىغا ياتقۇزۇلغىنىچە ئوپېراتسىيە ئۆيىگە كىرىپ كەتتى... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىر قېتىملىق سىم-سىم يامغۇردىن كېيىن كۈن ئېچىلىپ كەتتى. يامغۇر بىلەن تازىلانغان تەبىئەت ئالتۇندەك تاۋلىنىپ تۇراتتى. توپ-توپ قۇشقاچلار «گۈر» قىلىپ ئۇياقتىن بۇياققا ئۇچۇشسا، ئاسمان كۆتۈرۈلگەن كەپتەرلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ موللاق ئاتاتتى. قەيەردىدۇر بىر يەردىن بۇلبۇلنىڭ خەندان ئۇرۇپ سايرىغان يېقىملىق ئاۋازى كېلەتتى. دېرىزە ئالدىدا تۇرۇپ تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇر ئېلىۋاتقان شەكىلە يول بويىغا كېلىپ توختىغان بولكىۋاينى كۆرۈپ كەينىگە ياندى. ئاندىن نېرىقى ئۆيدە بىر ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاپىسىغا: www.iz.la
— مەن ماڭدىم! — دېگىنىچە پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كەتتى. ئىدارىدىكىلەر بولكىۋايدا ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى. قىزلار چۇقۇرۇشۇپ ئۇنى ئارىغا ئالغاندىن كېيىن بولكىۋاي يۈرۈپ كەتتى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
— شۇنداق قىلىپ سەللىمازا ساقىيىپ كەتتىم دېگىن، — دېدى قىزلارنىڭ بىرى شەكىلەنىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويۇپ.
— شۇنى دېمەمسەن، — دېدى شەكىلە ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، — ئىلىم-پەننىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ھېچنەرسە تەڭ كەلمەيدىكەن. مۇشۇ زاماندا ياشاۋاتقانلار نېمە دېگەن بەختلىك. ئىز تورى www.iz.la
قىزلار سۆزلىشەتتى، كۈلۈشەتتى. ئۇلار كۈلكە ساداسى ئىچىدە بولكىۋايدىن چۈشتى. تاغ ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى. يېقىنلا يەردە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارىغايلار، قارىغاي ئېتىكىدىكى ياغاچ ئۆيلەر كىشىدە سىرلىق تۇيغۇ پەيدا قىلاتتى. ئۇلار سومكىسىنى كۆتۈرۈشكىنىچە ئالدى تەرەپتىكى كىگىز ئۆيگە يۈگۈرۈشۈپ كەتتى.
ئىز تورى بەك ياخشى
شەكىلە بۇ يەردە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى جەمىلەنى ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدى. جەمىلەمۇ ئۇنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالدى. ئۇزاق يىل كۆرۈشمىگەن ساۋاقداشلار بىر-بىرىنى قۇچاقلاپ باغرىغا باستى.
www.iz.la
— ۋاقىت نېمىدېگەن تېز ئۆتكەن-ھە؟ ئايرىلغىنىمىزغىمۇ مانا ھەش-پەش دېگۈچە بەش-ئالتە يىل بولۇپتۇ. مەن سېنى ھەر دائىم ئەسلەپ تۇردۇم. يوقلاپ باراي دېسەم ئارىلىقىمىز بەكلا يىراق، — دېدى جەمىلە كۆرۈشۈشتىن كېيىن شەكىلەنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ.
— شۇنى دېمەمسەن؟ — دېدى شەكىلەمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋابەن. ئاندىن بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى ئۇنىڭغا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى، — شۇنداق قىلىپ بىر ئاقكۆڭۈل ئادەمنىڭ ياردىمىدە ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالدىم. ئۇنىڭ كىملىكىنى ھازىرغىچە بىلمەيمەن. بىلسەم ئىدىم، ئەڭ بولمىغاندا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ رەھمىتىمنى بىلدۈرگەن بولاتتىم.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ سۆز بىلەن جەمىلەنىڭ كۆزلىرىدە ھەيرانلىق ئالامىتى پەيدا بولدى. بۇنى كۆرگەن شەكىلە ئۇنىڭغا قىزىقسىنغان ھالدا تىكىلدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— يۈرىكىنى ساڭا تەقدىم قىلغان ئادەمنىڭ كىملىكىنى راستتىنلا بىلمەمسەن؟ — دېدى جەمىلە ئاخىرى سۆز قىلىپ. ھەيرانلىق ئەمدى شەكىلەگە ئۆتكەنىدى. www.iz.la
— ياق، بىلسەڭ دەپ باققىنا، ئۇ زادى كىم؟
— كىم بولاتتى، دىلاۋۇر بولمامدۇ؟!
— نېمە دېدىڭ، يەنە بىر دېگىنە؟
ئىز تورى www.iz.la
— بىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىمىز دىلاۋۇر. ھېلىقى سايەڭدەك كەينىڭدە ئەگىشىپ يۈرىدىغان دىلاۋۇر. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئورنىدىن سەكرەپ تۇرغان شەكىلە خۇددى يىلى چىققان توپقا ئوخشاش لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇ خۇددى ئەقلىنى يوقاتقان ئادەمدەك پىچىرلايتتى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
— ئەسلىدە شۇ ئىكەندە؟ بۇ مۇمكىنمۇ؟ ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
شەكىلە ئىككى قولى بىلەن بېشىنى چاڭگاللىغىنىچە ئۇزاق ئولتۇردى. ئۇنىڭ خىيال ئېكرانىدا ئۇنتۇلۇپ كەتكىنىگە ئۇزۇن بولغان كۆرۈنۈشلەر ئاستا-ئاستا زاھىر بولۇۋاتاتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
—ساۋاقداشلار، تىنچلىنىڭلار، — دېدى بىر ئوغۇلنى ئەگەشتۈرۈپ كىرگەن ئوقۇتقۇچى ئۈستەل ئالدىغا كېلىپ، — مەن ئالدى بىلەن بۇ ساۋاقدىشىمىزنى سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئۇنىڭ ئىسمى دىلاۋۇر. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شەكىلە قىزىقىش ئىچىدە بۇ يېڭى ساۋاقدىشىغا نەزەر سالدى. بويى ئۈستەلدىن ئارانلا كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان دىلاۋۇر ئادەمگە بىر خىل يېقىمسىز كەيپىيات بېغىشلايتتى. ئۇنىڭ سەھرادىن كەلگەنلىكى تۇرقىدىن مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.
— ساۋاقداشلار، دىلاۋۇر قەيسەر، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ياخشى ئوقۇغۇچى. ئۇنىڭ باش تەرىپىدىن بىر قىسمى بىلەن ئوڭ قولى ئوت ئىچىدىن بىر بالىنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ كۆيۈپ كەتكەن. شۇڭا ئۇ سىلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگەڭلار بولۇشقا مۇناسىپ. ئۇ يېزىدىكى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرىنى بىزنىڭ مەكتەپتە ئوقۇماقچى. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشۈڭلارنى سورايمەن.
بالىلار قىزغىن چاۋاكلار بىلەن دىلاۋۇرنى قارشى ئالدى. ئۇ كۆرۈمسىز بولغىنى بىلەن تىرىشچان ئىدى. دەرس بېسىق بولغاچقا، تاپشۇرۇقنىڭ تولىلىقىدىن باش تاتىلىغۇدەك ۋاقىتمۇ يوق ئىدى. دىلاۋۇرنىڭ پەۋقۇلئاددە قابىلىيىتى سىنىپتىكى بالىلارنىلا ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ھەيران قالدۇردى. ئۇ ئوقۇتقۇچى نەدىن سوئال سورىسا، شۇ يەردىن جاۋاب بېرەلەيتتى.
— خالىسىڭىز مەن سىزگە ياردەم قىلاي، — دېدى بىر كۈنى دىلاۋۇر شەكىلەنىڭ يېنىغا كېلىپ. شەكىلە تېڭىرقاپ قالدى. ياق دەي دېسە، نەتىجىسى دېگەندەك ياخشى ئەمەس. ماقۇل دەي دېسە تېخى. ئۆزىنىڭ پېيىگە چۈشۈپ يۈرگەن بالىلارنى گەپ تاپمايدۇ، دېگىلى بولمايتتى. ئىز تورى www.iz.la
شۇنداق قىلىپ دىلاۋۇر شەكىلەنىڭ ئىشتىن سىرتقى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالدى. ئۇ دەرسلەرنى چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەيتتى. مەسىلىلەرنى بىردەمدىلا يېشىپ بولاتتى. ئۇنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن شەكىلە ئالغا ئىلگىرىلىدى. دەرس ئۇلارنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرۇۋەتتى. ئۇلار بىلىپ-بىلمەي تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقىغا چىقىپ قالدى. بۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق يىل بولغاچقا، شەكىلە بىلەن دىلاۋۇرنىڭ بىللە بولىدىغان ۋاقتى كۆپەيدى. ئۇلار دەرس تەكرارلاش ئۈچۈن مەكتەپنىڭ كەينىدىكى باغقا باراتتى. بۇ يەر ھەم خالىي ھەم تىنچ بولغاچقا، ئۇلار بىر تەرەپتىن دەرس تەكرارلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن قىزىق پاراڭلارنى قىلىپ كۈلۈشەتتى. شەكىلە بىر كۈنى توساتتىن دىلاۋۇرنىڭ بۇرۇنقىدەك قىزىقچىلىق قىلمايۋاتقانلىقىنى، پات-پات يەر تېگىدىن ئۆزىگە تىكىلىپ قارايدىغانلىقىنى سېزىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ كۈنلەردە ئۇ ئىككىسى توغرۇلۇق سۆز-چۆچەكلەرمۇ كۆپىيىپ قالغانىدى.
www.iz.la
— مەن سىزنى ياخشى كۆرسەم بولارمۇ؟ — دېدى دىلاۋۇر بىر كۈنى ئۆپكىدەك ئېسىلىپ. بۇ سۆز بىلەن شەكىلە كۈلۈپ كەتتى. ئىز تورى www.iz.la
— قىزىقكەنسىز دىلاۋۇر. كىمنى ياخشى كۆرۈش ھەر كىمنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش. مەن سىزنى مېنى ياخشى كۆر دەپ زورلىسام قانداق بولىدۇ؟
— مەن دېمەكچى...
ئۇ شۇنداق دەپ توختاپ قالدى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىر خىل پەرىشانلىق تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ بىر پەس تۇرۇۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— سىز قەلبىمدىكى ئورنىڭىزنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز. مەن سىزنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن. ئەمما بۇنى دېيىشكە تىلىم كۆيىدۇ. چۈنكى، مەن سىزنىڭ خىلىڭىز ئەمەس. مەن كېتىدىغان بولغاچقا سىزگە بۇ گەپنى دەۋاتىمەن. بەلكىم بىز ئەمدى كۆرۈشەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شەكىلە چۆچۈپ كەتتى. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشكە ئاز قالغاندا، ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشى شەكىلەگە بەكمۇ غەلىتە ئاڭلىنىپ كەتتى. ئىز تورى www.iz.la
— بۇ نېمە دېگىنىڭىز، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرمەمسىز؟ www.iz.la
— ياق، ئۆيگە كەتمىسەم بولمايدۇ. چۈنكى، ئاپام يىقىلىپ پارالىچ بولۇپ قاپتۇ. ئۆيدە ئاپامغا قارايدىغانغا مەندىن باشقا ئادەم يوق. دادام بولسا بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
شەكىلەنىڭ دىمىقى ئېچىشىپ كەتتى. دىلاۋۇر كەتتى. بالىلار خۇددى دىلاۋۇردەك بىر ساۋاقدىشى بولۇپ باقمىغاندەك ئۇنى تېزلا ئۇنتۇپ كېتىشتى.
شەكىلە ھەممىنى چۈشەندى. كۆز ئالدىدا بىردىنلا فىرانسىيەنىڭ «بۈۋى مەريەم چېركاۋسى» دېگەن كىنو گەۋدىلىنىپ، بىر جۈپ كۆزىدىن سىمابتەك ياش تامچىلىرى ئېقىپ كەتتى. ئۇ بىر چاغلاردا يىرگەنگەن، كۆزگە ئىلمىغان، ئەمما ئۆزىنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ يۈرىكى خۇددى شۇ چاغلارنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغاندەك تىنىمسىز سوقۇۋاتاتتى.(تامام) بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
