app دېتالى

نەدە سەن مۈھەببەت ؟

ۋاقتى:2013-04-03 10:35مەنبە: يوللىغۇچى:گۈلخۇمار چېكىلىشى:قىتىم

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 ھەر ئادەمنىڭ ياشاش يولى، ياشاش پەلسەپىسى ئوخشاش بولمايدىكەن. بىر ئانىدىن بىر دادىدىن تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز- خۇلقى ئوخشىمىغان يەردە تۇپراق ئۈستىدىكى ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ-دە...تۇرۇپلا ئويلاپ قالىمەن، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنىڭ نېمە ئۈچۈنلىگىگە جاۋاپ تاپالمايمەن. لېكىن شۇنى ئوبدان بىلىمەنكى ياخشى ياشاش ئۈچۈن مەن قانداق كەسىپ ھۆنەر بىلەن شۇغۇللىناي ئۇنى چوقۇم ياخشى ئىشلىشىم كېرەك. چۈنكى بۇ مېنىڭ ياشاش كاپالىتىم.
قارىسام ئەتراپىمدىكى ئادەملەر بۇ جەھەتتىن ئىككى يولغا بۆلىنىدىكەن. بىرى، ئۆزىنى خىزمەتكە بىغىشلاپ يۇقۇرى ئۆرلەيدىكەن ھەم ئۇلاردا تېخىمۇ يۇقۇرى ئۆرلەپ ئەل ئۈچۈن ياكى ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەش نىشانى تۇرغۇزىلىدىكەن. ئەپسۇس كەمچىلىگى تۇرمۇشتىن، مۈھەببەتتىن، ئائىلىدىن يېراقلىشىپ ئېرىشكەن نەرسىللىرى قانچە كۆپەيگەنسېرى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىللىرى شۇنچە ئازلاپ بارىدىكەن.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


يەنە بىر خىلى، مۈھەببەت، ئائىلە، شاتلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ باشقا ئىشلارنىڭ ئۆزىگە تەسىر يەتكۈزىشىنى خالىمايدىغانلار. ھاياتنى پۇشايمانسىز ئۆتكۈزىدۇ. چوڭ ئارمانلارنى نىشان قىلمايدۇ، قولى يېتىدىغان شاپتۇلغا ئامراق كىلىدۇ. چۈنكى، كوڭلىدىكى ئەمەلگە ئاشسا قانائەت تاپىدۇ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇش ئۇلاردىكى بىر چوڭ خوشاللىق ھېساپلىنىدۇ...
ئوتتۇرا مەكتەپ ئىكىنچى يىللىقتىكى ۋاقتىم بولسا كېرەك. شەپكىنى قۇلاققىچە چۆكۈرۈپ كېيىدىغان، چۈخەي(شۇنداق دەيتتۇق)نىڭ يېپىنى چىڭ چىگىپ سىنىپتا دەرس ئاڭلايتتۇق. ئۆزۈمنى كىچىكمىكىن دېسەم كىچىك ئەمەس، لېكىن ئۇ ۋاقىتلاردا قايسى پەندىن نېمىلەرنى ئوقۇغانلىقىم تازا ئېسىمدە يوق. پەقەت توختىماي ئۆگىنىدىغان ئادىتىم بار ئىدى، تېخى دەرسخانىدا ئانچە مۇنچە ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ قويىدىغان يەرلىرىممۇ بار ئىدى.شۇ سەۋەپلىك ئۆگىنىش باشلىقىمىز گۈلشەن(ھەممە ئىسىم ئۆزگەرتىلدى)بىلەن مۇناسىۋىتىمىز خېلى قويۇقلىشىپ قالدى. ئۇ پىكرى ئوچۇق، ئوغۇل مىجەزلىك بولۇشىغا قارىماي بويى ئېگىز، لاتاپەتلىك قىز ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ بىر جۈپ زىنىقى مېنى بەكرەك جەلىپ قىلاتتى. ئۇ بەزىدە ماتېماتىكىدىكى ئاددى مېساللارنى ئەكىلىپ مېنى ئىشلىشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلاتتى. ئىشلەۋاتسام مېنى قەستەن تېرىكتۈرۈپ ئۇنداق ئەمەس بۇنداق دەپ مېنى ئەخمەق قىلاتتى. شۇ كۈنلەردە ئۇ بىر مۇزاكىرە ۋاقتىدا ئالدىمغا كىلىپ كىتىپىنى ئاچتى. كىتاپ ۋارىقى ئارىسىدا بىر باغاقچىلىك خەت تۇراتتى. خەت پەقەت بىر جۈملە خالاس...بۇرۇنراق ئويلىشىم كېرەك ئىدى. سىنىپنىڭ ئوتتۇرا رەت كەينىدىن سانىغاندا ئۈچىنچى رەتتە ئولتۇراتتىم. باش چۆكۈرۈپ كىتاپ كۆرۇۋاتقاندا بولسۇن ياكى ئارام ۋاقتى بولسۇن بىر كىم ماڭا قاراۋاتقاندەك، ماڭا دىققەت قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. تۇرۇپلا كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالاتتى. قانداق قارىغان بولسام شۇنچە تىز كۆز نۇرۇمنى ئېلىپ قاچاتتىم. ئۇ ئامال بار مەن بىلەن سۈركىلىشىپ ماڭا بىر نېمىلەرنى دېگىسى باردەك قىلاتتى. مانا بۈگۈن بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى چىققاندەك. گۈلشەننىڭ بۇ بىر باغاقچىسىدا يېزىلغىنى: " پەرىزات سېنى ياخشى كۆرىدىكەن " دېگەن جۈملە ئىدى. خەتكە قاراپ تۇرۇپلا قاپتىمەن. قانچە ۋاقىت شۇنداق تۇرغىنىم ئېسىمدە يوق...ھازىر ئويلىسام مەن نۇرغۇن ئىشلاردا خاتا ھۆكۈم چىقىرىدىكەنمەن ياكى كىچىكىپ ھۆكۈم چىقىرىدىكەنمەن. بۇ مەندىكى ئەجەللىك خاتالىق بولسا كېرەك. دادىللىق بىلەن دېسەم مەن گۈلشەننىڭ ئۇ باغاقچىسىغا " پەرىزات سېنى ياخشى كۆرىدىكەن " ئەمەس " مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن"يېزىلىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم- ھە! بەلكىم مەن شۇ چۈشنىڭ شېرىن سېزىمى بىلەن قېتىپ قالغان ئوخشايمەن. لېكىن 90- يىللارنىڭ بېشىدىكى شۇ زاماندا بىر قىزنىڭ بىر ئوغۇلغا شۇنداق دېيىشى ئەقىلگە سىغمايتتى. شۇ ئىش بولۇپ ئازغىنە كۈندىن كېيىن گۈلشەن باشقا بىر ناھىيىگە يۆتكىلىپ كەتتى. ئاددىيلا خوشلاشقىنىمنى ھېساپقا ئالمىغاندا باشقا ھېچقانداق گەپ ياكى خاتىرە بېرىشكە ئىمكان بولمىدىمۇ ياكى شۇنچىلىك ئىشنى ئېپىنى كەلتۈرۈپ قىلالمىدىممۇ بىلمەيمەن ئىشقىلىپ شۇ ئايرىلغانچە موشۇ كەمگىچە كۆرۈشۈپ باقمىدۇق.
copyright by www.iz.la

گۈلشەن كەتتى، ماڭا تىكىلىۋاتقان كۆز بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك مېنى ئارامسىزلاندۇردى. ئەپلىك باھانالار بىلەن مېنىڭ ئەتراپىمدا دائىم پەيدا بولاتتى. دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا يېنىمدىن نەچچە قېتىم سۈركىلىپ ئۆتەتتى، كىتاپلارنى سورايىتتى، مەكتەپتىن قايىتقاندا ئالدىمدا ياكى كەينىمدە ماڭاتتى، ئىشقىلىپ ئۆيىگە كەتكۈچە ماڭا ھەمرا بولاتتى. ئۇنىڭ ماڭا قىلغانلىرىغا قاراپ بۇ قىز مېنى نېمانداق ياخشى كۆرىدىغاندۇ؟ ئارىمىزدىكى گەپ ئېچىلمىغىچە يا ئۇنىڭغا باشقا گەپنى قىلغىلى بولمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلارمۇ كەينىمىزدىن گەپ تىپىشقىلى تۇردى. 3- يىللىق بىرىنچى مەۋسۇم باشلىنىپلا پەن ئايرىدى. كۆڭلۈمدە قايسى پەندە ئوقۇسام بەرىبىر ياخشى ئۆگەنسەم بولىدىغۇ، بۇ موھىم ئەمەس، موھىمى تنىچ، ئازادە ئوقۇش دەپ ئويلىدىم. قايسى پەنگە چىقىدىغىنىمنىمۇ سىر تۇتتۇم. پەرىزات قايسىسىغا چىقسا مەن ئەكسىنى تاللايمەن دەپلا ئويلاپتىمەن (ھازىر ئويلىسام بۇ بىر بېھودە ئەخمەقلىق بولغاندەك تۇرىدۇ ).شۇنداق قىلىپ ئىجتىمائىي پەنگە چىقىۋىلىپ كۆڭلۈم ئارام تاپتى. ئىز تورى بەك ياخشى
بىر ماۋسۇم ئۆتۈپ كەتتى. ئەتىيازنىڭ خوش ھېدى دېماقلارغا ئۇرۇلۇپ گۈللەر ئېچىلدى. ئەتىگەنلىك مۇزاكىرە تۈگەپ دەرسكە كىرىدىغان ۋاقىتتا قانداق بولدى قولۇمغا ھۆپپىدە ئىچىلىپ يېڭىلا ئۈزۈلگەن قىزىلگۈلگە كىتىپ ئۇنى ئېلىۋاپتىمەن. كەينىمگە يانماي گۈلنى ئېلىپ جايىمغا كېلىپ ئولتۇرىۋالدىم. كىتاپنىڭ ئاق ۋاراقلىرى ئارىسىدا جۇلالىنىپ تۇرغان بۇ گۈل مېنى نېمانچە جەلىپ قىلغاندۇ؟ كىمنىڭ ئىكەنلىگى بىلەن ھېساپلاشماي ئۇنى ئېلىۋاپتىمەن دېسە...ئورۇندۇغۇمدا ئولتۇرۇپ قارىسام گۈل مېنىڭ قولۇمدا گۈپۈلدەپ ھېد چېچىپ تۇرۇپتۇ، ئالدىمدىكى دەرىزە تەرەپتىكى رەتتە بىر قىز كەينىگە قاراپ مېنىڭ بۇ چۈشىنىكسىز ھەركىتىمگە ئەجەپلىنىپ قاراپ تۇرىدۇ. لېكىن چىش يېرىپ بىر نېمە دېمىدى، ئۇنىڭغىچە دەرس قوڭغۇرىقى چېلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ مەنمۇ دەسلەپتە ئانچە دىققەت قىلمىغان بۇ قىزغا ئۇيانغا بۇيانغا ئۆتكەندە قاراپ قويىدىغان بولدۇم. بولۇپمۇ، ھەر قېتىم دەرسكە كىرىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ كىرىپ كېتىشنى ئۇنتۇپ قالمايىتتىم. بارا- بارا ئۇمۇ مېنىڭ قارىشمغا قاراش بىلەن، سالىمىمغا سالام بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدىغان بولدى. ئۇنىڭ ماڭغان ۋاقتىدىكى گاھىدا بىر قىلىپ بوغىۋالغان چېچى گاھىدا ئىككىگە ئايرىپ ياسىۋالغان چىچى بولۇپمۇ ماڭغان ۋاقتىدىكى چاچلىرىنىڭ ئىككى يانغا سېلكىنىپ سېلكىنىپ تۇرۇشى ماڭا بەكمۇ ياقاتتى. ئەپچىل، چاققان ھەرىكەتلىرى مېنى جەلىپ قىلاتتى. تۈركەنئاينىڭ بۇ سىماسى قۇم ئاستىدا قالغان مەڭگۈلۈك تاشقا ئويۇلغان رەسىمدەك قەلبىمگە ئورناپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغان تۇرسۇنئاي (كېيىن بىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتىدا بىللە ئوقۇدۇق )ئىككىمىزنىڭ بىقىشىپ يۈرگىنىمىزدىن ھېس قىلغان بولسا كېرەك مەن ئۇلار ئولتۇرىدىغان پارتىنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇنى نوقۇپ قويۇپ چاخچاق قىلىدىغان بولىۋالدى. كېيىنچە مەنمۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇششاق پاراڭلاردىن بىر ئىككىنى قىلىپ كىلىدىغان، شۇنى باھانە قىلىپ تۈركەنئاينىڭ سۈزۈك ھەم يۇمۇلاق گۈل يۈزىنى يېقىندىن ئۇزاقراق كۆرىۋالىدىغان بولدۇم. ئالىي مەكتەپ ئېمتىھانى يېقىنلاپ كېلىپ قالدى. بۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغىمنى دېيىشنىڭ ئۆزى بىر ئەپسىز ئىش ئىدى. چۈنكى ھازىرقى ئەڭ موھىم ۋەزىپە ئەڭ ياخشى ئۆگىنىپ ئالىي مەكتەپنىڭ بوسۇغىسىغا دادىل قەدەم بىلەن كىرىش ئىدى. لېكىن بىر ئىشقا ھەيرانمەن مېنىڭ شۇنچە ئېسىلىپ ئۆگىنىشىمنىڭ بىر تەرىپى ئۆزۈم ئۈچۈن بولسا يەنە بىر تەرىپى ئۈنىڭ ئۈچۈن بولىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالاتتىم. شۇنچە ئۆگەنگەنسېرى ئۇنىڭغا شۇنچە يېقىنلاشقاندەق كوڭلۈم قانائەت، بەخىت تۇيغۇسىغا چۈمەتتى. ئۇنىڭمۇ مەن ئۈچۈن موشۇنداق ھېسياتتا بولۇشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم. بىراق ئۇنىڭ ئويىنى بېلىپ بولغىلى بولمايىتتى...6- ئاينىڭ ئىسسىغىدا سىنىپتىن سېرىتقا قېچىشاتتۇق. بىر ئاماللار بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىراق ئۆگىنىش قىلاتتىم، ئانچە مۇنچە ئۇنىڭغا قاراپ قوياتتىم، ئۇمۇ ھەم شۇنداق قىلاتتى. بەزىدە بىللە ئۆگىنىش قىلغاچ بەزى پاراڭلارنى قىلىشىپ كىتەتتۇق. قايسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى، ئۆيدىكىلەرنىڭ ئارزۇلىرىنى، قايسى كەسىپتە ئوقۇش دېگەندەك كۆڭۈللۈك پاراڭلار بىلەن ۋاقىتنىڭ قانداق تىز ئۆتۈپ كەتكەنلىگىنى سەزمەي قالاتتۇق. بۇ كۈنلەردە مەن سەھەرچى بولۇپ كەتتىم. بەزىدە ئۇ مەندىن بۇرۇن كىلىۋالاتتى. قايسىمىز بۇرۇن كەلسەك بىز ئۆگىنىش قىلىدىغان جايدا بىر بىرىمىزنى كۆرەتتۇق. مانا شۇنىڭ ئۆزى بىز ئۈچۈن يېتەرلىك بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. كىتاپتىكى قۇرلارنىڭ ئارىسىدىن، سۆزلەرنىڭ ئارىسىدىن بىر بىرمىزنى كۆرەتتۇق. كىتاپنىڭ گىرۋىكىدىن بىر بىرمىزنى كۆرەتتۇق. كىرپىكرىمىز ئارىسىدىن بىر بىرمىزنى كۆرەتتۇق، ئەشۇ قىزىلگۈلنىڭ رەڭگىدەك يۈرىگىمىزنىڭ رېتىمىنى ھېس قىلىشاتتۇق... ئىز تورى www.iz.la
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىرىنچى كۈنى. تۈنۈگۈن شۇنچە كەچ ئۇخلىغىنىمغا قارىماي روھىم شۇنچىلىك جۇشقۇن. ئىمتىھان مەيدانىنىڭ ئالدىدا دادام ئىككىمىز، تۈكەنئاينىڭ ئاپىسى تۆتىمىز ئۇچرىشىپ قالدۇق. بىر چاغدا دادام ئۇنىڭ ئاپىسىنى تونۇمدۇ قانداق ئىككىسى پاراڭلىشىپ كەتتى. مەن يەرنىڭ تىگىدىن ئۇنىڭغا قاراپ مەدەت بېرىپ ئۈلگۈردۈم. شۇندىن كېيىن ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىدىم. ئۇنىڭ مەنمۇ سەن بىلەن بىر مەيدانغا كىرىپ قالغان بولسام قانداق ياخشى بولاتتى ھە دېگىنىنى ئويلىسام ئەپسۇسلىنىمەن. ئىمتىھان تۈگىدى. ئارزۇ توشقۇرۇش باشلاندى. شۇ كۈنى ئۇ گۈللۈك ئۇزۇن كۆينەك كېيىۋاپتۇ، كۆزۈمگە ھۆر مەلىكىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. چېچىنى ئىككى قىلىپ يانغا تاشلاپ قىزلىق لاتاپىتىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئارزۇنى ئاساسەن ئوخشاش توشقۇزۇپ ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ بولدۇق. copyright by www.iz.la
- بىر مەكتەپكە ئۆتسەك قانداق ياخشى بولاتتى- ھە !
مەن بۇ گەپنىڭ زادى قانداق مەنىدە ئېيتىلغانلىقى تاكى ھازىرغىچە ئاڭقىرالماي يۈرۈيمەن. كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى بولغان بىلەن سۆز كۆڭۈلنىڭ سىرى. مېنىڭ ياشلىق تۇيغۇمدا شۇنچە ئورۇننى ئىگىلىگەن بۇ قىزغا " مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن " دېگەن بىر ئېغىز گەپنى دېمەي ياكى دېيەلمەي ئۆتۈپ كەتكەن بۇ ئەينەكتىكى مۈھەببەتنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشىنى كۈتمەكتىن باشقا ئامال مەندە يوقتەك قىلاتتى.خوشلىشىپ ئۆيگە قايتىپ كىتىشتۇق. نەتىجە چىقتى. مەن بىرىنچى بولۇپ نومۇر ئاپتىمەن. ئۆزۈمنىڭ نومۇرىدىن بەكرەك تۈركەنئاينىڭ ئالغان نومۇرىنى بىلىشكە ئالدىرىدىم. ئەپسۇس، ئۇ ... بىر ۋىلايەتنىڭ مەكتىپىدىن كەلگەن ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالدى. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىغا ئاۋۋال مېڭىپ كەتتىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(4)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس