ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— ھە، ئىشتىن كەلدىڭىزما، كەچ قاپسىزغۇ؟... ئايالىڭىزمۇ كۆرۈنمەيدۇغۇ... ئىشتىن قايتىپ كېلىپ، ئەمدىلا قۇلۇپقا ئاچقۇچ سېلىشىمغا، ئۇدۇل قوشنامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئارقامغا بۇرۇلۇپ قارىسام، ئۇ قوللىرىدا بىرمۇنچە نەرسە-كېرەكلەرنى كۆتۈرگەن ھالدا پەلەمپەيدىن چىقىۋېتىپتۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— شۇنداق، ئايالىم چوڭ ئۆيگە كەتكەن، بۈگۈن ئىدارىدە ئازراق ئىش بىلەن كەچ قالدىم... — دېدىم ۋە قوشنامنىڭ سوئالىغا لايىق مەنمۇ سورىدىم، — ئولتۇرۇش قىلىۋاتامسىز نېمە؟ ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئۇ قولىدىكى نەرسە-كېرەك سېلىنغان سۇلياۋ خالتىنى شاراقلىتىپ، ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چەكتى، ئىشىكنى ئايالى ئاچتى. دەرۋەقە، ئۆيدىن دۇتارنىڭ ئاۋازى، كىمنىڭدۇر بوم ئاۋازدا ناخشا ئېيتقىنى، يەنە بىرىنىڭ «بىرى ئۆتۈپ كەتسۇن» دەۋاتقىنى، بىرنەچچە ئايالنىڭ گۇدۇڭ-گۇدۇڭ پارىڭى ئاڭلىنىۋاتاتتى. قوشنام نەرسە-كېرەكلىرىنى خوتۇنىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپلا قولۇمدىن تارتتى:
— ۋوي، ئۇنتۇپ قالدىڭىزما، ئەتە يېڭى يىلغۇ، رېستورانلارغا بېرىپ قىستىلىپ ئولتۇرغۇچە، ئۆيگىلا سورۇن تۈزەيلى، دېدۇق، بايا نەچچە قېتىم ئىشىكىڭىزنى چەكتىم، سادا يوق، ئەمدى كەپسىز، يۈرۈڭ!... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىر نەرسە دېيىشكە ئۈلگۈرمەيلا، ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قالدىم... ئىشىك ئەتراپى بەئەينى ئاياغ بازىرىغا ئوخشاپ قالغانىدى. ئۇنىڭغىچە قوشنام: — قېنى، ئاياغنى سېلىپ ئىچكىرىگە كىرىڭ... — دېدى.
ئىز تورى www.iz.la
ئايىغىمنى سېلىپ ئىچكىرى كىرىشىمگە دۇتتار-ناخشا توختاپ، ئولتۇرغانلار ئورنىدىن دۈررىدە تۇرۇشتى. مەن مېھمانلارنىڭ بىرەرسىنىمۇ تونۇمىغاچقا، سەل ئوڭايسىزلاندىم ۋە ھەممىسى بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم... ھاراقنىڭ قاڭسىق ھىدى، تاماكا ئىسلىرى ئۆي ئىچىنى بىر ئالغانىدى. ئۈستەل نەچچە ئون تاماكا قېپى، ئۈچ-تۆت بوتۇلكا ھاراق، مېۋە شەربەتلىرى ۋە ھەرخىل قورۇمىلار بىلەن تولغانىدى. ئەرلەر ئىچىشنى خېلى بۇرۇنلا باشلىۋەتكەن بولسا كېرەك، بەزىلىرىنىڭ چىرايى قىزارغان، بەزىلىرىنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇسىرىغاندەك ئەلەڭلەيتتى. ئىز تورى www.iz.la
قوشنام مېنى ئۇلارغا بىر قۇر تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، مېھمانلارنىڭ ئارىسىدىكى شاپ بۇرۇت بىرى قولۇمنى قويۇۋەتمەي سۆزلەپ كەتتى: copyright by www.iz.la
— كېلىڭلا، كېلىڭلا، باياتىن بېرى ئاسىمجان سىلىنى «توۋلاپ چىقىمەن» دەپ ئۆيۈڭلىگە نەچچە قېتىم كىرىپ چىقتى... گېپىڭلىنى قىلىپ بەردى... — قارىغاندا ئۇ بۇ سورۇننىڭ ساقىيسى بولسا كېرەك، لىق ھاراق تولدۇرۇلغان رۇمكىنى قولۇمغا تۇتقۇزدى، — قېنى، بۇنى گۈپپىدە كۆتۈرۈۋېتىپ، بىزگە يېتىشىۋېلىڭلا... مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
بىر كۈن ئالدىراش ئىشلەپ ھېرىپ كەتكەچكىمۇ، ئەيتاۋۇر ھاراققا كۆڭلۈم تارتمايۋاتاتتى... ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاچ قورساق ئىدىم... ئۇنىڭغىچە قوشنام گەپ قىستۇردى: ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
— ھە، ئىچىۋېتىڭە، ئايالىڭىزمۇ بولمىغاندىكىن، بۈگۈن «قۇلاق مىدىرلىغۇچە» ئىچمەمدۇق... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يان تەرەپتىكى بىر نەچچە ئايال ماڭا كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇراتتى... شۇنىڭ بىلەن «ئەركەكلىك غۇرۇرۇم ئۈستۈن كېلىپ» چۈشتە تاماق يېمىگىنىمنىمۇ پەرۋايىمغا ئالماي، ھاراقنى «گۈپ» قىلىپلا كۆتۈرۈۋەتتىم... خۇداغا شۈكرى، ھاراق گېلىمدىن «سىيلىق» ئۆتۈپ كەتتى. ئىز تورى www.iz.la
— ھە، ھە... قايلاڭلا، ھاراقنىڭ ئەسلىي پىرىكامىلى بۇ يەردىكەن ئەمەسما... — ساقىي شوخ، قىزىقچى يىگىت بولسا كېرەك، قويۇق قەشقەر شېۋىسىدە سۆزلەيتتى.
بىر ئازدىن كېيىن تەمبۈر بىلەن دۇتار چېلىنىپ، ئىلى خەلق ناخشىلىرى ياڭراپ كەتتى... يېيىش – ئىچىش ئۆزرە-تەكەللۇپ ئىچىدە داۋام قىلماقتا... copyright by www.iz.la
بىر چاغدا ئۆزۈممۇ تۇيمىغان ھالدا ئېچىلىپ كېتىپتىمەن، يۇمۇر-لەتىپە دېگەننى ئارقا-ئارقىدىن سۆزلەپ ئۇلارنى راسا كۈلدۈرۈپتىمەن، ئەمما كەيىپلىكتە كۆزلىرىم تورلىشىپ، بارا-بارا سورۇندىكىلەرنى ئېنىق ئىلغا قىلالمايدىغان ھالغا يەتتىم... چۈنكى ئاچ قورساق ئىچكەن ھاراق «كارامىتى» نى كۆرسىتىۋاتاتتى. كىملىكىنى بىلەلمىدىم، ئىشقىلىپ بىر چاغدا بىرەيلەننىڭ يېڭى يىل ھەققىدىكى سۆزلىرى ئاڭلاندى: ئىز تورى www.iz.la
— ئاغىنىلەر، يېڭى يىلغا مۇشۇنداقلا كىرىپ كەتتۇق... بۇ بىر ياش چوڭايدۇق دېگەن گەپ... ۋاقىت دېگەن تۇرمۇشىنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەنلەرگىمۇ، مەنىسىز ئۆتكۈزگەنلەرگىمۇ ئۆتىدۇ... يىل ئۆرۈلدى... لېكىن... — ئېغىر مەست بولۇپ كەتكەچكىمۇ، ئۇنىڭ گەپلىرى يېپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ چىقاتتى، — ... يېڭى يىلدا تۇنجى قەدەمنى قانداق ئالساق، پۈتۈن بىر يىلدا شۇ بويىچە ماڭىدىغان گەپ... نېمىدى... ھە-ھە، خۇددى «ئەتىگەندە نېمە يېسەڭ، كەچلىكىڭ شۇ» دېگەندەك... www.iz.la
ئۇنىڭ قالغان گەپلىرى ۋە كېيىنكى ئىشلار ئېسىمدە يوق... ئەتىسى كۆزۈمنى ئاچسام، قوشنام ئاسىمجان ياندىكى كىرېسلودا خورەكنى بولۇشىغا تارتىپ ئۇخلاۋېتىپتۇ، ئايالى ئۆي تازىلاۋېتىپتۇ... مەن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ كەتتىم ۋە خىجىل بولغان ھالدا ئايىغىمنى ئالدىراش كىيىپ ئۇنىڭ «چاي ئىچىپ چىقىڭ» دېگىنىگىمۇ ئۇنىماي ئىشىكتىن چىقتىم. بۇ كۈن چۈشتىن قايرىلغان چاغ ئىدى...
«خۇداغا شۈكرى، بۈگۈن ھەر نېمە بولسا دەم ئېلىش كۈنىكەن...» شۇلارنى ئويلىغاچ ئۆيۈمنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدىم. لېكىن يانچۇقلىرىمنى قانچە ئاختۇرۇپمۇ ئاچقۇچنى تاپالمىدىم... قوشنامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئايالىدىن «ئاچقۇچۇم چۈشۈپ قاپتۇمۇ؟» دەپ سوراشتىن خىجىل بولۇپ، ئىشىكىمنى چەكتىم... ئايالىم سەھەر كېلىپ بولغان بولسا كېرەك، ئىشىكنى ئاچتى ۋە كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي سۆزلەپ كەتتى:
—نەگە باردىڭىز؟ ئۆيگە ئوغرى كىرىپتۇ، خاتىرە كومپيۇتېر، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىم يوق. ھەممىنى، ھەممىنى ئاپتۇ... ئانامنىڭ ئوپېراتسىيەسىگە ئىشلىتىدىغان 30 مىڭ يۈەن نەق پۇلمۇ يوق. سىز زادى نەگە بارغانتىڭىز؟
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۈنۈگۈن كەچ ئاچقۇچنى قۇلۇپقا سالغىنىم ۋە ئاچقۇچنى قۇلۇپتىن ئالمايلا قوشنامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكىنىم ئېسىمگە كەلدى. بېشىم پىررىدە قايدى. كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ، ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا كىرېسلوغا ئولتۇرۇپ قالدىم. ئايالىم كىملەرنىدۇر غايىبانە تىللاپ قارغىماقتا. ئۈچ ياشلىق ئوغلۇم نېمە بولغانلىقىنى چۈشەنمىسىمۇ، ئانىسىغا قوشۇلۇپ يىغلىماقتا ئىدى. مەن بېشىمنى ئىككى قولۇمدا چىڭ قاماللاپ تۇتقىنىمچە ئولتۇراتتىم. بىر چاغدا ئاخشام سورۇندا خىرە-شىرە ئاڭلىغان سۆزلەر ئېسىمگە چۈشتى-دە، ۋەھىمىلىك خىيالغا پاتتىم: «ئەستا، بۇ بىر يىلدا ئوغرى مېنى تېنچ قويمايدىغان بولدى...».(
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
