گۈلەمبەر ئىككى نارەسىدىسنى ئەگەشتۈرۈپ يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىدىن چىققاندا كۈن چۈش بولۇپ قالغان ئىدى.
__ ئانا، قارىغىنە دادامغا،-- ئەمدىلا ئون ئۈچ ياشقا كىرگەن گۈلنار ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىنلا دەرۋازىدىن چىقىپ كېلىۋاتقان دادىسىنى ئىما قىلدى.
__ دادا، -- گۈلزار ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن ئاجرىدى _دە، يۈگۈرگىنىچە دادىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا ئېسىلدى:
__ دادا، ئاچام ئىككىمىزگە سامسا ئېلىپ بېرە، قورسىقىمىز ئىچىپ كەتتى .
بىراق دادا خۇددى ئالدىدىكى مۇشۇ ئۆز پۇشتىنى كۆرمىگەندەك، غەلۋىرنى ئاڭلىمىغاندەك، ئاشۇ قامەتلىك، ئېگىز بەستىنى ئېگىپ قىزىغا مۇنداقلا بىر قاراپ قۇيۇشقىمۇ يارىماي يولىغا كېتىپ قالدى. ياش ئانا تېخى ئۈچ ياشقا توشمىغان كىچىك قىزى گۈلزارنى باغرىغا باستى. ئىز تورى بەك ياخشى
__ مەن ئېلىپ بېرەي قىزىم، داداڭ ئەمدى سىلەرگە ھېچنېمە ئېلىپ بېرەلمەيدۇ.
__ نېمىشقا ئانا ؟
ئانا جاۋاپ ئورنىدا قىزنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى.
گۈلەمبەر يېزىلىق ھۆكۈمەت دەرۋازىسى ئالدىدىكى سامسىخانىدىن قىزلىرىغا سامسا سېتىۋالدى ۋە قىزلىرىنى يېتىلىگىنىچە ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ بارىدىغان يولغا قايرىلدى، ماڭىدىغان يولى خېلى بار ئىدى. ئۇ ئاپتوبۇسقا ياكى ئۈچ چاقىلىق كىرا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرسىمۇ بولاتتى. بىراق ئۇنىڭ پىيادە ماڭغۇسى كەلدى. دېمىسىمۇ ئەمدى ئۇنى ئۆيدە ساقلاپ تۇرىدىغان، تامىقىڭ تېخى پىشمىدىمۇ؟ دەپ ھەيدەكچىلىك قىلدىغان ئادىمى يوق ئىدى. ياق ئادەمغۇ بار، بىراق ئەمدى بۇ خىل ئائىلە تۇرمۇشى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىگەن ئىدى. قىزلىرى ئانىسىنىڭ دەردلىك سولغۇن كۆڭلىنى چۈشەنمەيتتى. خۇددى ئۇلارنى ئانىسى سەيلىگە ئېلىپ چىققاندەك خۇشال بولۇشۇپ، ئىككى قاسنىقى بۈككىدە تېرەكلىك يولدا قىيغىتىپ بىر - بىرلىرىنى قوغلىشىپ ئوينىشاتتى، تېرەكلىك ئارىسىدا ئاندا - ساندا ئۇچىراپ قالىدىغان مامكاپ گۈلى ۋە بىدە چىچىكىنى يۇلىۋىلىپ خۇشال بولۇشاتتى. قىزلار خۇددى ئاشۇ ياۋا گۈلدەك بىغەم، غۇبارسىز، پاك ئىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ياش ئانا بولسا قىزلىرىغا قاراپ كۆڭلى تېخىمۇ بۇزۇلۇشقا باشلىدى. يانچۇقىدىكى ئاجرىشىش خېتىنى قولىغا ئېلىپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدى: << توۋا - دەيتتى ئۇ ئىچىدە ، - مۇشۇ كىچىككىنە ئاق قەغەز مېنى ئېرىمدىن، قىزلىرىمنى بولسا دادىسىدىن، قىسقىسى ئىسسىق ماكانىمىزدىن ئايرىۋەتتى - ھە ؟ &t;&t;
توغرا ، ئۇلارغا توي خېتى ئېلىش ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىمىغان ئىدى .
گۈلەمبەر يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالدى . ئۇ بالا يۈزى كۆرمىگەن ئەر- ئايالنىڭ بالا يۈزى كۆرۈشىگە پەقەت ئىمكان قالمىغان ياشقا كەلگەندىلا بېقىۋالغان يالغۇز قىزى ئىدى، خېلى كىچىك چاغلىرىدا ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشنى زىممىسىگە ئالغان گۈلەمبەر مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيالمىدى .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مۇشۇ كۈنلەردە قوشنىسىنىڭ كەنجى ئوغلى سالى ئۆگزىسىگە چىقىۋېلىپ دۇتتارنى شۇنچىلىك مۇڭ بىلەن چالاتتىكى ، قىزنىڭ خىيالى، شىرىن چۈشلىرى سالى چالغان مۇڭلۇق پەدىلەر ئىچىگە سىڭىپ يۇغۇرۇلۇپ كېتەتتى. تۇنجى قىزلىق تۇيغۇلىرى ئاشۇ مۇڭلۇق پەدىلەرنىڭ غىدىقلىنىش بىلەن ئويغاندى. قىز سالىنىڭ مۇڭلۇق پەدىلىرىگىلا ئەمەس قاۋۇل بوي - بەستىگە، يىگىتلىگى ئۇرغۇپ تۇرغان جۇشقۇنلىقىغا، قىزغا يەر تىگىدىن قاراپ قويىدىغان خۇمارلىق كۆزلىرىگە ئاشىق بولغان ئىدى.
بوۋاي - مومايلار ئاشۇ كۈنى سەھەر تۇرۇپلا ھارۋىلىرىنى جابدۇشۇپ قوشنا يېزىدىكى تۇققانلىرنىڭكىگە ھېيت پەتىسىگە كېتىپ قېلىشتى. گۈلەمبەر مىجەزىم يوق دېگەننى باھانە قىلىپ ئۆيدە يالغۇز قېلىپ قالدى. ئۇنىڭ مۇشۇ كۈنلەردە ئۆيدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلغۇسى كەلمەيتتى . ئۇ سالىنى ساقلايتتى، ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز ئۇچىرشىپ قىلىش پۇرسىتىنى ئىزدەيتتى ، مۇھەببەت ئىزھار قىلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتى . قىزنىڭ ئۇدۇلىدا كۆزنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ دۇتتارنى ئاشۇ ئايدىڭ كىچىلەردە ئېيتقان مۇڭلۇق پەدىلەرىگە ئۇرۇپ ناخشا ئېيتىشى ئىستەپ قالغان ئىدى .
گۈلەمبەر ئاتا - ئانىسىنى ئۇزىتىپ قويۇپ ئۆيلەرنى، ھويلا - ئاراملارنى پاكىز سۈپۈرۈپ تازىلىدى ۋە ئۈنئالغۇنى ئۈنلۈك قويۇپ بېرىپ تال - باراڭ ئاستىدىكى ياغاچ كارۋاتتا ئوڭدىسىغا سوزۇلۇپ ياتتى . ئۇ سۈپسۈزۈك چېكىلگەن ئۈزۈملەرگە قاراپ تاتلىق خىياللارغا غەرىق بولغان ئىدى . تۇيۇقسىز ((پوك)) قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قىزنىڭ دىمىقىغا مېزىلىك ئەنجۈر ھىدى ئۇرۇلدى، قىز ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتراپقا ئەلەڭلەپ قارىدى. كارىۋات ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان شىرەدە بىر تال ئەنجۈر تۇراتتى، بۇنىڭدىن قىز ھەممىنى چۈشەندى . سالى قىزغا چاقچاق قىلىۋاتاتتى . ئۇ قوشنا ئۆگزىگە بويۇنداپ قاراپ يىگىتنى ئىزدىدى ، يىگىت ھىچ كۆرۈنمەيتتى . قىز ئۆز بېغى بىلەن قوشنا باغنى ئايرىپ تۇرغان شورىدىن باغ ئىچىگە قاراپ ئىزلەشتۈرۈپ باقتى ، بىراق ئىزدىگەن كىشى ھىچ كۆرۈنمەيتتى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
__ مېنى ئېزدەۋاتامسىز قىزچاق ؟
قىز بۇ تۇيۇقسىز ئاۋازدىن چۆچۈپ يانغا قارىدى ، قارىدىيۇ نۇمۇستىن ئۆلگۈدەك بولدى ، چۈنكى قىزنىڭ لەۋلىرى يىگىتنىڭ يىرىك ، ئەمما ھارارەتلىك مەڭزىگە تېگىپ كەتكەن ئىدى . قىز دومسايغىنىچە يامانلاپ ئۆيگە قاراپ يۈگۈردى .
__ ئىزا تارتمايدىغان يۈزى قېلىن ....
ئارقىسىدىن ئىز بېسىپ كەلگەن يىگىت قىزنى كىچىككىنە بىر پارچە گۈللۈك يېنىدا تۇتىۋالدى ۋە چىڭ قۇچاقلىۋالدى .
__ بايا قاراپ تۇرسام ھە دەپ ئىزدەيسەن ، ئەمدىلىكتە نېمىشقا قاچىسەن ؟
__ مېنى قويىۋەت ئەسكى .
__ ئەسكى دېگەن ئۆزەڭ ، تېخى سۆيىۋالغىلى تاس قالدىڭ مېنى بوزەك قىلىپ. يىگىت ئەمدى قىزغا يىلىنىش نەزىرىدە قارىدى . ئىز تورى بەك ياخشى
__ گۈلەمبەر تېخى جاۋاپ بەرمىدىڭ ، ماڭا زادى تىگەمسەن - يوق ؟
__ تىگىمەن سالى ، ئۆمرۈمدە ساڭا تىگەلمىسەم بويتاق ئۆتۈپ كېتىمەن .
__ گېپىڭ راستىمۇ ؟ - يىگىت قۇچىقىغا سىڭىپ كەتكەن قىزنى ئۆزىگە قاراتتى ۋە كۆزنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ قايتىلاپ سورىدى ،- گېپىڭ راستمۇ گۈلەمبەر ؟
__ راسىت سالى ، مەن ساڭا كۆيىمەن .
سالى قۇچىقىدىكى قىزنى ئەسەبىيلەرچە سۆيۈشكە باشلىدى . قىز ئوتتەك قىزغىن سۈيۈشتىن ئېرىپ لاسسىدە بولدى ۋە بارلىق مەيلىنى يىگىتكە تاپشۇرۋەتتى . ....
قىزنىڭ قىزلىق ئىپپىتى ، ۋۇجۇدىنىڭ پاكلىقى تۇپراق بىلەن قوشۇلۇپ ئاشۇ كىچىككىنە گۈللۈك ئەتراپىغا ئالقانچىلىك جايغا ئىز سېلىپ قويدى. بىراق بۇ ئىزنى سائەت ئۆتمەي تۇپراق يۇتۇپ كېتەر، بىراق قىزنىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى ئېچىنىشلىق تەقدىر قىسمىتىمۇ يۈتۈپ كېتەرمۇ ؟
گۈلەمبەر ھاياتلىقىدا بىرلا قېتىم تېتىشقا ھەقلىق بولغان لەززەتنى ھىچ ئىپادىسز شۇنداق تېز ،شۇنداق تۇيۇقسىزلا قولدىن بېرىپ قويدى .
يېرىم يالىڭاچلانغان قىز قاۋۇل يىگىتنىڭ قوينىدا سېزىمىنى يوقاتقان ھالدا كۆزلىرىنى يۇمۇپ ياتاتتى . ئۇ شۇ تۇرقىدا ھېچنېمىنى سەزمەيتتى ، ھەتتا ھېچنېمىنى كۆرۈشكىمۇ قۇربى يەتمەيتتى . چۈنكى ئۇ ھەممىگە كۆزنى يۇمۇپلا ئالغان ئىدى .
سالىنىڭ ئۆيىدىكىلىرى قىزغا ئەلچى كىرگۈزدى ، بىراق ئەلچىلەر سالپايغىنىچە يېنىپ چىقىشتى . چۈنكى بوۋاي - مومايلار تويغا رازىلىق بىرىشمىگەن ئىدى . بەلكى قىزنى تالالىق قىلىپ قۇيۇپ قېرىغاندا يالغۇز قىلىشتىن قورققاندۇر ياكى يالغۇز قىزىغا چىدىمغاندۇر ۋە ياكى كىچىككىنە قىزنى ھە دېسە نەغمە قىلىپ مەھەللە ياشلىرىنى ئارقىسىغا ئەگەشتۈرۋالدىغان بەڭباش يىگىتكە تۇتقۇزۇپ قويۇپ قىزنىڭ ئەلەم تارتىپ قىلىشىدىن ۋايىم يىگەندۇر. ئىشقىلىپ توي بىر يىلدىن ئارتۇق ئارقىغا سۈرۈلۈپ كەتتى . بۇ كۈنلەردە قىزنىڭ كۈنلىرى دەككە - دۈككە ئىچىدە ئۆتتى . ئۇ بىر تۇرۇپ قورسىقىنىڭ يوغىناپ خەلقى ئالەم ئىچىدە رەسۋا بولۇشتىن قورقسا ، بىر تۇرۇپ سالىنىڭ ئۆزنى تاشلاپ كېتىشىدىن قورقاتتى . نېمىلا دېگەن بىلەن سالى ئۇنى ئەمرىگە ئالدى . گۈلەمبەر قىزىل قەغەزنى قولىغا ئالغان كۈنى خۇشاللىقىدىن يۈرىكى يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى . ئۇنىڭ تويى نەغمە - ناۋاچى ياشلار بىلەن قىزىپ كەتتى . توي كېچىسى تۆشەككە كىرگەندە ئۆزنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەمدەك ھېس قىلدى ، بىراق ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمىدۇر بىر نەرسە كەمدەك قىلاتتى . ئۇنىڭ ئۈچۈن توي كېچىسى شۇنداق جىمجىت ، شۇنداق ئەھمىيەتسىز ئۆتۈپ كەتتى . قىز ئەتىسى توينىڭ ياندۇرقىدا ياغلىقىنى پېشانىسىگە چۆكۈرۈپ چىگىپ كۆزلىرىنى باشقىلاردىن يۇشۇرۇپ بىركۈن يەر بېقىپ ئولتۇرۇپ خىيال سۈردى .
ئەشۇ گۈللۈك ئەتراپىدىكى ئالىقانچىلىك نەملىك ئەسلى توي كېچىسىدىكى يۇمشاق يېڭى تۆشەككە چۈشۈشى كېرەك ئىدى . يېڭى تويى بولغان قىز - يىگىت ئەشۇ بەلگە بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسى ، ئائىلىسىگە بولغان ئېتىقادىنى ، بىر - بىرلىرگە بولغان سەمىمى -ساداقىتىنى ، ھاياتقا بولغان مەسئۇلىيىتىنى تۇنۇۋالار ئىدى . مانا بۇ توي كىچىسىنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز شادلىقى ، بەلگىسى ئىكەندۇق . ئىسىت
ئۇلارنىڭ تويدىن كېينكى كۈنلىرىمۇ ئانچە قىزغىن ، ھاياجانلىق بولمىدى . قىز ئۈچۈن مۇڭ بولۇپ تۆكۈلىدىغان دۇتتار كۈيلىرى ئاللىقانداق بىر سورۇنلارنى قىزىتىپ قىزنىڭ يۈرىكىنى ئىچىشتۇردىغان ، ئەلەملىك كۆز يېشىنى ئاققۇزىدىغان ، يالغۇزلۇقتا ، تەشنالىقتا چاكىلتىدىغان كۈنلەرنى سوۋغا قىلدى . ياش ئايال يېرىم كىچىگىچە كەلمىگەن ئېرىنى ساقلاپ - ساقلاپ ئۇخلاپ قالاتتى . تاڭ ئاتارغا يېقىن مەسىت كەلگەن سالى ئايالىنى ئويغىتاتتى - دە ئاللىقانداق ھاجەتلىرىنى ئورۇنلاتقۇزاتتى . سلىنىڭ ئۆيدە تۇرىدىغان كۈنلىرى ساناقلىقلا ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈچۈن كېچە بىر شەيتان ئىدى ، ئۇ شەيتان ئېرىنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالاتتى .
ئىز تورى www.iz.la
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى . گۈلەمبەر ھەش - پەش دېگۈچە ئىككى قىزغا ئانا بولدى ، بىراق سالىنىڭ نەغمىسى ھىچ ئاياقلىشىدىغاندەك ئەمەس ، ھەتتا شەھەر ئاتلاپ كۈنلەپ ، ھەپتىلەپ كەلمەيدىغان بولۇۋالدى ، سالىنىڭ نەغمىسى قانچە كىڭەيگەنسىرى گۈلەمبەرنىڭ كۆڭۈل ئارامى شۇنچە بۇزۇلۇپ ، دەردىگە دەرت قوشۇلۇپ بېرىۋاتاتتى .
بالىلارمۇ چوڭ بولۇپ قالدى ، بۇلار ئاشۇ كۈندىكى قاباھەتنى كۆرمەيلا كەلسە بوپتىكەن ، ئانا - بالا ئۈچ ناتىۋاننىڭ كۈلپەتلىك ، دەرت - ھەسرەتكە توشۇپ كەتكەن تەقدىر - قىسمىتى دادىسىنىڭ ناپاكلىقتا بۇلغانغان يالىڭاچ ھالىتى مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلالىغان بولسا ... ئىسىت ... مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
سەلكىن شامال خۇش ھىدىنى دىماقلارغا ئۇرۇپ تۇرغان ئايدىڭ كېچە ھەممە كۆڭۈللەرگە ئاراملىق بېرىپ ، كىشىنى گۈزەل تۇيغۇلارغا ئەسىرلەيدۇ . مانا مۇشۇنداق ئايدىڭ كېچىدىكى تولغان ئاي قانچىلىك سەممىي مۇھەببەتكە ، تاتلىق پىچىرلاشلارغا ھامىي بولۇپ ، ئۆز قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن پەخىرلىنىپ كۈلىدىغاندۇر - ھە ؟ بىراق يەنە ئاينىڭ ئاشۇ سېھىرلىككە تولغان نۇر دەستىسى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتەلمىگەن قاراڭغۇلۇققا مەھكۈم بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردا قانچىلىغان ناپاكلار ھايات بىلەن ئوينىشىپ ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزگىلەرنىڭ ھايات قىسمىتىنى يارتىۋاتقاندۇر ؟
گۈلنار مەھەللىدىكى شوخ بالىلارنىڭ قىيقاس - چوقانلېرىنى ئاڭلاپ ئۆيدە ئولتۇرالماي قالدى .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
__ ئانا ، ئويناپ كىلەيچۇ .
__ سىڭلىڭنىمۇ ئېلىپ چىق ئەمىسە .
گۈلەمبەر ئىككى قىزنى مەھەللىدە ئويناۋاتقان بالىلارغا قوشۇپ قويۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى .
بالىلار مۆكىمۆكىلەڭ ئويناپ تەرەپ - تەرەپلەرگە تاراپ كېتىشەتتى . بىر - بىرلىرنى تېپىۋالغاندا قىيقاس - چوقان سېلىشىپ مەھەللىنى بىر ئالاتتى .
گۈلنارمۇ سىڭلىسى گۈلزارنى يېتىلەپ مۈكۈندىغانغا ئەپلىك بىر جاي ئىزدەپ بېرىپ ، بىر ئۆينىڭ ھويلا دەرۋازىسى ئالدىدىكى گۈللۈككە مۈكۈنۈپ ، ئەتراپقا زەن سېلىپ ئولتۇرۇشتى . خېلى ئۇزاق ئولتۇرغان بولسىمۇ ئۇلارنى بىرەرى ھىچ تېپىۋالالمدى . خېلى ۋاقىتتىن كىيىن مۇشۇ تەرەپكە كېلىۋاتقان بىر گەۋدىنى ئىلغا قىلىپ تېخىمۇ بەك سەگەكلەشتى ، گەۋدە يېىقنلاشقانسىرى شۇنچە تونۇش بىلىنەتتى .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
__ ھە ، دادام ئىكەن سىڭلىم ، ئاۋازىڭنى چىقارما ، بىزنىڭ بۇ يەردىلىكىمىزنى بىلىپ قالسا ، ئوينىغىلى قويمايدۇ .
سالى قىزلار مۆككەن جايدىن ئۆتۈپ سەل نېرىدىكى بىر دەرۋازىدىن كىرىپ كەتتى .
قىزلار يەنە خېلى ئولتۇرۇپمۇ ئۇلارنى يەنىلا ھېچكىم تېپىۋالالمىغاندىن كىيىن گۈللۈكتىن چىقىپ دادىسى كىرىپ كەتكەن دەرۋازائالدىغا باردى .
__ چىرايلىق ئۇكام ، غەلۋە قىلما ھە ، ھېلى دادام چىقسا ئۇ بىزنى ئوينىتىدۇ ، ساقلاپ تۇرايلى .
گۈلنار سىڭلىسنى شۇنداق دەپ بەزلەپ دەرۋازا ئالدىدىكى سۇپىغا جايلىشىپ ئۆز ئويۇنلىرى بىلەن بولۇشۇپ كېتىشتى .
قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن تاڭ ، بىر چاغدا قىزچاقلار دادىسىنىڭ تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ دەرۋازا يۇچۇقىدىن ماراشتى . ئايدىڭ كېچىدە دادىسىنى ئېنىق كۆردى . گۈلنار كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرىگە قاراپ ھەيران قالدى ، بۇ يوچۇن قىلىقلارغا قىزىقسىنغان قىزچاق سىڭلىسى گۈلزارنى ئۇنتۇغان ھالدا دەرۋازىغا تېخىمۇ چىڭ يېپىشتى . دادىسى ھويلىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۈجمە دەرىخى ئاستىدا قىپيالىڭاچ ھالدا ئىۋرىق كۆتۈرۈۋالغان يېرىم يالىڭاچ ئايالغا قاراپ ھۇزۇرلىنىپ كۈلەتتى . بىردە قوللىرىنى سوزۇپ ئايالنىڭ ئاللىقانداق يەرلىرىنى سىلايتتى ، مىجىقلايتتى ، بىردە ئايالنى تارتىپ قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتەتتى . ھە راست ، گۈلنار ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى گۈلزارنى ئانىسى ئاخشام - ئەتىلىرى ئاشۇنداق قۇچاقلاپ قېنقېنىغا پاتماي ۋىلىقلاپ كۈلۈشۈپ، ئانىسىنىمۇ يېنىش- يېنىشلاپ سۆيەتتى . بىراق دادىسى ئۇ ناتۇنۇشنى نېمىشقا سۆيىدىغاندۇ؟ ئاجايىپ ھال ھە ؟ گۈلنار دادىسىنى ھېچقاچان مۇنداق يالىڭاچ ھالدا كۆرۈپ باقمىغان ئىدى . ھېلىقى يېرىم يالىڭاچ ئايال قىزنىڭ دادىسىنى خۇددى ئۆزىنى ئانىسى يۇيۇپ قويغانغا ئوخشاش قولىدىكى ئىۋرىقتا دادىسىنىڭ ئۈستى - باشلىرىغا سۇ قۇيۇپ يۇيۇپ قويۇۋاتاتتى . بۇ ھال قىزچاق ئۈچۈن شۇنچە سىرلىق ، شۇنچە ھەيران قالارلىق تۇيۇلدى ۋە يەنە قانداقتۇر بىر قىزىقسىنىشتا بۇ مەنزىرىدىن ھىچ كۆزنى ئۈزەلمەي قالدى . بۇ مەنزىرە قىزنىڭ قەلبىدىكى نۇرغۇن تېپىشماقلار قاتارىدا قىزچاقنىڭ سەزگۈلىرىنى ئەڭ چوڭقۇرلىقىغا ئورنىشىپ ، كۆز قارىچۇقىدا ئەبەدىيلىككە قېتىپ قالدى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شۇندىن كېيىن قىزچاق جىمىغۇرلىشىپ قالدى . ئاشۇ بىر مەنزىرە كۆز ئالدىدىن زادى نېرى كەتمىدى . مەھەللىدىكى چوڭ ئەرلەرنى ، ئاكاشلارنى كۆرسە ، ئۇلاردىن كۆزنى نېرى ئېلىپ قاچاتتى . ئۆزىمۇ چۈشىنىپ بولالمايدىغان بىر نازۇك ھىيقىشتا بىئەپلىك ھېس قىلىپ ئۆزىنى دالدىغا ئالاتتى .
مەھەللىسىنىڭ چېتىدىكى دەريا بويىغا سىڭلىسى بىلەن ئوينىغىلى چىققاندا سۇدا ئۆردەكتەك ئۈزىشىۋاتقان ئەرلەرنى كۆرۈپ قالسا ، قىزچاقنىڭ كىچىككىنە تېنى قانداقتۇر بىر نازۇك سىزىمدە قورۇلۇپ ، ئاللىقانداقتۇر بىر يەرلىرى غىدىقلانغاندەك بىلىنەتتى . يەنە تۇرۇپلا سەسكىنىشكە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئىچكى ئازابتا قىينىلاتتى . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا گۈلنارلار كۆرگەن ھېلىقى سىرلىق تېپىشماق ئىچىدىكى ئايال بىر بوۋاقنى كۆتۈرگىنىچە غەلۋە بىلەن كىرىپ كەلدى، شۇندىن ئېتىبارەن خېلى ۋاقىتلارغىچە ئۇلارنىڭ ئۆيىدە جەڭگە - جېدەل قۇرىمىدى . ئاشۇ يېزىلىق ھۆكۈمەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ دادىسى ئۇلارغا سامسا ئېلىپ بەرمەي كەتكەن كۈندىن ئېتىبارەن ئۇ جېدەل قۇرىمىغان ئۆيگە ئاياق بىسىشمىدى .
گۈلەمبەر ئىككى قىزنى ئەگەشتۈرۈپ ئون نەچچە يىل تۇتقان ئۆيىگە قايىتالمايتتى . بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا - ئانىسىدىن مىراس قالغان ئۆيگە بارسۇنمۇ ؟ بۇنىڭغا گۈلەمبەر پېتىنالمايتتى ، ئاشىق بولۇپ تەككەن ئېرىنىڭ ، ئىككى قىزنىڭ دادىسىنىڭ باشقا بىر ئايال بىلەن ئۆي تۇتۇپ ، كۈلۈپ - يايراپ يۈرۈشىنى كۈندە كۆرۈپ ، ئاڭلاپ تۇرۇشقا چىدىسۇنمۇ ؟ ياق ، ياق ،ئۇنىڭدىن كۆرە بۇ يېزىدىن بېشىنى ئېلىپ چىقىپ يىراقلارغا كەتكىنى تۈزۈك
گۈلەمبەر ئۆزىگە تېگىشلىك ئۆي بىساتىنى ئېشەك ھارۋىسىغا بېسىپ ، ئاتا - ئانىسىدىن قالغان ئۆينى چىڭ تاقىدى - دە ، شەھەرگە قاراپ يول ئالدى .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىر كۈنى گۈلزار تۇيۇقسىز قىزىپ ئاغرىپ قالدى . گۈلەمبەر قىزىتما ياندۇرۇش دورىسىنى ئەكىلىپ بېرىپ گۈلنارغا گۈلزارنى قۇيۇپ بېرىپ ئاشپۇزۇلغا كېىتىپ قالدى . ئۆيدە پازىل ئەتىگەندىلا نەگىدۇر يوقالغان ئىدى .
كۈن چۈش بۇلارغا يېقىن ئىشىك قېقىلىپ ھېلىقى ئاخشامقى بەتبەشىرە كىشى يەنە مەست ئەلەس ھالەتتە ئۆيگە كىرىپ كەلدى .
- پازىل بارمۇ ؟
- يوق .
گۈلنار قورقۇمسىراپ سىڭلىسىنى كۆتۈرۈپ ھويلىغا چىقىۋالدى . ئۇ پات - پات ھويلا ئىشىكىگە قاراپ قۇياتتى . ئىشىك يېرىم ئۇچۇق بولغاچقا قىزغا سەلگىنە تەسەللى بەردى .
- كېلىڭ ئۇمىقىم ، بۇ پۇرسەتتە بىر پەيزى قىلمايلىمۇ ؟ تۇرۇۋالىدىغان ئانىڭىزمۇ يوقكەن . ئىز تورى www.iz.la
بەتبەشىرە ئۇ شۇنداق دېگىنىچە قىزنىڭ بېقىنىنى چىمداپ مورۇشقا باشلىدى . بۇنىڭدىن دەھشەت ئەندىككەن گۈلنار سىڭلىسىنى كۆتۈرگىنىچە ھويلا ئىشىكىگە قاراپ ئېتىلدى .ئەرمۇ ئىككى ئاتلاپ گۈلنارنى تۇتۇۋالدى ۋە گۈلزارنى سىلكىپ ئاچىسىنىڭ قۇچىقىدىن بوشاتتى - دە ، گۈلنارغا تاشلاندى . گۈلزار ئىنجىقلاپ قۇپۇپ قىقىراپ يىغلىغىنىچە ئاچىسىغا ئېسىلدى . بەتبەشرە ئەر بولسا ئەسەبىيلەرچە قىزغا تاشلىناتتى ، قىزنى ئۆيگە سۆرەيتى ، گۈلنار ئېچىنىشلىق نالە قىلاتتى ، شۇ ئەسنادا نەدىندۇر پەيدا بولغان پازىل گۆكىرىدى .
- ھوي ، نىمىش قىلۋاتىسىلەر ئادشاۋا
- ھە سىلىمىدىڭلار پازىل ، مەن سىلىنى ئىزدەپ شۇ . ...
- نېمىگە ئىزدىگەن ، مەن تېخى تەگمىدىم ھە بۇنىڭغا ، نېمىلا ئىش بولسا ئاۋۋال مەندىن كەلسە توغرا بولار ئادىشاۋا
- شۇنداق ، شۇنداق سىلىدىن كەلگەي ، ئاشقىنى ھى ھى ...مانداق بىرگە بىرنى تارتايلىمىكى دەپ ....
- بىرەر چېكىم تاپقان ئوخشىمامسىلەر ، ما ئىشىڭلار جايىدا ، مەنمۇ ھەر نېمە بولسا سىلىدىن ئايمەيمەنغۇ ؟
گۈلنار بۇ ئىككى ئادىمى ھايۋاننىڭ قىلىشقان گەپلىرىنى خىرە چۈشەنگەندەك بولۇپ ئاچچىق بىر سەسكىنىشتە گۈلزارنى دەس كۆتۈردى - دە ھويلا ئىشىكىدىن سىرتقا ئۆزنى ئاتتى . ئۇ يولدا گۈلزارنى يېتىلەپ ئاسىتا كېتىۋاتاتتى . كاللىسىدا بىرلا خىيال ، ئۇ بولسىمۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىش .
بىراق نەگە كېتىدۇ . ھە توغرا ، ئانىسى ئىشلىگەن ئاشپۇزۇلدا ئەخمەت ئىسىملىك بىر تاماق توشۇيدىغان يىگىت ئۇنىڭغا ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئوقەت قىلىشنى بىر قانچە قېتىم تەۋسىيە قىلغان ئىدى . ئۇ يەرگە بارسا ئىش كۆپ تېىپلارمىش .
بېرىدىغان ئايلىق ھەققىمۇ بۇ يەردىكىدىن خىلىلا كۆپ ئىمىش ، تېخى سىڭلىسىدەك كۆرۈپ خەۋەر ئالغۇدەك .
مەيلى ئەمەسمۇ . بۇ ئالۋاستى ئۇۋىسىدا ياشاپ قىينالغاندىن ئۈرۈمچىگە كەتكىنى تۈزۈك . << ئۈرۈمچى دېگەن چوڭ شەھەر ، جان باقماق ئاسان &t;&t; دەپ كىشىلەردىن كۆپ ئاڭلىغان . تېخى كۆپرەك پۇل تېپىپ قالسا قايتىپ كېلىپ سىڭلىسىنمۇ بۇ ئالۋاستى ئۇۋىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ كېتەمدۇ تېخى . copyright by www.iz.la
گۈلزار ئەنە شۇ ئۈمۈتتە ئەخمەت ئىسىملىك ئۇ يىگىت بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ھېچكىمگە تۇيدۇرماستىن بىر كۈنى كەچتە ئۈرۈمچىگە يول ئالدى... www.iz.la
ئىز تورى بەك ياخشى
بۇ شەھەر مەركىزىدىن سەل چەترەك بولغان تار كوچىغا جايلاشقان كىچىك ئىككى ئېغىز ئۆيدە ئانا - بالا ئۈچ جان تۇرۇۋاتقىلى يىل بولاي دېدى .
بۇ ئۈچ جاننىڭ قورساق ، ئۈستى - بېشىنى قامداش ئۈچۈن گۈلەمبەر ئىشلىشى كېرەك ئىدى . ئۇ ئىشلىسە ئەمدىلا ياشقا كىرگەن كىچىك قىزى گۈلزارغا كىم قارايدۇ ؟ ئۇنى ئۆزى ئاشپۇزۇلغا ئېلىپ بارسا تېخى بولمايدۇ -دە . شۇنداق قىلىپ گۈلنارمۇ ئۇقۇشسىز قىلىپ ئۆيدە سىڭلىسىغا قاراشقا مەجبۇر بولدى . ئۇنىڭسىزمۇ گۈلنارغا تۆلەيدىغان ئۇقۇش راسخوتى نەدە تۇرۇپتۇ .
قىشنىڭ تازا سوغۇق كۈنىنىڭ بىرىدە ئوتتۇرا بوي ، شاپ بۇرۇت ، قارامتۇل كەلگەن بىر ئادەم بىر ماشىنا كۆمۈرنى تار ھويلىغا چۈشۈرۈپ جايلاشتۇرۇپ ، چۈشلۈك تاماقنى ئۇلارنىڭ ئۆيىدە يەپ چىقىپ كېتىپ ئالاھەزەل - سائەتتىن كىيىن بىر سەللىلىك كىشىنى باشلاپ كەلدى . بۇ كۈنى گۈلەمبەر ئاشپۇزۇلغا بارمىغان ئىدى . ئۇ ھېلىقى كىشى سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ كۆتۈرۈپ كىرگەن بىرەر كىلودەك گۆشنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ پولو ئەتتى . سەللىلىك كىشى ، گۈلەمبەر ۋە ھېلىقى كىشى ئىچكىرىكى ئۆيدە ، گۈلنار بىلەن سىڭلىسى تاشقىرىقى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئاش يېيىشتى . گۈلنار ئانىسىنىڭ بۈگۈنكى سىرلىق ھەرىكەتلىرىگە ، گەپ - سۆزلىرىگە ئەجەبلىنىپ ھەيران بولدى . پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئىچكىرىكى ئۆيدە بولىنىۋاتقان گەپ - سۆزلەرگە قۇلاق سالاتتى .
بىر ھازادىن كىيىن سەللىلىك ئادەمنىڭ دۇئا قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى . ئاندىن ئانىسى قۇرۇغدالغان لېگەن - قاچىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ تاشقىرىقى ئۆيگە ئەپچىقىپ قويۇپ قويغاندىن كىيىن ئالدىراش ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى . ئاندىن سەللىلىك كىشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئايەتلەرنى ئوقۇغاندىن كىيىن گۈلنار نىڭ ھەيرانلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان سوئال - جاۋاپ ئاڭلاندى :
__ ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن توختاخۇن ئوغلى پازىلغا تەگدىڭىزمۇ ؟
__ تەگدىم .
...............
گۈلزار ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز قولىدىكى ئۇستىخاننى غاجىلاش بىلەن ئاۋارە ئىدى . گۈلنار بولسا بۇ تۇيۇقسىز نىكاھ ئۇقۇتۇشتىن ئەس - ھوشىنى يوقاتقان ھالدا ئولتۇرۇپ قالدى . نىكاھ ئۇقۇتۇلۇپ بولغاندىن كىيىن سەللىلىك كىشى خېلى ئوبدانلا جايلاشتۇرۇلغان داستىخاننى قولتۇقىغا قىستۇرغانچە چىقىپ كەتتى . ئۇنى ئۇزىتىپ قويۇپ گۈلەمبەر ھېلىقى كىشى بىلەن قايتىپ كىردى ، گۈلەمبەر تېخىچە داڭ قېتىپ ئولتۇرغان گۈلنارنىڭ بېشىنى سىلاپ ئولتۇرۇپ گەپ باشلىدى . ئىز تورى www.iz.la
__ قىزىم ، بۇ كىشى ئەمدى سىلەرنىڭ داداڭلار بولدى . ئىسمى پازىل. قېنى دادا دەڭلار...
............
__ قىزىم گۈلنار ، سەنمۇ ياشقا كىرىپ قالدىڭ . قىز بالا بۇ ياشتا بويىغا يىتىپ قالغان بولىدۇ . سىڭلىڭ تېخى كىچىك ، بىزنى قوغدايدىغانغا بۇ ئۆيدە بىر ئەر كىشى بولمىسا بولمايدۇ بالام ، داداڭلارنىڭ ئەھۋالى بولسا شۇ . بىرەر يىلدىن بۇيان سىلەرنى ئىزدەپمۇ قويمىدى ، سىلەرنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ قويغىنى بىلەن ئىگە بولمىدى . مەن ئىككىڭلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمىدىم ، ماڭىمۇ ئامال يوق .
ئانا مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى .
__ بالىلىرىم ، قېنى دادا دەڭلار .
__ دادا
__ دادا ....
ئىز تورى www.iz.la
شۇ ئاخشىمى لاسسىدە بولۇپ قالغان قىز گۈلنار تاشقىرىقى ئۆيدە بەخۇدۈك پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان سىڭلىسى گۈلزارنى باغرىغا چىڭ تېڭىپ ئۇيقۇسى قاچقان ھالدا ياتتى . ئىچكىرىكى ئۆيدە پىچىرلاشلار ، تاتلىق كۈلكىلەر ، ئىڭراشلار ۋە يەنە قانداقتۇر ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇردى . سۇنىڭ شارىلداپ داسقا چۈشكەن ئاۋازى بىلەن قوشۇلۇپ ئانىسىنىڭ پىخىلداپ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلانغاندا قىز زادىلا بەرداشلىق بېرەلمىدى . ئاشۇ چاغدىكى دادىسىنىڭ ئۈجمە دەرىخى ئاستىدا يۇيۇنغان مەنزىرە دەممۇ - دەم كۆز ئالدىدا نامايان بولۇپ ، يىرگىنىش ، نەپرەت ۋە يەنە قانداقتۇر بىر قىزىقسىنىش ، ئىنتىلىشقا ، ياق ھىچىنىمگە ئوخشىمايدىغان بىر ھىسياتنىڭ داۋالغۇتىشىدا قىينىلاتتى .
قىز قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىكىن سەھەردە ئانىسىنىڭ يېنىك تۈرتىشى بىلەن ئويغىنىپ ، بېشى ئېغىر ، گاراڭ ھالدا كىيىندى ۋە ئانىسى بىلەن ناشتىلىق تەييارلاپ ، سۆزسىز ، ئىپادىسىز ئولتۇرۇپ ناشتا قىلدى .
- گۈلنار ھېلى دادىڭىز بىلەن سىڭلىڭىز ئويغانسا ناشتىلىقنى بېرىپ ، ئۆيلەرنى يىغشتۇرۋىتىڭ .
ئانىسى كۈندىكىدەك ئىشلارنى تاپىلاپ قويۇپ ئالدىراپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى . ئۇ مۇشۇ چىقىپ كەتكەنچە ئەلياتقۇدا ھېرىپ ھالى قالمىغاندا ئاران قايتىپ كېلەلەيتتىم . گۈلنار ئۆي يىغىشتۇرغاچ ئىچكىرىكى ئۆينىڭ ھىم ئىتىكلىك ئىشكىگە قورۇنۇش ھەم قورقۇش ئىچىدە قاراپ - قاراپ قوياتتى .
__ گۈلنار ماۋۇ يەرگە كىرە بالام .
گۈلنار تۇيۇقسىز ئاڭلانغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئىتتىك ئىچكىرىكى ئۆينىڭ ئىشىكى يېنىغا باردى ، بىراق ئېچىپ كىرگۈسى كەلمىدى .
__ھەي گۈلنار ماۋۇ يەرگە كىرە دەيمەن .
قىز قورۇپقىنە ئىشىكنى ئېچىپ ئۆي ئىچىگە كىردى ، ئىشىكنى ئىچىشى بىلەن ئاللىقانداق بىر بەتبۇي ئارىلاشما پۇراق قىزنىڭ دىمىغىغا گۈپپىدە ئۇرۇلدى ، قىز سەسكىنىپ ئالقانلىرى بىلەن ئېغىز - بۇرنىنى ئەتتى .
__ بوسۇغىدا قاراپ تۇرماي ئاۋۇ داستىكى يۇندىنى تۆكىۋەت .
پازىل يوتقاندىن يېرىم سۇغىرىلپ ياستۇققا جەينەكلەپ يىتىپ قىزغا مىختەك قادالدى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاشۇ كۈندىكى قىپيالىڭاچ دادىسىنىڭ يېرىم يالىڭاچ ئايالغا قارىغاندىكىدەك بىر ئىپادىنى سىزىپ بەدەنلىرى شۈركىنىپ كەتتى . ئۇ ئىتتىك يوغان داستىكى يۇندىنى كۆتۈردى -دە ، سىرتقا ئۆزنى ئاتتى . شۇنچە ئېغىر داس قىزغا شۇ تۇرقىدا ھېچقانچە ئېغىر تۇيۇلمىدى ، ئىشقىلىپ ئۇ بۇ ھۇجرىدىن تېزرەك چىقىپ كىتەلىسىلا بولغىنى
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
شۇندىن كېيىنكى بىر قانچە كۈندە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بىر رىتىمدا ئۆتتى . ئاستا - ئاستا كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئۆيگە كېلىدىغانلار كۆپەيگىلى تۇردى ، كېلىدىغانلار ئىچىدە ئەرلەرمۇ ، ئاياللارمۇ بار ئىدى . ئۇلار يېرىم كېچە ، ھەتتا بەزى كۈنلىرى تاڭ ئاتقۇچە بۇ ئۆيدىن كېتشمەيتتى . يەشىك - يەشىكلەپ ھاراق بوتۇلكىلىرى قۇرۇغدىلاتتى ، ئاللىقانداق بەتبۇي پۇراقلىق ئىس چىقىدىغان چېكىملىك چىكىشەتتى . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ كىچىككىنە ئىككى ئېغىزلىق ئۆينىڭ ئىچكىرىكى ئۆيىدە بولاتتى . بىچارە ئانا تاشقىرىقى ئۆيدە تاماق ، قورۇما ، چاي تەييارلايتتى ، ئىچكىرىكى ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ پازىل دەپ يېنىك تۇۋلىغاندىلا ئىچكىرىكى ئۆينىڭ ئىشىكى قىيا ئېچىلىپ گۈلەمبەر تەييارلىغان ئاشۇ چاي ، قۇرۇملارنى پازىل ھومايغىنىچە ئېلىپ ئىشىكنى يەنە يىپىۋالاتتى . بۇنداق كۈنلەردە ئىچكىرىكى ئۆيدىن ئۈنئالغۇدىن ياڭرىغان ئاللىقانداق گۈلۈپ - گالاپ ئاۋازلار بىلەن قىزغا بۇ بىر قورقۇنۇچلۇق ئالۋاستى ئۇگىسىدەك سېزىلەتتى . ئۇ شۇ سېزىمى بىلەن كۈندۈزلىرىمۇ بۇ ئىچكىرىكى ئۆيگە قەدەم بېسىشتىن قورقۇپ قالاتتى . بىراق نېمە ئىلاج، بىچارە گۈلنار ئانىسىنى سەھەردىلا ئاشپۇزۇلغا يولغا سېلىۋېتىپ ئاخشامقى قالايمىقانچىلىقلارنى تازىلاشقا مەجبۇر بولاتتى .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
يەنە شۇنداق بىر قالايمىقانچىلىق ئاخشىمى ئىچكىرىكى ئۆيدىن جاراڭ - جۇرۇڭ قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى . ھايال ئۆتمەي پازىل ئىچكىرىكى ئۆي ئىشىكىدىن بېشىنى چىقىرىپ توۋلىدى .
__ گۈلنار ، بۇياققا كىرە .
گۈلەمبەر قولىدىكى لەڭمەن پىلتىسنى قويۇپ ئىتتىك ئىشىك يېنىغا باردى :
__ مەن يىغىشتۇرۋىتەي .
__ بولدى ئەزمەڭنى ئەزمەي ئاشنى تېز پىشۇر .
پازىلنىڭ سەت گۈلىيشىدىن ئەندىككەن گۈلەمبەر ئىتتىك ئارقىغا ياندى .
گۈلنار ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ ھۇدۇققانچە بېرىپ ئۆرۈلگەن قاچىلارنى يىغىشتۇرۇپ ئورنىدىن تۇردى . تۇردىيۇ ، ئالدىدىكى مەنزىرىگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى . ئۇنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك دەھشەت سوقاتتى .
ئىز تورى بەك ياخشى
پازىل بىر قۇلىنى يېنىدىكى ئايالنىڭ بوينىغا سېلىپ ، بىر قولىدىكى رومكا ھاراقنى ئايالنىڭ ئاغزىغا تەڭلەۋاتاتتى . ئايال بولسا بىر قىسما سەت جىلمىيىپ ئاق ھاراقنى ئاز - ئازدىن ئوتلاپ تۈگەتتى ۋە قاقاقلاپ كۈلگىنىچە پازىلنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ خۇددى ئارسلاندەك تۇمشۇقلىرىنى پازىلنىڭ يۈزلىرىگە ، بويۇن - مەيدىلىرىگە سۇۋاشقا باشلىدى . شۇ ئەسنادا بىر قول گۈلنارنىڭ كۆكسىنى مىقىلىدى، دەھشەت ئاغرىق سېزىمدىن تولغانغان بىچارە قىز چىرقىرىغىنچە ئۆزنى چەتكە ئەپقاچتى . كۆيىنكىنىڭ ئالدىنى پۈتۈن ئېچىۋەتكەن بىر بەتبەشىرە مەست دەلدۈگۈنۈپ قىزغا ئېسىلدى ۋە چىڭ قۇچاقلاپ ھاياسىز قوللىرىنى قىزنىڭ ئاللىقانداق بىر يەرلىرىگە سوزاتتى ۋە خىرىلدىغىنىچە سەت ھىجىياتتى .
ئىز تورى بەك ياخشى
__ ئۇلارغا تامشىپ شۆلگىيىڭىزنى ئېقىتىپ قاراپ تۇرغىچە مانا بىزلار بار ئەمەسمۇ ؟ زەبەردەس قوشۇن مانا بىز ، كېلىڭ ئامرىقىم ، سىزنىمۇ ھوزۇرلاندۇرۇپ قوياي .
__ ئانا ، مېنى قۇتۇلدۇرۋىلىڭ ، ۋايجان ...
ئىشىكنى ئېتتىرگىنچە ئېتىلىپ كىرگەن گۈلەمبەر قىزنى ئۇ ئەبلەخنىڭ قولىدىن تەستە ئاجرىتىپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى .
شۇ كۈنى كېچە گۈلەمبەر پازىلدىن ئۆلگۈچە تاياق يېدى ، بۇ ئەلۋەتتە بىرىنچى قېتىملىقى ئەمەس . قورۇما ئاچچىق بولماپتۇ، سۇيۇقئاش ئەتمىدىڭ ، چاينى تىز يەتكۈزۈپ بەرمىدىڭ ... دېگەندەك باھانىلار بىلەن گۈلەمبەرنى ھارغۇچە ئۇرۇپ ، قاش - قاپاقلىرىنى كۈكەرتىۋىتەتتى . ..
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
گۈلنار ئانىسىنىڭ بۇ ئادىمىي ھايۋاننى نېمە ئۈچۈن قوغلاپ چىقىرۋەتمەيدىغانلقىغا ھەيران قالاتتى . ئانىسىنىڭ شۇنچە خورلۇقلارنى تارتىپمۇ يەنە چىداپ ئولتۇرغىنىغا قانچە ئويلىسىمۇ ئەقلى يەتمەيتتى .
گۈلەمبەر قىزىدىن ئەنسىرەپ قالدى بولغاي ، ئىككى قىزنى ئاشپۇزۇلغا ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ بارىدىغان بولدى ، خوجايىن ئايالنىڭ خېلى دىلى يۇمشاق بولسا كېرەك ، گۈلنارنى كۆكتات ئاقلاشقا سالدى . گۈلنار سىڭلىسى گۈلزارنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ كۆكتات ئاقلايتتى ، بۇنىڭ بەدىلىگە ئانا - بالا ئۈچەيلەننىڭ چۈشلۈك تامىقىنى بېرەتتى ، بەزىدە ئاشقان تاماقلارنى كەچتە يەۋىلىپ ئۆيگە قايتىشاتتى . پازىل بولسا ئاشپۇزۇلدىن گۈلەمبەرگە بېرىدىغان ئازغىنە پۇلنى ئالغىنىغا خۇش بولۇپ يۈرۈۋېرەتتى . ئەقىل كىرىپ قالغان گۈلنار ئانىسىنىڭ بۇنداق بۇشاڭلىقىغا غەزىپى كېلەتتى ، ئاشخانىدا بىزنىڭ قورسىقىمىز تويىدۇ ، يەنە نېمە دەپ بۇ ئادىمى ھايۋاننى باققۇدەكمىز ؟ زادى نېمىشقا ؟ بۇنداق نېمىشقا دېگەن سوئالنى ئۆزىگە مىڭلاپ قويغان گۈلنار يەنىلا ئانىسىنىڭ بۇ قورقۇنچاق بوشاڭلىقىنىڭ تېگىگە يېتەلمەيتتى . پازىلمۇ مەيلى قانچە كۈن يوقاپ كەتكەي ، يەنىلا بېزىرىپ بۇ ئۆيگە قايتىپ كېلەتتى ، ئۇ ئۆيدە پەيدا بولغان ھامان ئۈچ ناتىۋاننىڭ چىرايىدىن كۈلكە ئۆچەتتى . شۇ تەرىقىدە كۈنلەر ئۆتمەكتە ئىدى.