كىرىم مەنبەسى

ئۈششۈك تەككەن مۇھەببەت

ۋاقتى:2013-01-01 13:18مەنبە: يوللىغۇچى:گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم

-ئۇيان ئويلاپ،بۇيان ئويلاپ،ئەھۋالىمنى سىزگە يەنىلا چۈشەندۈرۈپ قويغۇم كەلدى،چۈنكى،مەن ئىزچىل ماقالىلىرىڭىزنى ئوقۇپ،نىكاھ تۇرمۇشى ھەققىدىكى كۆز قارشلىرىڭىز بىلەن تونۇشۇپ كېلىۋاتىمەن،بولۇپمۇ ئاياللار ئۆزىنى قانداق تۇتۇشى كېرەك،تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەرگە قانداق يۈزلىنىشى كېرەك؟دېگەن سوئاللارنى چۆرىدىگەن مەزمۇنلار مەندىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

copyright by www.iz.la

مەن،بارلىقىنى ئائىلىگە بېغىشلىغان بىر ئاددىي ئايال،ھاتتا،ئۆزىگە بىر قۇر ئىچ كىيىم ئېلىشقا قورسىقى ئاغرىپ،ئىقتىساد توپلاپ،توپلىغان ئىقتىساد بىلەن نەچچە يەردە ئۆي سېتىۋالغان،ئاخىرغا بېرىپ،يوقىلاڭ پىتنە-پاسات سەۋەبلىك نىكاھ تۇرمۇشى بۇزۇلۇپ،سوتقا چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئايال.

copyright by www.iz.la

مېنى ئىزدەپ كېلىپ،بۇ گەپلەرنى دەپ بېرىۋاتقان بۇ ئايال 40ياشلاردا بار.بويلىرى زىلۋا،ئېگىز كەلگەن،قاپقارا قاش،كۆزلىرى سۈرەتتەك چىرايلىق كۆزلەردىن ياش چىقىرىشقا چىدغان زادى قانداق ئادەمدۇر)دېگۈسى كېلەتتى.ئەمدىلا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن يىلى چوڭ ئانام تۈگەپ كەتتى،مەن چوڭ ئانام بىلەن بىللە تۇراتتىم،بەكلا ئازابلىىنپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە،يېقىن دوستۇم ئۇ يىگىتنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ قويدى،شۇ كۈنى ھېلىمۇ ئېسىمدە.دوستۇم(بىللە تاماق يەپ كېلمىز)دېدى،مەن چىقتىم.يولدا ئۇ ئۇچراپ قالدى،كېيىن بىلسەم،ئۇلار شۇنداق ئۇچرىشىشنى كېلىشىۋاپتىكەن،ئۇ بىزنى بىر تورتخانىغا باشلاپ كىردى،مەن ئۇ چاغلاردا تورتنى يەپ باقمىغانىدىم،بەكلا تېتىپ كېتىپ(ئاكا،تورت بەك تاتلىق ئىكەن)دېدىم.شۇ كۈنى دوستۇم يەپ بولالمىغان تورتنىمۇ تارتىنىپ ئولتۇرماي يەۋەتتىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مېنى ئاپرىپ قويغاچ،ئۇ مەندىن(تورتقا بەكلا ئامراق ئىكەنسىز)دەپ سوردى.(شۇنداق،مەن ئەزەلدىن يەپ باقمىغان بولغاچقا.بەكلا تېتىپ كەتتى)دېدىم،مېنىڭ ساددا ھالىتىمنى كۆرۈپ،ئۇ كۈلۈپ كەتتى ۋە سىزگە داۋاملىق ئېلىپ بېرەي،-دېدى،دېگەندەك ئۇ مېنى پات-پات مېھمان قىلىپ تۇردى. ئىز تورى بەك ياخشى

مەن ئاددىي ئائىلىدە چوڭ بولغان قىز بولغاچقا،بەكلا ئاددىي-ساددا ئىدىم.ئاددىي كىيىملەرنى شۇنداق ياراشتۇرۇپ كىۋالاتتىمكى،ئارقامدىن قارىغان ئادەم ئالدىمغا ئۆتۈپ بىر قارىماي ئۆتمەيتتى،بىز بىر -بىرىمىزنى شۇنداق ياخشى كۆرۈشۈپ،نۇرغۇن توسالغۇلارنى يېڭىپ توي قىلىدۇق.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

توسالغۇ دېگىنىم،قېينئانام مېنى ياراتمىدى،ئەسلىدە ئوقۇغان،باي ئائىلىنىڭ قىزىنى ئېلىپ بەرگۈسى بار ئىكەن،تويدىن كېيىن،قېينئانامنىڭ قاتتىق-قۇرۇق گەپلىرىگە چىداپ،ئۆزۈمنىڭ پاكىز،چېچەنلىكىم بىلەن خىزمىتىنى قىلىپ،تەسىرلەندۈرمەكچى بولدۇم. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ئۆزۈم چوڭ ئانام بىلەن قېيىن ئانام شارائىتتا چوڭ بولغان بولغاچقا،تويدىن كېيىن ئىككى ئۆينىڭ،خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپلا قالماي،ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى ئېلىپ سېتىپ،قوشۇمچە كىرىپ قىلىپ ئىقتىساد توپلىدىم،ھازىر ئىككى يەردە ئۆيىمىز بار.ئىقتىسادىمىز ياخشى،بىراق .ئاجرىشىش ئالدىدا تۇرۋاتىمىز.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەن سىزنىڭ ماقالىڭىزنى ئوقۇغانسېرى ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشتا نېمىنى خاتا قىلىغنلىقىمنى،نېمىگە سەل قارىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەن تۇرمۇشتا ئەزەلدىن ئۆزۈمنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكمنى باشقىارغا بىلدۈرمەپتىمەن،قىسقىسى بىلدۈرۈشنى خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىمەن،كىشىلىك مۇناسىۋەتتە،ساددىلىق قىلىپ خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىغان بولۇشۇممۇ مۇمكىن،مەن ھەقىقەتەن تۇرمۇشتا مەغلۇپ بوپتىمەن،بەكلا ئەپسۇسلىنىمەن،بىراق،مېنىڭ سىزگە چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى خالايدىغىنىم مەن پاك،مەن بارلىقىنى ئائىلىگە بېغىشلىغان ئايال.مەن ئۆزۈمگە،باشقىلارغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلغىنىم يوق،سىز ماڭا ئىشىنەمسىز؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

تىڭشىغۇچى بولۇش سۈپتىم بىلەن،بۇ سو ئالغا قانداق جاۋاب بېرىمەن؟مەن پەقەت ئۇ ئايالنىڭ تۆلۈلۈپ تۇرغان ياشلىرىغا قاراپ،قەلبىدىكى دەرد-ئەلەملىرىنى چىقىرۋېلىشغا ياردەم بېرەلمەيمەن،مەن ئۇ ئايالغا ئىشەندىم.بىراق،مەن ھېچقانداق رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيمەن. www.iz.la

ئېرىم بىر كۈنى ماڭا(نېمىشقا باشقىلار سېنى سەنلەيدۇ. سۇلارغا غىلجىڭشىپ يۈرمىسەڭ،سېنى سەنلەمدۇ؟)دېدى.(مېنى يېقىن كۆرۈپ سەنلەيدۇ)دېدىم.ئۇلار نېمىشقا سېنى يېقىن كۆرگۈدەك؟باشقىلارنى يېقىن كۆرمەي.سېنىلا يېقىن كۆرەمدۇ؟دېدى. مېنى قاتتىق ئۇردى.بۇنداق كۈنلەرنىڭ قاچان باشلانغىنى ئېنىق ئېسىمدە يوق،بىر كۈنى تاياققا چىدىماي،مېنڭ شۇلار بىلەن ئىشىم بار،شۇڭا ماڭا يېقىن مۇئامىلە قىلىدۇ،دېدىم،مەن تېخى شۇنداق دېسەم، توختايدۇ،دەپ ئويلاپ قاپتىمەن.(ئېتىراپ قىلساڭلا بولىدۇ،ئېتىراپ قىلساڭلا ئىش تۈگەيدۇ)دېگەنىدى،مەن ئىشىنىپ قاپتىمەن.بىراق،شۇنىڭدىن كېيىن، ئىشلار تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتتى، ئاخىر چىدىماي ئاجرىشىپ كېتەيلى،دېدىم،ئۇ قوشۇلدى،بىراق،(ھېچ نەرسە بەرمەيمەن)دېدى.بالىنىمۇ بەرمەيدىكەن،بالىنى قانداق جاپادا تۇغقىنىمنى ئۇمۇ بىلىدۇ،مېنىڭ ئەمدى يەنە تۇغۇشۇم بارمۇ؟بۇنى بىلمەيمەن.مەن بالىدىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن چېچنېمىنى ئالمىساممۇ بالىنى ئالمىسام بولمايدۇ.دەپ چىڭ تۇرۇۋالدىم.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

توي قىلىپ بىر قانچە يىلغىچە ئېغىر ئايال بولالمدىم.قىلمىغان ئامالىم قالمىدى.قايسى جايدا پايدا قىلىدىغان دورا بار ئىكەن دېسە،شۇ يەرگە باردىم،شۇ دورىنى يېدىم،شۇ چاغدا ھەتتا نىجاسەتنى پايدىلىق دېسىمۇ يېيىشىم مۇمكىن ئىدى،تۇغۇت كارىۋىتىغا قانچە قېتىم چىققىنىمنى بىلمەيمەن،ئاخىر شۇ كارىۋاتقا چىقىش ئۈچۈن تىنچلاندۇرۇش دورىسى يەيدىغان ھالەتكە يەتكەندە،بويۇمدا قالدى،شۇنداق جاپادا تۇغقان بالام ئۈچۈن ھەممىدىن كېچىشكە رازى ئىدىم،بۇنى ئەمەلىيەتتە ئېرىممۇ بىلەتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بىز ئاجرىشىش ئالدىدا تۇرۋاتىمىز.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

بىر كۈنى ئۇ يەنە يېڭى گەپتىن بىرنى تاپتى(پالانى چاغدا پالانىنىڭ ماشىنىسىغا نېمە سەۋەبتىن چىققان.شۇنىڭ بىلەن بىر ئىشىڭ بولمىسا نېمە سەۋەبتىن چىقاتتىڭ؟)مەن خىزمەت بىلەن ئىدارىنىڭ ماشىنىسا ئۇ يەر،بۇ يەرگە بارىمەن قايسى چاغنى دەۋاتقانلىقىنى بىلەلمىدىم،شۇ گەپلەرنى كىملەرنىڭ تاپقانلىقىنى بىلەلمىدىم،بەلكىم ئۆزى پەرەز قىلىۋاتقاندۇ؟ ئىز تورى www.iz.la

بىر ئوبدان ئائىلە شۇنداق قىلىپ بۇزۇلدى،نارسىدە بالام،ئاغزىدىن سۈت تېمىپ تۇرىدىغان شۇ قوزىچىقىمغا قانداق چۈشەندۈرىمەن،ئۇنىڭ كۆڭلى قانچىلىك ئازابلىنار؟دادىسىغا شۇنداق ئامراق ئىدى.قانداق قىلارمەن؟

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

سىزنى ئىزدەپ كېلىشىمدىكى سەۋەب،مەن تۇرمۇشتا بەكلا ساددىلىق قىپتىمەن،مەن ئەسى ئۆز-ئۆيۈمنى ياخشى كۆرمىگەن،ئاسىرىمىغان،سۆيمىگەن ئىكەنمەن،شۇ سەۋەبتىن ئېرىممۇ مېنى سۆيمەس،ئاسرىماس بولۇپ قاپتۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەن ئېرىمنى بەكلا ياخشى كۆرگەچكە،شۇنىڭ بىلەن تەڭ.(قېينئانامنىڭ قارىشى تۇرۇشىغا قارىمەي،مېنى ئەمرىگە ئالدى)دەپ ئويلىغاچقا،ئائىلىدە ئۆزۈم قىلالايدىغان-قىلالمايدىغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى  ئالدىمغا تارتىپ قىپتىمەن،كۆڭلۈم ئازار يېسە،ئېرىمگە بىلدۈرۈپتىمەن،ھەممە ئېغىرنى ئۆزۈم كۆتۈرۈپتىمەن،قېيئانامنى،ئېرىمنى خۇشال قىلىشنىلا ئويلاپتىمەن-يۇ،ئۆز خۇشاللىقىمنى ئويلىماپتىمەن،مەن قىلغان بارلىق ئىشلار ئالدى بىلەن ئۇلارنى خۇش قىلىش ئۈچۈن بولغاچقا، ئۇلارنى رازى قىلالمىدىممۇ-يا؟ئەمدى بۇلارنى ھېس قىلىغاندا.ئاللىبۇرۇن كېچىككىنىمنى ھېس قىىلۋاتىمەن. www.iz.la

بىر كۈنى قېينئامغا(ماڭا ئىش ھەقىقىي قوشۇلۇپتۇ،سىلىەە قانچە قوشۇلۇپتۇ)دېدىم،بىر قانچە كۈندىن كېيىن،ئېرىمگە(خوتۇنۇڭ مېنڭ ئىش ھەققىمنى باشقۇرىمەن دېمسۇن)دېدى.(ئانا،مەن ئۇنداق ئويلاپ باقمىدىم)دېدىم ئاغزىمدن گېپىم ئۈزۈلمە تۇرۇپ،ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپ بىلەن تىللىدى،شۇ چاغدا ئېغىر ئايال ئىدىم.يىغلىغان پېتى سىرتقا يۈگۈردۈم،ئېرىم ئاقامدىن چىقىپ،(خۇي قىلىۋاتسىنا)دېگىنىچە بىر شاپىلاك سالدى،مەن ھوشۇمدىن كەتكىلى تاسلاپ قالدىم،ئەسلىي شۇ چاغدىلا ئاجرىشىپ كەتسەم بوپتىكەن،شۇ ئىش توغرۇلۇق،قېيئانامدىن يۈكۈنۈپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىدىم.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن قېينئانامنىڭ پوزىتسىيەسى بارغانسېرى ياخشىلاندى،مېنى قوبۇل قىلدى. ئىز تورى بەك ياخشى

بىراق.ئىشلا يەنىلا بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلىپ قالدى،بىز ئاقراشماقچى بولۇۋاتىمىز،مەن ئەمدى ئاجرىشىپ كېتىمەن،سىزگە ۋەدە بېرەيكى،مەن چوقۇم بالامنى ئۇنىڭدىن بىر پۇڭ ئالماي تۇرۇپ ئىككى قولۇمغا تاينىپ ياخشى بېقىپ كېتىمەن،مېنىڭ خىزمەت  ئورنۇم بار، ئۇنىڭدىن باشقال بىكار تۇرۇشنى خالىمايمەن،ئېلىپ-سېتىپ،كىرىم قىلالايمەن،مېنىڭ قەلبىم ئەمدى سوۋۇدى،ئۇنىڭ مېنى سۆيگەن،مەن چىن دىلىمدىن سۆيگەن شۇ كىشى ئىكەنلىكىگە ھازىر ئىشەنگۈم كەلمەي قالىدۇ.قەلبىمدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەسلىملا قالدى،ئۇ ئەسلىمە ئىچىدە تاتلىق ئەسلىمىمۇ،ئاچچىق ئەسلىمىمۇ بار.تاتلىق ئەسلىىمنى  ئەسلىگىنىمدە نەپرەت قوزغىلىدۇ،مانا كۈچلۈك بولىدۇ،دېگەن گەپنىڭ تېگىگە يەتتىم. ئىز تورى www.iz.la

بۇنىڭدىن كېيىن يىغلىمايمەن.رېئاللىقنى قوبۇل قىلىمەن،مەن ئۇنىڭدن ئايرىلىپ قالدىم،قاچان،قانداق ئايرىلىپ قالغانلىقىمنى ئېنىق بىلمىسەممۇ،ئىش قىلىپ،ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدىم،ئاستا-ئاستا ھېس قىلىۋاتىمەن،ئەسلىي مەن ئۆزۈمنى ھۆرمەت قىلماپتىمەن،شۇڭا،ئۇ مېنى ھۆرمەت قىلماپتۇ،ئۆزۈمنىڭ ئېھتىياجىنى قايرىپ قويۇپتىمەن،ئۇ مېنىڭمۇ ئېھتىياجىم بارلىقىنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كېتىپتۇ،شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قاپتىمەن. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ياخشىكەن
(3)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس