كەچلىك تاماقتىن كېيىن قازان بېشىنى يىغىشتۇرۇپ بولغىچە ھېرىپ ھالىمدىن كەتمىدىميۇ، پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىن بېشىمنىڭ چوققىسىغىچە تەكشى تارقالغان ئاغرىق چىرايىمغا چىقىپ كەتتى. قوشۇمامنىڭ بوش تۈرۈلۈپ قالغانلىقى ئۆزۈمگە ئايان.
— قاپاقنى بەش كىشىلىك تۈرۈپ نېمە بولدۇڭ؟ — سافاغا قىڭغىيىپ تېلېۋىزور قانىلىنى توختىماي يۆتكەۋاتقان يولدىشىمنىڭ مۇزدەك سۆزلىرى مېڭەمنى جۇغۇلداتتى.
ئىز تورى www.iz.la
— ھېرىپ كەتتىم، پۇتۇم سەل ئىششىپ قاپتىكەن، ئاغرىپ شۇ.
— قىلغان ئىشىڭنىڭ تايىنى يوق نېمىگە ھاراتتىڭ؟ — سۆزۈمنى تۈگەتمەستىنلا ئىشىتكەن بۇ دەشنام بىلەن ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشتى. ئىچىم قاراڭغۇلىشىپ، كۆزۈمگە يىغا ياماشتى. ئۆزۈمنىڭ بەختسىز نىكاھىمغا ئەمەس، بەلكىم قورسىقىمدىكى يەنە تۆت ئايدىن كېيىن ئاپىرىدە بولمىش يېڭى جاننىڭ شور پېشانىلىكىگە ھەسرەتلەندىم. ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىمىزدا بىرەر قېتىم جەڭگى-جېدەل قىلغىنىنى، دادامنىڭ بىرەر قېتىم ئانامنىڭ كۆزىگە قولىنى ئۇچلاپ تۇرۇپ دەشنام بەرگىنىنى ئەسلىيەلمەيمەن. ھەممىلا ئائىلىنى مۇشۇنداق چاغلايتتىم. بىراق ئائىلەمنىڭ مەڭگۈ بۇنداق بولۇشىغا ئىشەنمەيتتى. بۇنى خۇددى ۋاقىتلىق بىر ئىشتەك سېزەتتىم. مەن ئۇنىڭغا ئازراق ۋاقىت بېرەي، دېگەنلەرنى ئويلىدىم-دە، ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدىم.
— توۋا... — مۇشۇ سۆزنى ئاران دېيەلىدىم. ئۇ ماڭا كۆزىنى ئالايتىپ، تىزگىنەكنى ئالىقىنىمغا پاققىدە قويۇپلا سىرتقا ماڭدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
— نەگە بارىسىز؟ — بۇنداق قىلىقلىرىغا كۆنۈپ قالغان بولساممۇ كەينىدىن بىللە چىقتىم.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
— ئۆلگىلى ماڭمىدىم. نەگە بارسام ساڭا دوكلات قىلامدىم؟ كىرىمەن ھازىر. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
تېنىم بوشىشىپ كەتتى. تامنى سىلاشتۇرۇپ دېگۈدەك ئۆيگە ئاران كىرىۋالدىم. ھويلا تېخى بايىلا چۈشكەن ئاپپاق قارنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ سوغۇقتا تىمتاس قالدى. قوشنىلارنىڭ پات-پات كۈلكە ئاڭلىنىپ قالىدىغان ھويلىسىغا شۇ قەدەر ھەۋىسىم كېلەتتى.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
«پېشانەم مۇشۇ ئائىلىدە ئىچىمگە دەرد-ھەسرەت توشۇپ، تېشىمدىن كۈلۈپ ئاتا-ئانامنى خۇشال قىلىپ ئۆتۈشكە پۈتۈلۈپ كەتكەن. ئۇششۇقلۇق قىلىپ يامانلاپ كېتىدىغانغا، يولدىشىمدىن نارازى بولىدىغانغا مەن كىمتىم؟ ماڭا يامانلىق قىلسا، جاجىسىنى ياراتقان ئىگىسى بېرىدۇ. ساقلاي، تىنچ كۈتەي، مېنىڭمۇ كۈلىدىغان كۈنلىرىم كېلەر» دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرەتتىم. كۆزۈمدىن سىرغىغان ياش مەڭزىمنى بويلاپ گېلىمغا كىرىپ كېتىۋاتاتتى. يېشىمنى سۈرتۈش ئۈچۈن قولۇمنى يۈزۈمگە سوزۇشقىمۇ كۆڭلۈم تارتمىدى. تارتقان يۈرەك ئازابىمنىڭ ئالدىدا بۇنداق نەچچە تامچە ئەرزىمەس ياشنىڭ بىئارامچىلىقى ھېچنىمە ئەمەس. مەيلى ئېقىۋەرسۇن، مەڭزىمنى سىلاپ ماڭا تەسەللىي بەرسۇن. يىغلاپ ياتقىنىمچە ئىككى يىل بۇرۇنقى ئازابلىق ئۆتمۈشۈمنى ئەسلىدىم. پەقەت ئەسلىيەلەيتتىم. ئەسلەشتىن باشقا قولۇمدىن ھېچنىمە كەلمەيتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— مەھمۇدجاننىڭ نەرى يامان؟ بوي-بەستىمۇ شۇنداق قاملاشقان. ئىش ئورنىمۇ جايىدا. مېھرىنىساغا دەل شۇ بالا لايىق كېلىدۇ. ئەينى چاغدا «ئاينىسانى مەھمۇتجانغا بېرىمىز» دەپ قويغان بىلەن ئۇنىڭ تويىنى قىلىۋەتتۇق. ئەمدى مېھرىنىسانى بەرمىسەك، ھۈسەيىنقارى بىلەن مۇكەرەمخاننىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ بىز ئۇلار بىلەن قۇدىلىشىشقا ۋەدىلەشكەن. ئەمدى داستىخاننى قايتۇرغان بىلەن ئۈلپەت بولۇپ ئۆتكىلى بولامدۇ؟
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— ئۇنىڭ يېشى مېھرىنىسادىن سەككىز-ئون ياش چوڭ تۇرسا؟
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
— چوڭ بولسا نېمە بولىدۇ؟ نەدە يولدىشى بىلەن ئايالى تەپمۇ تەڭ بولغاننى كۆرگەنىدىڭ؟ ئۆزىدىن كىچىك ئايالنى ئېلىش دېگەن پەرھىز. نىكاھ ئۇلۇغ نەرسە. كېيىنكى ئىشلارغا سەن بىلەن بىز بىر نېمە دېيەلمەيمىز. دۇئا قىل دۇئا. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— قاپىقى يامان ئۇ مەھمۇدنىڭ. بوي-بەستىنىڭ چوڭلۇقىغا، مۇشتىمۇ چوڭ تايىنلىق. خورىكى يامان، بىلىمەن ئۇنى، ئىككى ئېغىز گەپنىڭ ئورنىغا مۇشت كۆتۈرۈپ قوپىدۇ. مېھرىنىسانىڭ جۇغىمۇ كىچىك. كېيىنلەردە قىزىمىزنى بوزەك قىلسا، مېنىڭ يۈرىكىم ئېزىلمەمدۇ؟
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
— ھەممە ئىشنى يامانغا بۇراپ تۇرىدىغان خوتۇنكەن ماۋۇ. جىم تۇرغان ئادەمنى ئۇرىدىغان ساراڭ ئەمەس مەھمۇتجان...
ئاپام بىلەن دادامنىڭ ئىچكىرىكى ئۆيدىن كېلىۋاتقان ماڭا ئالاقىدار سۆزلىرىنى دىققەتسىزلىكتىن ئاڭلاپ قېلىپ يۈرىكىم ئېغىپ، داۋامىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالماي، پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ چىقىپ كەتكەنىدىم. 20 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئادەمنى ئۆزىدىن سەككىز ياش چوڭ كىشىگە قانداق بېرىۋەتسۇن؟ ئۇلار مېنىڭ ئاتا-ئانامغۇ؟! ئىشەنگۈم كەلمىگەنىدى. مېنى ئەرگە — ئارىمىزدا ھېچ مۇھەببەت بولمىغان بىرىگە بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ تېنىم شۈركىنەتتى. تۇيۇقسىزلا ئۆيىمىزدە توي تەييارلىقى باشلاندى. ئاخىرى مېنى مەھمۇتقا بېرىشىدىغان، ئۆزلىرىنىڭ ئابرويى، يۈزى، ئۈلپەتداشلىرىغا بېرىپ قويغان ۋەدىسىنى دەپ، خەقنىڭ ئالدىدا مات بولۇپ قېلىشتىن قورقۇپ، مېنى بەختتىن يىراق بىر ئائىلىگە مەھكۇم قىلىشىدىغان بولۇشتى. ئەزەلدىن ھەر قانداق گېپىگە باش ئېگىپ كەلگەن مەن شۇ نۆۋەتمۇ ھېچ سۆزسىزلا دادامنىڭ دېگىنىگە كۆنگەنىدىم. چوڭ ئانامنىڭ «زاۋالدا يىغلىغان ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەيدۇ» دېگەن سۆزى يادىمغا كەلدى-دە، ياشلىرىمنى سۈرتۈپ ئىچىمدىن كېلىۋاتقان ياشنى ئۇيقۇ بىلەن باسماقچى بولۇپ، كۆزۈمنى زورىغا يۇمۇپ ئۇخلاشقا تىرىشقان بولساممۇ، خىياللىرىم دانە-دانە بولۇپ چېچىلىشقا باشلىدى. ئىككى يىل بۇرۇنقى ئۇ ئىشلار يەنىلا خىيالىمدا لەيلەپ يۈرەتتى. ئانامنى، قېرىنداشلىرىمنى سېغىنغانىدىم. نەچچە قەدەم نېرىدىكى ئۆزۈم چوڭ بولغان ئۆيمۇ ماڭا خۇددى تاشقى پىلانىتتەك يىراق تۇيۇلماقتا ئىدى. «جېنىم بالام، مۇكەرەمخانلار بىلەن ئەزەلدىن كىرىش-چىقىش قىلىپ ئۆتىدىغان يېقىنلاردىن بىز. ئۇ پاكىز، قائىدىلىك ئايال. ھۈسەيىنقارى ئۆزىمۇ ئەل-يۇرتنىڭ كۆزىدە ئېسىل، بىلىملىك ئادەم. ‹ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە، كۈچۈڭنى خار قىل› دەيدىغان گەپ بار. پۇت-قولىڭىزنى يەڭگىل قىلىڭ...» ئانامنىڭ توي كۈنى قىلغان نەسىھەتلىرىنى ئېسىمدە مەھكەم ساقلاپ ھەم شۇ بويىچە ئىش كۆرۈپ كەلدىم. ئەمما قېيىنئاتامنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنلا، مەھمۇدنىڭ بۇرۇنقى ياخشى خۇلقلىرى ئۆزگىرىپ، ھەر خىل يېڭى خۇي-پەيلەرنى پەيدا قىلىۋالغانىدى. «ئەتە تۈزىلەر، ئۆگۈن تۈزىلەر» دېگەن ئۈمىدتە ياشاۋاتاتتىم. ئۇ بولسا ھېلىغىچە يۈرىكىمنى تىرناقلاۋاتاتتى. بۈگۈنكىدەك تاماقنى يەپ ئاندىن چىقىپ كېتىشى خېلى ياخشى ئەھۋال سانىلاتتى. تاماق ئېتىۋاتسام: «تېخىچە پىشمىدىما» دەپ ۋارقىراپ قويۇپ چىقىپ كېتىشلىرى ۋە تەڭ كېچە بىلەن ئۆيگە كىرىپ كىملەردىن ئالالمىغان ئۆچىنى مېنى تىللاپ، ئۇرۇشتىن ئېلىشلىرىغا مەن كۆنۈپ كەتكەنىدىم. كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ ئىلىنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئانامنىڭ يېنىغا كىرسەملا يىغلاپ سېلىپ ئۇنىڭمۇ ئىچىنى ئاچچىق قىلغۇم كەلمىدى. تام قوشنىمىز — مەھمۇدنىڭ نەۋرە ئاچىسى باھارخاننىڭ يىنىغا كىردىم.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— مېھرىنىسا سىڭلىم، سىز راستتىنلا ئېسىل چوكان، سىزدىن باشقا ئادەم بولىدىغان بولسا مەھمۇدقا چىدىماي، مۇكەررەم ئاچامغا يىلاپ چىقاتتى، ئۈنۈڭلار ھەر كۈنى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. بالىلارغا «تالادا قالايمىقان سۆزلىمەڭلار» دەپ قويدۇم. بوپتۇ، سەۋر قىلىڭ، ھۈسەيىنقارىنىڭ ئۆلۈمى بۇ بالىنى شۇنداق قىلىپ قويدى. دادىسى تۈگىگەندىن كېيىن نۇرغۇن بالىلار مۇشۇنداق بولۇپ قالىدۇ. كېيىن ئاستا-ئاستا تۈزۈلۈپ كېتىدۇ، سىڭلىم. ئىككى ئۆيدىكىلەرمۇ چىرايلىق ئۆتۈشۈۋاتقانلار، چوڭلارنىڭ كۆڭلىمۇ بۇزۇلمىسۇن، ھۆرنىساخان بىلەن ئابابەكرى ئاكامغىمۇ دەپ يۈرمەڭ. بىزمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلارمىز، — باھارخان ئاچام بىر تەرەپتىن داستىخاندىكى ناننى ئوشتىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ماڭا مۇلايىملارچە سۆزلەۋاتاتتى. ئىز تورى www.iz.la
— ياقەي، ئاپام، دادامغا دېمىدىم. مەنمۇ شۇ دادامنىڭ روھى قورۇنمىسۇن دەپ ئارتۇق ماجىرا قىلمىدىم. ئاناممۇ ئاران تۇرۇۋاتىدۇ. ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشقۇدەك ئەپتى بار دەمسىز، — ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، يۈرىكىم سەل ئېللىپ قالغانىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
— ياخشى قىپسىز، سىڭلىم. مانا مۇشۇنداق پات-پات بىزنىڭ ئىشىككە دوقۇرۇپ تۇرسىڭىز، كۆڭلىڭىزمۇ سەل كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ...
باھارخان ئاچاملارنىڭكىدە ئۇزاق ئولتۇرماستىن ئۆيگە يىنىپ كىردىم. ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىشىمگە قورسىقىمدا قۇرت ماڭغاندەك مۆلدۈرلەپ، ئارقىدىنلا قاتتىق ئاغرىقنىڭ دەستىدىن ئىككى پۈك بولۇپ، جايىمغىلا ئولتۇرۇپ قالدىم. ئىچىمدە سېرىق ھەرە چاققاندەك باشلانغان بىر ئاغرىق ناھايىتى تېزلا پۈتۈن قورسىقىمنى قاپلىۋالدى. بۇ ئاغرىققا چىداپ بولالمىدىم، بۇرۇن ئاغرىمىغان ئاشقازان ئاغرىقلىرىمنى بۇنىڭغا تەڭلەشتۈرۈپ بولمايتتى. ۋارقىرىغان ئۈنۈم باھارخان ئاچاملارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى بولغاي، قىزى گۈلبانۇ بىلەن يۈگۈرۈپ كىردى-دە، مېنى يۆلەپ كارىۋاتقا ياتقۇزدى. كارىۋاتقا چىقىپلا تۈگۈلۈپ يېتىپ قالدىم. قورقتۇم، بالامغا بىرەر ئىش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، مېڭەمگە ئاغرىق كىردى. تېنىم ئاستا-ئاستا بوشىشىپ، كۆرۈش دائىرەمنى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى، يۇمشاق بىر قول پېشانەمنى يېنىك سىلىغاندىلا، دېرىزىدىن چۈشۈپ تۇرغان كۈن نۇرىنىڭ تەسىرىدە كۆزۈمنى ئاستا-ئاستا ئاچتىم-دە، ئۆزۈمنىڭ دوختۇرخانىدا ياتقانلىقىمنى جەزملەشتۈردۈم.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
— مېنىڭ بالام بار ئىدى. بالام...
— خاتىرجەم بولۇڭ، بالىڭىزغا ھېچ ئىش يوق، سىز ئارتۇق غەم قىلسىڭىز ھامىلىگە زىيانلىق، خاتىرجەم داۋالىنىڭ، — سېسترا قىز ماڭا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى، — سوقۇر ئۈچىيىڭىز ياللۇغلىنىپتۇ، كېسەلخانىدا ياتىسىز، ئاغرىق تۇتقان ھامان ئوپېراتسىيە قىلىمىز. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— مېنىڭ قورسىقىمدا بالام تۇرسا، قورسىقىمنى يارساڭلار بالام... — كۆزلىرىمگە يىغا ئولاشتى.
www.iz.la
— خاتىرجەم بولۇڭ، بۇنىڭدىن ئەنسىرەش بىھاجەت. ئوپېراتسىيە جەريانىدا ھامىلىگە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتمەيدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
— ۋاي، جېنىم بالام. ۋاي قاچانقى ئىش بۇ؟ مەھمۇتجان بايا خەۋەر قىلدى بىزگە، كېسەلخانىدا يېتىپ قالدى دەپتى، مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، — ئاپام ئۈن سېلىپ يىغلاپ كىرىپ كەلدى.
— ئەنسىرىمەڭ، ياخشى تۇردۇم. باشقا چوڭ چاتاق يوق. سوقۇر ئۈچەي ئوپېراتسىيەسى قىلىدىكەن. دادام قېنى؟ ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
— دادىڭىز ئارقامدىن كىرىۋاتقان.
— ئاخشام ئازراق قورسىقىم ئاغرىغاننى بىلىمەن، ئەتىگەن بۇ يەردە ياتىمەن. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
— مەھمۇدجان كىرىپتۇ ئەتىگەن ئۆيگە، «ئاخشام مەن ئۆيدە يوق بولۇپ قاپتىمەن، باھارخان ئاچام مېھرىنىسانى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپتۇ» دەپ. يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپلا قالدى بالام. بالىدا چاتاق يوقتۇ؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— ياق، ھېچ ئىش يوق، ئەنسىرىمەڭ. مەھمۇد ئۆزى نەگە كەتتى؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
— ئىدارىدىن رۇخسەت ئېلىپ كېلىمەن دەپ تاماققىمۇ قارىماي چىقىپ كەتكەن. ھە...ئوپىراتسىيە قىلىمىز دېسە، قورسىقىڭىزدا بالا تۇرسا قانداق بولار؟
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— مەنمۇ شۇنداق دېسەم، سېسترا «بولىۋېرىدۇ ئەنسىرىمەڭ» دەپ بىر مۇنچە چۈشەندۈرۈپ كەتتى. تاقاشمايدىغان ئوخشايدۇ.
— ھە، بالام. قانداق ياتتىڭ، نەرىڭ ئاغرىدى؟ — داداممۇ ھاسىرىغىنىچە كىرىپ كەلدى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئاتا-ئانا دېگەن يەنىلا باشقا ھەر قانداق كىشىگە ئوخشىمايدىكەن. ھېچقانداق شەرتسىز ئەڭ چىن سۆيگۈسىنى شۇلارلا بېرەلەيدىكەن. ئۇلارنى كۆرۈپلا يۈرىكىم ئىللىپ كەتتى. نە تۈنۈگۈنكى غېرىبلىق، نە يۈرىكىمدىكى ئازاب؟ ئوخشىغان ئۈگرە تەن-تېنىمدە سىڭىپ، ئۇستىخانلىرىمغا سەل ماغدۇر كىرىشكە باشلىدى. ئاپام بىلەن دادامنى ئۆيگە قايتىپ ئارام ئېلىشقا كۆندۈرەلمەي تۇرغىنىمدا مەھمۇد بىر مۇنچە نەرسە كۆتۈرۈپ قېيىنئانام، باھارخان ئاچاملار بىلەن كىرىپ كەلدى. ئۇلار بىردەم قېشىمدا ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاپام بىلەن دادام باھارىان ئاچام ۋە قېيىنئانامنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەتتى. مەھمۇد يېنىمدا قالدى. مېنىڭ كۈتكىنىممۇ شۇ ئىدى. ئۇنىڭ ھازىرقى ھېسسىياتىنى بىلىشكە ئالدىرايتتىم. چۈنكى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مەن ئۆزۈمنى ئۇنىڭ بىلەن يېڭى تونۇشقاندەك ھېس قىلىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ قاراشلىرى بەكمۇ مۇلايىم كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ ماڭا سىلىق گەپ قىلىشىنى، بوينۇمغا قادىلىپ ئىچىمنى پۇرۇشۇۋاتقان چاچلىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ قويۇشىنى، يۈزۈمنى ئىلمان لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ قويۇشىنى، مەيلى نېمىلا قىلمىسۇن ئۆزىنىڭ مېنىڭ يولدىشىم ئىكەنلىكىگە مېنى ئىشەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىۋاتاتتىم.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— قانداقراق ياتتىڭ؟ — ئۇنىڭ ماڭا بۇنداق مۇلايىم گەپ قىلمىغىنىغا خېلى ئۇزاق بولۇپ قالغاچقا، بۇ رېئاللىقنى دەماللىققا قوبۇل قىلالمىغان بولساممۇ، ھاياجىنىمنى زورىغا بېسىپ، تەسلىكتە كۈلۈمسىرىدىم— ياخشى.
www.iz.la
— ئاخشام مەن بەك قورقۇپ كەتتىم. گۇناھ مەندە، خاپا بولمىغىن. بۇنىڭدىن كېيىن ساڭا ئازار بېرىدىغان ئىش ھەرگىز بولمايدۇ.
ئىز تورى www.iz.la
— ھېچقىسى يوق، — كۆز ياشلىرىم گېلىمغىچە كىرىپ كەلدى. ئەمما ياشلىرىم بۇ نۆۋەت باشقا ۋاقىتلاردىكىدەك ئېتىبارسىز سىڭىپ تۈگىمىدى. مەھمۇد كۆز ياشلىرىمنى ئىللىق ئالىقانلىرى بىلەن ئاۋايلاپ سۈرتتى. مەھمۇدنىڭ پەپىلىشىدىن كېيىن جىمغىنە يېتىپ ئۇخلىدىم. شۇ ئۇخلىغانچە نەچچە سائەتلەر يېتىپ كېتىپتىمەن. چۈشتىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇردۇم. تاماقتىن كېيىنكى ئاچچىق ئاغرىق مېنى قايتا ۋايساتتى. دوختۇرلار تېزلىكتە ئوپېراتسىيە ئورۇنلاشتۇردى. copyright by www.iz.la
— ناركوز ئۇكۇلى ئۇرغاندىن كېيىن ھامىلىگە ئەكس تەسىرى بولىدۇ. بەلكى بالىڭىز نېرۋىسى ئاجىز تۇغۇلۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇكۇل ئۇرۇلمىسا، ئاغرىق ئازابىغا چىدىيالمايسىز. بۇ ئىش بىزنىڭ بېشىمىزنى قاتۇرۇۋاتىدۇ، — مەسئۇل دوختۇر مەن بىلەن كەسكىن سۆزلىشىۋاتاتت — ياق، دوختۇر، بالامنىڭ نېرۋىسى ئاجىز بولۇپ قالسا بولمايدۇ. مەيلى ئوكۇل ئۇرماڭلار، مەن چىدايمەن، — گېپىمنى ئاڭلاپ، بېشىمدا قاراپ تۇرۇشقان دوختۇرلار بىر-بىرىگە قاراشتى. ئۇلارنىڭ قاراشلىرىدىن قورقۇمسىراشقا باشلىدىم. مەھمۇدنىڭ چىرايىمۇ ئۆڭۈپ كەتكەنىدى.— چىدايمەن دېگىنىڭىز بىلەن ئەگەر چىدىيالماي قالسىڭىز، ئوپېراتسىيە ئۈستىدە تاسادىپىي ھامىلىگە بىرەر خەتەر يېتىپ قالسا، بۇنىڭغا بىز مەسئۇل بولالمايمىز.
— ئۇنداقتا ئوپېراتسىيەنى ھازىر قىلماي دوختۇر، — ئۆزۈمنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىمنى پەرەز قىلىشقىمۇ ئەقلىم يەتمەيۋاتاتتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ھاياتىم ئۈستىدە ھازىرقىدەك ئىنچىكە ئويلىنىپ باقمىغانىكەنمەن.
ئىز تورى www.iz.la
— ھازىر ئوپېراتسىيە قىلدۇرماي، ئاغرىپ ئۆلمەكچىما سىز؟ ئوپېراتسىيەنى قىلمىسىڭىز، بالىڭىز بىلەن تەڭ ئۆلىسىز، — كۆزەينەكلىك بۇ دوختۇر تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتى، — ئۆزىڭىزنى توختىتىڭ، ھەرگىز يېنىكلىك قىلماڭ، — ئۇنىڭ تاتارغان چىرايى ئاستا ئەسلىي ھالىتىگە قايتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
— ئۇنداقتا، ئوپېراتسىيەنى قىلىڭلار، مەن ئاغرىققا چىدايمەن، ئوكۇل ئۇرماڭلار، — كۆزۈمنى يۇمۇپ جىممىدە يېتىۋالدىم. قورقۇۋاتقانلىقىمنى ھېچكىمنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتىم. ئاغرىق، ئىنسانلارنىڭ نېرۋىسىدا بىئارامچىلىق كەيپىياتى ھاسىل قىلىدىغان بۇ تۇيغۇنىڭ كارامىتىنى ئەمدى تونۇپ يېتىۋاتاتتىم. قورسىقىمدا سانسىز چايانلار رەتلىك يۈرۈپ ئۈچىيىمنى يەۋاتاتتى. بۇلار زەھەرسىز چايانلار بولسا كېرەك، ماڭا ئۆزلىرى بىلەن ھاياتلىق جېڭى قىلالايدىغان ئىمكانىيەت قالدۇرغانىدى. ھاياتىمنى چايانلار دۇنياسىدىن ساق پېتى ئېلىپ چىقىشقا تىركىشىۋاتاتتىم. دەسلەپ قورسىقىم ۋىژىلداپ ئېچىشتى، ئاندىن پۈتۈن قورساق بوشلۇقۇمدا گۈرۈلدەپ بوران كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا باشتىكى ئېچىشىش سوۋۇشقا ئۆزگەردى. خۇددى چاستوتىسى ئادەتتىن يۇقىرى بولغان ئاۋاز دولقۇنىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئاڭلاش سەزگۈسىنى غىدىقلىيالمىغىنىغا ئوخشاش، ھەددىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقان بۇ ئاغرىق، سېزىش ئىقتىدارىمنى بىللە يەپ كېتىۋاتاتتى. كۆز جىيەكلىرىمدىن ئېقىپ چۈشكەن ياش ئاللىبۇرۇن قۇرۇپ، قايتا ياشمۇ چىقمايۋاتاتتى. باشتىكى ۋارقىرىغان ئۈنلىرىم تورۇسقا ئۇرۇلۇپ، قايتىدىن ئىچىمگە پېتىپ كېتىۋاتاتتى. يۈرىكىمنىڭ ئەسلىي ئورنىدىن سەل يۇقىرىغا سۈرۈلۈپ، چىشلىرىم ئارىسىدا قىسىلىۋاتقان لەۋلىرىمنىڭ بوشقىنە ئاغرىقىنىلا ھېس قىلالىدىم. ئاخىرىدا قاتتىق قىسىلىپ سۇغا چىلاشقان تېنىم ئاستا ئۆزىگە قايتتى. كۆز ئالدىمدىكى يورۇقلۇقمۇ ئاستا-ئاستا تاراپ، ئاخىرىدا ھەممە نەرسە قاپقارا رەڭگە بويالدى.
«ھوشىغا كەلدى، ھوشىغا كەلدى!» ئاغرىپ تۇرۇۋاتقان كۆزلىرىمنى ئاستا-ئاستا ئېچىپ ئەتراپىمغا قارىدىم. بېشىمدا دوختۇرلار ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى. قولۇمنى مىدىرلاتماقچى بولغانىدىم، قولۇمغا بىر نەرسە «چىم» قىلىپ سانجىلدى-دە، ئاسما ئوكۇلنىڭ قولۇمغا تۇتاشقان يېرىدىن قىپقىزىل قان يۇقىرىغا قاراپ ماڭدى. دوختۇر: «ياخشى ئارام ئال، نەچچە كۈندىلا ياخشى بولۇپ كېتىسەن» دېدى. ھەممە نەرسە ماڭا يېڭىچە قاراۋاتتى. ئۆزۈمنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئاپئاق يوتقانغا تېخىمۇ يېپىشىپ كۆزۈمنى چىڭ يۇمغىنىمچە ئۆزۈمنى ئۇيقۇغا زورلىغان بولساممۇ، قورسىقىمنىڭ ئاچلىقى مېنى تىنچ قويمايۋاتاتتى، شۇنداقتىمۇ دوختۇر رۇخسەت قىلماستىن بۇرۇن نەرسە يېيەلمەيتتىم. مەھمۇد يېنىمدا قاراپ ئولتۇراتتى، بالام بولسا مېنى تەبرىكلەۋاتقاندەك قورسىقىمغا تېپىپ قويۇۋاتاتتى. مەھمۇدقا قاراپ كۈلۈمسىرىگىنىمچە قورسىقىمنى بوشقىنە سىلاپ قويدۇم. كۆزۈمدىن بىر نەچچە تامچە ياش سىرغىپ چۈشتىيۇ، مەھمۇدنىڭ قوللىرىغا سىڭىپ قۇرۇپ كەتتى. قەلبىمنى چۇلغىغان بەخت تۇيغۇسى بارچە ئاغرىقلىرىمنى يۇتۇپ كېتىۋاتاتتى. تەبىئەتمۇ مېنى قۇرۇق قول قويمىغانىدى. قار-يامغۇرنى ياخشى كۆرىدىغىنىمغا، ئاسماننىڭ قەھرىدىن ئۇچۇپ چۈشكەن قار ئۇچقۇنلىرى دېرىزە ئەينەكلىرىگە دەممۇدەم ئۇرۇلاتتى
