كىرىم مەنبەسى

مىنىڭ ساراڭ ئانام

ۋاقتى:2013-01-09 18:51مەنبە: يوللىغۇچى:گۈلخۇمار چېكىلىشى:قىتىم

ساغلاملىق  دوسىتى ژورنىلىدىن  ئېلىنىدى ئاپتۇرى  نامەلۇم  ،

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

كىشنىڭ  يۇرەك تارىنى  چېكىدىغان  ئانا ھەققىدىكى  ئەڭ  تەسىرلىك  ھېكايە  . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

باشلانغۇچ مەكتەپىنىڭ 3 - يللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم  ئىدى ، قىشنىڭ بىركۈنى بىردىنلا يامغۇر  يىغىپ  كەتتى ،مومام  ئانامنى ماڭا  يامغۇرلۇق  ئاپىرىپ  بېرىشقا بۇيرىغان ئىكەن . ئانام  يولدا  نەچچە قېتىم  يىقىلىغان  بولسا  كېرە ك ،  لايغا  مىلىنىپ   كېتىپتۇ . دەرستىن  چۈشكىنىمىزدە ئانام دېرىزە تۈۋىدە ماڭا  قاراپ   تۇرغان   ئىكەن . بەزى  ساۋاغداشلىرىم   مازاق  قىلىپ  كۈلۈشىتى . مەن  پۇتى  كۆيگەن  توخۇدەك  تىپىرلاپ  كەتتىم . ئانامغا  يۇزۇمىنى  چۈشۈرگەنلىكى  ئۈچۈنئۆرلۇكۇم كەلدى . باشلامچى  بولۇپ  غەۋغا كۆتۇرىگەن ئالىمىغا تېخىمۇ ئۆچلۈكۈم كەلدى ، ئۇ ئانامنى  مازاق قىلىپ كۆپتۇرۇپ  دوراۋاتقىنىدا ئالدىمىدىكى  قەلەمداننى  ئۇنىڭىغا ئاتتىم  ، ئەمما  ئالىم   ئۆزىنى قاچۇرۋالدى  -دە  ئالدىمىغا ئېتىلىپ  كېلىپ كانىيىمدىن  ئالدى ،  بويۇم پاكار  بولغاچىقا  ئۇنىڭىغا تەڭ  كېلەلمىدىم ، ئۇ مىنى ئوڭايلا يەرگە  بېسىۋالدى ، بۇ  چاغدا سىنىپىنىڭ سىرتىدىكى   ئانام توۋلىغىنىچە خۇددى  پالۋاندەك  ئىتىلىپ   كىرىپ ئالىمىنى  تۇتقىنىچە تالاغا  ئېلىپ  چىقىتى ، كىشىلەر ساراڭىنىڭ كۇچى جىق  بولىدۇ دېيىشەتتى . راستىنلا شۇنداق بولدىكەن ، ئانام  مىنى بوزەك ئەتكەن ئالىمىنى قوللىرىدا دەس كۆتەردى ، ئالىم  قورقىنىدىن  يىغلاپ كەتتى ،  دىغماققىنە  پۇتلىرى ھاۋادا  تىپىرلاپ تۇراتتى ، ئانام  ئۇنى  مەكتەپىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى كۆلچەككە تاشلىۋەتتى ، ئاندىن  ھېچ ئىش  بولمىغاندەك كېتىپ  قالدى .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئانام  ماڭا چاتاق  تېرىپ  بەرگەن ئىدى ، ئەمما ئۆزى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئالدىمدا  بىمالال  مېڭىۋەردى . ۋە ماڭا خۇشامەتكۇيلۇق   بىلەن  قاراپ - قاراپ  قوياتتى ، ئانا  مېھرىنىڭ شۇنچىلىك   بولدىغانلىقىنى  چۈشەندىم . ئانامىنىڭ  ئەقلى ھوشى جايىدا بولمىسىمۇ مىڭىسى سەگەك ئىدى . ئىز تورى www.iz.la

چۈنكى ئوغلىنى باشقىلارنىڭ بوزەك ئېتىشىگە قاراپ تۇرالمايتتى  . مەن  شۇ چاغدا ئىختىيارسىزلا  <<  ئانا ! >>  دەپ توۋلىۋەتتىم  . بۇ مىنىڭ تىلىم  چىققاندىن   بۇيان ئانامىنى بىرنجى  قېتىم شۇنداق چاقىرىشىم   ئىدى ، ئانام شۈركىنىپ  كەتتى ۋە ماڭا ئۇزاق   - ئۇزاق  قاراپ كەتتى ، ئاندىن  يۇزلىرى  بالىلاردەك  قىزىرىپ  كەتتى ۋە  گۆدەكلەرچە جىلمىيىپ كۈلدى ، شۇ كۈنى  ئانا - بالا  ئىككىمىز تۇنجى  قېتىم بىر يامغۇرلۇقىنى تۇتۇپ  ئۆيگە قايىتتۇق . مەن بۇ  ئىشىنى مومامغا ئېيىتىپ  بېرۋىدىم مومام قورقىنىىدن سەنتەرەكلەپ بېرىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالدى ، ئاندىن  دادامىنى  چاقىرتىپ كەلدى  ، دادام  ئەمدىلا  ئۆيگە كىرىپ تۇرۋىدى قوللىرىغا كالتەك  ئېلىشقان بىر  توپ  ئادەم ئۆيىمىزگە باستۇۇرپ كىرىپ ئاق  - قارنى  ئايرىمايلا قاچا  پ قۇچا ، قازان - قۇمۇشلارنى بولۇشىغا ئۇرۇپ چېقىپ تاشلىدى، ئۆيمىز خۇددى توققۇزبال  يەر تەۋرىگەندەك   بولۇپ  كەتتى ، بۇلار  ئالىمىنىڭ ئۆيدىكلەر باشلاپ  كەلگەن ئادەملەر ئىدى، ئالىمىنىڭ  دادىسى قولىنى دادامغا غەزەب بىلەن شىلىىتپ <<  ئوغلۇم  قۇرقۇپ  نېرۋا كېلىسى  بولۇپ  قالدى ، ھازىر دوختۇخانىدا   ياتىدۇ ، سىلەر 1000 كوي داۋالاش ھەققىي چىقارمايدىغان  بولساڭلار ئۆيۇڭلارنى كۆيدۇرۇپ كۈل قىلىۋېتىمەن >> دېدى ،

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

1000 كۇي  ؟  دادام  ھەرئايدا نەچچە 100 يۇۋەنلا  مائاش ئالدىغان تۇرىسا  ! چىرايدىن  شۇملۇق  يېغىپ تۇرغان  بۇ كىشىلەر ئارىسىدا كۆزلىرى  قىزىرىپ كەتكەن دادام   ئانامغا ۋەھىملىك  بىلەن تىكىلىدى  -د ، ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ئۇرغىلى  تۇرىدى ، بىچارە ئانام  قورىققىنىدىن  خۇددى جېنىنى  ئېلىپ  قاچىدىغنا يەر  تاپالماي قالغان چاشقاندەك  ، بىر قاراشتا  خالتا كوچىغا كىىرپ  قالغان ئوۋلۇققا ئوخشاش ئۇياق - بۇياققا ئۆزىنى  قاچۇراتتى ، ئېچىنىشلىق چىرقىراش ئاۋازى ۋە  كەمەرنىڭ  تاراسلاپ تەككەن ئاۋازى مەڭگۈ ئېسىمىدىن چىقمايدۇ ، ئاخىردا ساقچىخانا  باشلىقى  يېتىپ   كېلىپ دادامىنى بۇ زوراۋانلىقىتىن   توسۇپ  قالدى . ئىز تورى بەك ياخشى

ساقچىىاننىڭ مۇرەسسە قىلىشى  نەتىجىسىدە ھەر ئىككى  تەرەپ زىيان  تارتىقان  تەرەپ قارىلىپ ھېچكىم  - ھېچكىمىگە  تۆلەم  بەرمەيدىغان بەردى  ، كىم يەنە غەۋغا قىلسا  شۇنى  تۇتىدىغان گەپ  . ئۇ بىر توپ  كىشى كەتكەندىن   كېيىن دادام ئۆينى بىر ئالغان  قاچا- قۇچا  سۇنۇقلىرىغا ئاندىن  ئۇسىتى - بېشى يېغىر  بولۇپ كەتكەن  ئانامغا  قارىدى ، ئاندىن بىردىنلا  ئانامىنى باغرىغا  بېسىپ ئېچىنىش   ئىچىدە يىغلاپ كەتتى  ، ۋە <<  ۋاي ساراڭ  خوتۇنۇم  ، سېنى ئەتەيلا   ئۇغۇنۇم ئەمەس ، ئەگەر سېنى ئۇرمىسام   بۇ  ئىشىتىن   قۇتۇلغىلى  بولمايتتى ،  بىزنىڭ خەققە تۆلەم بەرگۈدەك پۇلىمىز يوق ئەمەسمۇ ، بۇنىڭ ھەممىسى نامراتلىقىنىڭ كاساپىتىدىن   بولدى >> دېدى ۋە  ئاندىن يەنە  << بالام  سەن  چوقۇم ياخشى ئوقۇپ  ئالى مەكتەپكە ئۆت ،  بولمىسا  مانا  مۇشۇنداق ئۆمۈر  بويى  خەققە بوزەك  بولۇپ  ئۆتىدىغان  گەپ  >>  دېدى  ، مەن ئىتائەتمەنلىك   بىلەن بېشىمىنى ئىرغىتتىم ،

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

كىيىن  مەن ئەلا نەتىجە بىلەن  تولۇق  ئوتتۇرىغا چىقتتىم ، بۇ  چاغدا  مومام  تولا چارچاپ كېسەل  بولۇپ ئالەمدىن  ئۆتكەن ئىدى ، كۇنىمىز تېخىمۇ  ئېغىرلاشىقان ئىدى ، خەلىق  ئىشلىرى ئىدارىسى  ئائىلىمىزنى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار   ئائىلە  قاتارىغا كىرگۈزۇپ بىزگە ھەر ئايدا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىدىغان  بولدى ، ، مەن  ئوقۇۋاتقان تولۇق  ئوتتۇرامەكتەپتە  ئوقۇش پۇلۇمىنى  مۇۋاپىق كېمەيىتتى ، مەن شۇندىلا داۋاملىق ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە  بولدۇم  . مەن  ئوقۇۋاتقان  مەكتەپتە  يېتىپ  ئوقۇۋاتقانلىقىم  ئۈچۈن ئۆيگە كەمدىن  - كەم  قايتاتتىم ، دادام بۇرۇنقىدەكلا نەچچە 100  يۈرەن  ئۈچۈن چاكار  بولۇپ ئىشلەيتى ، ماڭا  تاماق يەتكۇۇزپ  بېرىش مەسئوليىتى مۇقەررەر يوسۇندا ئانامغا يۈكلەنگەن ئىدى  . ھەر قېتىم قۇشنا ئۆيدە ئولتۇرىدىغان   ھاممام  ماڭا يەيدىغان نەرسە تەييارلاپ ئانامدىن ئىۋەرتىپ   بېرەتتى ، ھېلىمۇ  ياخشى ئانام 20  كېلومېتىر  ئورۇنلۇقىتىكى  چىغىر تاغ  يولىنى ئېسىدە تۇتۇۋالغان  ئىدى . جۈت  - جۈدۈنلارغا  قارىماي  ماڭا  ئەكېلى پبېرەتتى  ، تېخمۇ مۆجىزدەك  ئىش شۈكى ئانام  مەن  ئۈچۈن قىلىۋاتقان  ئىشلىرىدا  قىلچىمۇ ساراڭلىق  قىلمايتتى . مەن بۇ ھادىسىنى مېدىستىنادا   قانداق  چۈشەندۈردىغانلىقىنى  بىلمىسەممۇ  ، بۇنىڭ  ئانا مېھىر  ئىكەنلىكىنى  ئوبدان بىلەتتىم  ، ئىز تورى بەك ياخشى

كىيىن بىر كۈنى ئانام  ماڭا تاماقلا ئەمەس ، يەنە 10 نەچچە  تال ياۋا شاپتۇل ئەگەلگەن ئىدى  ، مەن شاپتۇلىدىن بىرنى  ئېلىپ  بىر چىشلەم يەپ ، كۈلۈپ تۇۇرپ  << ئەجەپ تاتلىق  ئىكەن  ، نەدىن  ئالدىڭ  ؟  >> دەپ سوردىم  ،  ئانام  : <<  مەن ...........  ئۆزەم  ........ئۆزەم  ............>>  دېدى   ، ئانامنىڭ  ياۋا شاپتۇل ئۇزەلەيدىغانلىقىنى  ئويلاپ  يەتمىگەن ئىدىم  ،  چىن  كۆڭلۇمدىن   ماختاپ  << بارغانسېرى  قولۇڭىدىن  ئىش كېلىدىغان    بولۇپ كېتىۋاتسەن  >>  دېدىم   ئانام   خۇشاللىقىدىن   خىر  - خىر  كۈلدى  ، ئانام  كېتەر چاغدا  مەن  ئادەتتىكىدەكلا  بىخەتەرلىكىڭگە  دىققەت قىل   دەپ جېكىلىدىم  ،  ئانام  <<  ھە  ... ھە  >>  دېگىنىچە   ماقوللۇق  بىلدۈردى  . مەن ئانامنى  ئۇزتېۋىتىپلا   ئالى مەكتەپ ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى مۇزاكىرىگە  كىىرپ  كەتتىم ، ئەتىسى  دەرسىتە  ئىدىم ، ھاممام پالاقشىغىنىچە مەكتەپكە كېلىپ مۇئەللىم  ئارقىلىق  مېنى سىنپتىن چاقرىتتى . ھاممام  مەندىن ئاناڭ تاماق ئەكلىپ  بەردىمۇ  ؟ دەپ سوردى  . مەن  :  ئەكىلىپ  بەرمىدى ،  تۈنۈگۈن قايىىتپ كەتكەن  ئىدىغۇ  ، دېدىم   ،  ھاممام   <<   يوق ،  ھازىرغىچە   ئۆيگە كەلمىدى  >> دېدى . مەن ياق  ماڭا 10 نەچچە  تال  ياۋا شاپتۇل ئەكەلگەن ئىكەن ، دېدىم ، ھاممام  قوللىرىنى ئۇچقىلاپ تۇرۇپ  چاتاق بوپتۇ ، چاتاق   شۇ  ياۋا   شاپتۇلدا   ئوخشايدۇ  . دېدى  ئاندىن مەن رۇخسەتسوردىم ، ھاممام ئىككىمىز تاغ يولى بىلەن  قايىتىپ  ماڭدۇق  ، يولدا ھەقىقەتەنمۇ  بىر قانچە تۈپ ياۋا شاپتۇل  دەرىخى ، دەرەختە شالاڭ شاپتۇل  بار ئىكەن ،  بۇ شاپتۇللار  تىك قىيادا   بولغاچقا  ساقلىنىپ قالغان ئىەن ،  بىز يەنە بىرتۈپ شاپتۇل  دەرىخىدىكى  شاخنىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكىنى  بايقىدۇق ، دەرەخنىڭ ئاسىتى  100 گەز چوڭقۇرلۇقىتىكى  جىلغا ئىدى . ھاممام  << بىز جىلغىغا چۈشۈپ قاراپ  باقايلى   >> دېدى  مەن : << ھامما مىنى تولا  قورقۇتمىڭە   >> دېدىم  . ھامما مىنى يېتىلىگىنىچە  جىلغىغا قاراپ ماڭدى . ئانام جىلغىدا جىممىدە ياتاتتى . ئەتراپىغا شاپتۇللار چېچىلىپ   چۈشكەنكەن ، قولىدا بىر تال شاپتۇل سىقىمداغلىق ئىدى ، مەن يۈرىكىم  پارە  - پارە  بولغۇدەك ھەسرەت   بىلەن  يىغىلاپ ، ئانامىنى  مەھكەم  قۇچاقلىدىم  . ئانا  ، ۋاي شور پېشانە ئانام ، نېمىشقىمۇ بۇ شاپتۇلىنى  تاتلىق دېگەندىمەن ،  ، بېشىڭىغا چىقتىمغۇ  ئانا  ،   ئۆمۈرۈڭدە بىركۈنمۇ   راھەت  كۆرۇپ باقمغان  ئىدىڭىغۇ  ئانا  ...................... مەن بېشىمىنى ئانامىنىڭ مۇزدەك سوۋۇپ كەتكەن   يۈزىگە ياقىتىم  ، يىغامىدىن  تاغ جىرالاردىى تاشلارمۇ  ئېرىپ  ياش تۆككەندەك  تۇيۇلاتتى ...

copyright by www.iz.la

 ئانام  يەرلىككە قويۇلۇپ  100  كۈن بولغاندا بېيىجىڭ  ئۇنۋېرسىتنىڭ ئالتۇنىدن ھەل بېرىلىگەن ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇش  نامىسىنى  ئېلىپ  .ئانام ماڭغان يوللارنى  ، ھېلىقى بىر قانچە تۈپ شاپتۇل ئۆسكەن دەرەخزارلىقىنى  ، مەھەلىمىزنىڭ بېشىدىكى خامانلىقىنى  كېزىپ  ئۆيىمىزگە ئۇدۇل ئۇچۇپ كەلىدىم  ،  مەن كېچىكىپ  كەلگەن   بۇ مەكتۇپنى  ئانامىنىڭ قەبىرسىگە سانجىپ  قويۇپ  :  <<   ئانا  ! ئىستىقبال تاپىتىم  ، ئاڭلىدىڭىمۇ  ؟ ئەمدى  ئۇ دۇنيادا   كۈلۈپ  ياتساڭ  بولىدۇ  >>  دېدىم  ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ياخشىكەن
(16)
94.1%
ئالقىشلايمەن
(1)
5.9%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس