app دېتالى

ئانىنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى

ۋاقتى:2013-04-13 13:25مەنبە: يوللىغۇچى:كامىلە چېكىلىشى:قىتىم

  تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ياقۇپ ئىسمائىل

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    ئەمىت ئۆيگە كەيپى ئۇچقان، روھسىز ھالەتتە كىردى. ئۇنىڭ شۇ تاپتا ئۈنىنىڭ بارىچە ۋارقىراپ ئالەمنى مالەم قىلغۇسى، ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى نەرسىنى ئۇرۇپ–چاققىسى كېلەتتى. ھېلىمۇ ياخشى تەلىيىگە ئۆيدە ئانىسى يوق بولۇپ چىقتى. شۇڭا ئۇ كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ، ئىككى كۆزىنى مەھكەم يۇمدى. ئۆي ئىچىدە ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئەزگۈدەك جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرەتتى. www.iz.la

    ئەمىت ئىچىنىڭ سىقىلىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئورنىدىن تۇردى، «ئانا!» دەپ نەچچە قېتىم ئۈنلۈك توۋلىغان بولسىمۇ جاۋاب بولمىدى. قارىغاندا ئانىسى ئۆيدە ئەمەستەك قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جېنى تۇتۇپ، ئۆينىڭ ئىچىدە پىرقىراشقا باشلىدى. ئۇ ئۆرۈپ-چۆرىمىگەن يوتقان–كۆرپە، كىيىم–كېچەك قالمىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ قولىغا شۇ نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىن ھېچ بولمىغاندا 10–20 سوم چىقىپ قالغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى-ھە؟ بىراق ئۇ ھەر قانچە ئاختۇرۇپ بىر تىيىنمۇ تاپالمىدى. ئۇ تازا جىلى بولۇپ تۇرغاندا ئانىسىنىڭ ئىشىك بېشىدىكى قوزۇققا ئېسىقلىق تۇرغان چاپىنىغا كۆزى چۈشتى. بىراق بۇ چاپاننىڭ يانچۇقىدىنمۇ بىر خاتىرىدىن باشقا ھېچ نەرسە چىقمىدى. ئەمىت خاتىرىنىڭ ۋاراق–قاتلىرىنى قويماي ئاختۇرۇپ چىقتى. ھېچ نەرسە تاپالمىغاندىن كېيىن خاتىرىدىكى خەتلەرگە كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدى. كۆز يۈگۈرتكەنسېرى كىرىشىپ، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر جۈملە سۆزنى ھەجىلەپ ئوقۇشقا باشلىدى:

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

    «ئوغلۇم مېنىڭ يۈرەك پارەم، ئۇ بولغاچقىلا بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن تولىمۇ گۈزەل. ئۇنىڭ ئاۋازىنى، كۈلگىنىنى ئاڭلىسام تارتقان جاپا–مۇشەققەتلىرىم ئۇنتۇلۇپ، ئۆزۈمنى خۇددى كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. بەلكىم ئەمىتنىڭ دادىسى بولغان بولسا، ئىشلار بۇنداقمۇ بولۇپ كەتمەس ئىدى. كىچىكىدە ئەقىللىق ھەم ئوماق بالام چوڭ بولغانسېرى باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى. قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. www.iz.la

    ئوغلۇمغا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇنىڭ تۇرمۇشى ھازىر ناھايىتى جاپالىق. ئۇنىڭ بۇنداق چۈشكۈنلىشىپ كېتىشىمۇ ماڭا ئايان. ئۇنى ياخشى ياشاش شارائىتىغا ئىگە قىلالمىغانلىقىمغا قاتتىق ئۆكۈنىمەن. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

    قايسى كۈنى ئۇ مەندىن ئازراق پۇل بېرىشىمنى سورىدى. يانچۇقلىرىمنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ ئۇنىڭغا بەرگۈدەك بىر نەرسە تاپالماي خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم. ئۇ ۋارقىراشقا، ماڭا ئاچچىقلىنىشقا ھەقلىق.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    جېنىم بالام، ماڭا بارغانسېرى ئۆچ بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ مەن سېنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ياخشى كۆرىمەن. مەيلى سەن نېمە قىل، نېمە دە، بۇ ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى سەن مېنىڭ پەخرىم. قىيىن كۈنلەر ئۆتۈپ كېتىدۇ، شاد-خۇراملىققا تولغان كۈنلەر ھامان بىر كۈنى بىزگە باغرىنى كەڭ ئاچىدۇ. شۇ چاغدا مەن باشقىلارنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقاي.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

    بۈگۈن قوتىنىمىزدىكى ئاخىرقى ئۆچكىنىمۇ سېتىۋەتتىم. چۈنكى ئوغلۇمنىڭ ماڭا ئېغىز ئېچىپ «پۇل» دېيىشىمۇ ئاسان ئەمەس. ئوغلۇم ئەل-ئاغىنىلىرىنىڭ ئالدىدا تىرنىقىنى تاتىلاپ قالسا قانداق بولىدۇ؟ مەن قان ساتساممۇ ئوغلۇمنى ھەرگىز يەرگە قارىتىدىغان ئىشنى قىلمايمەن.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    بۈگۈن تۇنجى قېتىم قان ساتتىم. قان سېتىش باشقىلار دېگەندەك ئۇنچىلا قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەس ئىكەن. ئوغلۇمنىڭ ئانىسىنىڭ قېنى بەدىلىگە كەلگەن پۇلنى ئېلىپ كۈلگەنلىكىنى كۆرگىنىمدە بېشىم ئاسمانغا يەتكەندەك بولدى. ئۇنىڭ خۇشاللىقى مېنىڭ بەختىم.

www.iz.la

    بۈگۈن قان ساتقىلى بارسام، قان ئالىدىغان يەردىكى دوختۇر ماڭا بىر مۇنچە ۋەز ئېيتىپ، قېنىمنى ئالغىلى ئۇنىمىدى. مەن يېلىنىپ-يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئۇنى ئاران قايىل قىلدىم. قارىغاندا ئوغلۇمنى خۇش قىلىدىغان بۇ يولمۇ ئېتىلىپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن قانداقمۇ قىلارمەن.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    كوچىدىكى ئېلاندىن بىرسىگە جىددى بۆرەك لازىم بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئەگەر مېنىڭ بۆرىكىم ئۇنىڭغا ماس كېلىپ قالسا قانداق ياخشى بولاتتى-ھە؟ باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە، بىزدەك ئادەملەرگە بۆرەك بولمىسىمۇ بولۇۋېرىدىكەن. شۇڭا ئەتە مەن ئۇلارنى ئىزدەپ بېرىش قارارىغا كەلدىم. ئوغلۇم خۇش بولىدىغان ئىش بولسىلا مەن ھەممە ئەزايىمنى سېتىشقا رازى...»

ئىز تورى بەك ياخشى

    ئەمىتنىڭ بېشى پىرقىراپ، كۆزى قاراڭغۇلاشتى. ئانىسىنىڭ سارغايغان چىرايى كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ، ئىشىككە ئۆزىنى ئاتتى. بىر كۈن، ئىككى كۈن... ئۇ كوچىدا ساراڭدەك چېپىپ يۈرگەن بولسىمۇ ئانىسىنى تاپالمىدى. ئۇ يىغلايتتى. ئۆزىنى ئۆزى ئەيىبلەپ، قانچە كۈنلەرنىڭ ئۇيقۇسىز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالدى. ئانا بوسۇغىدا پەيدا بولغاندا تىزلىنىپ، ئۆزىنى ئۆزى كاچاتلاپ كەتتى. ئانا ئۇنى باغرىغا باستى. كېيىن قولۇم-قوشنىلار ئەمىتنىڭ قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا تەرلەپ-تەپچىرەپ ئىشلەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈشتى.(تامام مەنبە . شىنخۋا تورى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس