كىرىم مەنبەسى

سىڭلىمنىڭ(مۇھەببىتى)

ۋاقتى:2012-12-02 18:24مەنبە: يوللىغۇچى:ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم

       ئەزىز ئىمىر  يانغىن www.iz.la

       بىر قانچە كۈندىن بېرى لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار تۈنۈگۈن كەچكە يېقىن توختىغان بۇلۇپ ، سوغوق بىردىنلا كۈچىيىپ كەتتى . تەتىلگە چىقىپ يۇرتقا قايتىپ كەلگىنىمگىمۇ  ھەپتە ئېشىپ قالغانىدى . بۈگۈن بىر دوستۇمنىڭ تۇيىغا قاتىشىپ ، ئۆيگە سەل كەچ قالدىم .  ئۆيگە ماڭىدىغان دوقمۇشقا كەلگىنىمدە كۆزۈم سەل نېرىدا تۇرغان قىز -يىگىتكە چۈشتى . ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ تۇرغان بولسىمۇ ، قىزنى بىر كۈرۈپلا تۇنىۋالدىم . ئۇ مىنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان سىڭلىم ئايزىمگۈل ئىدى .
  << بۇ كەچتە بىر ئوغۇل بالا بىلەن سىرتتا يۈرگىنىنى ...>> دەپ ئويلاپ  بىردىنلا كۆڭلۈمگە كەچمىگەن خىياللار  كىرىۋالدى . تېلفۇننىڭ سائىتىمگە قارىۋىدىم ، ئون يېرىمنى كۆرسىتىپ تۇراتتى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
 << ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان زادى كىمدۇ ؟  < يىگىتى > ئەمەستۇ ؟ ۋاي نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم ، ئەمدى تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان سىڭلىم ھەرقانچە بولسىمۇ < مۇھەببەتلىشىپ > يۈرمەس ... ھازىر ئۇنىڭ بىرمىنۇت ۋاقىتنىمۇ قولدىن بەرمەي تىرىشىپ ئوقۇيدىغان ۋاقتىغۇ ؟! ...>> شۇلارنى ئويلاپ ئۇنى چاقىرىپ ئۆيگە  بىللە كىرىپ كىتىشنىمۇ ئويلىدىم ،لىكىن ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم . ئەمدى ئۆيگە كىرىپ تۇرىشىمغا ،ئارقىدىن سىڭلىممۇ ئەگىشىپ ئۆيگە كىردى .
 - ئەمدى كەلدىڭمۇ ؟ سائەت نەچچە بولدى ھازىر  ؟ __ دېدىممەن ئۇنىڭغا قاراپ چىرايىمنىمۇ ئاچماستىن
 - مەن ئۆيگە كەلگىلى خېلى بولدى ، بىر ساۋاقدىشىم mp3 گە ناخشا قاچىلاپ بەرمەكچى ئىدى ، تېخى بايىلا تېلفۇن قىلىپتىكەن . سىرتقا چىقىپ ئېلىۋىلىپ كىرگەنىدىم ،__ دېدى سىڭلىم يەرگە قارىغىنىچە بېشىنى كۆتۈرمەستىن  ماڭا چۈشەندۈرۈپ. copyright by www.iz.la
 دەرۋەقە ئۇنىڭ قۇلىدا mp3 تۇراتتى ، ئۆزۈمنىڭ ئارتۇقچە گۇمان قىلغانلىقىمنى ھىس قىلىپ  باشقا سۆز قىلمىدىم . ئۇ ماڭا سۇس كۈلۈمسىرەپ قۇيۇپ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى .
    مەن بۇرۇن سىڭلىمغا ئانچە سەپسالمىغان ئىكەنمەن ، ھازىر ئۇنىڭ بۇيى ئۈسۈپلا قالماستىن  ، يۈرۈش - تۇرۇش ، گەپ قىلىشلىرىمۇ ئۆزگىرىپ قاپتۇ . ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرىدىغان ، تېخى كىچىك بولغىنى بىلەن سۇس گىرىم قىلىشنىمۇ ئۆگىنىۋاپتۇ .  مەن بىر ئاكا تۇرۇپ ئەجەپ بۇلارغا دىققەت قىلماپتىمەن ، قىز بالا ھەقىقەتەن تېز چوڭ بۇلىدىكەن . ئۇ 16 ياشقا كىرىپ قالغىنى بىلەن مىنىڭ نەزىرىمدە يەنىلا كىچىك بالا ئىدى .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   دادام كىچىكىمىزدە تۈگەپ كەتكەن بۇلۇپ ، ئانام سىڭلىم ئىككىمىزنى قاتارغا قوشقىچە كۆپ مۇشەققەتلەرنى چەككەن ئىدى . مەن ئىچكىردىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتىم ، ئوقۇش پۈتتۈرشىمگىمۇ يەنە بىر يىل ۋاقىت قالغانىدى .
  بىر نەچچە كۈن تېزلا ئۈتۈپ كەتتى ، مەن بۇ كۈنلەردە سىڭلىمنى يۇشۇرۇن كۆزەتتىم ، دىگەندەك ئۆيدىكى تېلفۇن تولا جىرىڭلايتتى . تېلفۇننى ئانام ياكى مەن ئېلىپ قالساق ، ئاۋازىمىزنى ئاڭلاپلا گەپ قىلماي قۇيۇۋىتەتتى . تېلفۇن جىرىڭلىغاندا سىڭلىمنىڭ ئالغىلى تەقەززا بۇلۇپ كىتىشلىرى ، بىزدىن چاققان چىقىپ تۇرۇپكىنى ئالغان چاغدا پەس ئاۋازدا پاراڭلىشىشى مېنىڭ گۇمانىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    بۈگۈن ياتاق ئۆيۈمدە كىتاب ئوقۇپ ئولتۇراتتىم ، ئانام ئىشقا كەتكەن ، ئۆيدە سىڭلىم ئىككىمىزلا قالغانىدۇق . سىڭلىمنىمۇ تەتىلگە قۇيۇۋەتكەن بۇلۇپ ، ئۇ تېلىۋىزور كۈرۈپ ئولتۇراتتى . تۇيۇقسىز تېلفۇن جىرىڭلىدى ، ئارقىدىنلا سىڭلىم يۈگۈرۈپ دىگۈدەك بېرىپ تېلفۇننى ئالدى . بۇ دەل ھېلىقى سىرلىق تېلفۇن ! سىڭلىمغا تۇيدۇرماي ئاستا دەسسەپ ئىشىك تۈۋىگە كىلىپ سىڭلىمنىڭ گەپلىرىنى تىڭشىماقچى بۇلۇپ تۇردۇم . سىڭلىم ناھايىتى قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى ، گەرچە ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئېنىق ئاڭلىيالمىغان بولساممۇ ، ئىشىك يۇچۇقىدىن ئۇنىڭ تۆۋەن ئاۋازدا پاراڭلىشىۋاتقان سىرلىق سۆزلىرى بىلەن چىراي ئىپادىسى دىققىتىمنى تارتتى . ئۇنىڭ بىردە تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلاپ ، بىردە بوينىنى تولغاپ ئەركىلەپ قۇيۇشلىرىدىن ھەممىنى چۈشەندىم .  ئۇنىڭ ئۆگۈنۈشتە تىرىشچانلىقى ، قائىدە - يۇسۇنلىقى ئانام ئىككىمىزنى تۇلىمۇ سۆيۈندۈرەتتى . لىكىن ئەمدى تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان سىڭلىمنىڭ كىچىك تۇرۇپ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقى مېنى ئۈمۈدسىزلەندۈرۈپ قويدى . ئىز تورى بەك ياخشى
    سىڭلىم بىلەن يۈز - تۇرانە سۆزلىشىپ بېقىش قارارىغا كەلدىم . لىكىن گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي بېشىم قاتتى . سىڭلىم تېخىچە تېلىۋىزور كۈرۈپ ئولتۇراتتى ، بىرەر سائەتلەردىن كىيىن مەنمۇ مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ سىڭلىم بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ  تېلۋىزور كۈرۈشكە باشلىدىم . تېلىۋىزور كۆرگەچ ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۆگۈنۈشتە قانداق كىتىپ بارىدىغانلىقى ، ساۋاقداشلىرى بىلەن قانداق ئۆتىدىغانلىقى توغرىسىدا سورىدىم . ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتىدىغانلىقى ، لىكىن يېقىندىن بۇيان ئۆگۈنۈش جەھەتتە سەل قىينىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى . بۇرۇن ئۆگۈنۈشتە سىنىپ بۇيىچە 1- بۇلۇپ ماڭىدىغان سىڭلىمنىڭ بۇ سۆزلىرى مېنى ئاخىرى ئېغىز ئېچىشقا مەجبۇر قىلدى . ئىز تورى www.iz.la
  - ئايزىمگۈل ماڭا قارا ، سەنمۇ چوڭ بۇلۇپ قالدىڭ ، مانا كىلەر يىلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىسەن ، ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ ، دىگەندەك  ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئۆگەنمىسەڭ ئاخىرى پۇشايمان قىلىپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ . نەچچە كۈنلەردىن بېرى سېنىڭ سۆزلىرىڭ ، ھەركەتلىرىڭ مېنى گۇمانلاندۇرۇپ قويدى . قارىسام بىرسى بىلەن ئارلىشىۋاتقان ئوخشايسەن ، مەن سىنىڭ ئۆز ئاكاڭ ، كۆڭلۈڭدە نىمە ئويلاۋاتقان ، ئانامغا دىيىشتىن خىجىل بۇلىدىغان گەپلىرىڭ بولسا ماڭا ئېيتقىن ..._ دېدىم گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي ، سۆزلىرىم قولاشماي قالغاندەك تۇراتتى . سىڭلىم سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ قىزىرىپ كەتتى .

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


 - مەندىن خىجىل بولما ، قانداق گەپ بولسا ماڭا ئېيتقىن ، مەن ساڭا قۇلۇمدىن كىلىشچە ياردەم قىلىمەن ، يول كۆرسىتىمەن ،__ دېدىم ئۇنى سۆز قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ.
 - ئاكا ، نىمە دىسەم بولار ، سىزگە راست گەپنى قىلسام مەن بىرسى بىلەن يۈرىۋاتىمەن ،_ دېدى سىڭلىم بىر پەس جىمجىتلىقتىن كىيىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ . ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا تېخىمۇ قىزىرىپ كەتتى .
 - كىم بىلەن ؟ ساۋاقدىشىڭ بىلەنمۇ ؟
 - ياق ، ئۇنى سىزمۇ تۇنۇيسىز ،_ ئۇ شۇنداق دەپ ماڭا لەپپىدە بىرنى قاراپ قۇيۇپ ، يەنە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇردى .
 - سىزمۇ تۇنۇيسىز ؟ مەن تۇنۇيدىغان كىمۇ ئۇ ؟ __ دېدىم ھەيران بۇلۇپ .

www.iz.la


 - مۇختەرجان .
 -  قايسى مۇختەرجان ئۇ ؟
 - سىزنىڭ ھېلىقى ئاغىينىڭىز مۇختەرجانچۇ ؟ دىبادا ناخشا ئېيتىدىغان ...
 - ۋاي ئاللا ، نىمە دەپ يۈرۈيسەن ؟ ئۇ ئىككى خۇتۇنلۇق بولغان تېخى ھازىر كىلىپ خۇتۇنى بار تۇرسا ، نۇمۇس قىلماي ئاشۇ دىبادا ناخشا ئېيتىدىغان مۇختەر بىلەن يۈردۈم دەۋاتامسەن ؟ باشقىلار ئاڭلىسا نىمە سەتچىلىك ، ئانام بىلىپ قالسا نىمە بۇلۇپ كىتەر ، بۈگۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭنى ئۈزىسەن !
 - دىبادا ناخشا ئېيتسا نىمە بوپتۇ ، ئۇ خۇتۇنى بىلەن ئارلىشىپ كەتكىلى خېلى بولدى ، ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ ، مەنمۇ ئۇنى ...
 - ئاغزىڭنى يۇم !!!_ ئاچچىقىمدا سىڭلىمنىڭ ئاغزىغا بىر شاپىلاق سالدىم . ئەزەلدىن مېنىڭ ئالدىمدا تۇلىمۇ تارتىنچاق ، ئەدەپ - يۇسۇنلۇق سىڭلىمنىڭ بۇ سۆزلىرى مېنى غەزەپلەندۈردى . ئۇ يىغلىغىنىچە ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى ، ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بۇلۇپ ئولتۇرۇپ قالدىم .

www.iz.la


  توۋا ! ئانام ئىككىمىز ناھايىتى ئەدەپلىك ، نۇمۇسچان قىز بولدى دەپ سۈيۈنىدىغان سىڭلىمنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇ سۆزلەر چىقىۋاتىدۇ ھە ! تېخى بىللە تىلىۋىزور كۈرۈپ ئولتۇرغىنىمىزدا ، قىز - يىگىتنىڭ  يېقىنچىلىق قىلىپ سۈيۈشۈپ تۇرغان كۈرنىشى چىققاندا ئاستا كۆزىنى ئىتىپ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كېتىدىغان سىڭلىم مۇشۇ ئەمەسمىدى ؟!
   مۇختەرنى ئوبدان بىلەتتىم ، ئۇ مېنىڭ تۇلۇقسىز ئوتتۇردىكى ساۋاقدىشىم ئىدى .ئۇ  تۇلۇق ئوتتۇرغا چىقىدىغان يىلى جەمئىيەتتىكى بالىلار بىلەن ئارلىشىپ ، ئىچكىرگە چىقىپ كەتكەن . كىيىن بىر يىلدىن كىيىن قايتىپ كېلىپ دىبادا ناخشا ئېيتىپ يۈرەتتى . مەن ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشسەك ئەسسىلامۇ -ئەلەيكۇم دەيدىغان ، كۈرۈشمىسەك ئىزدەشمەيدىغان ئاغىينىلەردىن ئىدىم . ئۇنىڭ نەشە چىكىپ ، بولىمىغۇر ئىشلارنى قىلىپ ،قىزلارنى ئالداپ يۈرۈيدىغان تازا زىدى پەس نىمە ئىكەنلىكىنى تازا ئوبدان بىلەتتىم . كىيىن بىر قىز بىلەن توي قىلماي ناشايان ئىشلارنى قىلىپ ، قىزنىڭ قورسىقىدا قالغانلىقىنى ، ئاخىردا ئامالسىز توي قىلىپ بىر ئايدىن كىيىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ، ئاجرىشىپ ئون كۈندىن كىيىنلا يەنە توي قىلىۋالغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم . بۈگۈن ئۇنىڭ ئىككىنچى خۇتۇنىدىنمۇ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى سىڭلىم ماڭا ئېيتتى .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  ھازىرقى زاماننىڭ بەزى قىزلىرى نىمە بۇلۇپ كىتىپ بارىدىكىن تاڭ ، تېخى بەزىلىرىنىڭ نەزىرىدە ھاراق ئىچمەيدىغان ، تاماكا چەكمەيدىغان ، كەيپ -ساپا قىلمايدىغان ئوغۇللار ھەقىقىي ئوغۇلبالا ئەمەسمىش . جەمئيەت ئويناپ ، قۇرۇق سۆلەتكە بىرىلىپ يۈرۈيدىغان ، ھالىنى ئون ئىشەك تارتالمايدىغان ،پۇلۇڭ بارمۇ دىسە يېنىدىن بەش تىيىن چىقمايدىغان ، قىزلارنىڭ پۇلىنى خەجلەپ ، يەپ - ئىچىپ يۈرۈيدىغان ئاشۇنداق نامەرتلەر قىزلارنىڭ نەزىرىدە << مۇھەببەت شاھزادىسى >> ھىسابلىنارمىش . ۋاقتى كەلگەندە ۋاي ئانداق كىلىشكەن ، مانداق چىرايلىق دىگىنى بىلەن چىرايىغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بۇلامتى ؟ ئاخىردا يەنە زىيان تارتىدىغىنى نامەرت ئوغۇللارنىڭ شىرىن -شىكەر ،يالغان -ياۋىداق گەپلىرىگە ئىشىنىپ يۈرۈيدىغان نادان قىزلار ئەمەسمۇ ؟! ...
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

  سىڭلىمنىڭ مۇختەر بىلەن ئارلىشىپ يۈرگىنىنى باشقىلار بىلسە نى ئات نى نۇمۇس ، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان مېنىڭ ئاۋازىنى تۇنۇپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ گەپ قىلماي قۇيۇۋەتكەن تېلفۇن ئىكەن ئەسلى . ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشنى ئانام بىلىپ قالغىچە بېسىقتۇرسۇن .
 سىڭلىمغا يەنە نەسىھەت قىلىپ قۇيۇش ئۈچۈن ،ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىردىم . ئۇ كارۋاتتا سۇزۇلۇپ ياتقىنىچە يىغلاۋاتاتتى .
 - سىڭلىم ، مەنمۇ ساڭا ياخشى بولسۇن دەيمەن ، مۇختەرنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى سەندىن ياخشى بىلىمەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر سىنىڭ مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈيدىغان ۋاقتىڭ ئەمەس ، ئەگەر بۇ ئىشىڭنى ئانام بىلىپ قالسا نىمە بۇلۇپ كىتەر ، شۇڭا مەنمۇ ساڭا ئارتۇقچە گەپ قىلىپ يۈرمەي ،  بۇ ئىشىڭنى ياخشىسى ئانام بىلىپ قالمىسۇن . سەنمۇ چوڭ بۇلۇپ قالدىڭ ، بەزى گەپلەرنى دەپ يۈرمىسەممۇ مەندىن ياخشى چۈشىنىسەن . ھازىردىن باشلاپ بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ بوشقا ئۆتكۈزمەي ياخشى ئۆگۈنۈش قىلمىساڭ ، ئاخىردا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا ، چىقىۋالىدىغان ئاچا تېپىلماي قالىدىغان ئىش چىقىدۇ . ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن ، ئانام ئىككىمىزنى مۇشۇنچىلىك قىلغىچە ئاز جاپا چەكمىدى ، ئۆزى يىمىسىمۇ - كەيمىسىمۇ ئىككىمىزنى ياخشى ئوقۇسۇن ، ياراملىق ئادەم بولسۇن دەپ ، نۇرغۇن جاپالارنى چىكىپ يۈرىۋاتىدۇ . ئانامنى خوش بولسۇن دىسەڭ ، مۇختەر بىلەن بولغان ئالاقەڭنى بۈگۈنلا ئۈز ! مەن يەنە باشقىلاردىن سەن توغۇرلۇق گەپ ئاڭلاپ قالماي ..._ دېدىم . ئۇ تېخىچە يىغلاۋاتاتتى . بەلكىم مېنىڭ گەپلىرىم تەسىر قىلىپ قالار ، ئۆزىمۇ گەپ چۈشىنىدىغان ، بىر ئادەمنىڭ قەدرىگە يىتىدىغان ياخشى قىز بولدى دەپ ،سىڭلىمغا ئىشىنىپ ئۇنى يالغۇز قۇيۇپ ،سىرتقا چىقىپ كەتتىم . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
   يولدا كىتىۋاتىمەن ، كاللامغا يەنە شۇ سىڭلىمنىڭ ئىشلىرى كىرىۋالغانىدى . ماۋۇ مۇختەر دىگەن لاتىنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى كۆرمەمدىغان ، باشقا قىز چىقمىغاندەك مېنىڭ سىڭلىمغا قانات سۆرەپ يۈرگىنىنى كۆرمەمدىغان ، يا بولمىسا ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ ئەدىبىنى بېرىپ قۇيايمۇ ؟ ...شۇلارنى ئويلاپ كىتىۋاتقىنىمدا تېلفۇنۇم سايراپ كەتتى . تېلفۇننى تۇلۇق ئوتتۇردىكى ساۋاقدىشىم نۇرئەلى ئۇرغانىدى . ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغاچقا ،ناھايىتى قىزغىن پاراڭلاشتۇق . ئۇ بۈگۈن تۇلۇق ئوتتۇردا بىرگە ئوقۇغان بەش -ئالتە ساۋاقداشلارنىڭ يىغىلىپ ئولتۇرغانلىقىنى ، ئارىدا مېنىڭ گىپىم چىقىپ بىللە ئولتۇرۇش ئۈچۈن تېلفۇن قىلغانلىقىنى ئېيتتى . ساۋاقداش بالىلار بىلەن ئولتۇردىغىنىمىزنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىڭلىمنىڭ ئەخمىقانە ئىشلىرى بىلەن تېنىچسىزلانغان نېرۋام بىردەملىك بولسىمۇ ئارام تېپىپ قالار ...

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


    ئۇزۇن ۋاقىت كۈرۈشمىگەن ساۋاقداشلار ناھايىتى قىزغىن پاراڭلارنى قىلىشىپ خۇشال ئولتۇرۇشتۇق . ئۆزىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن قانداق ئۇرۇنلاردا خىزمەت قىلىدىغانلىقىمىز توغۇرلۇقمۇ ، باشقا ساۋاقداشلار توغۇرلۇقمۇ ...ئىشقىلىپ سورۇنىمىز ناھايىتى ياخشى كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلىۋاتاتتى .
  تۇيۇقسىز گەپتىن _ گەپ چىقىپ ، بىرى مۇختەر توغۇرلۇق گەپ قىلىپ قىلىپ قالدى .
 - مۇختەر ئىككىنچى خۇتۇنى بىلەنمۇ ئاجرىشىپ كىتىپ ھازىر چىرايلىق بىر قىز بىلەن ئارلىشىپ يۈرۈپتىمىش ..._ دېدى ساۋاقدىشىم يارئېلى .
 - ئۇنىڭ گىپىنى بىر قىلماڭلار ئاداش ، ئاڭلىسام ئاۋازىمنى سۈزىمەن دەپ نەشىگە بىرىلىپ تۈگىشىپلا كىتىپتىغۇ ئۇ ،_ دېدى مۇقارىپ .
ئىز تورى بەك ياخشى

 - ئاداش ، بىر گەپنى ساڭا دىسەم بۇلارمۇ ياكى دىمىسەم بۇلارمۇ ؟ _ دېدى نۇرئېلى ماڭا  قاراپ .
 بۇ ساۋاقدىشىم ئالىي مەكتەپكە ئۈتەلمىگەندىن كىيىن ناھىيىمىزدە بىر ئۇغۇتچىلىق  دۇكىنى ئېچىپ ھازىر خېلىلا يۈز تېپىپ قالغانىدى . قايسى بىر كۈنى ئاناممۇ نۇرئېلىنى بەك ئېسىل بالا بوپتۇ ،دەپ ماڭا ماختاپ بەرگەنىدى.
 - نىمە دىگىنىڭ بۇ ئاداش ، دىمىسەم بۇلارمۇ دىمەي قانداق گىپىڭ بولسا دەۋەرگىن ...ئارىمىزدا يا ناتۇنۇش ئادەم يوق ..._ دېدىممەن كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى سىزىپ تۇرساممۇ .
 - باشقا گەپمۇ يوق ئاداش ، نىمە دىسەم بۇلار ...شۇ ...بايا مۇختەر توغۇرلۇق گەپ چىقىپ قالدى . ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز ئوبدان بىلىمىز ، بىر قانچە قېتىم ئۇنىڭ سىڭلىڭ ئايزىمگۈل بىلەن بىللە يۈرگىنىنى كۈرۈپ قالدىم . راستمۇ ياكى يالغانمۇ ئۇنى بىلمىدىم ، بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە مۇختەر ھازىر سىنىڭ سىڭلىڭ بىلەن ئارلاشقىلى تۇرۇپتۇ _دېدى نۇرئېلى مىنىڭ ئاڭلاپ ئاچچىقىم كىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ .

www.iz.la


 يۈزلىرىم چىمىلداپ ئولتۇرالماي قالدىم ، نۇرئېلىنىڭ گىپىچە خېلى جىق ئادەملەر سىڭلىمنىڭ ئىشىنى بىلىپ بوپتۇ . مۇختەر دىگەن نۇمۇسسىز گۇيغا تېخىمۇ غەزىپىم كىلىپ ، ھازىرلا تۇتىۋىلىپ ئادەم بولغىنىغا تويدۇرۋىتىشنى ئويلىدىم .
 - شۇ ئاداش ، مەنمۇ تېخى تۈنۈگۈن بۇ ئىشنى بىلدىم . ئاۋۇ مۇختەر دىگەن ئىت -سولامچى گۇينى تېپىپ تازا ئەدىبىنى بىرەي دەپ ئويلاپ تۇراتتىم ،_ دېدىم غەزىپىمنى باسالماي .
 - ۋاي ئاللا ، ماۋۇ بەڭگى ، نەشىخور گۇي قاراپ تۇرۇپ سېنىڭ سىڭلىڭ بىلەن يۈرگىدەك بوپتىمۇ ؟ _ دېدى مۇقارىپ .
 ھەممەيلەن تەرەپ - تەرەپتىن مۇختەرنى ئەيىبلىشىپ كىتىشتى . سىڭلىم دىگەن تەنتەككىمۇ ئاز ، باشقىلار ئالدىدا ئەجەپ يۈزىمنى قويمىدى دىسە ...

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


 - بولدى ئاغىينىلەر ، ئۇنىمۇ دەيمىز ،بۇنىمۇ دەيمىز ... _ دېدى نۇرئېلى بىر پەستىن كىيىن ،_ بىز ئەسقەر بىلەن دوست بولغان ئىكەنمىز، ئۇنىڭ سىڭلىسى ئوخشاشلا بىزنىڭمۇ سىڭلىمىز . بۈگۈنلا ئۇ گۇينى تېپىپ تازا ئەدىبىنى بېرىپ قويامدۇق ؟ ...
 باشقا ساۋاقداشلىرىممۇ بىرەر ئېغىزدىن سۆز قىلىشىپ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى . بايا ئىچكەن ئىككى بۇتۇلكا ئاق ھاراق بىلەن ھەممەيلەننىڭ قېنى قىزىپ تۇراتتى .
 سائەتمۇ خېلى بىر يەرگە بارغان ، دىسكوخانىنىڭ  كەچلىك مۇلازىمىتىمۇ باشلىنىپ قالغانىدى . سورۇندا ئولتۇرغان يەتتىمىز ئۇدۇل مۇختەر ناخشا ئېيتىدىغان << مەشۇق دىسكو كۇلۇبى >> غا يىتىپ كەلدۇق . دىگەندەك مۇختەر سەھنىدە ناخشا ئېيتىۋاتاتتى ، قىز -يىگىتلەر جۈپ - جۈپتىن بۇلۇشۇپ تانسا ئويناۋاتاتتى . مۇختەرگە نەزەر سالدىم ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئەپتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ، تېخىمۇ ئۇرۇقلاپ بىر تېرە -بىر ئۇستخانلا بۇلۇپ قالغان ...چاچلىرىنى ساپسېرىق بويىتىپ، تېخى بىر قۇلىقىغا ھالقا ، بوينىغا زەنجىر ئېسىۋالغانىدى . توۋا خۇدايىم ، قىز بالىمۇ بەك دۆت بۇلامدۇ ؟ ..سىڭلىم دىگەن ساراڭغا مۇنۇ ئەر دىسە ئەر ئەمەس ، ئايال دىسە ئايال ئەمەس گۇينىڭ نەرى ياراپ كەتكەندۇ ؟ ... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
  بىز چەتتىرەك ئۇرۇنغا كىلىپ جايلاشتۇق . ئاڭغىچە ناخشا ئاخىرلىشىپ مۇختەر سەھنىدىن چۈشۈپ ، ئورنىغا باشقا بىرى ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى . بىز بىر -بىرىمىزگە مەنىلىك قارىشىۋەتكەندىن كىيىن ، نۇرئېلى مۇختەرنى چاقىرىپ كىلىدىغان بولدى . ئارىدىن بىر مىنۇتمۇ ئۆتمەي مۇختەر نۇرئېلىغا ئەگىشىپ بىز ئولتۇرغان ئۇرۇنغا كەلدى . ئۇ مېنى كۈرۈپلا چىرايىنى ئالا -تاغىل تۈس ئالدى . ئالاقزادىلىككە تولغان يۈزلىرى بىلەن ھىيلىگەرلىك چىقىپ تۇرىدىغان كۆزلىرىدىن ئۇنىڭ كۆڭلىمۇ بىر ئىشنى سەزگەندەك تۇراتتى . مەن ئۇنى كۈرۈپلا قول سېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ ، ئۆزۈمگە ھاي بېرىپ ئولتۇردۇم . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
 - مۇختەر ، كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بۇلۇپ كىتىپتۇ ،ھە ! ئۆزۈڭ ياخشى كىتىپ بارامسەن ؟ _ دېدىم كىنايە تەلەپپۇزدا ئاچچىق ئاھاڭدا .
 - نىمىسىنى ياخشى دەيسەن ئاداش ، ساڭا ئوخشاش ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمىساقمۇ ، ناخشا ئېيتىپ بولسىمۇ جان بېقىپ يۈردۇق شۇ ...
 ما گۇينى ، تېخى نۇمۇس قىلماي ئاداش دىگەن گەپنى ئېغىزىدىن چىقىرىپ يۈرۈيدا ...
 - ساڭا ئارتۇق گەپ قىلماي مۇختەر ، ئۆزەڭنى بىلىپ يۈر . ئەمدى سەن توغۇرلۇق گەپ ئاڭلاپ قالماي ...بىلسەڭ سەن سىڭلىمنىڭ خىلى ئەمەس ..._ دېدىم بۇ گۇيغا ياخشى گەپ قىلغاننىڭ پايدىسى يوقلىغىنى ھىس قىلىپ .
 - ۋاي - ۋاي ...سەن مەست ئەمەسسەن ؟ نىمىلەرنى دەپ يۈرۈيسەن ھېي ! سىڭلىڭ بىلەن يۈرگىنىمگە خوش بول جۇمۇ سەن ... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
 ماۋۇ سولتەكنىڭ مۇنداق دىيىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم ، غەزىپىمنى باسالماي ئۇنىڭ يۈزىگە كىلىشتۈرۈپ بىر مۇشت قويدۇم . نەشىنى تولا چىكىپ تۈگەشكەن گۇينىڭ كۈچىمۇ يوق چېغى ، بىر مۇشتقا پايلىماي ئولتۇرغان ئورنىدىن ئارقىسىغا يىقىلىپ چۈشتى . ئۇمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا ئېتىلىپ كەلدى . ئىككىمىز بىر -بىرىمىزگە ئېسلىشىپلا قالدۇق . شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ مېنى بىر - ئىككىنى سېلىۋالغان بولدى ، كۆزۈمگە ھېچنىمە كۈرۈنمىگەنىدى . مەنمۇ ئۇنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىگە ئۇرۇشقا باشلىدىم .  مۇزىكا توختاپ قالغان بۇلۇپ ، دىسكۇخانىنىڭ ئىچى ئۆرە- تۆپە بۇلۇپ كەتكەن ، بىزدىن بەش - ئالتە مىتىر يىراقلىقتا مەنمۇ تۇنۇمايدىغان ئىككى بالىمۇ ئۇرۇشىۋاتقان ئىدى . بىر كەمدە دىسكۇخانىدا ناخشا ئېيتىدىغان مۇختەرنىڭ باشقا ئاغىينىلىرىمۇ ، كۈتكۈچىلەرمۇ ماڭا ئېتىلىپ كىلىشتى . مېنىڭ ئاغىينىلىرىممۇ بوش كەلمىدى ، ھەممىمىز << پاڭ - پۇڭ >> لا قىلىشىپ ئۇرۇشۇپ كىتىشتۇق . ئون - ئونبەش مىنۇتتىن كىيىن نەدىن پەيدا بولدىكىن ، بەش -ئالتە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى كىلىپ بىزنى ئاجراتتى . copyright by www.iz.la
   قايسى نامەرت سولامچى كۆزۈمگە ئۇرۇۋالدىكىن ، كۆزۈم قاتتىق ئاغرىپ كەتكەنىدى . شۇنداق قىلىپ مۇختەرنىڭ ئەدىبىنى بىرىۋىلىپ ئىچىممۇ خېلى بوشاپ قالدى .
   ئەتىسى بىر كۆزۈم ئىشىپ ،كۆكىرىپ قالغانىدى . سىڭلىمنىڭ ئەخمەق ، ساددىلىقى بىلەن بىكاردىن -بىكار مۇشۇ ئىش كىلىپ چىققانىدى . سىڭلىمنىڭ مۇختەر بىلەن ئارلاشقانلىقىنى بەرىبىر ئاناممۇ ئۇقتى ، مۇختەرنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئانام بىلمىسىمۇ ، ناھايىتى ياخشى قىز بولدى دەپ ماختايدىغان سىڭلىمنىڭ كىچىك تۇرۇپ  مۇھەببەتلىشىپ يۈرگىنىنى بىلگەن ئانام ئۇقۇپ تۈگىشىپلا كەتتى .  ئانامدىنمۇ ، مەندىنمۇ نۇرغۇن تەنبىھلارنى ئاڭلىغان سىڭلىم توختىماي يىغلايتتى .   بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   ئانام ئىككىمىز قانداق قىلىش توغۇرلۇق كۆپ ئويلاپ ، ئاخىرى سىڭلىمنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇتىدىغان بۇلۇپ كىلىشتۇق . بىر نەچچە كۈندىن كىيىن مەن سىڭلىمنى ئېلىپ ئۈرۈمچىدىكى تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقتىم . بىچارە ئانام بىزدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي يىغلاپ قالدى . مەن سىڭلىم بىلەن ۋاقتىنچە ئۈرۈمچىدىكى تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ تۇرىدىغان ، تەتىلگە يىغىشقا ئاز قالغاندا ئۈرۈمچىدىكى بىرەر تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ سىڭلىمنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇتىدىغان بولغان ئىدۇق . بەلكىم سىڭلىم يۇرتتىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچىدە ئۇقۇسا ، ئالىي مەكتەپكە ئۈتۈپ قالسا نەچچە يىللارغىچە مۇختەرنى كۆرمەي ئۇنى ئۇنتۇپ كىتەر ، ھېچ بولمىسا ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى تۇنۇپ يىتىپ ، ياخشى ئۆگىنەر .  ئاڭغىچە مۇختەر دىگەن ھىيلىگەر ، سۇيۇق گۇيمۇ باشقا بىرىنى تېپىۋالار . ..

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


  ھەي ، مۇشۇنداق قىلمايمۇ نىمە ئامال ؟!....  بىزنى ياراتقان ئۇلۇغ ئاللاھ كەلگۈسىنىڭ ئانىلىرى بولغان بارلىق قىزلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلغايسەن !!!!

ئىز تورى بەك ياخشى

                   2010-يىل 1-ئاينىڭ 27- كۈنى ئاۋاتتا يېزىلدى

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ياخشىكەن
(20)
95.2%
ئالقىشلايمەن
(1)
4.8%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس