
ئالىم تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان(يۈرەك كېسىلىم بار)دېگەن خىيالىدىن قۇتۇلالمىدى،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى بۇ خىيالدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قىلمىقىنى قالمىدى.ئەمما ئالىم ھە دېسىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆز كېسىلىگە سەل قاراۋاتقانلىقى،چوڭراق دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتمىغانلىقىدىن ئاغرىناتتى،ئاتا-ئانىسى خۇددى ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغاندەك،بۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىشىگە قاراپ تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئالىم باشلانغۇچتىن تاكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە چىققۇچە مەكتەپتە ئىزچىل ياخشى ئوقۇدى،تولۇق ئوتتۇرامەكتەپنىڭ ئەلاچى ئوغۇقۇچىلار يىغىلغان نوقتىلىق سىنىپقا قوبۇل قىلىنىدى،بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆگىنىش بېسىمى تېخىمۇ ئاشتى،ھەر كۈنى يېرىم كېچىگىچە ئۆگىنىش قىلىدىغان،ھەتتا بەزىدە(ئىلىگىرىكى نەتىجەمنى ساقلاپ قالالارمەنمۇ)دەپ ئەندىشە قىلىدىغان بولۇپ قالدى،ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنمۇ ئىزچىل ياخشى ئوقۇدى.بۇ جەرياندا تەبئىي پەن بولۇپمۇ خىمىيە،بىيولوگىيە دېگەندەك پەنلەرگە بەكرەك قىزىقتى ۋە قەلبىگە بېرەر داڭلىق تېببىي ئۇنىۋېرىسىتېتىقا ئىمتىھان بېرىپ دوختۇر بولۇش ئارزۇسىنى پۈكتى.شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك،ئۇ ئادەتتە كىتابخانىلارغا بارغاندا تېبابەتكە دائىر كىتاب-ژۇرناللارنى قىزىقىپ ئوقۇيتتى ۋە سېتىۋالاتتى. ئۇنىڭ تېبابەتكە قىزىقىش دەرىجىسى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى،ھەتتا ئۆيدىكىلەر زۇكام بولۇپ قالغاندا،قورسىقى ئاغرىپ قالغاندا ئۇيغۇر تېبابەت قوللانمىلىرىغا قاراپ ھەرخىل دورىلارنى تەييارلاپ داۋالاش ئېلىپ باراتتى.بەندە پات-پات كۆرۈلۈپ قالىدىغان كۆزىنىڭ ئېقى سارغىيىپ قېلىش،تىرناقنىڭ تۈۋىدىكى گۆشنىڭ تىتىلىشى،كېچىسى كۆپ چۈش كۆرۈش،دېگەنگە ئوخشاش بىر قسىم ئالامەتلەرنىڭ سەۋەبىنى تىبابەت كىتابلىرىدىن ئىزدەيدىغان بولدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك كەچتە رادىيودا بېرىلىدىغان تېببىي مەسلىھەت پىروگراممىلىرىنى ئاڭلايتتى.كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ،ئۆزى ئاڭلىغان ۋە كىتابتىن كۆرگەن كېسەللىك ئالامىتىنىڭ قايسى بىرى ئۆز بەدىندىكى مەلۇم بىر خىل ئالامەت بىلەن ئوخشىشىپ كەتسە،جىددىيلىشىدىغان،(شۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئوخشايمەن)دەپ ئۆز-ئۆزىدىن گۇمان قىلىدىغان بولۇپ قالدى.
بىر كۈنى ئۇ رادىيودىن مەخسۇس يۈرەك كېسەللىكى توغرۇلۇق سۆزلەنگەن تېببىي مەسلىھەت پىروگراممىسىنى ئاڭلىدى،ئۇنىڭدىن دېيىلىشچە،كۆكرەك سول تەرىپىنىڭ پات-پات چىڭقىلىشى،ھاۋا تېمپىراتۇرسى سەل يۇقىرى بولغان چاغلاردا ياكى شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا نەپەسلىنىشنىڭ ئەركىن بولماسلىقى،سول تەرەپ تارغاقنىڭ تېلىپ ئاغرىشى...قاتارلىقلار يۈرەك كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرى ئىدى.ئالىم بۇلارنى ئاڭلاۋېتىپ ئۆزىنىڭ سول تەرەپ تارغىقىنىڭ سەل تالىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى.پىروگرامما تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ ئۆزىدىن(يۈرەك كېسىلى بول ۇپ قالغان بولماي يەنە) دەپ گۇمانلىنىشقا باشلىدى.شۇ كۈنى ئۇ پەقەتلا ئۇخلىيالمىدى،ئاخىرى كىتاب جازىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى-دە،تېبابەتكە دائىر بىر نەچچە پارچە كىتابنى ئالدىغا يېيىۋېلىپ ۋاراقلاشقا باشلىدى.ئۇ شۇ كۈنى تەڭ كېچىگىچە ئۇخلىيالمىدى.ئەتىسى ئەتىگەن خۇددى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىدەك روھسىز تۇردى.كۈنبۇيى(يۈرەك كىسىلى بولۇپ قالغان بولسام قانداق قىلارمەن)دېگەننىلا ئويلىدى،كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇ ئۆزىنىڭ سول تەرەپ كۆكرەك قىسمىنىڭ ئازراق چىڭقىلۋاتقانلىقىنى،سول تەرەپ تارغىقىنىڭ تېخىمۇ بەك تېلىپ ئاغرىۋاتقانلقىنى ھېس قىلىدى.ئۇ ئاخىر ئۆزىنىڭ يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالغانلىقىنى جەزم قىلدى.
بىر كۈنى ئالىم ئانىسىغا(ئانام يۈرىكىمدىن چاتاق چىقتى،كۆكرىكىم شۇنداق چىڭقىلىدۇ.سول تەرەپ تارغىقىممۇ توختىماي تالىدۇ.دوختۇرخانىغا كۆرسىتىپ باقساق بوپتىكەن)دېدى،ئوغلىنىڭ بۇ گەپلىرىدىن قاتتىق چۆچۈگەن ئانا شۇ كۈنىلا ئۇنى يېقىن ئەتراپتىكى بىر دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.دوختۇرلار ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ سوقۇش رىتمى ۋە باشقا بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن،يۈرىكىنىڭ نۇرمال ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى،ئانىنىڭ چىرايىغا قان يۈگۈردى.ئەمما ئالىم دوختۇرلار مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ،ئەستايدىل تەكشۈرمىدى.كېسىلىمنى بايقىيالمىدى)دەپ ئويلىدى.شۇندىن كېيىن ئالىم كېسىلىنى تېخىمۇ كۆپ ئويلايدىغان بولۇۋالدى.ئۇ ئويلىغانسېرى،كىتابلارغا قاراپ ئىزدەنگەنسېرى ئۆزىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى تېخىمۇ كۆپىيەتتى،بۇنىڭ بىلەن كەيپىاتى تېخىمۇ ناچارلىشاتتى.ئوغلىنىڭ كۈندىن-كۈنگە چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئاتا-ئانا قانداقمۇ چىدىسۇن؟شۇنىڭ بىلەن ئالىمنى ئېلىپ قايتىدىن دوختۇرخانىغا باردى ۋە ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرتۈش ئېلىپ باردى.تەكشۈرۈش نەتىجىسى بۇرۇنقى بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيتتى.دېمەك،ئالىمنىڭ يۈرىكىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق ئىدى.بىراق،ئالىم بۇ قېتىمقى دىياگنوز نەتىجىسىدىنمۇ رازى بولمىدى.ئۇ دوختۇرلارنىڭ بۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن،ئۆزىنىڭ كېسىلىنى قېتىرقىنىپ تەكشۈرمىگەنلىكىدىن ھەتتا ئاتا- ئانىسىنىڭمۇ بۇنىڭغا ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىمىغانلىقىدىن قاتتىق خاپا بولدى.
ئالىم كۈندىن -كۈنگە چۈشكۈنلىشىشگە باشلىدى. ئۇ بۇ كۈنلەردە ھەتتا ئوقۇشقىمۇ قىزىقمايدىغان بولۇپ قالدى،ئۇ يەنە ئۆزىدىكى روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە ياخشى ئۇخلىمىغانلىقىتىن كېلىپ چىققان ئاز-تولا ئۇنتۇغاقلىق،پۇت-قولى ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ئۆزىدىكى كېسەلنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى دەپ چۈشەندى.بالىنىڭ كۈندىن-كۈنگە سولغۇنلىشىپ كېتىۋاتقان ھالتىگە قاراپ،ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولۇۋاتاتتى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
تۇرمۇش رىتمىنىڭ تېز،سىرتقى بېسىمنىڭ ئېغىر بولۇشى،ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەكلىك،ھاۋادىكى بۇلغىنىش،بالىلاردىكى فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىش سەۋەبلىك پەيدا بولىدىغان بىر قاتار تەسىرلەر تۈپەيلى ئادەم بەدىنىدە تۈرلۈك غەيرىي نورمال ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشى تەبئىي ئەھۋال.ئالامەتكە قاراپ(كېسەل بولۇپ قالدىم)دەپ ئاسانلا ئۆزىنى (كېسەل قاتارىغا چىقىرۋالىدۇ.بۇ خىل ئەھۋالدا بىمار دوختۇرنىڭ دىياگىنوزىغا ئاساسەن،)روھىي جەھەتتە تەڭشەش ئېلىپ بارسا بولىدۇ،ئۆزىنى تەڭشەش دېگىنىمىزدە تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىنى كۆزدە تۇتىمىز؛ ئىز تورى بەك ياخشى
1.پىسخىكىلىق داۋالاش ئارقىلىق مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى تېپىپ،چىقىش ۋە شۇنىڭغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىش.ئالىمنىڭ پىسخىك جەھەتتىكى توسالغۇسى ئۇنىڭ ئۆزىگە تەلەپنى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى قويۇپ،شۇ تەلەپكە يېتىشتىكى ئىشەنچىسىنىڭ كەمچىل بولغانلىقى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان،يەنى ئالىم ئىزچىل مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغان،نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولۇشى بىلەن ئائىلىدە ياخشى بالا،مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى،دەپ قارىلىپ كەلگەن،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ خىل ئورنىدا ئۆزگىرىش بولۇش خەۋپى تۇغۇلغان،چۈنكى،ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار يىغلىغان سىنىپتا ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئورنىنى باشقىلار تارتىۋېلىشى مۇمكىن،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىگە ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا بىر باھانە ئىزدىگەن.(مەن ئاغرىق)بۇ سەۋەب بىلەن ئۇنىڭ نەتىجىسى سەل تۆۋەن بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ،ئاتا-ئانىسى،ئوقۇتقۇچى ئۇنى ئەيىبلىمەي،ئەكىسچە، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلاتتى.ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىشقا باشلىغان،ئاخىر ئۆزىنى (يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالدىم)دەپ مۇقىملاشتۇرۇپ،روھىي جەھەتتە تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشكەن،شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى،ئۆزىنى(كېسەل بولۇپ قالدىم)دەپ گۇمان قىلغۇچى ئەسلىي مۇددىئاسىنى ئۆزىمۇ ھېس قىلالمايدۇ،پەقەت ئىچكى ئېھتىياجنىڭ رول ئوينىشى بىلەن ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئۆز- ئۆزىدىن شۇنداق گۇمان قىلىدۇ ۋە شۇ ئارقلىىق تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىدۇ،ئۆزىدىن گۇمانلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى بۇ خىل ھالەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن،ئالدى بىلەن ئۆزىگە ئۆزى دىياگىنوز قويۇشنى توختىتىشى،دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنگەندە تۆۋەندىكى ئۈچ نوقتىغا چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك،بىرىنچى،دوختۇرغا،دوختۇرنىڭ دىياگنۇزىغا ئىشىنىشى،ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك؛ئىككىنچى،كېسەللىك ئەھۋالىنى چوقۇم توغرا،ئۆز ئەينى بويىچە دەپ بېرىشى،ئاشۇرۋەتمەسلىكى،دوختۇرغا ماسلىشىشى كېرەك؛ئۈچىنچى،دوختۇرنىڭ دىياگنوز بىلەن بىردەك بولمىغان بىر قسىم ئالامەتلىرىگە توغرا،ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلشى كېرەك.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2.تېخىمۇ ئىلىگىرلىگەن ھالدا پىسخىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى كېرەك،بىمار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى قوبۇل قىلىشى، ئۇنىڭغا دادىللىق بىلەن يۈزلىنىشى،ئۆزىدىكى روھىي بېسىمنى چۆرۈپ تاشلىشى كېرەك،ئالىمنى مىسال ئالساق،ئالىم نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى (ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلار يىغلىغان سىنىپتا مېنىڭ بىرىنچىلىكىنى تارتقۇزۇپ قويۇشۇم نورمال ئەھۋال)دېگەننى كاللىسىدا ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى،ئۆز-ئۆزىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك،شۇنداق قىلىغاندا ئۇنىڭ دىققىتىنى (كېسەل)دىن يۆتكىۋەتكىلى بولىدۇ .يەنى بۇ خىل ئەھۋالدا بىمار تۆۋەندىكىدەك ئىككى جەھەتتىكى تەڭشەش ئېلىپ بارىسا بولىدۇ،بىرىنچى،ئۇ ئۆزىنىڭ جىسمانىي جەھەتتە ئەمەس،بەلكى پىسخىك جەھەتتە كېسەل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرك؛ئىككىنىچى،بىمار زېھنىنى ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكە كۆپرەك قارىتىپ دىققىتىنى چېچىش،مۇمكىن بولسا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقلىق ئۆزىنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ساپاسىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. www.iz.la
3.دائىم ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇپ،ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى ياساپ تۇرۇشى كېرەك،بۇنىڭ ئۈچۈن بىمار دائىم ئۆز-ئۆزىگە(مەندە ھېچقانداق كېسەل يوق،دوختۇرمۇ شۇنداق دېدى.مەندىكى كېسەللىك ئەمەلىيەتتە پىسخىك توسالغۇنىڭ سەۋەبىدىن بولغان،مەن پەقەت شۇنى يەڭسەملا ساقىيىپ كېتىمەن،بەدىنىمنىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىدە كۆرۈلگەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ زىيادە سەزگۈر بولۇپ كەتكىنىمدە....)دېگەندەك تەسەللىي خاراكتېرلىك سۆزلەرنى قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. ئىز تورى بەك ياخشى
ئەلۋەتتە بۇ خىل پىسخىك كېسەللىكىتە بىمار يۇقىرىقىدەك بىر قاتار تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەندىن سىرت ئەتراپىدىكى ئۆزىدىكى مەسلىنى ھەل قىلىش بىلەنلا پۈتكۈل مەسلە ھەل بولمايدۇ،يەنە ماس قەدەمدە داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك، بۇ خىل داۋالاش جەريانى مۇنداق بىر نەچچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛1بىمارغا كۆيۈنۈش،يېقىنچىلىق قىلىش مۇھتاج بولىدۇ؛2بىمارغا كۆيۈنۈ،يېقىنچىلىق قىلىش دېگەنگە ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن بىمارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش،بىمارغا روھىي جەھەتتە يار يۆلەكتە بولۇش،بىمارنىڭ بېسىم بولۇۋاتقان مەسلىگە توغرا قاراپ،ئۇنى قوللاش،قوبۇل قىلىش.3بىمارنىڭ پىسخىكىسىدىكى تۈرلۈك توقۇنۇش،زىددىيەتلەرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئىگىلەپ تۇرۇش ۋە بىمارغا بۇ خىل زىدىيەتلەر ئەركىن-ئازادە ئېيتالايدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىش،بۇنىڭدىن باشقا بىمارلاردا كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقنى ئەقلىي نوقتىدىن ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ،مەسلىگە ھېسىي نوقتىدىن ئەمەس،ئەقەللىي نوقتىدىن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
دېمەك،ئۆزىدىن گۇمانلىنىش كېسىلى بۈگۈنكى كۈندە كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ قالدى،ئۇنىڭغا توغرا ۋە جىددىي مۇئامىلە قىلىش تولىمۇ مۇھىم،چۈنكى،ئۆزىدىن گۇمانلىنىش كېسىلىگە قارىتا ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا، ئۇنىڭ ئادەمگە كەلتۈردىغان زىيىنى روھىي جەھەتتىلا كۆرۈلۈپ قالماستىن،جىسمانىي، جەھەتتىمۇ بىماردا ئۆزى گۇمان قىلىغان كېسەللىكنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن،شۇ سەۋەبتىن،بۇ خىل پىسخىكىلىق كېسەلگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
مەنبە؛قەلب تىۋىشلىرى
ئىز تورى بەك ياخشى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن