كىرىم مەنبەسى

خوتۇن ئىزدەش

ۋاقتى:2012-12-30 18:29مەنبە: يوللىغۇچى:قەدىرلە چېكىلىشى:قىتىم

(ھېكايە)

ئابدۇۋەلى م


       كۈن ئولتۇرۇشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئادەتلەنگەن ئالدىراش ئىشلىرىمدىن ئەمدى بېسىقىپ،تېلېۋىزورنىڭ تىزگىنىكىنى قولۇمغا ئېلىپ تۇراتتىم،ئاپام ئەنسىزغىنە چاقىرىپ قالدى.ئايىقىمنىڭ سۇڭىغا دەسسەپ ئالدىراپ چىقسام دەرۋازا تۈۋىدە 70ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر بوۋاي بىلەن تۇرۇپتۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  -ماۋۇ بوۋام بىر كېچە قونۇۋالسام دەيدۇ بالام،قانداق قىلىمىز؟ ئىز تورى www.iz.la

بوۋايغا باشقىدىن زەن سالدىم.خېلىلا قېرىلىق يەتكىنىگە قارىماي ساقال-بۇرۇتىنى پاكىز قىرىپ لەش قاپاققا ئوخشاپ قالغان چىرايىدىن بىچارىلىك ۋە غەم تۆكۈلۈپ تۇرغان،قارا تاشلىق مۇغەمبەر تۇماقنى چۆكۈرۈپ كىيگەن بىر مويسىپىت يوغانغىنە تاغارسىمان سومكىنى تەستە كۆتىرىپ ھاسىسىغا تايانغىنىچە ماڭا ئىلتىجالىق تىكىلىپ تۇراتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

‹بازىرىمىزدا يا بىر قونالغۇ-مېھمانخانا قۇرۇلمىدى.ئۆيۈمنىڭ قاڭشاردا بولۇپ قالغىنىغا بىر كىم كۆرسىتىپ باشلاپ قويامدىكىن تاڭ،خۇدايى مېھمانلار مېنىلا چۆرگىلەيدىغۇ.›دېدىم ئىچىمدە سەل نارازى بولۇپ.دېمىسىمۇ مۇشۇ بىرەر ئاينىڭ ئىچىدىلا پاختا چۆلەشكە كېلىپ خوجايىن بىلەن كېلىشەلمەي قالغان ئىشلەمچى،ئېرىدىن يامانلاپ قاتناش تاپالماي تالادا قالغان چوكان ۋە يەنە قانداقتۇر بىرەر سەۋەپ بىلەن كېلىپ بازىرىمىزدا قونىدىغان يەر تاپالماي تېنەپ قالغان ھاجەتمەنلەردىن بىر نەچچىسىگە پاناھلىق بەرگەن ئىدىم.ئۆيلىرىمغۇ كەڭتاشا،لېكىن قىشنىڭ كۈنىدە سەھراچىلىقتا ئىككى ئېغىز ئۆينى ئىسسىتىۋالساق شۇ يېتەرلىك دەڭا.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىچارە قىياپەتكە كىرىۋېلىپ كېچىدە كىشى ئۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەندە ئۆي ئىگىسىنى ئوڭدا قويغان،ھەتتا جانغا زامىن بولغان بەدنىيەتلەر ھەققىدىكى گەپلەرنى گېزىتتىن كۆرۈپ قالغان بولغاچقىمۇ مۇشۇنىڭدەك بىمەھەل ئىشىك چەككەنلەرنى تازا خالاپ كەتمەيتتىم.قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى بىلمەي دەرۋازىنى توراپ تۇرىۋىدىم،بوۋاي خىرىلداپ ئېغىز ئاچتى: تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

  -بېشىمغا ئېغىر كۈن چۈشتى غوجوۇم بالام،بىر كېچە قوندۇرۇۋاسسا.ئالدىلىرىدا مۇنداق سائىل سۈپەت تۇرغىنىم بىلەن مەن ئەسلى ئوتتۇز پارە قۇرئاننى سۇدەك ئىچىۋالغان قارى-قۇرئانمەن.ژۇتۇمدا كىشىنىڭ ئاغزىغا لىق كېلىدىغان  پۈتۈنسۈرۈك ئابدۇكېرىم ئىمام بولىمەن غوجام.سەھەرلىككە تاھارەتنى كامىل ئېلىپ،ئۇرۇغ-جامائەتلىرىنىڭ ئارىسىدىكى روھ-ئەرۋاھلارغا ئاتاپ ئۆيلىرىدە قۇرئان تامام قىلىپ قوياي. چىرايلىق بالام....

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

  بوۋاينىڭ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچنىمىسى يوقكەن. ئامالسىز ئۆيگە باشلىدىم.ئۆزىنى قارى-ئىمام دەپ تونۇشتۇرۇۋاتقان سىدام يۈزلۈك بۇ بوۋايغا  ئانچە ئىشەنچ قىلالمايۋاتاتتىم،ئەمما ئالدىمدا تەمەلىك كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ تۇرغان  ياشانغان بىر ئادەمنى تالادا قويۇشقا ۋىجدانىم ئۇنىمايتتى.چۈنكى بۇ كېچىسىلا ئەمەس،كۈندۈزدىمۇ خېلى مەن-مەن دەيدىغان نوچىلارنىڭمۇ دولىسىنى قورۇپ شۈمشەيتىدىغان قارا قىش كۈنلىرى ئىدى.چاي-تاماقتىن كېيىن بوۋاينى دادام-ئاپاملار تۇرىدىغان كاڭلىق ئۆينىڭ دۇتىغا ئورۇن راسلاپ ياتقۇزۇپ قويدۇق.

ئىز تورى بەك ياخشى

-سەھەرلىكتە دادام بىلەن بىرگە مەسچىتكە بېرىپ،بامداتنى ئوقۇپ يانغاندىن كېيىن،ئۆيدە ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپ بولۇپلا يوللىرىغا كېتىۋالسىلا قارىم،-دەپ تاپىلاپ يېتىپ قالدىم. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ئەتىسى سەھەردە ناشتىغا كىرسەم سۇيۇقئاشقا چۆپ يېيىۋاتقان ئاپام،سۇپۇرا-تاختىنىڭ ئۈستىدە دۈگىلەڭشىۋاتقان نوغۇچىنىڭ تاراق-تۇرۇقىنىمۇ بېسىپ چۈشكۈدەك ئاۋازدا غودۇرلاۋېتىپتۇ:

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

-قويە ۋاي،قانداق قارىم ئۇ،كېچىدىن بىر چاغدا بىر نېمە تاراقلايدۇ،چىراقنى ياندۇرۇپ قارىسام،ئىسسىق كاڭنى قويۇپ توغراتامدىن ھالقىپ ئۆتۈپ،قازانبېشىغا چۈشۈپ يېتىۋاپتۇ.يامانما بىسەرەمجان قىلدى كىشىنى...
سۇيۇقئاشنى خوپۇلدۇتۇپ ئىچىپ ئولتۇرغاننىڭ ئۈستىگە داداممۇ ئادەتتىكىدىن ۋاقچىراق،غودۇڭشىغىنىچە مەسچىتتىن كىرىپ كەلدى،ئەمما ھېلىقى خۇدايى مېھمان-ساقىلى يوق قارىم كۆرۈنمەيتتى.

www.iz.la

‹ئەستا،لاقا-لۇققىسىنى كۆتىرىپ يۈتمەي نەگە كەتكەندۇ بۇ،نېمە بالاغا قالدىم ئەمدى،ئالىمادىس بىرەر ئىش بولۇپ قالسا،ئايىغى چىقماس سوئال-سوراققا،تېگى يوق بالا-قازاغا قالىمەنمۇ نېمە؟›دېگەن ئەندىشىلىك ئوي كۆڭلۈمدىن كەچتى.ئىچىپ بولالمىغان ئېشىمنىمۇ قويدۇم.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ئالدىراپ چىقىپ كوچىدا ئاندا-ساندا ئۇچراپ قالىدىغان قارا تۇماقلىق،ھاسىلىقلارغا بىرمۇ-بىر سىنچىلايتتىم.دوپپامچىلىك بازىرىمىزنىڭ مەن ئىزدىمىگەن ھېچ بىر بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىمۇ قالمىدى.خىزمەتكە ماڭىدىغان ۋاقت قىستاپ قېلىۋاتاتتى.يوقلىمىدىن ئۆتتۈم-دە،مەكتەپ مۇدىرىمىزدىن ‹جىددى-دىككىدە ئىشىم چىقىپ قالدى›دەپ سوراپ،ئۇنىڭ ياق-ماقۇل دېگەن جاۋابىنىمۇ كۈتمەستىن پالاقلاپ چىقىپ ئىزدەشنى داۋاملاشتۇردۇم.خۇدايى مېھمان قارىمنى ھېچ يەردە چېلىقتۇرالمىغاندىن كېيىن ئامالسىز سالپىيىپ،خەپ دىسە خەپ دەپ مەكتەپكە كېتىۋاتىمەن.كۆڭلۈمگە كەچمىگەن خىياللار كەچمەكتە.تۇيۇقسىز غايىپتىن بىر كىم قارا دېگەندەكلا ئۇنى چېلىقتۇرۇپ قالدىم.مېنى شۇنچە بىسەرەمجان قىلىپ ئىزدەتكەن،بىر مۇنچە ۋاقتىمنى زايە قىلىپ پالاقلاتقان خۇدايى مېھمان بۇرنۇمنىڭ ئۇچىدىلا،مەن خىزمەت قىلىدىغان مەكتەپنىڭ ئالدىغا كاتلىرىنى قاتار قويۇۋېلىشىپ،مەكتەپ بالىلىرىنىڭ پارچە پۇللىرىغا تەلمۈرۈپ چاشقان مارىغان مۈشۈكتەك ئولتۇرۇشقان بىر توپ يايمىچى خوتۇنلارنىڭ ئارىسىدا مەيدىسىنى ئوچوقچىلىققا قويۇلغان چۈيۈن مەشكە قاقلاپ ئولتۇرۇپ پاراڭغا تېگىپ كېتىپتۇ: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

-ژۇتتىن جاڭزامنى ئاپ كېلىدىغان بولدۇم،ئاشۇنداق قىيسام ساقچي غۇجام ئا ئازگالچىنى ئۆز قولى بىلەن ئارقامغا سەپ قويىدىغان بولدى...

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  -ۋىييەي ئەدەم،ماۋۇ مەشنىڭ تۈتۈنى ئاز كەپ قالغاندەك يامانما بەك بىر تولا شورايدىكەنلا موخورتەكنى.-پۇتىغا پىيما كىيىپ باش كۆزىنى قېلىن يۇڭ رومال بىلەن ھىممىدە چۈمكىۋالغان يايمىچى خوتۇننىڭ يۆتەل ئارىلاش غودۇرىشىغا قولىدىكى قوپال يۆگەلگەن موخۇركىنى كۈچەپ شوراۋاتقان قارىم ئىمام يۆتەل تۇتۇپ قېقىلغاچ خىر-خىر كۈلۈپ قويدى:

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

-دەرت تولا خېنىم دەرت تولا.ئاچچىق ئاچچىقنى كېسىدۇ.شۇڭا چېكىمىز بۇنى.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ھەيرانلىقتا قېتىپ تۇرۇپلا قاپتىمەن.قارى-قۇرئان مويسىپىت،ساقىلى يوق ئىمام ۋە باشمالتاقتەك توملۇقتا ئورىلىپ قۇيۇق ئىس چىقىرىۋاتقان موخوركا...كاللامنى قوچۇپلاۋەتكەن ئىدى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

-ئاخۇنۇم!بوپ كەتكەن خېمىردەك بەش مو يەرنى بىر ئېلىپ يېيىلىپ ئولتۇرماي،قوپسىلا.ئەتىگەننىڭياقى سىلىنى ئىزدەيمەن دەپ بىر مۇنچە ئىشتىن قالدىم مەن.لاقا-لۇققىلىرىنى ئېلىپ ئۆيۈمدىن بىر كۆچۈپ بەرسىلە،-دېدىم مەن تەنە-زەردە ئارىلاش.قارىم قاڭسىق ئىس چىقىپ تۇرغان موخوركىسىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن شۇنچە ئۇرۇنۇپمۇ ئېپىنى تاپالماي،ئانىسىنىڭ ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان گۈدەكتەك شۈمشىيىپ تۇرۇپ قالدى ۋە ئىنجىقلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ ھاسىسىنى چوقۇلاپ كەينىمدىن ئەگەشتى...

ئىز تورى بەك ياخشى

كەچقۇرۇن ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ بىر زۈرۈرىيەت بىلەن كوچىغا مېڭىۋىدىم،دەرۋازامنىڭ يېنىدىكى تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرغان سايىنى كۆرۈپ يەنە مەڭدەپ تۇرۇپ قالدىم.سىنچىلاپ قارىسام يەنە ھېلىقى دەرتمەن قارىم.ئاچچىقىمدا تازا سەتلەپ قوغلاي دېدىم-يۇ،پەرۋا قىلماي ئۆتۈپ كەتتىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

‹ئولتۇرسا ئولتۇرمامدۇ،مېنىڭ گەجگەمدە ئولتۇرمىغاندىكىن....›دەيتتىم ئىچىمدە.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خىزمەتداش،ئەل-ئاغىنىلەر بىلەن بىر ھازا ھال-مۇڭ،ساز-پاز،كۈلكە-چاقچاق قىلىشىپ،ئېغىر ياتقۇ مەھەل بىلەن خۇشكەيپ دەرۋازامنىڭ تۈۋىگە كېلىۋىدىم،قورۇق تېمىمنىڭ تۈۋىدە يەنە ھېلىقى سايە دۈگدەرەپ،كاسىلداپ تىترەپ ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ.غۇژژىدە كەلگەن ئاچچىقىمنى زورىغا ئىچىمگە يۇتۇپ،دەرۋازامنى گۇم تاقاپ كىرىپ يېتىۋالدىم. كۆڭلۈمدە بولۇۋاتقان بىر كۈرەش ئادەتتىكى كۈنلەردە ياستۇققا بېشىمنى قويۇشۇمغىلا كېلىدىغان ئۇيقۇمنى خېلى بىر ۋاققىچە ئاللىقاياقلارغىدۇر قوغلىۋەتكەن،قەلبىمدىكى بىر-بىرىگە قارشى ئىككى ئوبرازىم ھەدەپ دەتالاش قىلىشاتتى: ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

-مەن پۈتۈن قارى دەيدۇ تېخى. قولىدىكى بادرىدەك موخوركىسىنى نېمە دەي ئەمدى. ئىشكايلامغا چىللاپ ئەكەپتىمەنمۇ ئۇنى.نېمە كارىم.نېمە بولسا بولمامدۇ.قىش-قىراۋ سوغۇقتا ئۆيىدە ئولتۇرماي پوق بارمۇ تاشا يۇرتتا...

www.iz.la

-ئىنسان دېگەننىڭ بېشىغا نى كۈنلەر كەلمەيدۇ؟ھەممىنى بىلگۈچى بىر ئاللا.بېشىغا بىر كۈلپەت چۈشمىسە كىمنىڭمۇ قارا قىشتا خەقنىڭ مەھەللىسىدە تەمتىرەپ يۈرگۈسى بار؟ بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

-مەيلى،توڭلاپ-قېتىپ ئۆلسىمۇ كارىم يوق.ئۇششاق بالىنى ئالدىغاندەك بىر مۇنچە يالغاننى توقۇپ،بىچارە قىياپەتكە كىرىۋالغىنى بىلەن كىم بىلىدۇ كۆڭلىدىكىنى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

-قاراپ تۇرۇپ سېنىڭ ئىنسابىڭغا تەلمۈرۈپ بۇسۇغاڭغا كەلگەن ئاجىز بىر جان قارا كۆڭۈل-شەپقەتسىزلىكىڭدىن ئىشىكىڭنىڭ تۈۋىدە قېتىپ قالسا،يۇرت-جامائەت ساڭا قانداق لەنەتلەرنى ئوقۇشار ھە؟

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

.............

www.iz.la

قەلبىمدىكى كۈرەش بىر ھازا داۋاملاشتى.ئاندا-ساندا مەھەللە ئىتلىرىنىڭ ئېرىنچەكلىك بىلەن قاۋىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا تىمتاسلىققا چۈمگەن قىش كېچىسىدە ھوجرامدىن نەچچە مېتىرلا كېلىدىغان قورۇق تېمىم تەرەپتىن دەرتمەن قارىمنىڭ ئارىلاپ-ئارىلاپ ئىڭرىشى ۋە كاسىلداپ تىترىشى سۇس ئاڭلىنىپ تۇراتتى.نېمىشقىكىن،ئۆزەممۇ چۈشەنمەيدىغان بىر سىرلىق كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم.ئەمدىلا يېشىغا تەككەن ئوغلۇمنى ھىدلاپ يېتىپ شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەن  ئايالىمنى بىرمۇنچە غودۇرلىتىپ زورىغا ئويغاتتىم-دە،مەجبۇرى دىگۈدەك  دادام-ئاپاملارنىڭ يېنىغا كۆچۈردۈم.كىيىملىرىمنى يېپىنچاقلىنىپ چىقتىم-دە،خۇدايى مېھمان-دەرتمەن قارىمنىڭ تاغارسىمان سومكىسىنى لىككىدە كۆتىرىپ ھويلامغا ئەكىردىم.ئۇمۇ مەقسىدىمنى بىلىپ بىرمۇنچە رەھمەتلەر بىلەن ئارقامدىن ئەگەشتى.يۇقىرىغا قىلغان تەكلىپىمنىمۇ يەنە شۇ تۈگىمەس رەھمەتلىرى بىلەن سىيلىق رەت قىلىپ،ھوجرامنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان تاممەشنىڭ ئوچىقىغا قاقلانغاچ پەگاھتىلا ئولتۇردى.ئۇنى كوچىدا پۇرقىرىتىپ تۈتۈن شوراپ ئولتۇرغان ھالىتىدە ئۇچراتقىنىمدىن باشلانغان غەزىپىمنىڭ ئورنىغا ھېسداشلىق ۋە ئىنسانى مېھىر ئالماشقان.ئۇمۇ گۈركىرەپ كويۇۋاتقان ئوت ۋە قانداقتۇر بىر ھارارەتنىڭ تەپتىدە خېلىلا ئەسلىگە كېلىپ قالغاندەك قىلاتتى.يۇمشاق نان ۋە ئۆزىمىز تېرىپ گەمىدە ساقلاۋاتقان قۇم تاۋۇز بىلەن راسلىغان ئاددى داستىخىنىمنى يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن گەپ تەشتىم: ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

-تەلەپپۇزلىرىدىن قارىسام ق تەرەپتىن كەلگەندەك قىپ تۇرىلا ھە؟ ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

  -دەل بىلىۋاپلا بالام.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

  -نېمە ئىش بىلەن كەلگەنتىلە؟تىلەپ كەلمىگەن بولغىيتتىلە؟

www.iz.la

  -ياق-ياق،ياق بالام.بىز ئۇ كۈندە ئەمەس. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

  -نېمە سەۋەپتىن بۇ ھالغا چۈشۈپ قاللا ئەمىسە؟

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  -ۋاي جېنىم غۇجۇوم،يۈرىكىمنىڭ ئېچىشقان يېرىنى تاتىلاپ مۇشۇ گەپنى بى سوراپ سامىسىتى دەپ تۇرسام سوراپ ساللا مانا.قېرى ئىدەمكەن دەپ ئىچىلىرى ئاغرىپ ئۆيلىرىگە چىگۈزگەندىكىن دەگۇماندا بوپ قاممىسىلا.سىلىگە ھەممىنى دەپ بېرەي،-بوۋاي تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن چىنىدىكى تاۋۇز شەربىتىنى غوپۇلدىتىپ ئىچىۋەتكەندىن كېيىن داۋاملاشتۇردى،-ۋاي ھەممىسى ئاشۇ ھاجەكنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن كۈنى بولمامدۇ قايلىسىلا، ئۆي تۇتقىلى 24يىل بولغان خۇتۇنتى،-قىزىقسىنىش ئىچىدە بوۋاينىڭ ئاغزىغا تىكىلدىم،سۅز ئارىلىقىدا ئۇ نەچچە رەت كىچىك بالىدەك ئۆمچىيىۋالدى،- پاختا چۆلەپ پۇل تېپىپ كېلەي دەپ كېتىپتى،ھە دەپتىمىكەن.بىللە ماڭغانلارنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەپ بولدى،كەممىدى.تېلېفۇن قىيغۇزۇپ سۈرۈشتۈرسەم ئىتىتتى-مىتىتتى دەپ تىلىنى چاينايدا.ئەنە كېلە-مانا كېلە بىلەن پىسەنتىمگە ئامماي ژۉرۉۋېرىپتىمە.بىژ كەمدە ژۇت ئىچىدە بولۇۋاتقان كۇس-كۇس گەپلەرگە زەن سالسام،ماۋۇ ئابدالنىڭ قىزى مۇشۇ يەردە ھاۋۇت قىمماۋاز دەيدىغان بى سىگە تېگىۋاپتۇا.شۇ ھاۋۇت دېگەنگە بۇرۇن بىژ قىتىم تېگەپ،بىژ بالىلىق بوغاندا ئاجىشىپ كەتكەنكەن بۇ شاۋىچى.شۇ ئەلەم بىلەن نەدە بومىسۇن بى تېپىپ ئوسمىسىنى تۈزۈك بىي قوياي دەپ كېلىشىم جېنىم غوجام.مانا مۇشۇنداق گەپ قايلىسىلا.قېرىغان جېنىمدا بۇ ماڭا نە كەگۈلۈك-نە كۈن؟ئىچىمدىكى دەرت-پىغانلىرىم يوغان پىچاقتىن بىژنى ئېلىپ ۋاسسىدە قارنىمغا تىقىپ يېرىۋەتسسەم چىقارمۇ دەپ كېتىمەن كۅرسىلە غوجام .... ئىز تورى www.iz.la

   بوۋاي بەكمۇ بىچارە قىياپەتتە سۆزىنى تۈگەتتى.قىزارغان كۅز جىيەكلىرىدىكى سۇس يالتىراپ تۇرغان چاپاق ئارىلاش ياش تامچىلىرى يۈرىكىمنى ئېزىپ تۇرسىمۇ تۇرۇپلا بىر شەيتان ئىچىمدىن قىچىقلاۋاتقاندەك ئۆزەمنى زادىلا  تۇتىۋلالمايۋاتاتتىم،بوۋايغا تەتۉر قاراپ ئولتۇرۇپ ئامال بار چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ بىر ھازاكۉلۉپتىمەن. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

‹خوتۇنۇم ئەرگە تېگىۋاپتۇ.› www.iz.la

بۇ تەرىقىدىكى گەپنى بېشىمعا قۇلاق چىققاننىڭياقى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم ئىدى.بىردە ھېلىقى ۋاپاسىز خوتۇنعا غەزىپىم تاشسا،تۇرۇپلا ئالدىمدا ئولتۇرعان بۇ مويسىپىت كۆزۈمگە لەقۋا،ئەخمەق،بولۇمسىز بىر ئىنسان سۉپىتىدە كۆرۈنۈپ،كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىچ ئاغرىتىشقىمۇ، يىرگىنىشكىمۇ ئوحشىمايدىغان ئەبجەش بىر خىل ھېس غەليان سۈرمەكتە ئىدى.گەپنىڭ داۋامىغا قىزىقسىنىپ يەنە  كوچىلىدىم:

ئىز تورى www.iz.la

-شۇنداق قىلىپ ئىشلىرى قايدا بوپ كەتتى ئىمام قارىكا؟

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

-مىڭبىر جاپادا بۇ يەرنى تېپىپ كېلىپ،ھېلىقى ھاۋۇت دېگەننىڭ ئىشىكىگە بېرىپتىم.ئابدالنىڭ قىزى ئاپىسىنىڭ سىكىسىنى بېقىپ ئاپتاپسىنىپ ئولتۇراپتىكېن.مېنى تونۇماسقا سېلىۋالدى كۆسلە.مىڭ ئېغىز چىرايلىق گەپ قىغغاندىمەن،نۈزەمبىللا زۇۋان سۉرگىلى ئۇنىمىدى ئا شاپاقچى.ھېلىقى ھاۋۇت دېگەننى چاقىرىپ تاس قالدى يامان قاتتىق ئۇغۇزىۋەتكىلى.ياقامدىن گۈۋشۈپ ئىتنى سۆرىگەندەك داقىرىتىپ سۆرەپ يولغا تاشلىۋەتتى،توپىغا مىلىشىپ قوپماي يېتىپ خۇداغا نالە قىلىپ يىغلاپ كېتىپتىمەن قايلىسىلا،-بوۋاي بىچارىلەرچە يەنە بىر ھازا خىتىلدىۋالدى. ئىز تورى www.iz.la

خەقنىڭ دەردىنى ئاسانلا ئۆزەمنىڭ قىلىۋالىدىغان مىجەزىم بولغاچقىمۇ تاڭ،ھېلىقى ۋاپاسىز خوتۇننى غايىبانىسىغا بىر مۇنچە تىللىشىپ بەرگەچ،بىچارە قارىمغا ئاغزىمغا كەلگەنچىنى دەپ بىر مۇنچە تەسەللى ئېيتىپتىمەن:

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

-ۋاي دەردىڭەي،مىڭ لەنەت ساڭا ئەي ۋاپاسىز بەدخۇي پاسكىنا!ئۆزەڭگە يېنىپ دەرت ئىچىدە قان قۇسۇپ ئۆلەرسەن ئىگەكىم!...ۋاي جېنىم قارىم،بىر دەيۈز خوتۇننى دەپ ئۆزلىرىنى مۇنچە قىيناپ بۇ يەرلەردە سەرسان بولۇپ يۇرگۈچە،ئەلۋەتتە سىلىمۇ بىر ئانىسى ئەركەك دەپ شۈمەك سالغان پۈتۈنسۈرۈك ساقالدامان ئەر كىشى بولغاندىكىن،ئېلىپ تاشلىۋەتكەن تىرنىقىم ئۇ دەپ بىلىپ،ئىززەتلىرى بىلەن ئىمامەتچىلىكلىرىنى قىلىپ،مەھەللە-يۇرتتا يۈز-ئابرۇيلىرى بولغاندىكىن،بىر لايىقىدا مەزلۇمدىن بىرنى تېپىپ نىكاھلىرىغا ئېلىپ خاتىرجەم يۈرسىلىرى بولماسمىدى دەيمەن... بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ئۇ ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلغۇدەك ئايانچلىق ئاۋازدا ئۇھسىندى:

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

-سىلى ئۇنداق دېگەنلىرى بىلەن كۆڭۈل دېگەن كىشىنىڭ مەيلىگە باقمايدىكەن كۆسسە.ئىشقىم چۈشۈپ قاپتىكەن شۇ رەسۋا ئەسكىگە.پەقەت چىدىمىدىم.ئۇنىڭ  ئۈستىگە بۇ يېشىمدا  يەنە باشقىدىن خوتۇن ئالىمەن دېسەممۇ ئۇنىڭچىلىكنى ئالاممايمەن قايلىسىلا.سىلى كۆسسىلىمۇ ۋىيىيھ دەپ قالغۇدەك قاسماق ئاۋۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياقامنى چىشلەپ ئولتۇرۇپ خۇدايا توۋادىن نەچچىنى دەۋېتىپتىمەن. www.iz.la

دەرتمەن قارىم مۇڭسىراپ كەتكەنمۇ ياكى تېگىدىن شۇنداق پاراڭچىمۇ،مۇنداقلا سوراپ قويغانلىرىم ۋە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئەستايىدىل ئاڭلاپ ھە-ھە بىلەن يانپاشلاپ ياتقىنىمغا ناھايىتى ئۇزۇن ھېكايىسىنى بىر باشلىغانچە تاڭنى ئاق ئاتقۇزىۋەتتى. ئىز تورى بەك ياخشى

ئۇنىڭ بايانلىرىدىن ئۇنىڭ ئۆمۈر تارىخى بەئەينى ئەگرى-توقايلىققا تولغان تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىكى ۋەقەلىكلەردەك كۆز ئالدىمدا نامايەن بولاتتى... مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

قەدىمى شەھەرگە ئانچە يىراق بولمىغان يېزا،زامانىسىغا نىسبەتەن خېلىلا ھاللىق سانىلىدىغان سوپاخۇن ئىسىملىك يەر-زىمىن ئىگىسى،ئۇنىڭ ئىلكىدىكى نەچچە تاشلىق تۈگمەن ۋە موپاڭ،ئۇنىڭ يالغۇز ئوغلى-كۆز ئالدىمدىكى دەرتمەن بوۋاينىڭ ئەينى چاغلاردىكى سىيماسى-نىڭ باياشات ئۆتكەن بالىلىق تۇرمۇشى،تۇڭگان يېغىلىقى زامانىسىدىكى ئاپئاق غوجا مەدرىسىسى ۋە ئۇنىڭدا ئۆتكەن ئون نەچچە يىللىق ئوقۇش ھاياتى،ئىشق-مۇھەببەتكە تولغان تەلۋە ياشلىق،شۇ يىللاردىكى داڭلىق ئۆلىما-مۇدەررىسلەر،ئازاتلىق ۋە يەر ئىسلاھاتى،مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دەپ ئاتالغان قارابوران،20نەچچە يىللىق قاچقۇنلۇق ھايات جەريانىدىكى خارۇ-زارلىق...قاتارلىقلار توغرىسىدا بوۋاي ھارماي سۆزلەيتتى.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

-بالام،كوڭۈللىرى پاختىدەك ئاق ئوبدان يىگىتكەنلا.خۇدايىم بەخت-تەلىيىمگە مېنى ئىشىك ئالدىلىرىغا ئەكەپ تاشلاپتۇ.ئەمدى مېنىڭ مۇشۇ ئەيىپىمنى زادى كۆڭۈللىرىگە ئاممىسىلا،مەن سىلىگە ھازىرلا چۈشەندۈرۈپ قويىمەن،-ئۇ قەغىزىدىن چېچىلىپ تۇرمايۋاتقان موخوركىسىغا تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن سەرەڭگە يېقىپ ئاچچىق تۈتۈننى ئاچكۆزلەرچە بىر نەچچىنى شوراپ،بىر ھازا قېقىلىپ يۆتۈلۈۋالغاندىن كېيىن يىغلامسىرىغاندەك بىر ئاۋازدا  داۋاملاشتۇردى،- ئەزبىرايى خۇدايىم تۇرۇپتۇ ئابدان غوجام.مەن ئاپئاق غوجام مەدرىسىسىدە ساق ئون ئۈچ يىل ئوقۇغان پۈتۈن قارىتىم. ئىشىكلىرىدە سائىلدەك تۇرغىنىم بىلەن نىزامبىللا يالغىنى يوق،ژۇتۇمدا كىشىنىڭ ئاغزىغا پۈتۈن كېلىدىغان ئابدۇكېرىم قارىتىم مەن.مەھەلىمىزدىكى پۈتۈن جامائەت كەينىمدە ئىقتىدا قىلىپ تۇرىتتى،نەزرە-نۇزرەتلەردە تۆرنىڭ بېشىدىتىم.ھالا بۈگۈنلۈكتە بىر دىشۋارچىلىق بىلەن مانا مۇشۇنداق خارۇ-زارلىقتا قېلىپ ئالدىلىرىدا سارغىيىپ تۇرۇپتىمەن.

ئىز تورى بەك ياخشى

-قارىم،ئىمام مەن دەيلا،تۇرقلىرى ھېچبىر ئوخشىمايدىكىنە ؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

-بايىدىن ئاڭلىلا.مەن جىڭ قارى.ئەمما ئاشۇ دوزاختىن پەرقسىز ئەلەم-مۇشەققەت بىلەن ياشىغان زاماندا مېنىڭ ئۆلۈپ كەتمەي تىرىك قېلىشىمنى مەن نەق مۇشۇ تاماكىنىڭ خاسىيىتىدىن دەپ بىلىمەن.مەن شۇ يىللاردا موخوركا ئەمەس،چوڭىنى،يەنە كېلىپ قاپاق چىلىم بىلەن جىڭ مەكىتنىڭكىنى چېكەتتىم.نەچچە قاپاقنى ئۈزمەي شوراپ ئەس-ھۇشۇمدىن كەتكۇچە دېسىلە.قوۋۇزۇمنى ئېڭەك سۆڭىكىمگە چىڭ چاپلاپ تۇرۇپ ھەر بىر ئىچىمگە تارتقىنىمدا سەيخانامنىڭ ئۇچىدىن لىپ-لىپ قىلىپ كۆكۈچ يالقۇن ئۆرلەيتتى.شۇنىڭ بىلەن ھەممىنى ئۇنتۇيتتۇم...ناۋادا مۇشۇ كەيىپ بىلەن ئۆزەمنى ئاۋۇندۇرۇپ ئۆتمىگەن،مېنى ۋە مەندەكلەرنى ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەن تەتۈر پەلەك ۋە ئادىمىيلىكىنى يوقىتىپ بېشىمىزغا دەسسىگەن ئاشۇ خۇمسىلارغا بولغان نەپرىتىمنى نەشىنىڭ ئىسى بىلەن قوشۇپ تېشىمغا پۈۋلىۋەتمىگەن بولسام بۈگۈنگىچە ياشىيالمايتتىم... بايا سىلىگە ھېكايە قىلىپ بەرگىنىمدەك 20نەچچە يىلنى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز رەنج-مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكۈزدۈم.جاھان سۈزۈلگەندە قامغاقتەك لەيلەپ يۈرۈشتىن تويۇپ يۇرتۇمغا كەلدىم.قەدىرئەھۋال تۇرمۇشقا ئېرىشتىم.كىملىكىم،قانداق ئادەم ئىكەنلىكىم يادىمغا يەتكەندە ئەسلىمنى تاپماقچى بۇلۇۋىدىم.ئاللاھ ئون ئۈچ يىل زەي ھوجرىدا يېتىپ ئوقۇشۇم بەدىلىگە دىلىمغا سالغان كالامدىن ئەسەرمۇ قالماپتۇ،بىر ئايەتمۇ قالماپتۇ.ئامالسىز بوۋىمىزدىن قالغان قۇرئان كەرىمنى تېپىپ ئوقۇدۇم.ئەينى يىللاردىكى ساۋاقدىشىم سۇدۇرخان خېتىۋاجىمنىڭ قېشىغا بېرىپ يىغلاپ تۇرۇپ ئەھۋالىمنى ئېيتتىم.‹يىغلىمىسىلا،يادقا ئوقۇغاندىن قاراپ ئوقۇغاننىڭ ساۋابى ئارتۇق...›دەپ تەسەللى بەردى ئۇ زات...شۇنداق قىلىپ ئىخلاسىمغا قايتتىم...كېيىن يېتىشىپ چىققان ياش ئىمام،ئەھلى-ئىلىملەر ھۆكۈمىتىمىزگە شىلتىڭ ئېتىپ قوياپ،ھەپسىگەيۇ كەتكەندىن كېيىن،پارتىيە-ھۆكۈمەت ۋە مەھەللە-يۇرت يەنە مېنىڭ قەدرىمنى قىلىپ مېھراپقا چىقاردى...

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

-ئەمىسە يەنە نېمىشقا؟...-تەئەجۈپلىرىمنى يۇشۇرۇشقا ئامالسىز ئىدىم. copyright by www.iz.la

-ۋاي جېنىم بالام،ھەممىسى ئاشۇ بىۋاپا ھاجەكنىڭ دەردى ماڭقايلىسىلا...

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

 شۇنداق قىلىپ بوۋاي تەبىئىلا ئۆيۈمدە تۇرۇپ قالدى. copyright by www.iz.la

 ئۇنىڭدىن سۈرۈشتۈرۈپ يۇرتىدىكى ساقچىخانىنىڭ نومۇرىنى تېپىپ تېلېفۇن قىلىۋىدىم، ‹ئۇنداق ئادەمنى تونۇمايدىكەنمىز،ئەتىگىچە سۈرۈشتۈرۈپ باقىلى.›دېگەن جاۋاپقا ئېرىشتىم.خوتۇنۇمنىڭ زورى بىلەن يېقىندىلا سېتىۋالغان يانفۇنۇمنى يانچۇقۇمغا سالاي دەۋاتسام دەرتمەن قارىم ئەۋرەپ كەتكەن بىر يانچۇق دەپتىرىنى ماڭا سۇنغاچ: ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

  -خاتىرجەم بولامماي قاللا ھە؟مانا ما نومۇرغا ئۇرسىلا،يانا مانىڭغا ئۇرسىلىما بولىدا.ماۋۇسى جىيەنىم زەبىبۇللا قارىنىڭ،يانا ماۋۇسى نەۋرەم شاكىجاننىڭ،-دەپ قالدى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

  ئامالسىز باشتىكى بىر نومۇرغا ئۇرۇپ دەرتمەن قارىمنىڭ ئەھۋالىنى يەتكۈزگىنىمگە يارىشا ئۆزەممۇ ئاڭلاشنى ئانچە خالاپ كەتمىگەن بىر مۇنچە ھېكايىنى زورىغا ئاڭلىۋالدىم.‹ھە...ھە...ھە شۇنداق› بىلەن ئايىغى چىقماس پاراڭنى قەستەن تۈگىتىپ تېلېفۇننىڭ قىزىل كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇۋىدىم،بوۋاي قېلىنلىق بىلەن يەنە بىر نومۇرنى كۆزۈمگە يېقىن ئەكىلىپ تەلمۈرۈپ تۇرىۋالدى.پىخسىقمەنمۇ تاڭ،تېلېفۇندا نەق گەپنى دېمەي،بىر مۇنچە ھال-ئەھۋال سورايدىغان ۋە تېلېفۇندىن ئىس چىققۇچە چاقچاخلىشىپ،ھېكايە ئېيتىشىپ قۇرۇق پاراڭ سالىدىغانلار بىلەن پەقەتلا خۇشۇم يوق ئىدى.ئامالسىز ئۇردۇم.تېلېفۇندىن ياش بىر بالىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان مەغرۇرانە ئاۋازى كەلدى: copyright by www.iz.la

  -ۋېي،ئېسسالامېلەيكۇم.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   -ھا گېپ قىسسا،چىمنى ئىزدەپ ئۇرلا؟نىم ئىشلىرۋاتتىې؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بالىنىڭ سەل قاتتىق ھەم قاڭسىق تەلەپپۇزىدىن غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلگەندەك قىلىپ،مەنمۇ ئۇنىڭغا ماس يىرىك تەلەپپۇز بىلەن ئۆزەمنى قىسقىلا تونۇشتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن بوۋاينىڭ ئەھۋالىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدۈم.بالا: ئىز تورى بەك ياخشى

  -توختاپ تۇسسا،دادامغا بېرەي،-دېدى بايىقىدىن سىلىقراق ئاۋازدا سەل پەسكارىغا چۈشۈپ.سالماق ئېلىنغان ئوتتۇز نەچچە قەدەمنىڭ تىۋىشىنى ساناپ تۇردۇم.بىر كەمدە يەنە بىر ئەرنىڭ سالام ئاۋازى ئاڭلاندى.بالىغا دېگەنلىرىمنى يەنە تەكرارلاشقا مەجبۇر بولدۇم.

ئىز تورى بەك ياخشى

  -ئۆزلىرى ئابدۇكېرىم قارىنىڭ كىمى بولىلا؟

ئىز تورى www.iz.la

  -ئوغلى بولىمەن ئوغلى.دادام ھازىر قانداراق؟تىژلىقتۇ ھە؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

يەنە بىر مۇنچە كوتۇلدىشىشقا توغرا كەلدى.بوۋاينىڭ ئەلەم-كۈلپەتلىرىنى ئاڭلىغىنىم بويىچە بىر قۇر بايان قىلىپ،قىشنىڭ كۈنىدە ئۇنىڭ قىينىلىپ قالغانلىقىنى،دەرھال قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىشنى ئېيتىۋىدىم.مېنىڭ ئويلىغىنىمنىڭ ئەكسىچىرەك جاۋاپقا ئېرىشىپ قالدىم:

ئىز تورى بەك ياخشى

  -ئېمدى شۇ بىز دېھقان خەق،ئۇ ئىشنىڭ ئاقىدىن بۇ ئىشلار چىقىپ كېتىپ ئارا بولامماي قالىدىكەنمىز قايلىسىلا.چۈشەنمەيدىغان يەردە ئەمەس.دادامغا جىق راپائەتلىرى تېگىپتۇ.بۇنىڭغىما رەھمەت.ئېمدى...شۇ...ياخشىلىقلىرى يەردە قالماس،بىزدىن يانمىسا خۇدايىمدىن بولسىمۇ يانا ماڭقايلىسىلا...دادامنى بىر گەپكە چىگۈزۈپ مۇشۇ تەرەپلىگە يولغا سەپ قويغان بولسىلىرى... ئىز تورى بەك ياخشى

  بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزەمگە قىياسەن بېرىپ،غۇژژىدە تۇتۇپ دەررۇ يانىدىغان ئاچچىقىم مېڭەمگىلا تەپتى.‹قارا ماۋۇنىڭ قىلىۋاتقان گېپىنى؟سەنمۇ ئاتا بالىسىما ؟سەن ئۈچۈن مۇشۇ كەمگىچە نى قۇربانلىقلارنى بېرىپ،ئادەم بولۇشۇڭغا سەۋەپچى بولغان،نەچچە يىللاردىن بۇيان قۇش بالىسىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ،ھەلقۇمىدىكىنى ياندۇرۇپ ساڭا يىگۈزگەن داداڭ بۇ يەرلەردە تايانچسىز،يىگانە تەمتىرەپ يۈرسۇن.خەۋىرىنى ئالغان ھامان  ئۇچۇپ كېلىپ ئۇنىڭغا تەسەللى ئېيتماق ۋە يانتاياق بولماقتا يوق،يەنە تىلىڭنى چايناپ يۇرۇيسىنا...نەچچە كۈننىڭياقى غېمىنى يىگىنىم يەتمىگەندەك،يەنە تېخى ئۇنى يولغا سېلىپ قويىمەن؟سېنىڭچە ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغۇزۇپ يولغا سالسام بولارمۇ يا ئابتوبۇسقىمۇ؟ماۋۇ دادا سېنىڭمۇ يا مېنىڭمۇ؟سەن ئۇ ئىش-بۇ ئىشتىن قول بوشىتالمىساڭ،مەن بەك بىكار ئوخشىمامدىمەن؟› copyright by www.iz.la

  كۆڭلۈمدە غەزەپ بىلەن غۇدۇرىغاچ تېلېفۇننى قويۇۋەتمەكچى بولۇۋىدىم،بوۋاي چاشقانغا ئېتىلغان مۆشۈكتەك كاپپۇر-كۇپپۇرلا قىلىپ،يېشىغا ماس كەلمەيدىغانلا بىر چەبدەسلىك بىلەن تېلېفۇنۇمنى قولۇمدىن ئېلىۋالدى-دە،خۇددى ئۆز ئۆيىدە،سۆزلىشىش ھەققىگە سىنت پۇل تۆلىمەيدىغان ھەقسىز تېلېفۇندا  سۆزلىشىۋاتقاندەك شۇنداق بەھۇزۇر،ئەركىن-ئازادە ھالدا پاراڭنى باشلاپ كەتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

(ئىچىمگە تىت-تىتلىقنى تاغارغا سامان تىققاندەك چىڭقاپ تولدۇرغان بىرمۇنچە ھال-ئەھۋال سورىشىشلارنى يېزىشنى قىسقارتىۋەتتىم.) ئىز تورى بەك ياخشى

ئارىلىقتا بوۋاي:‹ئاڭلىمىدىم،ۋەي-ۋەي،ئۈنلۈكرەك دەرە بالام...›دېگەن گەپلەرنى نەچچە رەت تەكرارلىۋەتكەندىن كېيىن،ئامالسىز تېلېفۇنۇمنىڭ سىرتقى ئاۋازىنى ئېچىپ بەردىم. ئاتا-بالىنىڭ بىچارە تېلېفۇنۇمدا قىلىشقان پارىڭىنى قۇرسۇقۇم كۆپكەن ھالدا ئۆزەم ئۆچ كۆرىدىغان رادىئو پىروگىراممىسىنى مەجبۇرى ئاڭلىغاندەك ئاڭلاپ ئولتۇردۇم:

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

-شۇنداق قىلىپ ئا ھاجىخان دېگەن ژۇندىخونى ئاران دېگەندە تاپتىم بالام.مەۋەنىڭ پېيسوسى(ساقچىخانىسى) دېسلەپ چىگىنىمدە قاپىقىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ئىشتكۈشلەپ ھېيدىۋەتكەنتى.نېچچى كۈن قوپماي يېتىۋاپتىكەنمە.ئالدىنقى كۈنى زىدويەن(سىياسى كومېسسار) بىلەن سوجىڭى(ساقچىخانا باشلىقى) يامان ئېمەس گەپ قىلدى.‹ژۇتۇڭدىن جاڭزاڭنى(نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى دېمەكچى) ئېپ كەل،قانۇنلۇق ئەر-خۇتۇن ئىكەنلىكىڭنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسەڭ،ما ھاۋۇت قىمماۋاز دېگەننىڭ ئىككى پۇتىنى بىژ ئۆتەككە تىقىپ خوتۇنۇڭنى كەينىڭگە سەپ قويىمىز› داۋاتىدۇ قايلا بالام.شۇڭا سەن شاپ بولاپ يېنىمغا كەگىن.24ژىلنىڭياقى ئا جاڭزا دېگەن بىژ نېمىنى چاشقان يەپ بولدى ھەقىچان،ئۇ بىژمىنى مەن كۆمىگىلىما ئۇزۇن بولاپ كەتتى.شۇڭا سەن گۇڭشېغا(يېزىلىق ھۆكۈمەتكە) بېرىپ ئەھۋال مۇنداق-مۇنداق دېسەڭ خەت كېسىپ بېرەمىكى،ئاشۇنى،نوپۇس خېتىمنى،شىپىڭجەمنى(كىملىك)،يەنە ھېلىقى مېنىڭ ئىماملىق كېنىشكامنى ئېلىپ دەررۇ كە بالام.شۇنداق قىيساڭ مەن سەندىن ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا رازى بولاپ كېتىمەن.ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ئوقۇغان نامىزىمدا ساڭا دۇئا قىلىمەن بالام... ئىز تورى بەك ياخشى

  ‹پىروگىرامما›نىڭ مەزمۇنى تۇرۇپلا بايىقى غەشلىكىمنى تارقىتىپ، ئىختىيارسىز قىزىقىشىمنى قوزغاپ،دېققىتىمنى تارتىپ قېلىۋاتاتتى.بوۋاينىڭ تۆكۈلۈپ تۇرۇپ قىلغان ئىلتىجالىرىغا جاۋابەن قارشى تەرەپنىڭ پۇشۇلدىغان سوغوق ئاۋازى مېنىڭ يۈرىكىمگىمۇ يىڭنىدەك سانچىلاتتى:

ئىز تورى www.iz.la

  -ۋېي جېنىم دادا،شۇ گەپنى بىژ تاشلىۋەتسەڭ بوممامدا؟ئۆزەڭنىمۇ،بىزنىمۇ بىسەرەمجان قىلغۇچە.سەن يا بى ياش-گۆدەك بوممىغاندىكىن،مەيلىكەلدى ئىش قىمماي، خەق بىلى خوتۇن تالىشىپ ژۈگۈچە،ئاخىرقى ئۆمرۈڭدە خۇدا دەپ ئىستىقامىتىڭنى،ئىمامەتچىلىكىڭنى قىلىپ، تىنچ بىژ ئۆتسەڭ بوممامدا دەيمەن ئابدان دادا!ۋاي نومۇس قىلمايدىغان شەرمەندە دادا!!!

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  -بالام،ئاندا دېمە!ئا ئابدالنىڭ قىزى شاۋىچىنى،رەسۋا ئازگالچىنى قەيتا باشتىن ئىلكىمگە بىژ ئېلىپ،نىكاھلاپ پاكلاپ ئاقىمغا سالمىسام،ئوسمىسىنى تۈزۈك بىژ قوياپ ئاللا-توۋىسىنى چىقارمىسام قۇرساق كۆپۈكىدە بىئەجەل ئۆلەپ كېتىمەن غوجام بالام...ئاندا دېمەي بىژ كەگىنەھ،مەن خوش بولاي...

ئىز تورى www.iz.la

  -ئاندا دېگىنىڭ بىلەن ئا ھاۋۇت دېگىنى ئۇ بۇزۇقنى ساڭا ئۆتۈندى دېگەندىمۇ ئۇنى يەنە خوتۇن قىلغىلى كۆڭۈل كۆتىرەمدا؟!مەھەللە-كۇينىڭ ئالدىدا ساڭا لازىم بولمىغان بىلەن يۈز دېگەن بىزگە كېرەك جېنىم دادا.پەيلىڭدىن يان...

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  -ھاي بالام،ئازماس بىژ ئاللا.ئۇ شاۋىچىنى شەيتان ئازدۇرۇپتۇ.پوق يەپ ساپتۇ.توۋا قىلسا ئاللامۇ مەغپىرەت قىلىدۇ ئەمەسما...

www.iz.la

  -ئاندا دىگىنىڭ بىلەن بىز ئاللا ئەمەس دادا،بىز دېگەن بەندە.يەنە شۇ ئىت يالىقىنىڭ تەرىپىنى ئېلىۋاتامسەن دادا؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  -ئەمدى شۇ،كۆڭۈل پادىشاھكەن بالام.بۇ كۆڭۈل ئېشەككە چۈشسە ئېغىلدا ياتماي چارە يوقكەن جېنىم بالام.داداڭنىمۇ چۈشىنىپ قوي.ھا ماھ دە.دەررۇ يولغا چىق. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

  -ئىت يەپ كەتىسۇن ئۇنداق  ھارامنىڭ تاپىغا ئوخشايدىغان سېسىق كۆڭۈلنى!باراممايمەن!

ئىز تورى www.iz.la

  -ھېي،نېمىشقا؟!ھەي مەن سېنىڭ داداڭغۇ؟!!سەن مېنىڭ بىژدىن بىژ ئوغلۇمغۇ؟مۇشۇنداق خانۇ-ۋەيرانچىلىقتا ساڭا ئىلتىجا قىلىۋاتسام بىژ ئېغىز ماقا دېمەمسە؟

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   -پۇل يوق! ئىز تورى www.iz.la

   -ھېي ھېجىقىز ئوغلام!نېمە داۋاتىسە؟ئا سەيلىخاننى تاۋا-دۇدۇنغا يۆگەيدىغانغا پۇل با،ماڭا كەگەندە پۇل يوقما؟بى ئابدان شەيتانچاقنى ياراتماي پوت-پوت ئېپ مىنىدىغانغا پۇل با،ما داداڭنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە پۇل يوقما ھە؟!

www.iz.la

  -ھە يوق!يوق دېدىم يوق!

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

  -يوق بوسىچا،ما دادامنىڭ قاغىشىنى ئاپ قامماي دېسەڭ نەدىن بوممىسۇن تاپ!

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   -قايدا تاپىمە؟!!تاپاي دەپلا تاپىدىغان تېرەكنىڭ غازىڭى ئەمەسكەن ئۇ،جۇڭياڭدىن(مەركەزدىن)كېلىدۇ پۇل دېگەن! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  -ماڭقايلا بالام،ئا دادىسىنى ھەرەمگە ئاپىرىپ ھەج قىلدۇرۇپ ئەكەگەن ئوغاۋاللىما ساڭا ئوخشاش بالا ماقۇلما!ما مېنى بۇغۇلدۇماي،بىژ ئامالىنى قىل دەيمە شاۋىچى!بەك بومىسا ئا لىڭدەيدىكى ياغاچلىرىڭنى سات!يەتمىسە ئېغىلدىكى قويلىرىڭنى سات!يەنە بى نېمەڭنى ساتساڭمۇ سات شاۋىچى!! نېمە قىساڭ مەۋەگە كە! ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

  -ئاغزىڭنى بۇزما دەيمەۋە دادا!لاتا كىرىچ دادا!

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  -ئاچچىقىمنى كەلتۈمەۋە لىڭتاسما ئوغلۇم!

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   -ئۇياتنى بىلمەيدىغان يۈزى قوڭ دادا! 

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

............... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئەھۋالنى چۈشەنمىگەنلەر بولسا بۇلارنىڭ دادا-بالا ئىكەنلىكىگە پەقەتلا ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئەڭ رەسۋا،بىزەپ،ھاقارەتلىك تىللار بىلەن تىللىشىشتى.ئارىدا نەچچە داۋان بولمىغىنىدا دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن قانداشلىقنىڭ قىلچە يۈز-خاتىرىسىنى قىلىشماستىن ھېلىلا مۇش كۆتىرىشىپ بىر-بىرىنى قانغا بويىۋېتىدىغاندەكلا.دەرتمەن قارىمنىڭ ئەسەبى تۇرقى ۋە پىلىمۇتتەك چىقىۋاتقان بەدەۋى زۇۋان ماڭا نىسبەتەن مۆشۈككە ئويۇن،چاشقانغا قىيىن بولغاندەكلا ئىدى.سەھرايىمىزدىكى كۇلۇپتا بېلەت ئالماي ئوغۇرلۇقچە تامغا مىنىپ ئولتۇرۇپ قىزىق بىر كومېدىيەدىن ھۇزۇر ئالغاندەك، ئىچىمگە پاتمايۋاتقان پىخ-پىخ كۈلكەمنى بېسىپ بولالماي قۇرساقلىرىم ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى.تۇيۇقسىز غەيرى بىر ھالەتتىن چۈچۈپ دىرىڭڭىدە تۇرۇپ كەتتىم-بوۋاي قاتتىق ھاياجانلانغانلىقتىن قولىدىكى تېلېفۇنۇمنى غەزىۋىنى تاشتۇرغان ئوغلىغا قارىتىپ ئاتماقچى بولۇۋاتاتتى-دەقىقە ئىچىدە ئۇنىڭ قولىدىن پارە-پارە بولۇپ كېتىش خەۋپىدە تۇرغان ئامراق تېلېفۇنۇمنى يۇلۇپ ئېلىۋالدىم...

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

******

www.iz.la

سىلەرگە ئېيتىپ بېرىۋاتقان ھېكايەم بىر يەرگە بېرىپ قالغاندەك قىلىدۇ.بىر مۇنچە ۋاقتىڭلارنى سەرپ قىلغىنىڭلارغا يارىشا سىلەرنى رازى قىلالمىغاندۇرمەن،بەلكىم سىلەرگە بىر مۇنچە چىگىشنى قالدۇرۇپ قويغاندۇرمەن.يازغىنىمدىكى ئىدىيەنى ھېس قىلالماي تەئەجۈپتە قالغانسىزلەر. www.iz.la

ئۆزەمنىڭ چوڭ بولغىنىمنى ھېس قىلغىنىمدىن بۇيان،بىر مۇنچە چەكلىمە-چۇشاقلاردىن،قېلىپ-ئەندىزىلەردىن قۇتۇلۇشنى،بۇرۇقتۇرما ۋە مەنىسىزدەك بىلىنىدىغان سىدام تۇرمۇشۇمدىن ھالقىشنى ئىستەۋاتقىنىمنى تۇيۇۋاتىمەن.مازاق قىلساڭلارمۇ پەرۋايىم پەلەك،يېزىقچىلىققا رەسمى يۇسۇندا كىرىشكىنىمگە ئۈچ يىلدىن ئاشقىنىغا باقماي تېخىچە ئۆزەمنى يازغۇچى دەپ ئېتىراپ قىلىشقا پېتىنالمىغىنىمغا ئوخشاشلا،يازغىنىمنىڭ تېمىسىنىڭ ئاستىغا ھېكايە دەپ  يېزىپ قويغىنىمغا چۇشلۇق،بۇنىڭ ھېكايە ياكى ئەمەسلىكىگىمۇ كېسىپ بىر نېمە دىيەلمەيدىغاندەك قىلىمەن.شۇنداقتىمۇ مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمداخېلىلا يېنىكلەپ قالدىم.نېمىلا بولمىسۇن،ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان ئىشخانامدا ئارىلاپ پۇت-قولۇم بوشاپ قالغاندا؛بالا-ۋاقىلىرىم بىلەن بىرگە ئۈمىدلىرىم تېرىلغان ئېتىزىمدا ئەمگەك قىلىۋاتقىنىمدا؛ قوتىنىمدىكى قويلىرىمنىڭ بۇغۇز يىيىشىگە زوقمەن بولۇپ ئولتۇرغىنىمدا ۋە يوللاردا نېمىسىنىدۇر يۈتتۈرىۋەتكەن كىشىدەك كېتىۋېتىپ خىياللارغا چۆمگىنىمدە،زوق-شوق بىلەن ئۆز ئۆزەمگە سۆزلەپ بېرىپ،ئېسەرى تۇتقان جىنكەش باخشىدەك ياكى  پاڭ بولۇپ كەتكەن نەشىكەشتەك ئىختىيارسىز كۈلۈپ تۇرۇپ،قەلبىمنىڭ قېتىدىن زوق بىلەن ئاڭلايدىغان پاراڭلىرىمنى سىلەرگىمۇ ئاڭلىتىپ بولغىنىمنى سەزمەكتىمەن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ھېكايەمنى سەۋرچانلىق بىلەن ئوقۇغان قەدىرلىك ئوقۇرمەن، دەرتمەن قارىمنىڭ كېيىنكى تەقدىرىگە قىزىقىۋاتقىنىڭىزغا ئىشەنگىنىم ئۈچۈن بىلىدىغانلىرىمنى ئايىماي سۆزلەپ بېرىش نىيىتىگە كەلدىم...

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

شۇنداق قىلىپ،تېلېفۇنۇم بىئەجەل ئۆلۈمدىن ئامان قالدى-يۇ،ئەتىسىگە ئېسىمدە يوق ئۇرۇپ سالغىنىمغا ماڭا پەقەت سۆزلەش پۇرسىتى بەرمەي ئۆزىلا سۆزلەيدىغان يات زۇۋاندىكى بىر خېنىمنىڭ مەن چالىراق چۈشىنىدىغان بىر مۇنچە كالدۇر-كۇلدۇر جاۋابىغا ئېرىشىپ قالدىم.بۇنىڭ گاچىلىشىپ قالغان تىلىنى بىر ئاچاي دەپ بازىرىمىزدا مەخسۇس مۇشۇ ئىشنى بىجرىدىغان ئاق سېرىق بالىنىڭ دۇكىنىغا كىرسەم،تىكىلىپ ئولتۇرغان كومپيوتېرى بىلەن ئازراق ھەپىلىشىپلا:

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

-78كوي2مو6پۇڭ قەرز بولۇپلا،-دېمەسمۇ.پىشانەمگە پاققىدە بىرنى ئۇردۇم.تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن يانچۇقۇمنى مالتىلاۋاتسام،ھېلىقى ئۇكام سوراپ قالدى:

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

-مۇئەللىم ئاكا،ئىشلەتكىلى قانچە ئۇزاق بولغان كارتا بۇ؟ www.iz.la

-بىرەر ئايچە بولغان.خوتۇنۇم شىركەتتىكىلەر مەكتىپىگە تەشۋىق قىلغىلى كەلگەندە ئەكەپتىكەن. www.iz.la

-شۇنداقكەن،خانىمنىڭ نامىدا ئىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە نومۇرمۇ كەچ قالغان بازارچى بازاردىن چامغۇرنى خىللىماي ئالغاندەكلا ئالغان نومۇركەن...-دەپ بىر مۇنچە ھېساپنى چىقىرىپ بەردى...شۇنداق قىلىپ تېلېفۇنچى بالىنىڭ تەكلىپى بىلەن بايىقى ھېسابنىڭ يېرىمىچىلىك پۇلغا يېڭى كارتا بېجىرىپ تېلېفۇنۇمغا سېلىۋالدىم... بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ئەمدى دەرتمەن قارىمغا كەلسەك،ئۇمۇ بىرەر كۈن خامۇش يۈرگەندىن كېيىن قانداق تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بولسا يەنە شۇنداق تۇيۇقسىز غايىپ بولۇپ كەتتى.بىر تۇرۇپ يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلسام،يەنە تۇرۇپلا بىر كىملەر‹دادامنى تاپ› دەپ ئېسىلىدىغاندەك ئەندىشىدە ئېسەنكىرەيتتىم... www.iz.la

نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئارىسالدى بولۇپراق،ھەر نېمە بولسۇن ئەھۋالنى بىر مەلۇم قىلىپ قويۇش نىيىتىگە كېلىپ،ئابدۇكېرىم قارىمنىڭ ئوغلىغا تېلېفۇن قىلدىم،(نومۇرىنى تېلېفۇنۇمدا ساقلىۋالغان ئىكەنمەن)ئۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن:

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

-مەلىمما؟ۋا تىژلىقما؟تېلېفۇن قىيساق ئۇلانماي قويدى قايلىسىلا.رېخمېت جۇما سىلىگە.خاتىجەم بوسىلا،بىزما خاتىرجەم بولاپ قالدۇق،ۋا ئا دادامچا قايلىسىلا،ھېلىقى ھاۋۇت دېگەننىڭ ئىشىكىدە قوپماي يېتىۋاپتىكېن.ھاۋۇت ئېخىرى نومۇسقا بولامماي ھاجىخاننى ھەيدەپ ساپتۇا.شۇنىڭ بىلەن دادام ھاجىخاننى ئېلىپ،تاغ ئاقىسىدا بىژ ھاممام باتتې،شۇۋەگە چىقىپ كېتىپتا...-دەپ بەردى.گەدىنىمگە ئورۇنسىز يۈكلىۋالغان بىر مۇنچە قەرزدىن خالاس بولۇپ كەتكەندەك يەڭگىل بىر كەيپىياتتا تېلېفۇننى قويدۇم.
 
(تامام)   

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس