قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ ئۆمەييە خەلىپلىرىدىن ئابدۇلمۈلۈك ئىبىن مەرۋاننىڭ ھوججاج ئىبىن يۈسۈپ ئىسىملىك ناھايتى زالىم ،يارىماس بىر ئەمرى بار ئىدى . بۇزالىم ئەمىر ھىجاز ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ئىدى .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كۈنلەردىن بىر كۈنى ھوججاج ئوۋغا ئاتلىنىپ ،تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن سارايدىن چىقتى ،تېخى كىشىلەر ئۇيقۇدا،دۇكانلار تاقاقلىق ،كوچىدا بىرەرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيىتتى ،ھوججاج شەھەر دارۋازىسىغا يىقىن يەردە بىر دۇكانچىنى كۆرۈپ قالدى ،دەرھال .ئېتىنى چاپتۇرۇپ شۇ دۇكاننىڭ ئالدىغا باردى ،دۇكان ئىگىسى كەمبەغەل كىشى ئىدى ،تاڭ ئىتىشتىن بۇرۇنراق دۇكاننى ئىچىپ كىتاب ئوقۇپ ئولتۇراتتى .ھوججاج بۇ كەمبەغەل دۇكانچىغا ؛ _ ھەي دۇكان ئىگىسى مەن بۈگۈن ئوۋغا كىتىۋاتىمەن سارىيىمدىن چىققان ۋاقتىمدىن باشلاپ تا مۇشۇ يەرگە كەلگۈچە يولدا ھىچكىمنى ئۇچراتمىدىم ،ماڭا تۇنجى ئۇچرىغان ئادەم سەن بولدۇڭ ،تۇنجى قىتىم سىنىڭ يۈزۈڭنى كۆردۈم ،ئەمدى مەن سەن ئارقىلىق پال ئاچىمەن . ئەگەر ئوۋدىن خUشال بولۇپ ،سالامەت قايىتسام ئىنئام-ئېھسان بىرىپ سىنى خۇرسەن قىلىمەن . مۇبادا بىرەر پالاكەتكە ئۇچرىسام بېشىڭنى تىنىڭدىن جۇدا قىلىمەن . ئاڭلىدىڭمۇ؟_ دەپ شەھەر دەرۋازىسىدىن چىقىپ كەتتى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئوۋدا ھوججاجنىڭ ئېتى بىر نەرسىدىن ھۈركۈپ ئۇ زالىمنى يەرگە تاشلىۋەتتى ،ئۇنىڭ قولى يارلاندى ،قاتتىق ئاغرىق دەردىدىن ئالدىراپ قايىتتى .ئۇ زالىم سارىيىغا كىلىپ تېۋىپنى چاقىرتىپ ققولىنى داۋالاتتى .قولى ساقايغاندىن كىيىن ھىلىقى دۇكاندار كەمبەغەلنى سارىيىغا چاقىرتىپ كىلىپ ئۇنىڭغا ؛
_ ئوۋغا ماڭغان ۋاقتىمدا تۇنجى ئۇچراشقان كىشى سەن بولدۇڭ ،تۇنجى قىتىم سىنىڭ يۈزۈڭنى كۆردۈم ،شۇ ۋاقىتتا سىنى پال ئۈچۈن ئىرىم قىلىپ نىمە دىگىنىمنى يادىڭدىن چىقارمىغان بولساڭ كىرەك. يۈزۈڭ شۇم يۈز بولغانلىقى،ئوۋدا ئاتتىن يىقىلىپ قولۇم يارلىنىپ كۆپ ئازاپلاندىم ئەمدى بېشىڭنى تىنىڭدىن جۇدا قىلىمەن ،_ دەپ جاللاتنى چاقىردى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دۇكانچى كەمبەغەل ھوججاجقا تەزىم قىلىپ ؛ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
_ھەي ئەمىر ،سۆزىڭىزنىڭ ھەممىسى توغرا ئەمدى مىنىڭ بېشىمنى كەستۈرىسىز . ئۆلۈمدىن بۇرۇن بىر-ئىككى ئېغىز سۆز قىلىشىمغا ئىجازەت قىلىڭ ،_ دېدى . ھوججاج روخسەت بەرگەندىن كىيىن ئۇ دۇكانچى ،_ ھەي ئەمىر ،ئۇكۈنى ئەڭ بۇرۇن مىنىڭ يۈزۈمنى كۆرگۈ نىڭىزدەك ،مەنمۇ شۇكۈنى ئەڭ بۇرۇن سىزنىڭ يۈزىڭىزنى كۆردۈم. ئاشۇ كۈنى سىزنىڭ يۈزۈمنى كۆرگىنىڭىز ئۈچۈن قولىڭىز يارلاندى ،مەن سىزنىڭ يۈزىڭىزنى كۆرگىنىم ئۈچۈن مانا ئەمدى بېشىم كىسىلىدۇ. ئىنساپ قىلىپ ئىيتىڭچۇ،كىمنىڭ يۈزى ئەڭ نەس،شۇم يۈز ئىكەن ؟ مىنىڭ يۈزۈممۇ ياكى سىزنى يۈزىڭىز مۇ ؟_ دېدى. ئىز تورى www.iz.la
ھوججاج ئۇنىڭ قاپ يۈرە كلىك بىلەن قىلغان سۆزىدىن زوقلىنىو كۈلۈپ، ئۇنى كەچۈرۈم قىلدى .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!