جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
يېقىنقى بەش كۈندىن بۇيان، ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى. بولۇپمۇ 22–ئاۋغۇست يۇقىرىلاپ كەتكەن ئۈرۈمچى شەھەر رايونىنىڭ تېمپىراتۇرىسى شەھەر ئاھالىلىرىگە يات تۇيۇلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىر 23–ئاۋغۇست شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى زىيارەت قىلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى لۈ شىنشېڭ مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەنمۇ يېقىنقى بەش كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولدى. بولۇپمۇ شىمالىي شىنجاڭنىڭ بورتالا، شىخەنزە، سانجى قاتارلىق جايلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى. 22–ئاۋغۇست شىمالىي شىنجاڭنىڭ بورتالا، سانجى، شىخەنزە قاتارلىق جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 39~35 سېلسىيە گىرادۇسقا، تۇرپان، پىچاندا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 42~40 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقتى. 22–ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھەر رايونىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسىمۇ 35.9 سىلسىيە گىرادۇس بولدى، بۇ گەرچە بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھېسابلانمىسىمۇ، ئەمما بۇنداق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى بىئارام قىدى. ئەمەلىيەتتە 6–ئاينىڭ 28–كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 36.2 سېلسىيە گىرادۇسقا چىققانىدى، بۇنى بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا دېيىشكە بولىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، 24–ئاۋغۇست كېچىدىن 26– ئاۋغۇستقىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونلىرى، قۇمۇلنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ غەربىي تاغلىق رايونلىرى، ئاقسۇ، بايىنغولىننىڭ شىمالى قاتارلىق قىسمەن جايلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەرياسى جىلغىسى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونلىرى، چۆچەكنىڭ شىمالى، ئالتاي قاتارلىق قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال يامغۇرلۇق ھاۋارايى، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، يۇقىرىقى قىسمەن جايلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى، شامال ئېغىزلىرىدا سەككىز، توققۇز بال شامال چىقىدىكەن، تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەنلەيدىكەن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
